< يەرەمىيا 25 >
يوسىيانىڭ ئوغلى، يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاكىمنىڭ تۆتىنچى يىلىدا (يەنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ بىرىنچى يىلىدا) يەھۇدانىڭ بارلىق خەلقى توغرۇلۇق يەرەمىياغا كەلگەن سۆز، ــ | 1 |
猶大王約西亞的兒子約雅敬第四年,就是巴比倫王尼布甲尼撒的元年,耶和華論猶大眾民的話臨到耶利米。
بۇ سۆزنى يەرەمىيا پەيغەمبەر يەھۇدانىڭ بارلىق خەلقى ۋە يېرۇسالېمدا بارلىق تۇرۇۋاتقانلارغا ئېيتىپ مۇنداق دېدى: ــ | 2 |
先知耶利米就將這話對猶大眾人和耶路撒冷的一切居民說:
ئاموننىڭ ئوغلى، يەھۇدا پادىشاھى يوسىيانىڭ ئون ئۈچىنچى يىلىدىن باشلاپ بۈگۈنكى كۈنگىچە، بۇ يىگىرمە ئۈچ يىل پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ تۇرغان ۋە مەن تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنى سىلەرگە سۆزلەپ كەلدىم، لېكىن سىلەر ھېچ قۇلاق سالمىدىڭلار؛ | 3 |
「從猶大王亞們的兒子約西亞十三年直到今日,這二十三年之內,常有耶和華的話臨到我;我也對你們傳說,就是從早起來傳說,只是你們沒有聽從。
ۋە پەرۋەردىگار سىلەرگە بارلىق خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ كەلگەن؛ ئۇ تاڭ سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇلارنى ئەۋەتىپ كەلگەن؛ لېكىن سىلەر قۇلاق سالماي ھېچ ئاڭلىمىدىڭلار. | 4 |
耶和華也從早起來,差遣他的僕人眾先知到你們這裏來(只是你們沒有聽從,也沒有側耳而聽),
ئۇلار: «سىلەر ھەربىرىڭلار يامان يولۇڭلاردىن ۋە قىلمىشلىرىڭلارنىڭ رەزىللىكىدىن توۋا قىلىپ يانساڭلار، مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ۋە ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قەدىمدىن تارتىپ مەڭگۈگىچە تەقدىم قىلغان زېمىندا تۇرۇۋېرىسىلەر. | 5 |
說:『你們各人當回頭,離開惡道和所作的惡,便可居住耶和華古時所賜給你們和你們列祖之地,直到永遠。
باشقا ئىلاھلارغا ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ قۇللۇقىدا بولۇپ چوقۇنماڭلار؛ مېنى قوللىرىڭلار ياسىغانلار بىلەن غەزەپلەندۈرمەڭلار؛ مەن سىلەرگە ھېچ يامانلىق كەلتۈرمەيمەن» ــ دەپ جاكارلىغان. | 6 |
不可隨從別神事奉敬拜,以你們手所做的惹我發怒;這樣,我就不加害與你們。
لېكىن سىلەر ماڭا قۇلاق سالمىدىڭلار، مېنى قوللىرىڭلار ياسىغانلار بىلەن غەزەپلەندۈرۈپ ئۆزۈڭلارغا زىيان كەلتۈردۈڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 7 |
然而你們沒有聽從我,竟以手所做的惹我發怒,陷害自己。這是耶和華說的。』」
شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سىلەر مېنىڭ سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىغان بولغاچقا، | 8 |
所以萬軍之耶和華如此說:「因為你們沒有聽從我的話,
مانا، مەن شىمالدىكى ھەممە جەمەتلەرنى ۋە مېنىڭ قۇلۇمنى، يەنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنى چاقىرتىمەن، ئۇلارنى بۇ زېمىنغا، ئۇنىڭدا بارلىق تۇرۇۋاتقانلارغا ھەمدە ئەتراپتىكى ھەممە ئەللەرگە قارشىلىشىشقا ئېلىپ كېلىمەن؛ مەن [مۇشۇ زېمىندىكىلەر ۋە ئەتراپتىكى ئەللەرنى] پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىپ، ئۇلارنى تولىمۇ ۋەھىمىلىك قىلىمەن ھەم ئۇش-ئۇش ئوبيېكتى، دائىملىق بىر خارابىلىك قىلىمەن؛ | 9 |
我必召北方的眾族和我僕人巴比倫王尼布甲尼撒來攻擊這地和這地的居民,並四圍一切的國民。我要將他們盡行滅絕,以致他們令人驚駭、嗤笑,並且永久荒涼。這是耶和華說的。
مەن ئۇلاردىن تاماشىنىڭ ساداسىنى، شاد-خۇراملىق ساداسىنى، تويى بولۇۋاتقان يىگىت-قىزىنىڭ ئاۋازىنى، تۈگمەن تېشىنىڭ ساداسىنى ۋە چىراغ نۇرىنى مەھرۇم قىلىمەن؛ | 10 |
我又要使歡喜和快樂的聲音,新郎和新婦的聲音,推磨的聲音和燈的亮光,從他們中間止息。
بۇ پۈتكۈل زېمىن ۋەيرانە ۋە دەھشەت سالغۇچى ئوبيېكت بولىدۇ، ۋە بۇ ئەللەر بابىل پادىشاھىنىڭ يەتمىش يىل قۇللۇقىدا بولىدۇ. | 11 |
這全地必然荒涼,令人驚駭。這些國民要服事巴比倫王七十年。
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، يەتمىش يىل توشقاندا، مەن بابىل پادىشاھىنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئېلىنىڭ بېشىغا، شۇنداقلا كالدىيلەرنىڭ زېمىنى ئۈستىگە ئۆز قەبىھلىكىنى چۈشۈرۈپ، ئۇنى مەڭگۈگە خارابىلىك قىلىمەن. | 12 |
七十年滿了以後,我必刑罰巴比倫王和那國民,並迦勒底人之地,因他們的罪孽使那地永遠荒涼。這是耶和華說的。
شۇنىڭ بىلەن مەن شۇ زېمىن ئۈستىگە مەن ئۇنى ئەيىبلىگەن بارلىق سۆزلىرىمنى، جۈملىدىن بۇ كىتابتا يېزىلغانلارنى، يەنى يەرەمىيانىڭ بارلىق ئەللەرنى ئەيىبلىگەن بېشارەتلىرىنى چۈشۈرىمەن. | 13 |
我也必使我向那地所說的話,就是記在這書上的話,是耶利米向這些國民說的預言,都臨到那地。
چۈنكى كۆپ ئەللەر ھەم ئۇلۇغ پادىشاھلار [بۇ پادىشاھ ھەم قوۋملىرىنىمۇ] قۇل قىلىدۇ؛ مەن ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى ۋە قوللىرى ياسىغانلىرى بويىچە ئۇلارنى جازالايمەن. | 14 |
因為有多國和大君王必使迦勒底人作奴僕;我也必照他們的行為,按他們手所做的報應他們。」
چۈنكى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ماڭا [ئالامەت كۆرۈنۈشتە] مۇنداق دېدى: ــ مېنىڭ قولۇمدىكى غەزىپىمگە تولغان قەدەھنى ئېلىپ، مەن سېنى ئەۋەتكەن بارلىق ئەللەرگە ئىچكۈزگىن؛ | 15 |
耶和華-以色列的上帝對我如此說:「你從我手中接這杯忿怒的酒,使我所差遣你去的各國的民喝。
ئۇلار ئىچىدۇ، ئۇيان-بۇيان ئىرغاڭلايدۇ ۋە مەن ئۇلار ئارىسىغا ئەۋەتكەن قىلىچ تۈپەيلىدىن ساراڭ بولىدۇ. | 16 |
他們喝了就要東倒西歪,並要發狂,因我使刀劍臨到他們中間。」
شۇڭا مەن بۇ قەدەھنى پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىن ئالدىم ۋە پەرۋەردىگار مېنى ئەۋەتكەن بارلىق ئەللەرگە ئىچكۈزدۈم، | 17 |
我就從耶和華的手中接了這杯,給耶和華所差遣我去的各國的民喝,
ــ يەنى يېرۇسالېمغا، يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىگە، ئۇنىڭ پادىشاھلىرىغا ۋە ئەمىر-شاھزادىلىرىگە، يەنى ئۇلارنى بۈگۈنكى كۈندىكىدەك بىر خارابە، ۋەھىمە، ئۇش-ئۇش ئوبيېكتى بولۇشقا ھەم لەنەت سۆزلىرى بولۇشقا قەدەھنى ئىچكۈزدۈم؛ | 18 |
就是耶路撒冷和猶大的城邑,並耶路撒冷的君王與首領,使這城邑荒涼,令人驚駭、嗤笑、咒詛,正如今日一樣。
مىسىر پادىشاھى پىرەۋنگە، خىزمەتكارلىرىغا، ئەمىر-شاھزادىلىرىغا ھەم خەلقىگە ئىچكۈزدۈم؛ | 19 |
又有埃及王法老和他的臣僕、首領,以及他的眾民,
بارلىق شالغۇت ئەللەر، ئۇز زېمىنىدىكى بارلىق پادىشاھلار، فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىدىكى بارلىق پادىشاھلار، ئاشكېلوندىكىلەر، گازادىكىلەر، ئەكروندىكىلەرگە ۋە ئاشدودنىڭ قالدۇقلىرىغا ئىچكۈزدۈم؛ | 20 |
並雜族的人民和烏斯地的諸王,與非利士地的諸王(亞實基倫、迦薩、以革倫,以及亞實突剩下的人);
ئېدومدىكىلەر، موئابدىكىلەر ۋە ئاممونىيلار، | 21 |
以東、摩押、亞捫人、
تۇرنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى ھەم زىدوننىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، دېڭىز بويىدىكى بارلىق پادىشاھلار، | 22 |
泰爾的諸王、西頓的諸王、海島的諸王、
دېداندىكىلەر، تېمادىكىلەر، بۇزدىكىلەر ۋە چېكە چاچلىرىنى چۈشۈرۈۋەتكەن ئەللەر، | 23 |
底但、提瑪、布斯,和一切剃周圍頭髮的;
ئەرەبىيەدىكى بارلىق پادىشاھلار ۋە چۆل-باياۋاندا تۇرۇۋاتقان شالغۇت ئەللەرنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، | 24 |
阿拉伯的諸王、住曠野雜族人民的諸王、
زىمرىدىكى بارلىق پادىشاھلار، ئېلامدىكى بارلىق پادىشاھلار، مېدىئالىقلارنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، | 25 |
心利的諸王、以攔的諸王、米底亞的諸王、
شىمالدىكى بارلىق پادىشاھلارغا، يىراقتىكى بولسۇن، يېقىندىكى بولسۇن، بىر-بىرلەپ ئىچكۈزدۇم؛ جاھاندىكى بارلىق پادىشاھلىقلارغا ئىچكۈزدۈم؛ ئۇلارنىڭ ئارقىدىن شېشاقنىڭ پادىشاھىمۇ [قەدەھنى] ئىچىدۇ. | 26 |
北方遠近的諸王,以及天下地上的萬國喝了,以後示沙克王也要喝。
ئاندىن سەن ئۇلارغا: «ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئىچىڭلار، مەست بولۇڭلار، قۇسۇڭلار، مەن ئاراڭلارغا ئەۋەتكەن قىلىچ تۈپەيلىدىن يىقىلىپ قايتىدىن دەس تۇرماڭلار» ــ دېگىن. | 27 |
「你要對他們說:『萬軍之耶和華-以色列的上帝如此說:你們要喝,且要喝醉,要嘔吐,且要跌倒,不得再起來,都因我使刀劍臨到你們中間。』
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ئۇلار قولۇڭدىن ئېلىپ ئىچىشنى رەت قىلسا، سەن ئۇلارغا: «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەر چوقۇم ئىچىسىلەر!» ــ دېگىن. | 28 |
「他們若不肯從你手接這杯喝,你就要對他們說:『萬軍之耶和華如此說:你們一定要喝!
چۈنكى مانا، مەن ئۆز نامىم بىلەن ئاتالغان شەھەر ئۈستىگە ئاپەت چۈشۈرگىلى تۇرغان يەردە، سىلەر جازالانماي قالامسىلەر؟ سىلەر جازالانماي قالمايسىلەر؛ چۈنكى مەن يەر يۈزىدە بارلىق تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئۈستىگە قىلىچنى چۈشۈشكە چاقىرىمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. | 29 |
我既從稱為我名下的城起首施行災禍,你們能盡免刑罰嗎?你們必不能免,因為我要命刀劍臨到地上一切的居民。這是萬軍之耶和華說的。』
ئەمدى سەن [يەرەمىيا]، ئۇلارغا مۇشۇ بېشارەتنىڭ سۆزلىرىنىڭ ھەممىسىنى جاكارلىغىن: ــ پەرۋەردىگار يۇقىرىدىن شىردەك ھۆركىرەيدۇ، ئۆز مۇقەددەس تۇرالغۇسىدىن ئۇ ئاۋازىنى قويۇۋېتىدۇ؛ ئۇ ئۆزى تۇرۇۋاتقان جايى ئۈستىگە ھۆركىرەيدۇ؛ ئۇ ئۈزۈم چەيلىگۈچىلەر توۋلىغاندەك يەر يۈزىدە بارلىق تۇرۇۋاتقانلارنى ئەيىبلەپ توۋلايدۇ. | 30 |
「所以你要向他們預言這一切的話,攻擊他們,說: 耶和華必從高天吼叫, 從聖所發聲, 向自己的羊群大聲吼叫; 他要向地上一切的居民吶喊, 像踹葡萄的一樣。
ساداسى يەر يۈزىنىڭ چەتلىرىگىچە يېتىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەللەر بىلەن دەۋاسى بار؛ ئۇ ئەت ئىگىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛ رەزىللەرنى بولسا، ئۇلارنى قىلىچقا تاپشۇرىدۇ؛ ــ پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ. | 31 |
必有響聲達到地極, 因為耶和華與列國相爭; 凡有血氣的,他必審問; 至於惡人,他必交給刀劍。 這是耶和華說的。
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، بالايىئاپەت ئەلدىن ئەلگە ھەممىسى ئۈستىگە چىقىپ تارقىلىدۇ؛ يەر يۈزىنىڭ چەت-چەتلىرىدىن دەھشەتلىك بۇران-چاپقۇن چىقىدۇ. | 32 |
萬軍之耶和華如此說: 看哪,必有災禍從這國發到那國, 並有大暴風從地極颳起。
پەرۋەردىگار ئۆلتۈرگەنلەر يەرنىڭ بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگىچە ياتىدۇ؛ ئۇلارغا ماتەم تۇتۇلمايدۇ، ئۇلار بىر يەرگە يىغىلمايدۇ، ھېچ كۆمۈلمەيدۇ؛ ئۇلار يەر يۈزىدە تېزەكتەك ياتىدۇ. | 33 |
「到那日,從地這邊直到地那邊都有耶和華所殺戮的。必無人哀哭,不得收殮,不得葬埋,必在地上成為糞土。
ئى باققۇچىلار، زارلاڭلار، نالە كۆتۈرۈڭلار! توپا-چاڭ ئىچىدە ئېغىنىڭلار، ئى پادا يېتەكچىلىرى! چۈنكى قىرغىن قىلىنىش كۈنلىرىڭلار يېتىپ كەلدى، مەن سىلەرنى تارقىتىۋېتىمەن؛ سىلەر ئۆرۈلگەن ئېسىل چىنىدەك پارچە-پارچە چېقىلىسىلەر. | 34 |
牧人哪,你們當哀號,呼喊; 群眾的頭目啊,你們要滾在灰中; 因為你們被殺戮分散的日子足足來到。 你們要跌碎,好像美器打碎一樣。
پادا باققۇچىلىرىنىڭ باشپاناھى، پادا يېتەكچىلىرىنىڭ قاچار يولى يوقاپ كېتىدۇ. | 35 |
牧人無路逃跑; 群眾的頭目也無法逃脫。
باققۇچىلارنىڭ ئازابلىق پەريادى، پادا يېتەكچىلىرىنىڭ زارلاشلىرى ئاڭلىنىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ يايلاقلىرىنى ۋەيران قىلاي دەۋاتىدۇ؛ | 36 |
聽啊,有牧人呼喊, 有群眾頭目哀號的聲音, 因為耶和華使他們的草場變為荒場。
پەرۋەردىگارنىڭ دەھشەتلىك غەزىپى تۈپەيلىدىن، تىنچلىق قوتانلىرى خارابە بولىدۇ. | 37 |
耶和華發出猛烈的怒氣, 平安的羊圈就都寂靜無聲。
پەرۋەردىگار ئۆز ئۇۋىسىنى تاشلاپ چىققان شىردەكتۇر؛ ئەزگۈچىنىڭ ۋەھشىيلىكى تۈپەيلىدىن، ۋە [پەرۋەردىگارنىڭ] دەھشەتلىك غەزىپى تۈپەيلىدىن، ئۇلارنىڭ زېمىنى ۋەيرانە بولماي قالمايدۇ. | 38 |
他離了隱密處像獅子一樣, 他們的地,因刀劍凶猛的欺壓, 又因他猛烈的怒氣都成為可驚駭的。」