< يەرەمىيا 26 >
يەھۇدا پادىشاھى يوسىيانىڭ ئوغلى يەھوئاكىم تەختكە ئولتۇرغان مەزگىلنىڭ بېشىدا شۇ سۆز پەرۋەردىگاردىن كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ | 1 |
Yǝⱨuda padixaⱨi Yosiyaning oƣli Yǝⱨoakim tǝhtkǝ olturƣan mǝzgilning bexida xu sɵz Pǝrwǝrdigardin kelip mundaⱪ deyildi: —
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ھويلىسىدا تۇرۇپ ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرگەن يەھۇدانىڭ بارلىق شەھەرلىرىدىكىلەرگە مەن ساڭا بۇيرۇغان ھەربىر سۆزلەرنى جاكارلىغىن؛ ئەينەن ئېيتقىن! | 2 |
Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: — Sǝn Pǝrwǝrdigarning ɵyining ⱨoylisida turup ibadǝt ⱪilix üqün Pǝrwǝrdigarning ɵyigǝ kirgǝn Yǝⱨudaning barliⱪ xǝⱨǝrliridikilǝrgǝ Mǝn sanga buyruƣan ⱨǝrbir sɵzlǝrni jakarliƣin; ǝynǝn eytⱪin!
ئۇلار بەلكىم ئاڭلاپ قويار، ھەربىرى ئۆز رەزىل يولىدىن يانار؛ شۇنداق قىلسا، مەن قىلمىشلىرىنىڭ رەزىللىكى تۈپەيلىدىن بېشىغا كۈلپەت چۈشۈرمەكچى بولغان نىيىتىمدىن يانىمەن. | 3 |
Ular bǝlkim anglap ⱪoyar, ⱨǝrbiri ɵz rǝzil yolidin yanar; xundaⱪ ⱪilsa, Mǝn ⱪilmixlirining rǝzilliki tüpǝylidin bexiƣa külpǝt qüxürmǝkqi bolƣan niyitimdin yanimǝn.
سەن ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ــ «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ماڭا قۇلاق سالماي، مەن سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا قويغان تەۋرات-قانۇنۇمدا ماڭمىساڭلار، | 4 |
Sǝn ularƣa mundaⱪ degin: — «Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: — Manga ⱪulaⱪ salmay, Mǝn silǝrning aldinglarƣa ⱪoyƣan Tǝwrat-ⱪanunumda mangmisanglar,
مەن تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئەۋەتكەن خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىمىساڭلار (سىلەر ئۇلارغا ھېچ قۇلاق سالماي كەلگەنسىلەر!)، | 5 |
Mǝn tang sǝⱨǝrdǝ ornumdin turup ǝwǝtkǝn hizmǝtkarlirim bolƣan pǝyƣǝmbǝrlǝrning sɵzlirini anglimisanglar (silǝr ularƣa ⱨeq ⱪulaⱪ salmay kǝlgǝnsilǝr!),
ئۇنداقتا، مەن شىلوھنى قانداق قىلغان بولسام، ئەمدى بۇ ئۆينىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش قىلىمەن، بۇ شەھەرنى يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەرگە لەنەت سۆزى قىلىمەن». | 6 |
undaⱪta, Mǝn Xiloⱨni ⱪandaⱪ ⱪilƣan bolsam, ǝmdi bu ɵynimu xuningƣa ohxax ⱪilimǝn, bu xǝⱨǝrni yǝr yüzidiki barliⱪ ǝllǝrgǝ lǝnǝt sɵzi ⱪilimǝn».
شۇنىڭ بىلەن كاھىنلار، پەيغەمبەرلەر ۋە بارلىق خەلق يەرەمىيانىڭ بۇ سۆزلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە جاكارلىغانلىقىنى ئاڭلىدى. | 7 |
Xuning bilǝn kaⱨinlar, pǝyƣǝmbǝrlǝr wǝ barliⱪ hǝlⱪ Yǝrǝmiyaning bu sɵzlirini Pǝrwǝrdigarning ɵyidǝ jakarliƣanliⱪini anglidi.
شۇنداق بولدىكى، يەرەمىيا بارلىق خەلققە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا تاپىلىغان بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېيتىپ بەرگەندىن كېيىن، كاھىنلار ۋە پەيغەمبەرلەر ۋە بارلىق خەلق ئۇنى تۇتۇۋېلىپ: «سەن چوقۇم ئۆلۈشۈڭ كېرەك! | 8 |
Xundaⱪ boldiki, Yǝrǝmiya barliⱪ hǝlⱪⱪǝ Pǝrwǝrdigar uningƣa tapiliƣan bu sɵzlǝrning ⱨǝmmisini eytip bǝrgǝndin keyin, kaⱨinlar wǝ pǝyƣǝmbǝrlǝr wǝ barliⱪ hǝlⱪ uni tutuwelip: «Sǝn qoⱪum ɵlüxüng kerǝk!
سەن نېمىشقا پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا بېشارەت بېرىپ: «بۇ ئۆي شىلوھدەك بولىدۇ، بۇ شەھەر خارابە، ئادەمزاتسىز بولىدۇ!» ــ دېدىڭ؟» ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى بارلىق خەلق يەرەمىياغا دوق قىلىپ ئۇنى ئورىۋېلىشتى. | 9 |
Sǝn nemixⱪa Pǝrwǝrdigarning namida bexarǝt berip: «Bu ɵy Xiloⱨdǝk bolidu, bu xǝⱨǝr harabǝ, adǝmzatsiz bolidu!» — deding?» — dedi. Xuning bilǝn Pǝrwǝrdigarning ɵyidiki barliⱪ hǝlⱪ Yǝrǝmiyaƣa doⱪ ⱪilip uni oriwelixti.
يەھۇدا ئەمىرلىرى بۇ ئىشلارنى ئاڭلىدى؛ ئۇلار پادىشاھلىق ئوردىسىدىن چىقىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىردى، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى «يېڭى دەرۋازا»دا سوتقا ئولتۇردى. | 10 |
Yǝⱨuda ǝmirliri bu ixlarni anglidi; ular padixaⱨliⱪ ordisidin qiⱪip Pǝrwǝrdigarning ɵyigǝ kirdi, Pǝrwǝrdigarning ɵyidiki «Yengi dǝrwaza»da sotⱪa olturdi.
كاھىنلار ۋە پەيغەمبەرلەر ئەمىرلەرگە ۋە خەلققە سۆزلەپ: «بۇ ئادەم ئۆلۈمگە لايىق، چۈنكى سىلەر ئۆز قۇلاقلىرىڭلار بىلەن ئاڭلىغاندەك ئۇ مۇشۇ شەھەرنى ئەيىبلەپ بېشارەت بەردى» ــ دېدى. | 11 |
Kaⱨinlar wǝ pǝyƣǝmbǝrlǝr ǝmirlǝrgǝ wǝ hǝlⱪⱪǝ sɵzlǝp: «Bu adǝm ɵlümgǝ layiⱪ, qünki silǝr ɵz ⱪulaⱪliringlar bilǝn angliƣandǝk u muxu xǝⱨǝrni ǝyiblǝp bexarǝt bǝrdi» — dedi.
ئاندىن يەرەمىيا بارلىق ئەمىرلەرگە ۋە بارلىق خەلققە سۆزلەپ مۇنداق دېدى: ــ «پەرۋەردىگار مېنى بۇ ئۆينى ئەيىبلەپ، بۇ شەھەرنى ئەيىبلەپ، سىلەر ئاڭلىغان بۇ بارلىق سۆزلەر بىلەن بېشارەت بېرىشكە ئەۋەتكەن. | 12 |
Andin Yǝrǝmiya barliⱪ ǝmirlǝrgǝ wǝ barliⱪ hǝlⱪⱪǝ sɵzlǝp mundaⱪ dedi: — «Pǝrwǝrdigar meni bu ɵyni ǝyiblǝp, bu xǝⱨǝrni ǝyiblǝp, silǝr angliƣan bu barliⱪ sɵzlǝr bilǝn bexarǝt berixkǝ ǝwǝtkǝn.
ھازىر يوللىرىڭلارنى ۋە قىلمىشىڭلارنى تۈزىتىڭلار، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاڭلار! شۇنداق بولغاندا، پەرۋەردىگار سىلەرگە جاكارلىغان كۈلپەتتىن يانىدۇ. | 13 |
Ⱨazir yolliringlarni wǝ ⱪilmixinglarni tüzitinglar, Pǝrwǝrdigar Hudayinglarning awazini anglanglar! Xundaⱪ bolƣanda, Pǝrwǝrdigar silǝrgǝ jakarliƣan külpǝttin yanidu.
لېكىن مەن بولسام، مانا، قوللىرىڭلاردىمەن؛ ماڭا كۆزۈڭلەرگە نېمە ياخشى ۋە دۇرۇس كۆرۈلسە شۇنداق قىلىڭلار؛ | 14 |
Lekin mǝn bolsam, mana, ⱪolliringlardimǝn; manga kɵzünglǝrgǝ nemǝ yahxi wǝ durus kɵrülsǝ xundaⱪ ⱪilinglar;
پەقەت شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، مېنى ئۆلتۈرۈۋەتسەڭلەر گۇناھسىز قاننىڭ جازاسىنى ئۆز بېشىڭلارغا، بۇ شەھەرگە ۋە ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ بېشىغا چۈشۈرىسىلەر؛ چۈنكى دېگىنىم ھەق، پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى قۇلاقلىرىڭلارغا دېيىشكە مېنى ئەۋەتكەن». | 15 |
pǝⱪǝt xuni bilip ⱪoyunglarki, meni ɵltürüwǝtsǝnglǝr gunaⱨsiz ⱪanning jazasini ɵz bexinglarƣa, bu xǝⱨǝrgǝ wǝ uningda turuwatⱪanlarning bexiƣa qüxürisilǝr; qünki deginim ⱨǝⱪ, Pǝrwǝrdigar ⱨǝⱪiⱪǝtǝn bu sɵzlǝrning ⱨǝmmisini ⱪulaⱪliringlarƣa deyixkǝ meni ǝwǝtkǝn».
ئەمىرلەر ۋە بارلىق خەلق كاھىنلارغا ۋە پەيغەمبەرلەرگە: «بۇ ئادەم ئۆلۈمگە لايىق ئەمەس؛ چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ نامىدا بىزگە سۆزلىدى» ــ دېدى. | 16 |
Əmirlǝr wǝ barliⱪ hǝlⱪ kaⱨinlarƣa wǝ pǝyƣǝmbǝrlǝrgǝ: «Bu adǝm ɵlümgǝ layiⱪ ǝmǝs; qünki u Pǝrwǝrdigar Hudayimizning namida bizgǝ sɵzlidi» — dedi.
ئاندىن زېمىندىكى بەزى ئاقساقاللار ئورنىدىن تۇرۇپ خەلق كېڭىشىگە مۇنداق دېدى: ــ | 17 |
Andin zemindiki bǝzi aⱪsaⱪallar ornidin turup hǝlⱪ kengixigǝ mundaⱪ dedi: —
«مورەشەتلىك مىكاھ يەھۇدا پادىشاھى ھەزەكىيانىڭ كۈنلىرىدە بارلىق يەھۇدا خەلقىگە بېشارەت بېرىپ: ــ «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ زىئون تېغى ئېتىزدەك ئاغدۇرۇلىدۇ، يېرۇسالېم دۆڭ-تۆپىلەر بولۇپ قالىدۇ، «ئۆي جايلاشقان تاغ» بولسا، ئورمانلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى جايلارلا بولىدۇ، خالاس» ــ دېگەنىدى. | 18 |
«Morǝxǝtlik Mikaⱨ Yǝⱨuda padixaⱨi Ⱨǝzǝkiyaning künliridǝ barliⱪ Yǝⱨuda hǝlⱪigǝ bexarǝt berip: — «Samawi ⱪoxunlarning Sǝrdari bolƣan Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: — Zion teƣi etizdǝk aƣdurulidu, Yerusalem dɵng-tɵpilǝr bolup ⱪalidu, «Ɵy jaylaxⱪan taƣ» bolsa, Ormanliⱪning otturisidiki yuⱪiri jaylarla bolidu, halas» — degǝnidi.
يەھۇدا پادىشاھى ھەزەكىيا ۋە بارلىق يەھۇدا خەلقى مىكاھنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلغانمۇ؟ ھەزەكىيا پەرۋەردىگاردىن قورقۇپ، پەرۋەردىگاردىن ئۆتۈنگەن ئەمەسمۇ؟ ۋە پەرۋەردىگار ئۇلارغا قىلماقچى بولۇپ جاكارلىغان كۈلپەتتىن يانغان ئەمەسمۇ؟ بىز [بۇ يولدىن يانمىساق] ئۆز جېنىمىز ئۈستىگە زور بىر كۈلپەتنى چۈشۈرگەن بولمامدىمىز؟». | 19 |
Yǝⱨuda padixaⱨi Ⱨǝzǝkiya wǝ barliⱪ Yǝⱨuda hǝlⱪi Mikaⱨni ɵlümgǝ mǝⱨkum ⱪilƣanmu? Ⱨǝzǝkiya Pǝrwǝrdigardin ⱪorⱪup, Pǝrwǝrdigardin ɵtüngǝn ǝmǝsmu? Wǝ Pǝrwǝrdigar ularƣa ⱪilmaⱪqi bolup jakarliƣan külpǝttin yanƣan ǝmǝsmu? Biz [bu yoldin yanmisaⱪ] ɵz jenimiz üstigǝ zor bir külpǝtni qüxürgǝn bolmamdimiz?».
(پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا يەرەمىيانىڭ بارلىق دېگەنلىرىدەك بۇ شەھەرنى ۋە بۇ زېمىننى ئەيىبلەپ بېشارەت بەرگەن، كىرىئات-يېئارىملىق شەمايانىڭ ئوغلى ئۇرىيا ئىسىملىك يەنە بىر ئادەم بار ئىدى. | 20 |
(Pǝrwǝrdigarning namida Yǝrǝmiyaning barliⱪ degǝnliridǝk bu xǝⱨǝrni wǝ bu zeminni ǝyiblǝp bexarǝt bǝrgǝn, Kiriat-Yearimliⱪ Xǝmayaning oƣli Uriya isimlik yǝnǝ bir adǝm bar idi.
پادىشاھ يەھوئاكىم ۋە بارلىق پالۋانلىرى، بارلىق ئەمىرلىرى ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندا، پادىشاھ ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە ئىنتىلگەن؛ لېكىن ئۇرىيا بۇنى ئاڭلىغاندا قورقۇپ، مىسىرغا قاچتى. | 21 |
Padixaⱨ Yǝⱨoakim wǝ barliⱪ palwanliri, barliⱪ ǝmirliri uning sɵzlirini angliƣanda, padixaⱨ uni ɵltürüxkǝ intilgǝn; lekin Uriya buni angliƣanda ⱪorⱪup, Misirƣa ⱪaqti.
لېكىن يەھوئاكىم چاپارمەنلەرنى، يەنى ئاكبورنىڭ ئوغلى ئەلناتان ۋە باشقىلارنى مىسىرغا ئەۋەتكەن؛ | 22 |
Lekin Yǝⱨoakim qaparmǝnlǝrni, yǝni Akborning oƣli Əlnatan wǝ baxⱪilarni Misirƣa ǝwǝtkǝn;
ئۇلار ئۇرىيانى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ پادىشاھ يەھوئاكىمنىڭ ئالدىغا ئاپارغان؛ ئۇ ئۇنى قىلىچلاپ، جەسىتىنى پۇقرالارنىڭ گۆرلۈكىگە تاشلىۋەتكەن). | 23 |
ular Uriyani Misirdin elip qiⱪip padixaⱨ Yǝⱨoakimning aldiƣa aparƣan; u uni ⱪiliqlap, jǝsitini puⱪralarning gɵrlükigǝ taxliwǝtkǝn.)
ــ ھالبۇكى، شۇ چاغدا شافاننىڭ ئوغلى ئاھىكام ئۇلارنىڭ يەرەمىيانى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىپ خەلقنىڭ قولىغا تاپشۇرماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنى قوللىدى. | 24 |
— Ⱨalbuki, xu qaƣda Xafanning oƣli Aⱨikam ularning Yǝrǝmiyani ɵlümgǝ mǝⱨkum ⱪilip hǝlⱪning ⱪoliƣa tapxurmasliⱪi üqün, uni ⱪollidi.