< يەرەمىيا 31 >
شۇ ۋاقىتتا، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن ئىسرائىلنىڭ جەمەتلىرىنىڭ خۇداسى بولىمەن، ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ. | 1 |
時候────將作以色列各宗族的天主,他們將作我的人民。
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ قىلىچتىن ئامان قالغان خەلق، يەنى ئىسرائىل، چۆل-باياۋاندا ئىلتىپاتقا ئىگە بولغان؛ مەن كېلىپ ئۇلارنى ئارام تاپقۇزىمەن. | 2 |
上主這樣說:逃脫了刀劍的,在曠野中找到了聖寵遇;以色列前來自己巿身的地方。
پەرۋەردىگار يىراق يۇرتتا بىزگە كۆرۈنۈپ: «مەن سېنى مەڭگۈ بىر مۇھەببەت بىلەن سۆيۈپ كەلدىم؛ شۇڭا مەن ئۆزگەرمەس مېھرىبانلىق بىلەن سېنى ئۆزۈمگە تارتىپ كەلگەنمەن. | 3 |
上主自遠處顯示給她說:我愛妳,我永遠愛妳,因此我給妳留了我的仁慈;
مەن سېنى قايتىدىن قۇرىمەن، شۇنىڭ بىلەن سەن قۇرۇلىسەن، ئى ئىسرائىل قىزى! سەن قايتىدىن داپلىرىڭنى ئېلىپ شاد-خۇرام قىلغانلارنىڭ ئۇسسۇللىرىغا چىقىسەن. | 4 |
我要再修建妳,而妳必建再建立起來;妳必再帶上妳的小鼓,出來歡樂哥舞;
سەن قايتىدىن سامارىيەنىڭ تاغلىرى ئۈستىگە ئۈزۈمزارلار تىكىسەن؛ ئۇلارنى تىككۈچىلەر ئۆزلىرى تىكىپ، مېۋىسىنى ئۆزلىرى يەيدۇ. | 5 |
再在撒馬黎雅山上栽種葡萄,栽種培埴,必有收穫;
چۈنكى ئەفرائىمنىڭ ئېگىزلىكىدە تۇرغان كۆزەتچىلەر: «تۇرۇڭلار، پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا ئىبادەت قىلىشقا زىئونغا چىقايلى!» ــ دەپ نىدا كۆتۈرىدىغان كۈنى كېلىدۇ. | 6 |
因為終有一天,守望的人要在厄弗辣因山上嘁說:起來,讓我們上熙雍去,到上主我們的天主那裏去!
چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ياقۇپ ئۈچۈن شاد-خۇراملىق بىلەن ناخشا ئېيتىڭلار، ئەللەرنىڭ بېشى بولغۇچى ئۈچۈن ئايھاي كۆتۈرۈڭلار؛ جاكارلاڭلار، مەدھىيە ئوقۇپ: «ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ خەلقىڭنى، يەنى ئىسرائىلنىڭ قالدىسىنى قۇتقۇزغايسەن!» ــ دەڭلار! | 7 |
因為上主這樣說:你們應為雅各伯歡呼,向為首的民族喝采,傳揚稱讚說:上主救了自己的百姓,以色列的遺民。
مانا، مەن ئۇلارنى شىمالىي يۇرتلاردىن ئېپكېلىمەن، يەر يۈزىنىڭ چەت-چەتلىرىدىن يىغىمەن؛ ئۇلار ئارىسىدا ئەمالار ۋە توكۇرلار بولىدۇ؛ ھامىلىدار ۋە تۇغاي دېگەنلەر بىللە بولىدۇ؛ ئۇلار ئۇلۇغ بىر جامائەت بولۇپ قايتىپ كېلىدۇ. | 8 |
看,我由北地引他們歸來,從大地的盡頭召集他們,其中有瞎子,有跛子,有懷孕的和正在生產的,形成一大隊回到這裏來。
ئۇلار يىغا-زارلار كۆتۈرۈپ كېلىدۇ، ئۇلار دۇئا-تىلاۋەت قىلغاندا ئۇلارنى يېتەكلەيمەن؛ مەن ئۇلارنى ئېرىق-ئۆستەڭلەر بويىدا، ھېچ پۇتلاشمايدىغان تۈز يول بىلەن يېتەكلەيمەن؛ چۈنكى مەن ئىسرائىلغا ئاتا بولىمەن، ئەفرائىم بولسا مېنىڭ تۇنجى ئوغلۇمدۇر. | 9 |
他們含淚前行,我卻撫引導,領他們踏上不會跌倒的坦途,來到溪流旁,因為我是以色列的慈父,厄弗辣因是我的長子。
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار، ئى ئەللەر، دېڭىز بويىدىكى يىراق يۇرتلارغا: ــ «ئىسرائىلنى تارقاتقۇچى ئۇنى قايتىدىن يىغىدۇ، پادا باققۇچى پادىسىنى باققاندەك ئۇ ئۇلارنى باقىدۇ؛ | 10 |
萬民! 請聽上主的話,向遙遠的海島宣傳說:那
چۈنكى پەرۋەردىگار ياقۇپنى بەدەل تۆلەپ قۇتۇلدۇرغان، ئۇنىڭغا ھەمجەمەت بولۇپ ئۆزىدىن زور كۈچلۈك بولغۇچىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزغان!» ــ دەپ جاكارلاڭلار. | 11 |
那昔日驅散以色列的,再要來聚集他們,看守他們像牧童看守自己的羊群。11. 因為上主必拯救雅各伯,比他更強者的手中將他們贖回。
ئۇلار كېلىپ زىئوندىكى ئېگىزلىكلەردە شاد-خۇراملىقتا توۋلايدۇ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىلتىپاتىدىن، يەنى يېڭى شارابتىن، زەيتۇن مېيىدىن، مال-ۋاراننىڭ قوزىلىرىدىن بەرق ئۇرىدۇ؛ ئۇلارنىڭ جېنى خۇددى مول سۇغىرىلغان باغدەك بولىدۇ، ئۇلار ئىككىنچى ھېچ سولاشمايدۇ. | 12 |
他們將來前來,在熙雍山巔歡呼,湧向上主的美物,飽享穀、麥、酒、油,子牛小羊;他們的心靈好像受灌溉的田園,再也不感憔悴。
شۇ چاغدا قىزلار ئۇسسۇلدا شادلىنىدۇ، يىگىتلەر ۋە مويسىپىتلارمۇ تەڭ شۇنداق بولىدۇ؛ چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ ئاھ-زارلىرىنى شاد-خۇراملىققا ئايلاندۇرىمەن؛ مەن ئۇلارغا تەسەللى بېرىپ، دەرد-ئەلىمىنىڭ ئورنىغا ئۇلارنى شادلىققا چۆمدۈرىمەن. | 13 |
那時,處女必歡欣鼓舞,老幼必相聚同樂,因為我將使的悲哀變成喜樂,仗他們由自己的憂苦中獲得安慰歡樂;
مەن كاھىنلارنى مولچىلىق بىلەن تويغۇزىمەن، خەلقىم ئىلتىپاتىمغا قانائەت قىلىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 14 |
我將以肥脂滋潤司祭的心靈,以美物飽飫我的人民──上主的斷語。
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ راماھ شەھىرىدە بىر سادا، ئاچچىق يىغا-زارنىڭ پىغانى ئاڭلىنىدۇ، ــ بۇ راھىلەنىڭ ئۆز بالىلىرى ئۈچۈن كۆتۈرگەن ئاھ-زارلىرى؛ چۈنكى ئۇ بالىلىرى بولمىغاچقا، تەسەللىنى قوبۇل قىلماي پىغان كۆتۈرىدۇ. | 15 |
上主這樣說:「聽! 在辣瑪有嘆息聲,酸辛哭泣;辣黑耳悲悼自己的兒子,不願接受安慰,因為他們已不存在了! 」
پەرۋەردىگار [ئۇنىڭغا] مۇنداق دەيدۇ: ــ يىغا-زارىڭنى توختات، كۆزلىرىڭنى ياشلاردىن تارت؛ چۈنكى مۇنۇ تارتقان جاپايىڭدىن مېۋە بولىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ ئۇلار دۈشمەننىڭ زېمىنىدىن قايتىدۇ؛ | 16 |
上主這樣說:「要止往痛哭,不再流淚,因為你的苦終必有報──上主的斷語──他們必會由敵地歸來!
بەرھەق، كېلەچىكىڭ ئۈمىدلىك بولىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ ۋە سېنىڭ بالىلىرىڭ يەنە ئۆز چېگرىسىدىن كىرىپ كېلىدۇ. | 17 |
你們的前途大有希望──上主的斷語──你的子孫都要歸回自己的疆域。
مەن دەرۋەقە ئەفرائىمنىڭ ئۆزى توغرۇلۇق ئۆكۈنۈپ: «سەن بىزگە شاش تورپاققا تەربىيە بەرگەندەك ساۋاق-تەربىيە بەردىڭ؛ ئەمدى بىزنى توۋا قىلدۇرغايسەن، بىز شۇنىڭ بىلەن توۋا قىلىپ قايتىپ كېلىمىز، چۈنكى سەن پەرۋەردىگار خۇدايىمىزدۇرسەن؛ | 18 |
我實在聽到厄弗辣因在悲歎說:你懲罰了我,我受了杖搫,有如一頭不馴服的公牛犢;你使我歸來,我必歸來,因為你是上主,我的天主x。
چۈنكى بىز توۋا قىلدۇرۇلۇشىمىز بىلەن ھەقىقەتەن توۋا قىلدۇق؛ بىز ئۆزىمىزنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىن، يوتىمىزنى ئۇردۇق؛ بىز ياشلىقىمىزدىكى [قىلمىشنىڭ] شەرم-ھاياسى تۈپەيلىدىن نومۇس قىلىپ، خىجالەتتە قالدۇق!» ــ دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. | 19 |
的確,我離棄你以後,我已後悔;在覺悟以後,我拍腿自慚自愧,因為我又染上了我少年時的恥辱。
ــ ئەفرائىم ماڭا نىسبەتەن جان-جىگەر بالام ئەمەسمۇ؟ چۈنكى مەن ئۇنى ئەيىبلىگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنى ھەردائىم كۆڭلۈمدە سېغىنىمەن؛ شۇڭا ئىچ-باغرىم ئۇنىڭغا ئاغرىۋاتىدۇ؛ مەن ئۇنىڭغا رەھىم قىلمىسام بولمايدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 20 |
厄弗辣因豈? 是我的寵兒,我鍾愛嬌子﹖因為我幾時恐嚇他,反倒更顧念他;對他我五內感動,不得不大施愛憐──上主的斷語」。
ــ شۇڭا ئۆزۈڭگە يول بەلگىلىرىنى بېكىتىپ قويغىن؛ سەن سۈرگۈنگە ماڭغان يولغا، شۇ كۆتۈرۈلگەن يولغا كۆڭۈل قويۇپ دىققەت قىلغىن؛ ھازىر شۇ يول بىلەن قايتىپ كەل، ئى جان-جىگىرىم ئىسرائىل قىزى، مۇشۇ شەھەرلىرىڭگە قاراپ قايتىپ كەل! | 21 |
請你給自己樹立路程碑,設置指路牌,細心回想你走的路線,以往你走過的大道;以色列處女! 回到妳自己的城邑。
سەن قاچانغىچە تېنەپ يۈرىسەن، ئى يولدىن چىققۇچى قىزىم؟ چۈنكى پەرۋەردىگار يەر يۈزىدە يېڭى ئىش يارىتىدۇ: ــ ئايال كىشى باتۇرنىڭ ئەتراپىدا يېپىشىپ خەۋەر ئالىدۇ! | 22 |
妳要流浪到幾時﹖叛逆的女兒! 因為上主在地上正在創造一件新事:女人包圍男人。
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن ئۇلارنى سۈرگۈنلۈكتىن قايتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرگىنىمدە يەھۇدانىڭ زېمىنىدا ۋە شەھەرلىرىدە خەقلەر يەنە [يېرۇسالېم توغرۇلۇق]: «پەرۋەردىگار سېنى بەختلىق قىلغاي، ئى ھەققانىيلىق تۇرغان جاي، پاك-مۇقەددەسلىكنىڭ تېغى!» دەيدىغان بولىدۇ. | 23 |
萬軍的上主,以色列的天主這樣說:「當我轉變他們的命運時,在猶大地和她城市中的人,還要用這話祝賀說:正義的所在,神聖的山嶺! 願上主祝福你。
شۇ يەردە يەھۇدا ــ شەھەرلىرىدىكىلەر، دېھقانلار ۋە پادا باققۇچى كۆچمەن چارۋىچىلار ھەممىسى بىللە تۇرىدۇ. | 24 |
猶大和她各城中的人,農夫和隨羊遷徒的人,將要同住在那裏,
چۈنكى مەن ھېرىپ كەتكەن جان ئىگىلىرىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىمەن، ھەربىر ھالىدىن كەتكەن جان ئىگىلىرىنى يېڭىلاندۇرىمەن. | 25 |
因為我要振作困乏的心靈,飽飫一切苦悶的心靈。──
ــ مەن [يەرەمىيا] بۇنى ئاڭلاپ ئويغاندىم، ئەتراپقا قارىدىم، ناھايىتى تاتلىق ئۇخلاپتىمەن. | 26 |
至此,我醒來了,我看見了,我的睡眠為我實在甘甜。
مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن ئىسرائىل جەمەتىدە ۋە يەھۇدا جەمەتىدە ئىنسان نەسلىنى ۋە ھايۋانلارنىڭ نەسلىنى تېرىپ ئۆستۈرىمەن. | 27 |
──上主的斷語──我要給以色列家和猶大家播散人種和獸種;
شۇنداق بولىدۇكى، مەن ئۇلارنى يۇلۇش، سۆكۈش، ھالاك قىلىش، ئاغدۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارغا نەزىرىمنى سالغاندەك، مەن ئۇلارنى قۇرۇش ۋە تىكىپ ئۆستۈرۈش ئۈچۈنمۇ ئۇلارغا نەزىرىمنى سالىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 28 |
就如往昔我曾監視他們,為將他們拔除、破壞、推翻、毀滅、損害;同樣,日後我必要監視他們、為將他們建設、栽培──上主的斷語──
شۇ كۈنلەردە ئۇلار يەنە: «ئاتىلار ئاچچىق-چۈچۈك ئۈزۈملەرنى يېگەن، شۇڭا بالىلارنىڭ چىشى قېرىق سېزىلىدۇ» دېگەن مۇشۇ ماقالنى ھېچ ئىشلەتمەيدۇ. | 29 |
在那時裏,人必不再說:「祖先吃了酸葡萄,子孫的牙齒也要酸軟」。
چۈنكى ھەربىرسى ئۆز گۇناھى ئۈچۈن ئۆلىدۇ؛ ئاچچىق-چۈچۈك ئۈزۈملەرنى يېگەنلەرنىڭ بولسا، ئۆزىنىڭ چىشى قېرىق سېزىلىدۇ. | 30 |
不,各人只因自己的的罪惡而死;只有吃酸葡萄的人,自己的牙齒才酸軟。
مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن ئىسرائىل جەمەتى ۋە يەھۇدا جەمەتى بىلەن يېڭى ئەھدە تۈزىمەن؛ | 31 |
看,時日將到──上主的斷語──我必要與叵家和猶大家訂立新約,
بۇ ئەھدە ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى بىلەن تۈزگەن ئەھدىگە ئوخشىمايدۇ؛ شۇ ئەھدىنى مەن ئاتا-بوۋىلىرىنى قولىدىن تۇتۇپ مىسىردىن قۇتقۇزۇپ يېتەكلىگىنىمدە ئۇلار بىلەن تۈزگەنىدىم؛ گەرچە مەن ئۇلارنىڭ يولدىشى بولغان بولساممۇ، مېنىڭ ئۇلار بىلەن تۈزۈشكەن ئەھدەمنى بۇزغان، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 32 |
不像我昔日──握住他們的手,引他們出離埃及時──與他們的祖先訂立盟約;雖然我是他們的夫君,他們已自行破壞了我這盟約──上主的斷語──
چۈنكى شۇ كۈنلەردىن كېيىن، مېنىڭ ئىسرائىل جەمەتى بىلەن تۈزىدىغان ئەھدەم مانا شۇكى: ــ مەن ئۆز تەۋرات-قانۇنلىرىمنى ئۇلارنىڭ ئىچىگە سالىمەن، ھەمدە ئۇلارنىڭ قەلبىگىمۇ يازىمەن. مەن ئۇلارنىڭ ئىلاھى بولىمەن، ئۇلارمۇ مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ. | 33 |
我願在那些時日,與叵家訂立的盟約──上主的斷語──就是:我要將我的法律放在他們的肺腑裏,寫在他們的心頭上;我要作他們的天主,他們要作我的人民。
شۇندىن باشلاپ ھېچكىم ئۆز يېقىنىغا ياكى ئۆز قېرىندىشىغا: ــ «پەرۋەردىگارنى تونۇغىن» دەپ ئۆگىتىپ يۈرمەيدۇ؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەڭ كىچىكىدىن چوڭىغىچە ھەممىسى مېنى تونۇپ بولغان بولىدۇ؛ چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى كەچۈرىمەن ھەمدە ئۇلارنىڭ گۇناھىنى ھەرگىز ئېسىگە كەلتۈرمەيمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 34 |
那時,誰也不教訓自己的近人或弟兄說:「你們該認識上主」,因為不論大小,人人都必認識我──上主的斷語──因為我要寬恕他們的過犯,不再記憶他們的罪惡。
قۇياشنى كۈندۈزدە نۇر بولسۇن دەپ بەرگەن، ئاي-يۇلتۇزلارنى كېچىدە نۇر بولسۇن دەپ بەلگىلىگەن، دولقۇنلىرىنى شارقىرىتىپ دېڭىزنى قوزغايدىغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ (ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۇنىڭ نامىدۇر): ــ | 35 |
那指定太陽照耀白日規定月亮星辰照耀黑夜,撥動海洋使波濤怒號,號稱「萬軍的上主」
ــ مۇشۇ بەلگىلىگەنلىرىم مېنىڭ ئالدىمدىن يوقاپ كەتسە، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئەمدى ئىسرائىلنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ مېنىڭ ئالدىمدىن بىر ئەل بولۇشتىن مەڭگۈگە قېلىشى مۇمكىن. | 36 |
假若這些規定已由我面前消失──上主的斷語──以色列種族在我面前也就永不再是一個民族。
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ يۇقىرىدا ئاسمانلار مۆلچەرلەنسە، تۆۋەندە يەر ئۇللىرى تەكشۈرۈلۈپ بىلىنسە، ئەمدى مەن ئىسرائىلنىڭ بارلىق ئەۋلادلىرىنىڭ قىلغان ھەممە قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلاردىن ۋاز كېچىپ تاشلىغۇچى بولىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 37 |
上主這樣說:假若能測量在上的諸天,能探察在下大地的基礎,我也就因他們所做的一切,拋棄整個以色列種族──上主的斷語」。
مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ شەھەر مەخسۇس ماڭا ئاتىلىپ «ھانانىيەلنىڭ مۇنارى»دىن «دوقمۇش دەرۋازاسى»غىچە قايتىدىن قۇرۇلىدۇ؛ | 38 |
看,時日將到──上主的斷語──上主的城市必要重建,不佰自哈納乃布堡直到角門,
ئۆلچەم تانىسى قايتىدىن ئۆلچەش ئۈچۈن شۇ يەردىن «گارەب دۆڭى»گىچە، ئاندىن گوئاتقا بۇرۇلۇپ سوزۇلىدۇ؛ | 39 |
而且測量的繩墨還要向外伸展,直到加勒布丘,再轉向哥阿;
جەسەتلەر ۋە [قۇربانلىق] كۈللىرى تاشلىنىدىغان پۈتكۈل جىلغا، شۇنداقلا كىدرون دەرياسىغىچە ھەم شەرقكە قارايدىغان «ئات دەرۋازىسى»نىڭ دوقمۇشىغىچە ياتقان ئېتىزلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارغا پاك-مۇقەددەس دەپ ھېسابلىنىدۇ؛ شەھەر قايتىدىن ھېچ يۇلۇپ تاشلانمايدۇ، ھەرگىز قايتىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلانمايدۇ. | 40 |
滿了屍首和灰燼的整個山谷,以及直到克德隆溪流和東邊馬門角旁所有木田地,都將祝聖給上主,永不再遭受」。