< يەرەمىيا 18 >
بۇ سۆز پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا كېلىپ، مۇنداق دېيىلدى: ــ | 1 |
Bu sɵz Pǝrwǝrdigardin Yǝrǝmiyaƣa kelip, mundaⱪ deyildi: —
«ئورنۇڭدىن تۇر، ساپالچىنىڭ ئۆيىگە چۈشكىن، مەن ساڭا سۆزلىرىمنى ئاڭلىتىمەن». | 2 |
«Ornungdin tur, sapalqining ɵyigǝ qüxkin, Mǝn sanga sɵzlirimni anglitimǝn».
شۇڭا مەن ساپالچىنىڭ ئۆيىگە چۈشتۇم؛ ۋە مانا، ساپالچى غالتەك ئۈستىدە بىر نەرسىنى ياساۋاتقانىدى. | 3 |
Xunga mǝn sapalqining ɵyigǝ qüxtum; wǝ mana, sapalqi ƣaltǝk üstidǝ bir nǝrsini yasawatⱪanidi.
ئۇ سېغىز لايدىن ياساۋاتقان قاچا تۇرۇپ-تۇرۇپ قولى ئاستىدا بۇزۇلاتتى. شۇ چاغدا ساپالچى شۇ لايدىن ئۆزى لايىق كۆرگەن باشقا بىر قاچىنى ياسايتتى. | 4 |
U seƣiz laydin yasawatⱪan ⱪaqa turup-turup ⱪoli astida buzulatti. Xu qaƣda sapalqi xu laydin ɵzi layiⱪ kɵrgǝn baxⱪa bir ⱪaqini yasaytti.
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ | 5 |
Wǝ Pǝrwǝrdigarning sɵzi manga kelip mundaⱪ deyildi: —
«ئى ئىسرائىل جەمەتى، بۇ ساپالچى قىلغاندەك مەن ساڭا قىلالمامدىم؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. ــ مانا، سېغىز لاينىڭ ساپالچىنىڭ قولىدا بولغىنىغا ئوخشاش، سىلەر مېنىڭ قولۇمدىسىلەر، ئى ئىسرائىل جەمەتى. | 6 |
«I Israil jǝmǝti, bu sapalqi ⱪilƣandǝk Mǝn sanga ⱪilalmamdim? — dǝydu Pǝrwǝrdigar. — Mana, seƣiz layning sapalqining ⱪolida bolƣiniƣa ohxax, silǝr Mening ⱪolumdisilǝr, i Israil jǝmǝti.
بەزىدە مەن مەلۇم بىر ئەل، مەلۇم بىر مەملىكەت توغرۇلۇق، يەنى ئۇنىڭ يۇلۇنۇشى، بۇزۇلۇشى ۋە ھالاك قىلىنىشى توغرۇلۇق سۆزلەيمەن؛ | 7 |
Bǝzidǝ Mǝn mǝlum bir ǝl, mǝlum bir mǝmlikǝt toƣruluⱪ, yǝni uning yulunuxi, buzuluxi wǝ ⱨalak ⱪilinixi toƣruluⱪ sɵzlǝymǝn;
شۇ چاغ مەن ئاگاھلاندۇرغان شۇ ئەل يامانلىقىدىن توۋا قىلىپ يانسا، مەن ئۇلارغا قىلماقچى بولغان يامانلىقتىن يانىمەن. | 8 |
xu qaƣ Mǝn agaⱨlandurƣan xu ǝl yamanliⱪidin towa ⱪilip yansa, Mǝn ularƣa ⱪilmaⱪqi bolƣan yamanliⱪtin yanimǝn.
مەن يەنە بەزىدە مەلۇم بىر ئەل، مەلۇم بىر مەملىكەت توغرۇلۇق، يەنى ئۇنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تىكىپ ئۆستۈرۈلۈشى توغرۇلۇق سۆزلەيمەن؛ | 9 |
Mǝn yǝnǝ bǝzidǝ mǝlum bir ǝl, mǝlum bir mǝmlikǝt toƣruluⱪ, yǝni uning ⱪuruluxi wǝ tikip ɵstürülüxi toƣruluⱪ sɵzlǝymǝn;
شۇ چاغ شۇ ئەل كۆز ئالدىمدا يامانلىق قىلىپ ئاۋازىمنى ئاڭلىمىسا، مەن يەنە ئۇلارغا ۋەدە قىلغان، ئۇلارنى بەرىكەتلىمەكچى بولغان ياخشىلىقتىن يانىمەن. | 10 |
xu qaƣ xu ǝl kɵz aldimda yamanliⱪ ⱪilip awazimni anglimisa, Mǝn yǝnǝ ularƣa wǝdǝ ⱪilƣan, ularni bǝrikǝtlimǝkqi bolƣan yahxiliⱪtin yanimǝn.
ئەمدى ھازىر يەھۇدادىكىلەرگە ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارغا مۇنداق دېگىن: ــ «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن سىلەرگە يامانلىق تەييارلاۋاتىمەن، سىلەرگە قارشى بىر پىلان تۈزىۋاتىمەن؛ شۇڭا ھەربىرىڭلار رەزىل يولۇڭلاردىن يېنىڭلار، يوللىرىڭلارنى ۋە قىلمىشلىرىڭلارنى تۈزىتىڭلار. | 11 |
Əmdi ⱨazir Yǝⱨudadikilǝrgǝ wǝ Yerusalemda turuwatⱪanlarƣa mundaⱪ degin: — «Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: — Mana, Mǝn silǝrgǝ yamanliⱪ tǝyyarlawatimǝn, silǝrgǝ ⱪarxi bir pilan tüziwatimǝn; xunga ⱨǝrbiringlar rǝzil yolunglardin yeninglar, yolliringlarni wǝ ⱪilmixliringlarni tüzitinglar.
ــ لېكىن ئۇلار: «ياق! خام خىيال قىلما! بىز ئۆز پىلانلىرىمىزغا ئەگىشىۋېرىمىز، ئۆز رەزىل كۆڭلىمىزدىكى جاھىللىقىمىز بويىچە قىلىۋېرىمىز» ــ دەيدۇ. | 12 |
— Lekin ular: «Yaⱪ! Ham hiyal ⱪilma! Biz ɵz pilanlirimizƣa ǝgixiwerimiz, ɵz rǝzil kɵnglimizdiki jaⱨilliⱪimiz boyiqǝ ⱪiliwerimiz» — dǝydu.
شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئەللەر ئارىسىدىن: «كىم مۇشۇنداق ئىشنى ئاڭلاپ باققان؟!» دەپ سوراڭلار. «پاك قىز» ئىسرائىل دەھشەتلىك يىرگىنچلىك ئىشنى قىلغان! | 13 |
Xunga Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: — Əllǝr arisidin: «Kim muxundaⱪ ixni anglap baⱪⱪan?!» dǝp soranglar. «Pak ⱪiz» Israil dǝⱨxǝtlik yirginqlik ixni ⱪilƣan!
لىۋان قارلىرى ئايدالادىكى قىيالىقتىن يوقاپ كېتەمدۇ؟ ئۇنىڭ يىراقتىن چۈشكەن مۇزدەك سۇلىرى قۇرۇپ كېتەمدۇ؟ | 14 |
Liwan ⱪarliri aydaladiki ⱪiyaliⱪtin yoⱪap ketǝmdu? Uning yiraⱪtin qüxkǝn muzdǝk suliri ⱪurup ketǝmdu?
لېكىن مېنىڭ خەلقىم بولسا مېنى ئۇنتۇغان؛ ئۇلار يوق بىر نەرسىلەرگە خۇشبۇي ياقىدۇ؛ مانا، بۇلار ئۇلارنى ياشاۋاتقان يولىدىن، يەنى قەدىمدىن بولغان يوللاردىن پۇتلاشتۇرۇپ، كۆتۈرۈلۈپ تۈز قىلىنمىغان بىر يولدا ماڭدۇرغان. | 15 |
Lekin Mening hǝlⱪim bolsa Meni untuƣan; ular yoⱪ bir nǝrsilǝrgǝ huxbuy yaⱪidu; mana, bular ularni yaxawatⱪan yolidin, yǝni ⱪǝdimdin bolƣan yollardin putlaxturup, kɵtürülüp tüz ⱪilinmiƣan bir yolda mangdurƣan.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ زېمىنىنى دەھشەت باسىدىغان ھەم دائىم كىشىلەر ئۇش-ئۇش قىلىدىغان ئوبيېكت قىلىدۇ؛ ئۇنىڭدىن ئۆتۈۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى دەھشەت بېسىپ، بېشىنى چايقىشىدۇ. | 16 |
Xuning bilǝn ularning zeminini dǝⱨxǝt basidiƣan ⱨǝm daim kixilǝr ux-ux ⱪilidiƣan obyekt ⱪilidu; uningdin ɵtüwatⱪanlarning ⱨǝmmisini dǝⱨxǝt besip, bexini qayⱪixidu.
مەن خۇددى شەرقتىن چىققان شامالدەك ئۇلارنى دۈشمەن ئالدىدا تارقىتىۋېتىمەن؛ مەن بالايىئاپەت كۈنىدە ئۇلارغا يۈزۈمنى ئەمەس، بەلكى ئارقامنى قىلىمەن». | 17 |
Mǝn huddi xǝrⱪtin qiⱪⱪan xamaldǝk ularni düxmǝn aldida tarⱪitiwetimǝn; Mǝn balayi’apǝt künidǝ ularƣa yüzümni ǝmǝs, bǝlki arⱪamni ⱪilimǝn».
كىشىلەر: «كېلىڭلار، يەرەمىياغا قەست قىلايلى؛ چۈنكى يا كاھىنلاردىن قانۇن-تەربىيە، يا دانىشمەنلەردىن ئەقىل-نەسىھەت يا پەيغەمبەرلەردىن سۆز-بېشارەت كەملىك قىلمايدۇ. كېلىڭلار، تىلىمىزنى بىر قىلىپ ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلايلى، ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ھېچقايسىسىغا قۇلاق سالمايلى» ــ دېيىشتى. | 18 |
Kixilǝr: «Kelinglar, Yǝrǝmiyaƣa ⱪǝst ⱪilayli; qünki ya kaⱨinlardin ⱪanun-tǝrbiyǝ, ya danixmǝnlǝrdin ǝⱪil-nǝsiⱨǝt ya pǝyƣǝmbǝrlǝrdin sɵz-bexarǝt kǝmlik ⱪilmaydu. Kelinglar, tilimizni bir ⱪilip uning üstidin xikayǝt ⱪilayli, uning sɵzliridin ⱨeqⱪaysisiƣa ⱪulaⱪ salmayli» — deyixti.
ــ ئى پەرۋەردىگار، ماڭا قۇلاق سالغايسەن؛ ماڭا قارشىلىشىدىغانلارنىڭ دەۋاتقانلىرىنى ئاڭلىغايسەن. | 19 |
— I Pǝrwǝrdigar, manga ⱪulaⱪ salƣaysǝn; manga ⱪarxilixidiƣanlarning dǝwatⱪanlirini angliƣaysǝn.
ياخشىلىققا يامانلىق قىلىش بولامدۇ؟ چۈنكى ئۇلار جېنىم ئۈچۈن ئورا كولىغان؛ مەن ئۇلارغا ياخشى بولسۇن دەپ، غەزىپىڭنى ئۇلاردىن ياندۇرۇش ئۈچۈن سېنىڭ ئالدىڭدا [دۇئا قىلىپ] تۇرغانلىقىمنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن. | 20 |
Yahxiliⱪⱪa yamanliⱪ ⱪilix bolamdu? Qünki ular jenim üqün ora koliƣan; mǝn ularƣa yahxi bolsun dǝp, ƣǝzipingni ulardin yandurux üqün Sening aldingda [dua ⱪilip] turƣanliⱪimni esingdǝ tutⱪaysǝn.
شۇڭا بالىلىرىڭنى قەھەتچىلىككە تاپشۇرغايسەن، قىلىچنىڭ بىسىغا ئېلىپ بەرگەيسەن؛ ئاياللىرى بالىلىرىدىن جۇدا قىلىنىپ تۇل قالسۇن؛ ئەرلىرى ۋابا-ئۆلۈم بىلەن يوقالسۇن، يىگىتلەر جەڭدە قىلىچلانسۇن. | 21 |
Xunga baliliringni ⱪǝⱨǝtqilikkǝ tapxurƣaysǝn, ⱪiliqning bisiƣa elip bǝrgǝysǝn; ayalliri baliliridin juda ⱪilinip tul ⱪalsun; ǝrliri waba-ɵlüm bilǝn yoⱪalsun, yigitlǝr jǝngdǝ ⱪiliqlansun.
ئۇلارنىڭ ئۈستىگە باسمىچىلارنى ئېلىپ كەلگىنىڭدە ئۆيلىرىدىن نالە-پەرياد ئاڭلانسۇن؛ چۈنكى ئۇلار مېنى تۇتۇشقا ئورا كولىغان، پۇتلىرىم ئۈچۈن قىسماقلارنى يوشۇرۇن سالغان. | 22 |
Ularning üstigǝ basmiqilarni elip kǝlginingdǝ ɵyliridin nalǝ-pǝryad anglansun; qünki ular meni tutuxⱪa ora koliƣan, putlirim üqün ⱪismaⱪlarni yoxurun salƣan.
ئەمدى سەن، ئى پەرۋەردىگار، ئۇلارنىڭ مېنى قەتل قىلىشقا بولغان قەستلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئوبدان بىلىسەن؛ ئۇلارنىڭ قەبىھلىكلىرىنى كەچۈرمىگەيسەن، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كۆزۈڭ ئالدىدىن يۇمىغايسەن؛ بەلكى ئۇلار سېنىڭ ئالدىڭدا يىقىتىلسۇن؛ غەزىپىڭ چۈشكەن كۈنىدە ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلغايسەن. | 23 |
Əmdi Sǝn, i Pǝrwǝrdigar, ularning meni ⱪǝtl ⱪilixⱪa bolƣan ⱪǝstlirining ⱨǝmmisini obdan bilisǝn; ularning ⱪǝbiⱨliklirini kǝqürmigǝysǝn, ularning gunaⱨlirini kɵzüng aldidin yumiƣaysǝn; bǝlki ular Sening aldingda yiⱪitilsun; ƣǝziping qüxkǝn künidǝ ularni bir tǝrǝp ⱪilƣaysǝn.