بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار يېرۇسالېمدىن يەھوئاكىمنىڭ ئوغلى، يەھۇدا پادىشاھى يەكونىياھ، يەھۇدا ئەمىر-شاھزادىلىرى، ھۈنەرۋەنلەر ۋە تۆمۈرچىلەرنى ئەسىرگە ئېلىپ بابىلغا سۈرگۈن قىلغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار ماڭا ئۆز ئىبادەتخانىسى ئالدىدىكى ئىككى سېۋەت ئەنجۈرنى «مانا كۆر» دەپ كۆرسەتكەن. | 1 |
پس از آنکه نِبوکَدنِصَّر، پادشاه بابِل، یهویاکین (پسر یهویاقیم) پادشاه یهودا را همراه با بزرگان یهودا و صنعتگران و آهنگران به بابِل به اسارت برد، خداوند در رؤیا، دو سبد انجیر به من نشان داد که در مقابل خانهٔ خداوند در اورشلیم قرار داشتند. |
بىر سېۋەتتە دەسلەپكى پىشقان ئەنجۈردەك ئىنتايىن ياخشى ئەنجۈرلەر بار ئىدى؛ ئىككىنچى سېۋەتتە يېگىلى بولمايدىغان، ئىنتايىن ناچار ئەنجۈرلەر بار ئىدى. | 2 |
در یک سبد انجیرهای رسیده و تازه بودند و در سبد دیگر انجیرهای بد و گندیدهای که نمیشد خورد. |
ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا: «نېمە كۆردۈڭ، يەرەمىيا؟» ــ دەپ سورىدى. مەن: «ئەنجۈرلەرنى كۆردۈم؛ ياخشىلىرى بولسا ئىنتايىن ياخشىكەن؛ ناچارلىرى يېگىلى بولمايدىغان، ئىنتايىن ناچار ئىكەن» ــ دېدىم. | 3 |
خداوند به من فرمود: «ارمیا، چه میبینی؟» جواب دادم: «انجیر! انجیرهای خوب خیلی خوبند؛ ولی انجیرهای بد آنقدر بدند که نمیشود خورد.» |
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ | 4 |
آنگاه کلام خداوند بر من نازل شده، گفت: |
ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن يەھۇدادىن سۈرگۈن بولغانلارنى، يەنى مېنىڭ بۇ يەردىن كالدىيلەرنىڭ زېمىنىغا ئەۋەتكەنلىرىمنى بۇ ياخشى ئەنجۈرلەردەك ياخشى دەپ قارايمەن؛ | 5 |
«یهوه خدای اسرائیل چنین میفرماید:”انجیرهای خوب نمونهٔ تبعیدیان یهوداست که از این سرزمین به بابِل فرستادهام. |
مەن ئۇلارغا ياخشى بولسۇن دەپ كۆزۈمنى ئۇلارغا تىكىمەن ۋە ئۇلارنى بۇ زېمىنغا قايتۇرىمەن؛ مەن ئۇلارنى غۇلىتىپ تاشلىمايمەن، بەلكى ئۇلارنى قۇرىمەن؛ ئۇلارنى يۇلۇپ تاشلىمايمەن، بەلكى تىكىپ ئۆستۈرىمەن. | 6 |
من بر آنان نظر لطف انداخته، مراقب خواهم بود که در آنجا با ایشان خوشرفتاری شود و ایشان را به این سرزمین باز خواهم گرداند؛ من نخواهم گذاشت ایشان ریشهکن و نابود شوند بلکه ایشان را حمایت کرده، استوار خواهم ساخت. |
مەن ئۇلارغا مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىدىغان، مېنى تونۇيدىغان بىر قەلبنى تەقدىم قىلىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ، مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن؛ چۈنكى ئۇلار پۈتۈن قەلبى بىلەن يېنىمغا قايتىدۇ. | 7 |
به ایشان دلی خواهم داد که مشتاق شناخت من باشد؛ آنها قوم من خواهند شد و من خدای ایشان، چون با تمام دل نزد من باز خواهند گشت.“ |
لېكىن ناچار ئەنجۈرلەر، يەنى يېگىلى بولمايدىغان، ئىنتايىن ناچار ئەنجۈرلەر قانداق بولغان بولسا، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ بەرھەق، مەن يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيانى، ئەمىر-شاھزادىلىرىنى ۋە يېرۇسالېمدىكىلەرنىڭ قالغان قىسمىنى، بۇ زېمىندا قالغانلارنى ۋە مىسىردا تۇرۇۋاتقانلارنى شۇنىڭغا ئوخشاش قىلىمەن؛ | 8 |
«ولی انجیرهای بد، نمونهٔ صدقیا، پادشاه یهودا، اطرافیان او و بقیهٔ مردم اورشلیم است که در این سرزمین باقی ماندهاند و یا در مصر ساکنند. من با ایشان همان کاری را خواهم کرد که با انجیرهای گندیدهٔ بیمصرف میکنند. |
مەن ئۇلارنى يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارغا ۋەھىمە سالغۇچى بىر ئوبيېكت بولۇشقا، كۈلپەتكە چۈشۈشكە تاپشۇرىمەن؛ مەن ئۇلارنى ھەيدىۋەتكەن بارلىق جايلاردا ئۇلارنى رەسۋاچىلىقنىڭ ئوبيېكتى، سۆز-چۆچەك، تاپا-تەنىنىڭ ئوبيېكتى ۋە لەنەت سۆزلىرى بولۇشقا تاپشۇرىمەن. | 9 |
ایشان را مورد نفرت تمام مردم دنیا قرار خواهم داد و در هر جایی که ایشان را آواره کنم، مورد تمسخر، سرزنش و نفرین واقع خواهند شد. |
مەن ئۇلارغا ھەم ئاتا-بوۋىلىرىغا تەقدىم قىلغان زېمىندىن يوقىتىلغۇچە ئۇلار ئارىسىغا قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابانى ئەۋەتىمەن. | 10 |
همه را گرفتار جنگ و قحطی و بیماری خواهم نمود تا از سرزمین اسرائیل که آن را به ایشان و به پدرانشان دادم، محو و نابود شوند.» |