< يەرەمىيا 27 >
يەھۇدا پادىشاھى يوسىيانىڭ ئوغلى زەدەكىيانىڭ تەختكە ئولتۇرغان دەسلەپكى مەزگىلىدە، شۇ سۆز يەرەمىياغا پەرۋەردىگاردىن كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ | 1 |
At the beginning of the reign of Zedekiah son of Josiah king of Judah, this word came to Jeremiah from the LORD.
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: ــ ئاسارەتلەر ۋە بويۇنتۇرۇقلارنى ياساپ ئۆز بوينۇڭغا سال؛ | 2 |
This is what the LORD said to me: “Make for yourself a yoke out of leather straps and put it on your neck.
بۇ بويۇنتۇرۇقلارنى ئېدومنىڭ پادىشاھىغا، موئابنىڭ پادىشاھىغا، ئاممونىيلارنىڭ پادىشاھىغا، تۇرنىڭ پادىشاھىغا ۋە زىدوننىڭ پادىشاھىغا يېرۇسالېمغا، يەھۇدا پادىشاھىنىڭ ئالدىغا كەلگەن ئۇلارنىڭ ئۆز ئەلچىلىرىنىڭ قولى ئارقىلىق ئەۋەتكىن؛ | 3 |
Send word to the kings of Edom, Moab, Ammon, Tyre, and Sidon through the envoys who have come to Jerusalem to Zedekiah king of Judah.
ھەربىرىنى ئۆز خوجايىنلىرىغا شۇنداق بىر خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە بۇيرۇغىن: ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۆز خوجايىنلىرىڭلارغا مۇنداق دەڭلار: ــ | 4 |
Give them a message from the LORD of Hosts, the God of Israel, to relay to their masters:
مەن زېمىن ۋە زېمىن يۈزىدە تۇرۇۋاتقان ئادەملەر ۋە ھايۋانلارنى زور قۇدرىتىم ۋە سوزۇلغان بىلىكىم بىلەن ياراتقانمەن؛ ۋە كىم كۆزۈمگە لايىق كۆرۈنسە، بۇلارنى شۇلارغا تەقدىم قىلىمەن. | 5 |
By My great power and outstretched arm, I made the earth and the men and beasts on the face of it, and I give it to whom I please.
ھازىر مەن بۇ زېمىنلەرنىڭ ھەممىسىنى بابىل پادىشاھى، مېنىڭ قۇلۇم بولغان نېبوقادنەسارنىڭ قولىغا تاپشۇردۇم؛ ھەتتا دالادىكى ھايۋانلارنىمۇ ئۇنىڭ قۇللۇقىدا بولۇشقا تەقدىم قىلدىم. | 6 |
So now I have placed all these lands under the authority of My servant Nebuchadnezzar king of Babylon. I have even made the beasts of the field subject to him.
بارلىق ئەللەر ئۇنىڭ، ئوغلىنىڭ ھەم نەۋرىسىنىڭ قۇللۇقىدا بولىدۇ؛ ئاندىن ئۆز زېمىنىنىڭ ۋاقتى-سائىتى توشقاندا، كۆپ ئەللەر ۋە ئۇلۇغ پادىشاھلار ئۇنىمۇ قۇللۇققا سالىدۇ. | 7 |
All nations will serve him and his son and grandson, until the time of his own land comes; then many nations and great kings will enslave him.
شۇنداق بولىدۇكى، قايسى ئەل ياكى پادىشاھلىق بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ قۇللۇقىدا بولۇشنى، يەنى بوينىنى بابىل پادىشاھىنىڭ بويۇنتۇرۇقى ئاستىغا قويۇشنى رەت قىلسا، مەن شۇ ئەلنى نېبوقادنەسارنىڭ قولى ئارقىلىق يوقاتقۇزغۇچە قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابا بىلەن جازالايمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 8 |
As for the nation or kingdom that does not serve Nebuchadnezzar king of Babylon and does not place its neck under his yoke, I will punish that nation by sword and famine and plague, declares the LORD, until I have destroyed it by his hand.
ــ سىلەر بولساڭلار، «بابىل پادىشاھىنىڭ قۇللۇقىدا ھېچ بولمايسىلەر» دېگەن پەيغەمبەرلىرىڭلارغا، پالچىلىرىڭلارغا، چۈش كۆرگۈچىلىرىڭلارغا، رەم ئاچقۇچىلىرىڭلارغا ياكى جادۇگەرلىرىڭلارغا قۇلاق سالماڭلار؛ | 9 |
But as for you, do not listen to your prophets, your diviners, your interpreters of dreams, your mediums, or your sorcerers who declare, ‘You will not serve the king of Babylon.’
چۈنكى ئۇلار سىلەرگە يالغانچىلىق قىلىپ بېشارەت بېرىدۇ؛ [گەپلىرىگە كىرسەڭلار]، سىلەرنى ئۆز يۇرتۇڭلاردىن سۈرگۈن قىلىدۇ؛ چۈنكى ئۆزۈم سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەيمەن، سىلەر نابۇت بولىسىلەر. | 10 |
For they prophesy to you a lie that will serve to remove you from your land; I will banish you and you will perish.
لېكىن قايسى ئەل بوينىنى بابىل پادىشاھىنىڭ بويۇنتۇرۇقى ئاستىغا قويۇپ قۇللۇقىغا كىرسە، شۇ ئەلنى ئۆز يۇرتىدا تۇرغۇزىمەن، ئۇلار ئۇنىڭدا تېرىقچىلىق قىلىپ ياشايدۇ. | 11 |
But the nation that will put its neck under the yoke of the king of Babylon and serve him, I will leave in its own land, to cultivate it and reside in it, declares the LORD.”
ــ مەن يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىياغىمۇ شۇ سۆزلەر بويىچە مۇنداق دېدىم: «بوينۇڭلارنى بابىل پادىشاھىنىڭ بويۇنتۇرۇقى ئاستىغا قويۇپ ئۇنىڭ ۋە ئۇنىڭ خەلقىنىڭ قۇللۇقىدا بولساڭلار، ھايات قالىسىلەر. | 12 |
And to Zedekiah king of Judah I spoke the same message: “Put your necks under the yoke of the king of Babylon; serve him and his people, and live!
ئەمدى نېمىشقا پەرۋەردىگارنىڭ بابىل پادىشاھىنىڭ قۇللۇقىغا بويسۇنمىغان ھەرقايسى ئەللەر توغرىسىدا دېگىنىدەك، سەن ۋە خەلقىڭ قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابا بىلەن ئۆلمەكچى بولىسىلەر؟ | 13 |
Why should you and your people die by sword and famine and plague, as the LORD has decreed against any nation that does not serve the king of Babylon?
پەيغەمبەرلەرنىڭ: «بابىلنىڭ قۇللۇقىدا بولمايسىلەر» دېگەن سۆزلىرىگە قۇلاق سالماڭلار؛ چۈنكى ئۇلار سىلەرگە يالغانچىلىقتىن بېشارەت قىلىدۇ. | 14 |
Do not listen to the words of the prophets who say, ‘You must not serve the king of Babylon,’ for they are prophesying to you a lie.
مەن ئۇلارنى ئەۋەتكەن ئەمەس، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ لېكىن ئۇلار مېنىڭ نامىمدا يالغاندىن بېشارەت بېرىدۇ؛ بۇ سۆزلەرنىڭ ئاقىۋىتى شۇكى، مەن سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدىۋېتىمەن، شۇنىڭدەك نابۇت بولىسىلەر؛ سىلەر ۋە سىلەرگە بېشارەت بەرگەن پەيغەمبەرلەر نابۇت بولىسىلەر». | 15 |
For I have not sent them, declares the LORD, and yet they are prophesying falsely in My name; therefore I will banish you, and you will perish—you and the prophets who prophesy to you.”
ئاندىن مەن كاھىنلارغا ۋە بۇ بارلىق خەلققە مۇنداق دېدىم: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەرگە بېشارەت بېرىدىغان پەيغەمبەرلەرنىڭ: «مانا، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى قىممەتلىك قاچا-قۇچىلار پات ئارىدا بابىلدىن قايتۇرۇلىدۇ» دېگەن سۆزلىرىگە قۇلاق سالماڭلار؛ چۈنكى ئۇلار سىلەرگە يالغانچىلىقتىن بېشارەت قىلىدۇ. | 16 |
Then I said to the priests and to all this people, “This is what the LORD says: Do not listen to the words of your prophets who prophesy to you, saying, ‘Look, very soon now the articles from the house of the LORD will be brought back from Babylon.’ They are prophesying to you a lie.
ئۇلارغا قۇلاق سالماڭلار؛ بابىل پادىشاھىنىڭ قۇللۇقىدا بولساڭلار، ھايات قالىسىلەر؛ بۇ شەھەر نېمىشقا ۋەيران بولسۇن؟ | 17 |
Do not listen to them. Serve the king of Babylon and live! Why should this city become a ruin?
ئەگەر بۇلار ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەر بولسا ھەم پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇلاردا بولسا، ئۇلار ھازىر پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە، يەھۇدا پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدا ۋە يېرۇسالېمنىڭ ئۆزىدە قالغان قىممەتلىك قاچا-قۇچىلار بابىلغا ئېلىپ كېتىلمىسۇن دەپ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارغا دۇئا-تىلاۋەت قىلسۇن! | 18 |
If they are indeed prophets and the word of the LORD is with them, let them now plead with the LORD of Hosts that the articles remaining in the house of the LORD, in the palace of the king of Judah, and in Jerusalem, not be taken to Babylon.
چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئىككى [مىس] تۈۋرۈك، [مىس] «دېڭىز»، داس ھارۋىلىرى ۋە بۇ شەھەردە قالغان [قىممەتلىك] قاچا-قۇچىلار توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ | 19 |
For this is what the LORD of Hosts says about the pillars, the sea, the bases, and the rest of the articles that remain in this city,
(بۇلارنى بولسا بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار يەھوئاكىمنىڭ ئوغلى يەھۇدا پادىشاھى يەكونىياھنى يەھۇدادىكى ۋە يېرۇسالېمدىكى بارلىق ئېسىلزاد-ئەمىرلەر بىلەن تەڭ يېرۇسالېمدىن بابىلغا سۈرگۈن قىلغاندا ئۇ ئېلىپ كەتمىگەنىدى) | 20 |
which Nebuchadnezzar king of Babylon did not take when he carried Jeconiah son of Jehoiakim king of Judah into exile from Jerusalem to Babylon, along with all the nobles of Judah and Jerusalem.
بەرھەق، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە، يەھۇدا پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدا ۋە يېرۇسالېمدا قالغان [قىممەتلىك] قاچا-قۇچىلار توغرۇلۇق ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ | 21 |
Yes, this is what the LORD of Hosts, the God of Israel, says about the articles that remain in the house of the LORD, in the palace of the king of Judah, and in Jerusalem:
ئۇلارمۇ بابىلغا ئېلىپ كېتىلىدۇ؛ ئۇلار مەن ئۇلاردىن قايتىدىن خەۋەر ئالىدىغان كۈنگىچە شۇ يەردە تۇرىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار: ــ شۇ ۋاقىت كەلگەندە، مەن ئۇلارنى ئېلىپ بۇ يەرگە قايتۇرۇپ بېرىمەن. | 22 |
‘They will be carried to Babylon and will remain there until the day I attend to them again,’ declares the LORD. ‘Then I will bring them back and restore them to this place.’”