< يەرەمىيا 29 >
يەرەمىيانىڭ يېرۇسالېمدىن سۈرگۈن بولغانلار ئارىسىدىكى ھايات قالغان ئاقساقاللارغا، كاھىنلارغا، پەيغەمبەرلەرگە ۋە نېبوقادنەسار ئەسىر قىلىپ بابىلغا ئېلىپ كەتكەن بارلىق خەلققە يېرۇسالېمدىن يوللىغان خېتى: ــ | 1 |
Yǝrǝmiyaning Yerusalemdin sürgün bolƣanlar arisidiki ⱨayat ⱪalƣan aⱪsaⱪallarƣa, kaⱨinlarƣa, pǝyƣǝmbǝrlǝrgǝ wǝ Neboⱪadnǝsar ǝsir ⱪilip Babilƣa elip kǝtkǝn barliⱪ hǝlⱪⱪǝ Yerusalemdin yolliƣan heti: —
(خەت پادىشاھ يەكونىياھ، خانىش، ۋەزىرلەر، يەھۇدا ۋە يېرۇسالېمدىكى شاھزادە-ئەمىرلەر ۋە ھۈنەرۋەنلەر يېرۇسالېمدىن كەتكەندىن كېيىن، | 2 |
(hǝt padixaⱨ Yǝkoniyaⱨ, hanix, wǝzirlǝr, Yǝⱨuda wǝ Yerusalemdiki xaⱨzadǝ-ǝmirlǝr wǝ ⱨünǝrwǝnlǝr Yerusalemdin kǝtkǝndin keyin,
شافاننىڭ ئوغلى ئەلاساھنىڭ ۋە ھىلقىيانىڭ ئوغلى گەمارىيانىڭ قولى بىلەن يوللانغان ــ يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيا بۇ كىشىلەرنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ ئالدىغا يوللىغان). يوللىغان خەت مۇنداق: ــ | 3 |
Xafanning oƣli Əlasaⱨning wǝ Ⱨilⱪiyaning oƣli Gǝmariyaning ⱪoli bilǝn yollanƣan — Yǝⱨuda padixaⱨi Zǝdǝkiya bu kixilǝrni Babil padixaⱨi Neboⱪadnǝsarning aldiƣa yolliƣan). Yolliƣan hǝt mundaⱪ: —
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى يېرۇسالېمدىن بابىلغا سۈرگۈنگە ئەۋەتكەنلەرنىڭ ھەممىسىگە مۇنداق دەيدۇ: ــ | 4 |
Samawi ⱪoxunlarning Sǝrdari bolƣan Pǝrwǝrdigar — Israilning Hudasi Yerusalemdin Babilƣa sürgüngǝ ǝwǝtkǝnlǝrning ⱨǝmmisigǝ mundaⱪ dǝydu: —
ئۆيلەرنى قۇرۇڭلار، ئۇلاردا تۇرۇڭلار؛ باغلارنى بەرپا قىلىڭلار، ئۇلارنىڭ مېۋىسىنى يەڭلار؛ | 5 |
Ɵylǝrni ⱪurunglar, ularda turunglar; baƣlarni bǝrpa ⱪilinglar, ularning mewisini yǝnglar;
ئۆيلىنىڭلار، ئوغۇل-قىزلىق بولۇڭلار؛ ئوغۇللىرىڭلار ئۈچۈن قىزلارنى ئېلىپ بېرىڭلار، قىزلىرىڭلارنى ئەرلەرگە ياتلىق قىلىڭلار؛ ئۇلارمۇ ئوغۇل-قىزلىق بولسۇن؛ شۇ يەردە كۆپىيىڭلاركى، ئازىيىپ كەتمەڭلار؛ | 6 |
ɵylininglar, oƣul-ⱪizliⱪ bolunglar; oƣulliringlar üqün ⱪizlarni elip beringlar, ⱪizliringlarni ǝrlǝrgǝ yatliⱪ ⱪilinglar; ularmu oƣul-ⱪizliⱪ bolsun; xu yǝrdǝ kɵpiyinglarki, aziyip kǝtmǝnglar;
مەن سىلەرنى سۈرگۈنگە ئەۋەتكەن شەھەرنىڭ تىنچ-ئاۋاتلىقىنى ئىزدەڭلار، ئۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىڭلار؛ چۈنكى ئۇنىڭ تىنچ-ئاۋاتلىقى بولسا، سىلەرمۇ تىنچ-ئاۋات بولىسىلەر. | 7 |
Mǝn silǝrni sürgüngǝ ǝwǝtkǝn xǝⱨǝrning tinq-awatliⱪini izdǝnglar, uning üqün Pǝrwǝrdigarƣa dua ⱪilinglar; qünki uning tinq-awatliⱪi bolsa, silǝrmu tinq-awat bolisilǝr.
چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ ئاراڭلاردىكى پەيغەمبەرلەر ۋە سىلەرنىڭ پالچىلىرىڭلار سىلەرنى ئالداپ قويمىسۇن؛ سىلەر ئۇلارغا كۆرگۈزگەن چۈشلەرگە قۇلاق سالماڭلار؛ | 8 |
Qünki samawi ⱪoxunlarning Sǝrdari bolƣan Pǝrwǝrdigar — Israilning Hudasi mundaⱪ dǝydu: — Aranglardiki pǝyƣǝmbǝrlǝr wǝ silǝrning palqiliringlar silǝrni aldap ⱪoymisun; silǝr ularƣa kɵrgüzgǝn qüxlǝrgǝ ⱪulaⱪ salmanglar;
چۈنكى ئۇلار مېنىڭ نامىمدا يالغاندىن بېشارەت بېرىدۇ؛ مەن ئۇلارنى ئەۋەتكەن ئەمەسمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 9 |
qünki ular Mening namimda yalƣandin bexarǝt beridu; Mǝn ularni ǝwǝtkǝn ǝmǝsmǝn, — dǝydu Pǝrwǝrdigar.
چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ بابىلغا بېكىتىلگەن يەتمىش يىل توشقاندا، مەن سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا كېلىپ سىلەرگە ئىلتىپات كۆرسىتىمەنكى، سىلەرنى مۇشۇ يۇرتقا قايتۇرۇشۇم بىلەن سىلەرگە قىلغان شاپائەتلىك ۋەدەمنى ئادا قىلىمەن؛ | 10 |
Qünki Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: — Babilƣa bekitilgǝn yǝtmix yil toxⱪanda, Mǝn silǝrning yeninglarƣa kelip silǝrgǝ iltipat kɵrsitimǝnki, silǝrni muxu yurtⱪa ⱪayturuxum bilǝn silǝrgǝ ⱪilƣan xapaǝtlik wǝdǝmni ada ⱪilimǝn;
چۈنكى ئۆزۈمنىڭ سىلەر توغرۇلۇق پىلانلىرىمنى، ئاپەت ئېلىپ كېلىدىغان ئەمەس، تىنچ-ئاۋاتلىق ئېلىپ كېلىدىغان، ئاخىردا سىلەرگە ئۈمىدۋار كېلەچەكنى ئاتا قىلىدىغان پىلانلىرىمنى ئوبدان بىلىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 11 |
Qünki Ɵzümning silǝr toƣruluⱪ pilanlirimni, apǝt elip kelidiƣan ǝmǝs, tinq-awatliⱪ elip kelidiƣan, ahirda silǝrgǝ ümidwar kelǝqǝkni ata ⱪilidiƣan pilanlirimni obdan bilimǝn, — dǝydu Pǝrwǝrdigar.
شۇنىڭ بىلەن سىلەر ماڭا نىدا قىلىپ، يېنىمغا كېلىپ ماڭا دۇئا قىلىسىلەر ۋە مەن سىلەرنى ئاڭلايمەن. | 12 |
Xuning bilǝn ilǝr Manga nida ⱪilip, yenimƣa kelip Manga dua ⱪilisilǝr wǝ Mǝn silǝrni anglaymǝn.
سىلەر مېنى ئىزدەيسىلەر ۋە مېنى تاپىسىلەر، چۈنكى سىلەر پۈتۈن قەلبىڭلار بىلەن ماڭا ئىنتىلىدىغان بولىسىلەر. | 13 |
Silǝr Meni izdǝysilǝr wǝ Meni tapisilǝr, qünki silǝr pütün ⱪǝlbinglar bilǝn Manga intilidiƣan bolisilǝr.
مەن ئۆزۈمنى سىلەرگە تاپقۇزىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ ۋە مەن سىلەرنى سۈرگۈنلۈكتىن قايتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرىمەن، مەن سىلەرنى ھەيدىۋەتكەن بارلىق ئەللەردىن ۋە ھەيدىۋەتكەن بارلىق جايلاردىن يىغىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن سىلەرنى ئېلىپ، ئەسلى سۈرگۈن قىلىپ ئايرىغان يۇرتقا قايتۇرىمەن. | 14 |
Mǝn Ɵzümni silǝrgǝ tapⱪuzimǝn, — dǝydu Pǝrwǝrdigar — wǝ Mǝn silǝrni sürgünlüktin ⱪayturup ǝsligǝ kǝltürimǝn, Mǝn silǝrni ⱨǝydiwǝtkǝn barliⱪ ǝllǝrdin wǝ ⱨǝydiwǝtkǝn barliⱪ jaylardin yiƣimǝn, — dǝydu Pǝrwǝrdigar, — Mǝn silǝrni elip, ǝsli sürgün ⱪilip ayriƣan yurtⱪa ⱪayturimǝn.
سىلەر: «پەرۋەردىگار بىزگە بابىلدا پەيغەمبەرلەرنى تىكلىدى» دېسەڭلار، | 15 |
Silǝr: «Pǝrwǝrdigar bizgǝ Babilda pǝyƣǝmbǝrlǝrni tiklidi» desǝnglar,
ئەمدى پەرۋەردىگار داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرغان پادىشاھ ۋە بۇ شەھەردە تۇرۇۋاتقان بارلىق خەلق، يەنى سىلەر بىلەن بىللە سۈرگۈن قىلىنمىغان قېرىنداشلىرىڭلار توغرۇلۇق شۇنى دەيدۇ: ــ | 16 |
ǝmdi Pǝrwǝrdigar Dawutning tǝhtigǝ olturƣan padixaⱨ wǝ bu xǝⱨǝrdǝ turuwatⱪan barliⱪ hǝlⱪ, yǝni silǝr bilǝn billǝ sürgün ⱪilinmiƣan ⱪerindaxliringlar toƣruluⱪ xuni dǝydu: —
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئۇلارنى ئازابلايدىغان قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابا ئەۋەتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى خۇددى سېسىغان، يېگىلى بولمايدىغان ناچار ئەنجۈرلەردەك قىلىمەن؛ | 17 |
Samawi ⱪoxunlarning Sǝrdari bolƣan Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: — Mana, Mǝn ularni azablaydiƣan ⱪiliq, ⱪǝⱨǝtqilik wǝ waba ǝwǝtimǝn; xuning bilǝn ularni huddi sesiƣan, yegili bolmaydiƣan naqar ǝnjürlǝrdǝk ⱪilimǝn;
ئۇلارنى قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابا بىلەن قوغلايمەن، ئۇلارنى يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارغا ھەيدەپ ئاپىرىمەن؛ ئۇلارنى شۇ ئەللەرگە ۋەھىمە، لەنەت، دەھشەت، ئۇش-ئۇش قىلىنىدىغان ۋە رەسۋا قىلىنىدىغان ئوبيېكت قىلىمەن. | 18 |
ularni ⱪiliq, ⱪǝⱨǝtqilik wǝ waba bilǝn ⱪoƣlaymǝn, ularni yǝr yüzidiki barliⱪ padixaⱨliⱪlarƣa ⱨǝydǝp apirimǝn; ularni xu ǝllǝrgǝ wǝⱨimǝ, lǝnǝt, dǝⱨxǝt, ux-ux ⱪilinidiƣan wǝ rǝswa ⱪilinidiƣan obyekt ⱪilimǝn.
چۈنكى مەن تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ، خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ سۆزلىرىمنى ئۇلارغا ئېيتقىنىم بىلەن، ئۇلار قۇلاق سالمىغان؛ سىلەر [سۈرگۈن بولغانلارمۇ] ھېچ قۇلاق سالمىغانسىلەر، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 19 |
qünki Mǝn tang sǝⱨǝrdǝ ornumdin turup, hizmǝtkarlirim bolƣan pǝyƣǝmbǝrlǝrni ǝwǝtip sɵzlirimni ularƣa eytⱪinim bilǝn, ular ⱪulaⱪ salmiƣan; silǝr [sürgün bolƣanlarmu] ⱨeq ⱪulaⱪ salmiƣansilǝr, — dǝydu Pǝrwǝrdigar.
لېكىن ئى سىلەر سۈرگۈن بولغانلار، مەن يېرۇسالېمدىن بابىلغا ئەۋەتكەنلەر، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار: ــ | 20 |
Lekin i silǝr sürgün bolƣanlar, Mǝn Yerusalemdin Babilƣa ǝwǝtkǝnlǝr, Pǝrwǝrdigarning sɵzini anglanglar: —
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مېنىڭ نامىمدا سىلەرگە يالغاندىن بېشارەت بېرىدىغان كولايانىڭ ئوغلى ئاھاب توغرۇلۇق ۋە مائاسېياھنىڭ ئوغلى زەدەكىيا توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئۇلارنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن، ئۇ ئۇلارنى كۆز ئالدىڭلاردا ئۆلۈمگە مەھكۈم قىلىدۇ؛ | 21 |
Samawi ⱪoxunlarning Sǝrdari bolƣan Pǝrwǝrdigar — Israilning Hudasi mundaⱪ dǝydu: — Mening namimda silǝrgǝ yalƣandin bexarǝt beridiƣan Kolayaning oƣli Aⱨab toƣruluⱪ wǝ Maaseyaⱨning oƣli Zǝdǝkiya toƣruluⱪ mundaⱪ dǝydu: — Mana, Mǝn ularni Babil padixaⱨi Neboⱪadnǝsarning ⱪoliƣa tapxurimǝn, u ularni kɵz aldinglarda ɵlümgǝ mǝⱨküm ⱪilidu;
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مىسال قىلىنىپ بابىلدا تۇرغان يەھۇدادىكى بارلىق سۈرگۈن قىلىنغانلارنىڭ ئاغزىدا: «پەرۋەردىگار سېنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار ئوتتا كاۋاب قىلغان زەدەكىيا ۋە ئاھابدەك قىلسۇن!» دېگەن لەنەت سۆزى بولىدۇ؛ | 22 |
xuning bilǝn ular misal ⱪilinip Babilda turƣan Yǝⱨudadiki barliⱪ sürgün ⱪilinƣanlarning aƣzida: «Pǝrwǝrdigar seni Babil padixaⱨi Neboⱪadnǝsar otta kawab ⱪilƣan Zǝdǝkiya wǝ Aⱨabdǝk ⱪilsun!» degǝn lǝnǝt sɵzi bolidu;
چۈنكى ئۇلار ئىسرائىل ئىچىدە ئىپلاسلىق قىلغان، قوشنىلارنىڭ ئاياللىرى بىلەن زىنا قىلغان ۋە مېنىڭ نامىمدا يالغان سۆزلەرنى، مەن ئۇلارغا ھېچ تاپىلمىغان سۆزلەرنى قىلغان؛ مەن بۇلارنى بىلگۈچى ۋە گۇۋاھ بولغۇچىدۇرمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 23 |
qünki ular Israil iqidǝ iplasliⱪ ⱪilƣan, ⱪoxnilarning ayalliri bilǝn zina ⱪilƣan wǝ Mening namimda yalƣan sɵzlǝrni, Mǝn ularƣa ⱨeq tapilmiƣan sɵzlǝrni ⱪilƣan; Mǝn bularni Bilgüqi wǝ guwaⱨ Bolƣuqidurmǝn, — dǝydu Pǝrwǝrdigar.
«سەن يەرەمىيا نەھەلەملىك شېماياغا مۇنداق دېگىن: ــ | 24 |
«Sǝn Yǝrǝmiya Nǝⱨǝlǝmlik Xemayaƣa mundaⱪ degin: —
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ چۈنكى سەن ئۆز نامىڭدا يېرۇسالېمدىكى بارلىق خەلققە، كاھىن بولغان مائاسېياھنىڭ ئوغلى زەفانىياغا ۋە بارلىق كاھىنلارغا خەتلەر يوللىغىنىڭ تۈپەيلىدىن، ــ | 25 |
Samawi ⱪoxunlarning Sǝrdari bolƣan Pǝrwǝrdigar — Israilning Hudasi mundaⱪ dǝydu: — Qünki sǝn ɵz namingda Yerusalemdiki barliⱪ hǝlⱪⱪǝ, kaⱨin bolƣan Maaseyaⱨning oƣli Zǝfaniyaƣa wǝ barliⱪ kaⱨinlarƣa hǝtlǝr yolliƣining tüpǝylidin, —
([سەن زەفانىياغا مۇنداق يازغان]: «پەرۋەردىگار سېنى كاھىن يەھۇيادانىڭ ئورنىغا كاھىن تىكلىگەن ئەمەسمۇ؟ ئۇ سېنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە شۇنىڭغا نازارەتچى قىلغانكى، بېشارەت بېرىدىغان پەيغەمبەر بولۇۋالغان ھەربىر تەلۋىنى بېسىش ئۈچۈن پۇتى ۋە بوينىغا تاقاق سېلىشىڭ كېرەك. | 26 |
([sǝn Zǝfaniyaƣa mundaⱪ yazƣan]: «Pǝrwǝrdigar seni kaⱨin Yǝⱨuyadaning orniƣa kaⱨin tikligǝn ǝmǝsmu? U seni Pǝrwǝrdigarning ɵyidǝ xuningƣa nazarǝtqi ⱪilƣanki, bexarǝt beridiƣan pǝyƣǝmbǝr boluwalƣan ⱨǝrbir tǝlwini besix üqün puti wǝ boyniƣa taⱪaⱪ selixing kerǝk.
ئەمدى سەن نېمىشقا سىلەرگە ئۆزىنى پەيغەمبەر قىلىۋالغان ئاناتوتلۇق يەرەمىيانى ئەيىبلىمىدىڭ؟ | 27 |
Əmdi sǝn nemixⱪa silǝrgǝ ɵzini pǝyƣǝmbǝr ⱪiliwalƣan Anatotluⱪ Yǝrǝmiyani ǝyiblimiding?
چۈنكى ئۇ ھەتتا بابىلدا تۇرۇۋاتقان بىزلەرگىمۇ: «شۇ يەردە بولغان ۋاقتىڭلار ئۇزۇن بولىدۇ؛ شۇڭا ئۆيلەرنى سېلىڭلار، ئۇلاردا تۇرۇڭلار، باغلارنى بەرپا قىلىڭلار، ئۇلارنىڭ مېۋىسىنى يەڭلار» دەپ خەت يوللىدى!») | 28 |
Qünki u ⱨǝtta Babilda turuwatⱪan bizlǝrgimu: «Xu yǝrdǝ bolƣan waⱪtinglar uzun bolidu; xunga ɵylǝrni selinglar, ularda turunglar, baƣlarni bǝrpa ⱪilinglar, ularning mewisini yǝnglar» dǝp hǝt yollidi!»)
ــ زەفانىيا مۇشۇ خەتنى يەرەمىيا پەيغەمبەر ئالدىدا ئوقۇدى. | 29 |
— Zǝfaniya muxu hǝtni Yǝrǝmiya pǝyƣǝmbǝr aldida oⱪudi.
ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەرەمىياغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ | 30 |
Andin Pǝrwǝrdigarning sɵzi Yǝrǝmiyaƣa kelip mundaⱪ deyildi: —
بارلىق سۈرگۈن بولغانلارغا خەت يوللاپ مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگار نەھەلاملىق شەمايا توغرۇلۇق مۇناق دەيدۇ: چۈنكى مەن ئۇنى ئەۋەتمىگەن بولساممۇ، شېمايانىڭ سىلەرگە بېشارەت بېرىپ، سىلەرنى يالغانچىلىققا ئىشەندۈرگەنلىكى تۈپەيلىدىن، | 31 |
Barliⱪ sürgün bolƣanlarƣa hǝt yollap mundaⱪ degin: — Pǝrwǝrdigar Nǝⱨǝlamliⱪ Xǝmaya toƣruluⱪ munaⱪ dǝydu: Qünki Mǝn uni ǝwǝtmigǝn bolsammu, Xemayaning silǝrgǝ bexarǝt berip, silǝrni yalƣanqiliⱪⱪa ixǝndürgǝnliki tüpǝylidin,
شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، نەھەلاملىق شېمايانى نەسلى بىلەن بىللە جازالايمەن؛ مۇشۇ خەلق ئارىسىدا ئۇنىڭ ھېچقانداق نەسلى تېپىلمايدۇ؛ ئۇ مەن ئۆز خەلقىم ئۈچۈن قىلماقچى بولغان ياخشىلىقنى ھېچ كۆرمەيدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار: ــ چۈنكى ئۇ ئادەملەرنى ماڭا ئاسىيلىققا قۇتراتتى. | 32 |
Xunga Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: — Mana, Nǝⱨǝlamliⱪ Xemayani nǝsli bilǝn billǝ jazalaymǝn; muxu hǝlⱪ arisida uning ⱨeqⱪandaⱪ nǝsli tepilmaydu; u Mǝn Ɵz hǝlⱪim üqün ⱪilmaⱪqi bolƣan yahxiliⱪni ⱨeq kɵrmǝydu, — dǝydu Pǝrwǝrdigar: — qünki u adǝmlǝrni Manga asiyliⱪⱪa ⱪutratti.