< يەرەمىيا 28 >
شۇ يىلدا، يەھۇدا پادىشاھى زەكەرىيا تەختكە ئولتۇرغان دەسلەپكى مەزگىلدە، يەنى تۆتىنچى يىلى، بەشىنچى ئايدا، ئاززۇرنىڭ ئوغلى، گىبېئون شەھىرىدىكى ھانانىيا پەيغەمبەر، كاھىنلار ۋە بارلىق خالايىق ئالدىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە ماڭا: ــ | 1 |
Pripetilo se je isto leto, v začetku kraljevanja Judovega kralja Sedekíja, v četrtem letu in v petem mesecu, da mi je spregovoril Hananjá, sin preroka Azúrja, ki je bil iz Gibeóna, v Gospodovi hiši, v prisotnosti duhovnikov in vsega ljudstva, rekoč:
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ «مەن بابىل پادىشاھىنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى سۇندۇرىۋەتتىم! | 2 |
»Tako govori Gospod nad bojevniki, Izraelov Bog, rekoč: ›Zlomil sem jarem babilonskega kralja.
بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار مۇشۇ يەردىن ئېپكەتكەن، بابىلغا ئاپارغان، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى قاچا-قۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى بولسا، ئىككى يىل ئۆتمەيلا مەن مۇشۇ يەرگە قايتۇرۇپ ئېپكېلىمەن؛ | 3 |
V dveh letih bom ponovno na ta kraj privedel vse posode Gospodove hiše, ki jih je babilonski kralj Nebukadnezar vzel iz tega kraja in jih odnesel v Babilon.
ۋە مەن يەھۇدا پادىشاھى، يەھوئاكىمنىڭ ئوغلى يەكونىياھنى يەھۇدادىن بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسى بىلەن تەڭ مۇشۇ يەرگە قايتۇرۇپ بېرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ چۈنكى مەن بابىل پادىشاھىنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى سۇندىرىۋېتىمەن!» ــ دېدى. | 4 |
Ponovno bom na ta kraj privedel Jehoníja, sina Jojakíma, Judovega kralja, z vsemi Judovimi ujetniki, ki so šli v Babilon, ‹ govori Gospod, ›kajti jaz bom zlomil jarem babilonskega kralja.‹«
ئاندىن يەرەمىيا پەيغەمبەر كاھىنلار ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە تۇرغان بارلىق خالايىق ئالدىدا ھانانىيا پەيغەمبەرگە سۆز قىلدى. | 5 |
Potem je prerok Jeremija rekel preroku Hananjáju, v prisotnosti duhovnikov in v prisotnosti vsega ljudstva, ki je stalo v Gospodovi hiši,
يەرەمىيا پەيغەمبەر مۇنداق دېدى: «ئامىن! پەرۋەردىگار شۇنداق قىلسۇن! پەرۋەردىگار سېنىڭ بېشارەت بەرگەن سۆزلىرىڭنى ئەمەلگە ئاشۇرسۇنكى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆيىدىكى قاچا-قۇچىلار ۋە يەھۇدادىن بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇ يەرگە قايتۇرسۇن! | 6 |
celo prerok Jeremija je rekel: »Amen. Gospod naj tako stori. Gospod naj izpolni tvoje besede, ki si jih prerokoval, da ponovno privede posode Gospodove hiše in vse, kar je odvedeno ujeto, iz Babilona na ta kraj.
لېكىن ئۆز قۇلىقىڭغا ۋە بارلىق خەلقنىڭ قۇلىقىغا سېلىپ قويۇلىدىغان مېنىڭ بۇ سۆزۈمنى ئاڭلا! | 7 |
Kljub temu poslušaj sedaj te besede, ki jih govorim v tvoja ušesa in v ušesa vsega ljudstva.
ــ مېنىڭ ۋە سېنىڭدىن بۇرۇن، قەدىمدىن تارتىپ بولغان پەيغەمبەرلەرمۇ نۇرغۇن پادىشاھلىقلار ۋە ئۇلۇغ دۆلەتلەر توغرۇلۇق، ئۇرۇش، ئاپەت ۋە ۋابالار توغرۇلۇق بېشارەت بېرىپ كەلگەن؛ | 8 |
Preroki, ki so bili pred menoj in pred teboj od davnine, so prerokovali tako zoper mnoge dežele kakor zoper velika kraljestva, o vojni in o zlu in o kužni bolezni.
تىنچلىق-ئاۋاتلىق توغرۇلۇق بېشارەت بەرگەن پەيغەمبەر بولسا، شۇ پەيغەمبەرنىڭ سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاندا، ئۇ ھەقىقەتەن پەرۋەردىگار ئەۋەتكەن پەيغەمبەر دەپ تونۇلغاندۇر!». | 9 |
Prerok, ki prerokuje o miru, ko se bo zgodila prerokova beseda, potem bo prerok znan, da ga je resnično poslal Gospod.«
ئاندىن ھانانىيا پەيغەمبەر يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ بوينىدىكى بويۇنتۇرۇقنى ئېلىپ ئۇنى سۇندۇرىۋەتتى. | 10 |
Potem je prerok Hananjá snel jarem iz vratu preroka Jeremija in ga zlomil.
ھانانىيا خەلق ئالدىدا سۆز قىلىپ: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن شۇنىڭغا ئوخشاش، ئىككى يىل ئۆتمەيلا بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى بارلىق ئەللەرنىڭ بوينىدىن ئېلىپ سۇندۇرىۋېتىمەن!» ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن يەرەمىيا پەيغەمبەر چىقىپ كەتتى. | 11 |
Hananjá je spregovoril v prisotnosti vsega ljudstva, rekoč: »Tako govori Gospod: ›Celo tako bom zlomil jarem babilonskega kralja Nebukadnezarja iz vratu vseh narodov, v času dveh polnih let.‹« In prerok Jeremija je odšel svojo pot.
ھانانىيا پەيغەمبەر يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ بوينىدىكى بويۇنتۇرۇقنى ئېلىپ ئۇنى سۇندۇرىۋەتكەندىن بىرئاز كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەرەمىياغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ | 12 |
Potem je Gospodova beseda prišla preroku Jeremiju, potem ko je prerok Hananjá zlomil jarem iz vratu preroka Jeremija, rekoč:
بارغىن، ھانانىياغا مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سەن ياغاچتىن ياسالغان بويۇنتۇرۇقنى سۇندۇرغىنىڭ بىلەن، لېكىن ئۇنىڭ ئورنىغا تۆمۈردىن بولغان بويۇنتۇرۇقنى سېلىپ قويدۇڭ! | 13 |
»Pojdi in povej Hananjáju, rekoč: ›Tako govori Gospod: ›Zlomil si lesene jarme, toda zanje boš naredil železne jarme.‹
چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن شۇنىڭغا بۇ بارلىق ئەللەرنىڭ بوينىغا تۆمۈردىن ياسالغان بويۇنتۇرۇقنى سالىمەنكى، ئۇلار بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ قۇللۇقىدا بولىدۇ؛ بەرھەق، ئۇلار ئۇنىڭ قۇللۇقىدا بولىدۇ؛ مەن ئۇنىڭغا ھەتتا دالادىكى ھايۋانلارنىمۇ تەقدىم قىلغانمەن». | 14 |
Kajti tako govori Gospod nad bojevniki, Izraelov Bog: ›Železen jarem sem položil na vrat vseh teh narodov, da bodo lahko služili babilonskemu kralju Nebukadnezarju; in služili mu bodo in dal sem mu tudi poljske živali.‹«
ئاندىن يەرەمىيا پەيغەمبەر ھانانىيا پەيغەمبەرگە: «قۇلاق سال، ھانانىيا! پەرۋەردىگار سېنى ئەۋەتكەن ئەمەس! سەن بۇ خەلقنى يالغانچىلىققا ئىشەندۈرگەنسەن! | 15 |
Potem je prerok Jeremija rekel preroku Hananjáju: »Prisluhni sedaj Hananjá: › Gospod te ni poslal, temveč ti zavajaš to ljudstvo, da zaupa v laž.‹
شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: مانا، مەن سېنى يەر يۈزىدىن ئەۋەتىۋېتىمەن! سەن دەل مۇشۇ يىلدا ئۆلىسەن، چۈنكى سەن ئادەملەرنى پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىشقا دەۋەت قىلغانسەن». | 16 |
Zato tako govori Gospod: ›Glej, vrgel te bom iz obličja zemlje. To leto boš umrl, ker si učil upor zoper Gospoda.‹«
ھانانىيا پەيغەمبەر دەل شۇ يىلى يەتتىنچى ئايدا ئۆلدى. | 17 |
Tako je prerok Hananjá to isto leto umrl, v sedmem mesecu.