< يەرەمىيا 2 >
ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ | 1 |
E veiu a mim a palavra do Senhor, dizendo:
بېرىپ يېرۇسالېمدىكىلەرنىڭ قۇلاقلىرىغا مۇنداق جار سالغىن: ــ «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن سېنىڭ ياش ۋاقتىڭدىكى ۋاپادارلىقىڭنى، يەنى قىزنىڭ ئاشىقىغا بولغان مۇھەببىتىدەك سېنىڭ چۆل-باياۋاندا، يەنى تېرىلمىغان يەرلەردە ماڭا ئەگىشىپ يۈرگەنلىرىڭنى سېنىڭ ئۈچۈن ئەسلەيمەن. | 2 |
Vae, e clama aos ouvidos de Jerusalem, dizendo: Assim diz o Senhor: Lembro-me de ti, da beneficencia da tua mocidade, e do amor dos teus desposorios, quando andavas após mim no deserto, n'uma terra que se não semeava.
شۇ چاغدا ئىسرائىل خەلقى پەرۋەردىگارغا پاك، ئالاھىدە ئاتالغان، ئۇلار ئۇنىڭ ئۆز ھوسۇلىنىڭ تۇنجى مېۋىسى دەپ قارالغانىدى؛ ئۇلارنى يەۋالماقچى بولغانلارنىڭ ھەممىسى گۇناھكار دەپ ھېسابلانغانىدى ھەم ئۇلارنىڭ باشلىرىغا بالايىئاپەت چۈشكەنىدى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 3 |
Então Israel era sanctidade para o Senhor, e as primicias da sua novidade: todos os que comiam eram tidos por culpados; o mal vinha sobre elles, diz o Senhor.
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار، ئى ياقۇپنىڭ جەمەتى، ئىسرائىل جەمەتىنىڭ بارلىق ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى: ــ | 4 |
Ouvi a palavra do Senhor, ó casa de Jacob, e todas as familias da casa de Israel:
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئاتا-بوۋىلىرىڭلار مەندە زادى قانداق ئادالەتسىزلىكلەرنى بايقاپتۇ، ئۇلار مەندىن شۇنچە يىراقلىشىدۇ؟ ئۇلار نېمىشقا بىمەنە بۇتلارغا باش ئۇرۇپ، ئۆزلىرى بىمەنە بولۇپ كەتتى؟ | 5 |
Assim diz o Senhor: Que injustiça acharam vossos paes em mim, para se alongarem de mim, e se foram após a vaidade, e se tornaram levianos?
ئۇلار ھېچقاچان: «بىزنى مىسىر زېمىنىدىن قۇتقۇزۇپ چىقىرىپ، باياۋاندىن، يەنى چۆل-دەشت ۋە تىك ئازگاللار بىلەن قاپلانغان جايلاردىن، قۇرغاقچىلىق ۋە ئۆلۈم سايىسى ئوراپ تۇرغان يەرلەردىن، ئادەمزات ئۆتمەيدىغان ھەمدە ئىنسان تۇرمايدىغان شۇ باياۋاندىن بىزنى ئۆتكۈزگەن پەرۋەردىگار قېنى؟» دەپ سوراپ قويۇشماپتىغۇ؟ | 6 |
E não disseram: Onde está o Senhor, que nos fez subir da terra do Egypto? que nos guiou pelo deserto, por uma terra de charnecas, e de covas, por uma terra de sequidão e sombra de morte, por uma terra pela qual ninguem passava, e homem nenhum morava n'ella?
مەن سىلەرنى مېۋىسى ھەم مولچىلىقىدىن ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن مۇنبەت بىر زېمىنغا ئېلىپ كەلگەنمەن؛ سىلەر كېلىپ زېمىنىمنى بۇلغىدىڭلار، مېنىڭ مىراسىمنى يىرگىنچلىك بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويدۇڭلار. | 7 |
E eu vos introduzi n'uma terra fertil, para comerdes o seu fructo e o seu bem; mas quando entrastes n'ella contaminastes a minha terra, e da minha herança fizestes uma abominação.
كاھىنلار: «پەرۋەردىگار قېنى؟» دەپ ھېچ سوراپ قويمىدى؛ تەۋرات-قانۇن ئىجراچىلىرى مېنى ھېچ تونۇمىدى؛ خەلق پادىچىلىرى ماڭا ئاسىيلىق قىلدى؛ پەيغەمبەرلەر بولسا بائالنىڭ نامىدا بېشارەت بەردى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھېچ پايدىسىز بىمەنە نەرسىلەرگە ئەگىشىپ كەتتى. | 8 |
Os sacerdotes não disseram: Onde está o Senhor? E os que tratavam da lei não me conheciam, e os pastores prevaricavam contra mim, e os prophetas prophetizavam por Baal, e andavam após o que de nada aproveita.
شۇڭا سىلەر بىلەن دەۋالاشماقچىمەن، بالىلىرىڭلار ھەم بالىلىرىڭلارنىڭ بالىلىرى بىلەن دەۋالىشىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ | 9 |
Portanto ainda contenderei comvosco, diz o Senhor; e até com os filhos de vossos filhos contenderei.
ــ سىلەر سىپرۇستىكى دېڭىز بويلىرىغا ئۆتۈپ بېقىڭلار، كېدارغا تەكشۈرۈشكە ئادەم ئەۋەتىپ بېقىڭلار ــ مۇشۇنداق بىر ئىش زادى بولۇپ باققانمۇ-يوق دەپ كۆرۈپ بېقىڭلار ــ | 10 |
Porque, passae ás ilhas de Chittim, e vêde; e enviae a Kedar, e attentae bem, e vêde se succedeu coisa similhante.
قايسى بىر ئەل ئۆز ئىلاھلىرىنى (ئۇلار ھېچ ئىلاھ ئەمەس، ئەلۋەتتە) ئۆزگەرتكەنمۇ؟ لېكىن مېنىڭ خەلقىم ئۆزلىرىنىڭ شان-شەرىپى بولغۇچىسىنى بولسا پايدىسىز-بىمەنە بىر نەرسىگە ئالماشتۇرغان. | 11 |
Houve alguma nação que tenha trocado os seus deuses, ainda que não sejam deuses? Todavia o meu povo trocou a sua gloria pelo que de nada aproveita.
بۇنىڭغا ئەجەبلىنىڭلار، ئى ئاسمانلار؛ ھاڭ-تاڭ بولۇڭلار! ساراسىمىگە چۈشۈڭلار! چۆچۈڭلار! ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، | 12 |
Espantae-vos d'isto, ó céus! e pasmae; e sêde grandemente assolados, diz o Senhor.
ــ چۈنكى مېنىڭ خەلقىم ئىككى رەزىل ئىشنى قىلدى؛ ئۇلار ھاياتلىق سۇ مەنبەسى بولغان مەندىن ۋاز كەچتى؛ ئاندىن ئۆزلىرى ئۈچۈن سۇ ئازگاللىرىنى، يەنى سۇ تۇرمايدىغان يېرىق سۇ ئازگاللىرىنى يونۇپ چىقتى. | 13 |
Porque o meu povo fez duas maldades: a mim me deixaram, o manancial de aguas vivas, e cavaram cisternas, cisternas fendidas, que já não reteem aguas.
ئىسرائىل ئەسلى قۇلمىدى؟ ئۇ خوجايىننىڭ ئۆيىدە تۇغۇلغان قۇلمىدى؟ نېمىشقا ئەمدى ئۇ ئولجىغا ئايلىنىپ قالدى؟ | 14 |
Acaso é Israel um servo, ou nascido em casa? porque pois veiu a ser preza?
ياش شىرلار ئۇنى ئولجا قىلىپ ھۆركىرىدى؛ ئۇلار ئاۋازىنى قويۇۋەتتى؛ ئۇلار [ئىسرائىل] زېمىنىنى ۋەيرانە قىلدى؛ شەھەرلىرى كۆيدۈرۈلدى، ئادەمزاتسىز قالدى. | 15 |
Os filhos de leão bramaram sobre elle, levantaram a sua voz; e pozeram a sua terra em assolação; as suas cidades se queimaram, e ninguem habita n'ellas.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەتتا نوف ۋە تاھپانەس شەھىرىدىكىلەرمۇ چوققاڭنى يېرىۋەتتى. | 16 |
Até os filhos de Noph e de Tachphanes te quebraram o alto da cabeça.
بۇ ئىشلارنى ئۆزۈڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەمەسمۇ؟ ــ چۈنكى ساڭا يول باشلاۋاتقىنىدا پەرۋەردىگار خۇدايىڭدىن ۋاز كەچكەنىدىڭ. | 17 |
Porventura tu não te fazes isto a ti mesmo? pois deixas ao Senhor teu Deus, no tempo em que elle te guia pelo caminho.
ئەمدى بۈگۈنكى كۈندە يەنە شىھور دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئىچىش ئۈچۈن مىسىرنىڭ يولىنى باسقىنىڭ نېمىسى؟ [ئەفرات] دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئىچىش ئۈچۈن ئاسۇرىيەنىڭ يولىنى باسقىنىڭ نېمىسى؟ | 18 |
Agora, pois, que te importa a ti o caminho do Egypto, para beberes as aguas de Sihor? e que te importa a ti o caminho da Assyria, para beberes as aguas do rio?
ئۆز رەزىللىكىڭ ئۆزۈڭگە ساۋاق ئېلىپ كېلىدۇ، ئۆزۈڭنىڭ يېنىمدىن چەتنەپ كەتكىنىڭ ئۆزۈڭگە تەنبىھ بولىدۇ؛ ئەمدى سېنىڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭدىن ۋاز كەچكىنىڭ ۋە مېنىڭ قورقۇنچۇمنىڭ سەندە بولماسلىقىنىڭ ئىنتايىن رەزىل ھەمدە زەرداپقا تولغان ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ قوي، ــ دەيدۇ رەب، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. | 19 |
A tua malicia te castigará, e os teus apartamentos te reprehenderão: sabe, pois, e vê, quão mal e amargo é deixares ao Senhor teu Deus, e não teres o meu temor comtigo, diz o Senhor Jehovah dos Exercitos.
چۈنكى سەن قەدىمدىنلا مەن ساڭا سالغان بويۇنتۇرۇقنى بۇزۇپ، ئۇنىڭ رىشتىنى ئۈزۈپ تاشلىۋەتكەنسەن؛ سەن: «قۇللۇقۇڭدا بولمايمەن!» دېدىڭ. چۈنكى بارلىق دۆڭ-ئېگىزلىكتە ۋە بارلىق يېشىل دەرەخ ئاستىدا سەن پاھىشە ئايالدەك كېرىلىپ ياتقانسەن. | 20 |
Quando eu já ha muito quebrava o teu jugo, e rompia as tuas ataduras, dizias tu: Nunca mais transgredirei; comtudo em todo o outeiro alto e debaixo de toda a arvore verde te andas encurvando e fornicando.
لېكىن مەن بولسام سېنى ئەسلى ئېسىل سورتلۇق ئۈزۈم تېلىدىن، سەرخىل ئۇرۇقتىن تىككەنىدىم؛ سەن ماڭا نىسبەتەن قانداقمۇ يات ۋە ياۋا بىر سېسىق ئۈزۈم تېلىغا ئايلىنىپ قالدىڭ؟ | 21 |
Eu mesmo te plantei por vide excellente, e todo fiel semente: como pois te tornaste para mim uma planta degenerada de vide estranha?
چۈنكى سەن شۇلتا بىلەن يۇيۇنساڭمۇ، كۆپ ئاقارتقۇچ سوپۇن ئىشلەتسەڭمۇ سېنىڭ قەبىھلىكىڭ مېنىڭ ئالدىمدا تېخى داغ بولۇپ تۇرىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. | 22 |
Pelo que ainda que te laves com salitre, e amontoes sabão, comtudo a tua iniquidade está apontada diante de mim, diz o Senhor Jehovah.
سەن قانداقمۇ: «مەن ھېچ بۇلغانغان ئەمەسمەن، مەن «بائاللار»غا ھېچ ئەگەشمىدىم!» دېيەلەيسەن؟ جىلغىدا ماڭغان يولۇڭنى كۆرۈپ باق، قىلمىشلىرىڭنى ئىقرار قىل ــ سەن ئۆز يوللىرىدا ئۇيان-بۇيان قاتراپ يۈرىدىغان چاققاق ھىڭگاندۇرسەن! | 23 |
Como dizes logo: Não estou contaminado nem andei após os baalins? vê o teu caminho no valle, conhece o que fizeste: dromedaria ligeira és, que anda torcendo os seus caminhos.
سەن چۆل-باياۋانغا ئادەتلەنگەن، ھەۋىسى قوزغالغاندا شامالنى پۇراپ يۈرىدىغان بىر ياۋايى مادا ئېشەكسەن! كۈيلىگەندە كىم ئۇنى توسالىسۇن؟ ئۇنى ئىزدىگەن ھاڭگىلار ئۆزلىرىنى ھېچ ئۇپراتمايدۇ؛ شۇ ۋاقىتلاردا ئۇنى ئىزدەپ تاپماق ئاساندۇر. | 24 |
Jumenta montez, acostumada ao deserto, que, conforme o desejo da sua alma, sorve o vento, quem deteria o seu encontro? todos os que a buscarem, não se cançarão; no mez d'ella a acharão.
[ئى ئىسرائىل]، [بىكار يۈگۈرۈپ]، پۇتۇڭنى ئاياغسىز، گېلىڭنى ئۇسسۇلۇقسىز قىلىپ قويما! لېكىن سەن بۇنىڭغا: «ياق! خام خىيال قىلما! چۈنكى مەن بۇ يات [ئىلاھلارنى] ياخشى كۆرۈپ قالدىم، ئۇلارنىڭ كەينىدىن ماڭىمەن!» ــ دېدىڭ. | 25 |
Retem o teu pé de ser descalço, e a tua garganta de ter sêde: porém tu dizes: Não ha esperança: não; porque amo os estranhos, e após elles andarei
ئوغرى تۇتۇلۇپ قېلىپ خىجالەتكە قالغاندەك، ئىسرائىل جەمەتىمۇ خىجالەتكە قالىدۇ ــ يەنى ئۆزلىرى ۋە ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرى، كاھىنلىرى ۋە پەيغەمبەرلىرى ــ | 26 |
Como fica confundido o ladrão quando o apanham, assim se confundem os da casa de Israel; elles, os seus reis, os seus principes, e os seus sacerdotes, e os seus prophetas,
ئۇلار ياغاچ كۆتىكىگە: «ئاتام!» ۋە تاشقا: «سەن مېنى تۇغدۇردۇڭ!» دەيدۇ؛ چۈنكى ئۇلار يۈزىنى ماڭا قاراتماي، ئەكسىچە ماڭا ئارقىسىنى قىلدى؛ لېكىن كۈلپەت بېشىغا چۈشكەندە ئۇلار: «ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، بىزنى قۇتقۇزغايسەن!» دەيدۇ. | 27 |
Que dizem ao páu: Tu és meu pae; e á pedra: Tu me geraste; porque me viraram as costas, e não o rosto: porém no tempo do seu trabalho dirão: Levanta-te, e livra-nos.
ئەمدى ئۆزۈڭگە ياسىغان ئىلاھلىرىڭ قېنى!؟ كۈلپەت بېشىڭغا چۈشكەندە سېنى قۇتقۇزالايدىغان بولسا، ئۇلار ئورنىدىن تۇرسۇن! ــ چۈنكى شەھەرلىرىڭ قانچە كۆپ بولسا بۇتلىرىڭمۇ شۇنچە كۆپتۇر، ئى يەھۇدا! | 28 |
Onde pois estão os teus deuses, que fizeste para ti? que se levantem, se te podem livrar no tempo do teu trabalho: porque os teus deuses, ó Judah, são tantos em numero como as tuas cidades.
نېمىشقا سىلەر مەن بىلەن دەۋاغا چۈشمەكچىسىلەر؟ سىلەر ھەممىڭلار ماڭا ئاسىيلىق قىلغانسىلەر، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 29 |
Porque contendeis comigo? todos vós transgredistes contra mim, diz o Senhor.
بالىلىرىڭنى بىكاردىن بىكار ئۇرۇپ قويدۇم؛ ئۇلار ھېچ تەربىيىنى قوبۇل قىلمىدى. ئۆز قىلىچىڭ يىرتقۇچ شىردەك پەيغەمبەرلىرىڭنى يەۋەتتى. | 30 |
Em vão castigareis os vossos filhos; não acceitarão o castigo: a vossa espada devorou os vossos prophetas como um leão destruidor.
ئى بۇ دەۋر كىشىلىرى! پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە كۆڭۈل قويۇڭلار! مەن ئىسرائىلغا چۆل-باياۋان ياكى قاپقاراڭغۇلۇق باسقان زېمىن بولۇپ باققانمۇ؟ مېنىڭ خەلقىم نېمىشقا: «نەگىلا بارساق ئۆز ئەركىمىز؛ ئەمدى يېنىڭغا يەنە كەلمەيمىز!» ــ دەيدۇ؟ | 31 |
Oh geração! considerae vós a palavra do Senhor: porventura tenho eu sido para Israel um deserto? ou uma terra da mais espessa escuridão? porque pois diz o meu povo: Temos determinado nunca mais vir a ti.
قىز زىبۇ-زىننەتلىرىنى ئۇنتۇيالامدۇ؟ توي قىلىدىغان قىز توي كىيىملىرىنى ئۇنتۇيالامدۇ؟ لېكىن ئۆز خەلقىم سان-ساناقسىز كۈنلىرىدە مېنى ئۇنتۇدى. | 32 |
Porventura esquece-se a virgem dos seus enfeites, ou a esposa dos seus sendaes? todavia o meu povo se esqueceu de mim, innumeraveis dias.
سەن ئىشق ئىزدەپ بارىدىغان يوللارغا شۇنچە ماھىر بولۇپ كەتتىڭ! بەرھەق، ھەتتا ئەڭ بۇزۇق ئاياللارغا يوللىرىڭنى كۆرسەتتىڭ. | 33 |
Porque enfeitas o teu caminho, para buscares o amor? de sorte que até ás malignas ensinaste os teus caminhos.
ئۇنىڭ ئۈستىگە تونۇڭنىڭ پەشلىرىدە گۇناھسىز نامراتلارنىڭ قېنى بار! سەن ئۇلارنى تېمىڭنى تېشىپ ئوغرىلىققا كىرگىنى ئۈچۈن ئۆلتۈردىڭمۇ؟! ئىشلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق تۇرسىمۇ، | 34 |
Até nas orlas dos teus vestidos se achou o sangue das almas dos innocentes e necessitados: o que não achei minando, mas em todas estas coisas.
سەن تېخى: «مەندە گۇناھ يوق؛ [رەب] مەندىن رەنجىۋەرمەيدۇ!» دەيسەن. بىلىپ قوي! مەن ئۈستۈڭدىن ھۆكۈم چىقىرىمەن، چۈنكى سەن: «مەن گۇناھ سادىر قىلمىدىم!» ــ دەۋېرىسەن. | 35 |
E ainda dizes: Devéras que estou innocente, pois já a sua ira se desviou de mim: eis que entrarei em juizo comtigo, porquanto dizes: Não pequei.
سەن نېمىشقا بۇنچىۋالا ئۇيان-بۇيان قاتراپ ئالا كۆڭۈللۈك قىلىسەن؟ سەن ئاسۇرىيە تەرىپىدىن يەرگە قارىتىلغاندەك مىسىر تەرىپىدىنمۇ يەرگە قارىتىلىسەن. | 36 |
Porque te desvias tanto, mudando o teu caminho? tambem do Egypto serás envergonhada, como foste envergonhada da Assyria.
بەرھەق، سەن مىسىردىن قوللىرىڭنى بېشىڭغا ئالغان پېتى چىقىسەن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سەن يۆلەنچۈك قىلغانلارنى چەتكە قاقتى؛ سەن ئۇلاردىن ھېچ پايدا كۆرمەيسەن. | 37 |
Tambem d'aquelle sairás com as mãos sobre a tua cabeça; porque o Senhor rejeitou as tuas confianças, e não prosperarás com ellas