< يەرەمىيا 20 >
ئەمدى ئىممەرنىڭ ئوغلى، كاھىن پاشخۇر ــ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە «ئامانلىق ساقلاش بېگى»مۇ ئىدى، يەرەمىيانىڭ بۇ بېشارەتلەرنى بەرگەنلىكىنى ئاڭلىدى. | 1 |
Tedy usłyszawszy Fassur, syn Immerowy, kapłan, który był postanowiony przedniejszym w domu Pańskim, Jeremijasza prorokującego o tem;
پاشخۇر يەرەمىيا پەيغەمبەرنى ئۇرغۇزدى ۋە ئۇنىڭ پۇتىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى «بىنيامىننىڭ يۇقىرى دەرۋازىسى»نىڭ يېنىدىكى تاقاققا سالدى. | 2 |
Ubił Fassur Jeremijasza proroka, i dał go do więzienia, które było najwyższe w bramie Benjaminowej, a ta była przy domu Pańskim.
ئىككىنچى كۈنى، پاشخۇر يەرەمىيانى تاقاقتىن بوشاتتى؛ يەرەمىيا ئۇنىڭغا: ــ پەرۋەردىگار ئىسمىڭنى پاشخۇر ئەمەس، بەلكى «ماگور-مىسسابىب» دەپ ئاتىدى، دېدى. | 3 |
A nazajutrz, gdy wywiódł Fassur Jeremijasza z więzienia, rzekł do niego Jeremijasz: Nie nazwał cię Pan Fassurem, ale Magor Missabib.
ــ چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن سېنى ئۆزۈڭگە ۋە بارلىق ئاغىنىلىرىڭگە ۋەھىمە سالغۇچى ئوبيېكت قىلىمەن؛ ئۇلار دۈشمەنلىرىنىڭ قىلىچى بىلەن يىقىلىدۇ؛ سەن ئۆز كۆزۈڭ بىلەن بۇنى كۆرىسەن؛ مەن بارلىق يەھۇدانى بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ ئۇ ئۇلارنى بابىلغا سۈرگۈن قىلىپ ئېلىپ كېتىدۇ ھەمدە ئۇلارنى قىلىچ بىلەن ئۇرىدۇ. | 4 |
Bo tak mówi Pan: Oto Ja puszczę na cię strach, na cię i na wszystkich przyjaciół twoich, którzy upadną od miecza nieprzyjaciół swych, na co oczy twoje patrzyć będą; a wszystkiego Judę podam w ręce króla Babilońskiego, który ich zaprowadzi do Babil onu, i pozabija ich mieczem.
مەن بۇ شەھەرنىڭ ھەممە بايلىقلىرى ــ بارلىق مەھسۇلاتلىرى، بارلىق قىممەت نەرسىلىرى ۋە يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ بارلىق خەزىنىلىرىنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ ئۇلار ئۇلارنى ئولجا قىلىپ بۇلىۋېلىپ بابىلغا ئېلىپ كېتىدۇ. | 5 |
Dam też wszystkę majętność miasta tego, i wszstkę pracę jego, i wszystkie kosztowne rzeczy jego, i wszstkie skarby królów Judzkich dam w ręce nieprzyjaciół ich; i rozchwycą je, i zabiorą je, i zaprowadzą je do Babilonu.
سەن بولساڭ، ئى پاشخۇر، ھەممە ئۆيدىكىلىرىڭ بىرگە سۈرگۈن بولۇپ كېتىسىلەر؛ سەن بابىلغا كېلىسەن؛ سەن شۇ يەردە دۇنيادىن كېتىسەن، شۇ يەرگە كۆمۈلىسەن؛ سەن ھەم سېنىڭ يالغان بېشارەتلىرىڭگە قۇلاق سالغان ئاغىنىلىرىڭمۇ شۇنداق بولىدۇ. | 6 |
Ale ty, Fassurze! i wszyscy, którzy mieszkają w domu twym, pójdziecie w pojmanie, i do Babilonu przyjdziesz, i tam umrzesz, i tam pogrzebiony będziesz; ty i wszyscy miłujący cię, którymeś kłamliwie prorokował.
ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنى قايىل قىلىپ [پەيغەمبەرلىككە] كۆندۈردۈڭ، مەن شۇنداقلا كۆندۈرۈلدۈم؛ سەن مەندىن زور كەلدىڭ، شۇنداقلا غەلىبە قىلدىڭ؛ مەن پۈتۈن كۈن تاپا-تەنىنىڭ ئوبيېكتى بولىمەن؛ ھەممە كىشى مېنى مازاق قىلىدۇ. | 7 |
Namówiłeś mię, Panie! a dałem się namówić; mocniejszyś był niż ja, i przemogłeś; jestem na pośmiech każdy dzień, każdy się ze mnie naśmiewa.
مەن قاچانلا سۆز قىلسام، «زوراۋانلىق ھەم بۇلاڭچىلىق كېلىدۇ» دەپ جاكارلىشىم كېرەك؛ شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى مېنى پۈتۈن كۈن ئاھانەت ۋە مەسخىرىنىڭ ئوبيېكتى قىلىدۇ. | 8 |
Bo jakom począł mówić, wołam, dla gwałtu i spustoszenia krzyczę; bo mi słowo Pańskie jest ku pohańbieniu i na pośmiech każdy dzień.
لېكىن مەن: «مەن ئۇنى تىلغا ئالمايمەن، ۋە ياكى ئۇنىڭ نامى بىلەن ئىككىنچى سۆز قىلمايمەن» دېسەم، ئۇنىڭ سۆزى قەلبىمدە لاۋۇلداپ ئوت بولۇپ، سۆڭەكلىرىمگە قاپسالغان بىر يالقۇن بولىدۇ؛ ئىچىمگە سىغدۇرۇشقا ھالىم قالماي، ئېيتماي چىداپ تۇرالمايمەن. | 9 |
I rzekłem: Nie będę go wspominał, ani będę więcej mówił w imieniu jego; ale słowo Boże jest w sercu mojem, jako ogień pałający, zamkniony w kościach moich, którym usiłował zatrzymać, alem nie mógł.
شۇنداق، قىلىۋېرىمەن، گەرچە مەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ پىچىرلاشقان قەستلىرىنى ئاڭلىساممۇ؛ تەرەپ-تەرەپلەرنى ۋەھىمە باسىدۇ! «ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىڭلار! ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلايلى!» دەپ، بارلىق ئۈلپەت-ھەمراھلىرىم پۇتلىشىپ كېتىشىمنى پايلاپ يۈرمەكتە؛ ئۇلار «ئۇ بەلكىم ئالدىنار، شۇنداق بولغاندا بىز ئۇنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىمىز، ئۇنىڭدىن ئىنتىقام ئالالايمىز» دېيىشىۋاتىدۇ. | 10 |
Chociaż słyszę urąganie od wielu i od Magor Missabiba, mówiących: Powiedzcie co nań, a oznajmiemy to królowi. Wszyscy przyjaciele moi czyhają na upadek mój, mówiąc: Aza snać zwiedziony będzie, i przemożemy go, a pomścimy się nad nim.
لېكىن پەرۋەردىگار بولسا قۇدرەتلىك ۋە دەھشەتلىك بىر پالۋاندەك مەن بىلەن بىللىدۇر؛ شۇڭا ماڭا زىيانكەشلىك قىلغۇچىلار پۇتلىشىپ غەلىبە قىلالمايدۇ؛ ئۇلار مۇۋەپپەقىيەت قازانمىغاچقا، قاتتىق خىجىل بولۇپ يەرگە قاراپ قالىدۇ؛ ئۇلارنىڭ بۇ رەسۋاچىلىقى مەڭگۈلۈك بولۇپ، ھەرگىز ئۇنتۇلمايدۇ. | 11 |
Aleć Pan jest ze mną, jako mocarz straszny; przetoż ci, którzy mię prześladują, upadną, a nie przemogą; bardzo będą pohańbieni, że sobie niemądrze poczęli, hańba ich wieczna nie będzie zapamiętana.
ئەمدى سەن، ئى ھەققانىيلارنى سىنايدىغان، ئىنساننىڭ ۋىجدانى ۋە قەلبىنى كۆرىدىغان ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بولغان قىساسىڭنى ماڭا كۆرگۈزگەيسەن؛ چۈنكى مەن دەۋايىمنى ئالدىڭغا قويغانمەن. | 12 |
Przetoż, o Panie zastępów! który doświadczasz sprawiedliwego, który wypatrujesz nerki i serce, niech widzę pomstę twoję nad nimi; tobiem zaiste odkrył sprawę moję.
پەرۋەردىگارنى كۈي ئېيتىپ ماختاڭلار، ئۇنى مەدھىيىلەڭلەر؛ چۈنكى ئۇ نامرات كىشىنى رەزىللىك قىلغۇچىلاردىن قۇتقۇزغان. | 13 |
Śpiewajcież Panu, chwalcie Pana, że wybawił duszę ubogiego z ręki złośników.
مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمگە لەنەت بولسۇن؛ ئاپام مېنى تۇغقان كۈنى مۇبارەك بولمىسۇن! | 14 |
Przeklęty dzień, w którym się urodził; dzień, którego mię porodziła matka moja, niech nie będzie błogosławiony.
ئاتامغا خەۋەر ئېلىپ: «ساڭا ئوغۇل بالا تۇغۇلدى!» دەپ ئۇنى ئالامەت شادلاندۇرغان ئادەمگە لەنەت بولسۇن! | 15 |
Przeklęty mąż, który oznajmił ojcu memu, mówiąc: Urodziłoć się dziecię płci męskiej, aby go bardzo uweselił.
بۇ ئادەم پەرۋەردىگار رەھىم قىلماي غۇلاتقان شەھەرلەردەك بولسۇن؛ ئۇ ئەتىگەندە نالە، چۈشتە ئالاقزادىلىك چۇقانلىرىنى ئاڭلىسۇن ــ | 16 |
Niechże będzie on mąż jako miasta, które Pan podwrócił, a nie żałował tego; niech słyszy krzyk z poranku, i narzekanie czasu południa.
چۈنكى ئۇ مېنى بالىياتقۇدىن چۈشكىنىمدىلا ئۆلتۈرۈۋەتمىگەن؛ ئاپام مېنىڭ گۆرۈم بولسىئىدى، ئۇنىڭ قورسىقى مەن بىلەن تەڭ ھەمىشە چوڭ بولسىئىدى! | 17 |
O że mię nie zabił zaraz z żywota! Oby mi była matka moja grobem moim, a żywot jej wiecznie brzemiennym!
نېمىشقا مەن جاپا-مۇشەققەت، ئازاب-ئوقۇبەتنى كۆرۈشكە، كۈنلىرىمنى خىجالەت-ئاھانەت ئىچىدە ئۆتكۈزۈشكە بالىياتقۇدىن چىققاندىمەن؟ | 18 |
Przeczżem wyszedł z żywota, abym doznał pracy i smutku, a żeby dni moje w hańbie strawione były?