< يەرەمىيا 21 >
پادىشاھ زەدەكىيا مالكىيانىڭ ئوغلى پاشخۇرنى ھەم مائاسېياھنىڭ ئوغلى، كاھىن زەفانىيانى ئەۋەتكەندە، يەرەمىياغا پەرۋەردىگاردىن تۆۋەندىكى مۇنۇ بىر سۆز كەلدى: ــ | 1 |
Parole du Seigneur qui vint à Jérémie, quand le roi Sédécias lui eut envoyé Paschor, fils de Melchias, et Sophonie, fils de Balaie le prêtre, disant:
([ئۇلار]: «بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگاردىن ياردەم سورىغىن؛ چۈنكى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار بىزگە ھۇجۇم قىلىدۇ؛ پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ [ئۆتكەنكى] كارامەت قىلغان ئىشلىرى بويىچە، بىزگىمۇ ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنى يېنىمىزدىن ياندۇرارمىكىن؟» ــ [دەپ سورىدى]. | 2 |
Interroge le Seigneur à notre sujet; car le roi de Babylone s'est levé contre nous; demande si le Seigneur fera selon ses merveilles, et si l'ennemi s'éloignera de nous.
يەرەمىيا ئۇلارغا: ــ زەدەكىياغا مۇنداق دەڭلار، ــ دېدى) | 3 |
Et Jérémie leur répondit: Parlez ainsi à Sédécias, roi de Juda:
ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن قوللىرىڭلار تۇتقان، سىلەرنى قورشىۋالغان بابىل پادىشاھى ھەم كالدىيلەرگە سېپىل سىرتىدا جەڭ قىلىشقا ئىشلىتىدىغان، جەڭ قوراللىرىڭلارنى قايرىۋېتىمەن ۋە بۇلارنى بۇ شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا يىغىۋالىمەن؛ | 4 |
Voici ce que dit le Seigneur: Je ferai retourner contre vous les armes que vous prendrez pour combattre les Chaldéens, qui vous assiègent et entourent vos remparts; et je rassemblerai ceux-ci au milieu de votre ville,
مەن ئۆزۈممۇ سوزۇلغان قولۇم ۋە كۈچلۈك بىلىكىم بىلەن، غەزىپىم بىلەن، قەھرىم بىلەن ۋە ھەسسىلەنگەن ئاچچىقىم بىلەن سىلەرگە جەڭ قىلىمەن! | 5 |
Et je vous combattrai dans les transports d'une grande colère avec ma main étendue et mon bras tout-puissant.
مەن بۇ شەھەردە تۇرۇۋاتقانلارنى، ئىنسان بولسۇن، ھايۋان بولسۇن ئۇرىمەن؛ ئۇلار دەھشەتلىك بىر ۋابا بىلەن ئۆلىدۇ. | 6 |
Et tout ce qui habite cette ville, hommes et bétail, je les frapperai d'une grande peste, et ils mourront,
ئاندىن كېيىن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيانى، خىزمەتكارلىرىنى، خەلقنى، يەنى بۇ شەھەردە ۋابادىن، قىلىچتىن ۋە قەھەتچىلىكتىن قېلىپ قالغانلار بولسا، مەن ئۇلارنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ قولىغا، ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا ۋە جېنىنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ نېبوقادنەسار ئۇلارنى قىلىچ تىغى بىلەن ئۇرىدۇ؛ ئۇ نە ئۇلارنى ئايىمايدۇ، نە ئۇلارغا ئىچىنى ھېچ ئاغرىتمايدۇ، نە رەھىم قىلمايدۇ. | 7 |
Et après cela voici ce que dit le Seigneur: Sédécias, roi de Juda, et ses serviteurs et ceux du peuple de cette ville, que la peste, la famine, et le glaive n'auront pas enlevés, je les livrerai à leurs ennemis qui en veulent à leur vie; et ceux-ci les passeront au fil de l'épée; je ne les épargnerai pas et je n'aurai d'eux aucune pitié.
لېكىن سەن بۇ خەلققە مۇنداق دېيىشىڭ كېرەك: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئالدىڭلاردا ھايات يولى ۋە مامات يولىنى سالىمەن؛ | 8 |
Et je dis à ce peuple: Ainsi parle le Seigneur: Voilà que j'ai mis devant vos yeux le chemin de la vie et le chemin de la mort;
كىم بۇ شەھەردە قالماقچى بولسا، قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابا بىلەن ئۆلىدۇ؛ لېكىن كىم شەھەردىن چىقىپ، سىلەرنى قورشىۋالغان كالدىيلەرگە تەسلىم بولسا، ئۇ ھايات قالىدۇ؛ ئۇنىڭ جېنى ئۆزىگە ئالغان ئولجىدەك بولىدۇ. | 9 |
Celui qui demeurera dans cette ville mourra par le glaive ou la famine; et celui qui en sortira pour se soumettre aux Chaldéens assiégeants vivra, et sa vie lui sera comme un butin, et il vivra.
چۈنكى مەن بۇ شەھەرگە ياخشىلىق ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى يامانلىق قىلىش ئۈچۈن يۈزۈمنى قاراتقۇزدۇم، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ئۇ بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ، ئۇ ئۇنى ئوت سېلىپ كۆيدۈرىۋېتىدۇ. | 10 |
Car j'ai arrêté ma face sur cette ville, pour son malheur, et non pour son bien. Elle sera livrée aux mains du roi de Babylone, elle sera brûlée par le feu.
ۋە يەھۇدا پادىشاھىنىڭ جەمەتى توغرۇلۇق پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار: ــ | 11 |
Maison du roi de Juda, écoutez la parole du Seigneur.
ئى داۋۇتنىڭ جەمەتى، پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ھەر ئەتىگەندە ئادالەت بىلەن ھۆكۈم چىقىرىڭلار، بۇلانغان كىشىنى ئەزگۈچىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇڭلار؛ بولمىسا، قىلغانلىرىڭلارنىڭ رەزىللىكى تۈپەيلىدىن، قەھرىم پارتلاپ، ئوتتەك ھەممىنى كۆيدۈرىدۇ؛ ئۇنى ئۆچۈرەلەيدىغان ھېچكىم بولمايدۇ؛ | 12 |
Maison de David, voici ce que dit le Seigneur: Rendez la justice dès le matin; marchez avec droiture et délivrez l'homme dépouillé des mains du spoliateur, afin que ma colère ne s'allume plus comme la flamme; car elle brûlera, et nul ne pourra l'éteindre.
مانا، مەن ساڭا قارشىدۇرمەن، ئى جىلغا ئۈستىدە، تۈزلەڭلىكتىكى قىيادا ئولتۇرغۇچى، يەنى «كىم ئۈستىمىزگە چۈشۈپ ھۇجۇم قىلالىسۇن، كىم ئۆيلىرىمىزگە بېسىپ كىرەلىسۇن؟!» دېگۈچى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 13 |
Voilà que je suis contre toi, habitant de la plaine dans la vallée de Sor, et contre vous tous qui dites: Qui nous effrayera? qui entrera dans nos demeures?
مەن سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلارنىڭ مېۋىسى بويىچە سىلەرگە يېقىنلىشىپ جازالايمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ۋە مەن ئۇنىڭ ئورمانلىقىدا بىر ئوت ياقىمەن، ئۇ بولسا ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ھەممىنى كۆيدۈرۈپ تۈگىتىدۇ. | 14 |
C'est moi. Je mettrai le feu à la forêt, et l'incendie dévorera tout ce qui l'entoure.