< يەرەمىيا 21 >

پادىشاھ زەدەكىيا مالكىيانىڭ ئوغلى پاشخۇرنى ھەم مائاسېياھنىڭ ئوغلى، كاھىن زەفانىيانى ئەۋەتكەندە، يەرەمىياغا پەرۋەردىگاردىن تۆۋەندىكى مۇنۇ بىر سۆز كەلدى: ــ 1
Padishah Zedekiya Malkiyaning oghli Pashxurni hem Maaséyahning oghli, kahin Zefaniyani ewetkende, Yeremiyagha Perwerdigardin töwendiki munu bir söz keldi: —
([ئۇلار]: «بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگاردىن ياردەم سورىغىن؛ چۈنكى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار بىزگە ھۇجۇم قىلىدۇ؛ پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ [ئۆتكەنكى] كارامەت قىلغان ئىشلىرى بويىچە، بىزگىمۇ ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنى يېنىمىزدىن ياندۇرارمىكىن؟» ــ [دەپ سورىدى]. 2
([Ular]: «Biz üchün Perwerdigardin yardem sorighin; chünki Babil padishahi Néboqadnesar bizge hujum qilidu; Perwerdigar Özining [ötkenki] karamet qilghan ishliri boyiche, bizgimu oxshash muamile qilip, uni yénimizdin yandurarmikin?» — [dep soridi].
يەرەمىيا ئۇلارغا: ــ زەدەكىياغا مۇنداق دەڭلار، ــ دېدى) 3
Yeremiya ulargha: — Zedekiyagha mundaq denglar, — dédi)
ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن قوللىرىڭلار تۇتقان، سىلەرنى قورشىۋالغان بابىل پادىشاھى ھەم كالدىيلەرگە سېپىل سىرتىدا جەڭ قىلىشقا ئىشلىتىدىغان، جەڭ قوراللىرىڭلارنى قايرىۋېتىمەن ۋە بۇلارنى بۇ شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا يىغىۋالىمەن؛ 4
— Israilning Xudasi Perwerdigar mundaq deydu: — Mana, Men qolliringlar tutqan, silerni qorshiwalghan Babil padishahi hem kaldiylerge sépil sirtida jeng qilishqa ishlitidighan, jeng qoralliringlarni qayriwétimen we bularni bu sheherning otturisida yighiwalimen;
مەن ئۆزۈممۇ سوزۇلغان قولۇم ۋە كۈچلۈك بىلىكىم بىلەن، غەزىپىم بىلەن، قەھرىم بىلەن ۋە ھەسسىلەنگەن ئاچچىقىم بىلەن سىلەرگە جەڭ قىلىمەن! 5
Men Özümmu sozulghan qolum we küchlük bilikim bilen, ghezipim bilen, qehrim bilen we hessilen’gen achchiqim bilen silerge jeng qilimen!
مەن بۇ شەھەردە تۇرۇۋاتقانلارنى، ئىنسان بولسۇن، ھايۋان بولسۇن ئۇرىمەن؛ ئۇلار دەھشەتلىك بىر ۋابا بىلەن ئۆلىدۇ. 6
Men bu sheherde turuwatqanlarni, insan bolsun, haywan bolsun urimen; ular dehshetlik bir waba bilen ölidu.
ئاندىن كېيىن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيانى، خىزمەتكارلىرىنى، خەلقنى، يەنى بۇ شەھەردە ۋابادىن، قىلىچتىن ۋە قەھەتچىلىكتىن قېلىپ قالغانلار بولسا، مەن ئۇلارنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ قولىغا، ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا ۋە جېنىنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ نېبوقادنەسار ئۇلارنى قىلىچ تىغى بىلەن ئۇرىدۇ؛ ئۇ نە ئۇلارنى ئايىمايدۇ، نە ئۇلارغا ئىچىنى ھېچ ئاغرىتمايدۇ، نە رەھىم قىلمايدۇ. 7
Andin kéyin, — deydu Perwerdigar, — Yehuda padishahi Zedekiyani, xizmetkarlirini, xelqni, yeni bu sheherde wabadin, qilichtin we qehetchiliktin qélip qalghanlar bolsa, Men ularni Babil padishahi Néboqadnesarning qoligha, ularning düshmenlirining qoligha we jénini izdigüchilerning qoligha tapshurimen; Néboqadnesar ularni qilich tighi bilen uridu; u ne ularni ayimaydu, ne ulargha ichini héch aghritmaydu, ne rehim qilmaydu.
لېكىن سەن بۇ خەلققە مۇنداق دېيىشىڭ كېرەك: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئالدىڭلاردا ھايات يولى ۋە مامات يولىنى سالىمەن؛ 8
Lékin sen bu xelqqe mundaq déyishing kérek: «Perwerdigar mundaq deydu: — Mana, Men aldinglarda hayat yoli we mamat yolini salimen;
كىم بۇ شەھەردە قالماقچى بولسا، قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابا بىلەن ئۆلىدۇ؛ لېكىن كىم شەھەردىن چىقىپ، سىلەرنى قورشىۋالغان كالدىيلەرگە تەسلىم بولسا، ئۇ ھايات قالىدۇ؛ ئۇنىڭ جېنى ئۆزىگە ئالغان ئولجىدەك بولىدۇ. 9
kim bu sheherde qalmaqchi bolsa, qilich, qehetchilik we waba bilen ölidu; lékin kim sheherdin chiqip, silerni qorshiwalghan kaldiylerge teslim bolsa, u hayat qalidu; uning jéni özige alghan oljidek bolidu.
چۈنكى مەن بۇ شەھەرگە ياخشىلىق ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى يامانلىق قىلىش ئۈچۈن يۈزۈمنى قاراتقۇزدۇم، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ئۇ بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ، ئۇ ئۇنى ئوت سېلىپ كۆيدۈرىۋېتىدۇ. 10
Chünki Men bu sheherge yaxshiliq üchün emes, belki yamanliq qilish üchün yüzümni qaratquzdum, — deydu Perwerdigar; u Babil padishahining qoligha tapshurulidu, u uni ot sélip köydüriwétidu.
ۋە يەھۇدا پادىشاھىنىڭ جەمەتى توغرۇلۇق پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار: ــ 11
We Yehuda padishahining jemeti toghruluq Perwerdigarning sözini anglanglar: —
ئى داۋۇتنىڭ جەمەتى، پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ھەر ئەتىگەندە ئادالەت بىلەن ھۆكۈم چىقىرىڭلار، بۇلانغان كىشىنى ئەزگۈچىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇڭلار؛ بولمىسا، قىلغانلىرىڭلارنىڭ رەزىللىكى تۈپەيلىدىن، قەھرىم پارتلاپ، ئوتتەك ھەممىنى كۆيدۈرىدۇ؛ ئۇنى ئۆچۈرەلەيدىغان ھېچكىم بولمايدۇ؛ 12
I Dawutning jemeti, Perwerdigar mundaq deydu: — her etigende adalet bilen höküm chiqiringlar, bulan’ghan kishini ezgüchining qolidin qutquzunglar; bolmisa, qilghanliringlarning rezilliki tüpeylidin, qehrim partlap, ottek hemmini köydüridu; uni öchüreleydighan héchkim bolmaydu;
مانا، مەن ساڭا قارشىدۇرمەن، ئى جىلغا ئۈستىدە، تۈزلەڭلىكتىكى قىيادا ئولتۇرغۇچى، يەنى «كىم ئۈستىمىزگە چۈشۈپ ھۇجۇم قىلالىسۇن، كىم ئۆيلىرىمىزگە بېسىپ كىرەلىسۇن؟!» دېگۈچى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 13
Mana, Men sanga qarshidurmen, i jilgha üstide, tüzlengliktiki qiyada olturghuchi, yeni «Kim üstimizge chüshüp hujum qilalisun, kim öylirimizge bésip kirelisun?!» dégüchi, — deydu Perwerdigar.
مەن سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلارنىڭ مېۋىسى بويىچە سىلەرگە يېقىنلىشىپ جازالايمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ۋە مەن ئۇنىڭ ئورمانلىقىدا بىر ئوت ياقىمەن، ئۇ بولسا ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ھەممىنى كۆيدۈرۈپ تۈگىتىدۇ. 14
Men silerning qilmishinglarning méwisi boyiche silerge yéqinliship jazalaymen, — deydu Perwerdigar; we Men uning ormanliqida bir ot yaqimen, u bolsa uning etrapidiki hemmini köydürüp tügitidu.

< يەرەمىيا 21 >