< يەرەمىيا 17 >
يەھۇدانىڭ گۇناھى ئالماس ئۇچلۇق تۆمۈر قەلەم بىلەن تاشتاختاي كەبى يۈرەكلىرىگە ۋە قۇربانگاھلىرىدىكى مۈڭگۈزلەرگە ئويۇلغان؛ | 1 |
犹大的罪是用铁笔、用金钢钻记录的,铭刻在他们的心版上和坛角上。
بالىلىرىمۇ يېشىل دەرەخلەر بويىدا تىكلەنگەن، ئېگىز دۆڭلەر ئۈستىدە ياسىغان [بۇتلىرىنىڭ] قۇربانگاھلىرىنى ۋە «ئاشەراھ»لىرىنى ھەردائىم سېغىنىدۇ. | 2 |
他们的儿女记念他们高冈上、青翠树旁的坛和木偶。
مەن تاغلىرىڭلاردا ۋە ئېتىزلىرىڭلاردا، ھەم بايلىقلىرىڭنى ھەم خەزىنىلىرىڭنى، ــ سېنىڭ «يۇقىرى جايلار»ىڭمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس ــ بۇ چېتىڭدىن ئۇ چېتىڭگىچە بولغان گۇناھىڭ تۈپەيلىدىن ئولجا بولۇشقا تاپشۇرىمەن؛ | 3 |
我田野的山哪,我必因你在四境之内所犯的罪,把你的货物、财宝,并邱坛当掠物交给仇敌;
ئۆزۈڭنىڭ شورى، مەن ساڭا تەقدىم قىلغان مىراسىڭ قولۇڭدىن كېتىدۇ؛ مەن سەن تونۇمايدىغان بىر زېمىندا سېنى دۈشمەنلىرىڭنىڭ قۇللۇقىغا تاپشۇرىمەن؛ چۈنكى سىلەر غەزىپىمگە ئوت يېقىپ ئۇنى قوزغىغانسىلەر؛ ئۇ مەڭگۈگە كۆيىدۇ. | 4 |
并且你因自己的罪必失去我所赐给你的产业。我也必使你在你所不认识的地上服事你的仇敌;因为你使我怒中起火,直烧到永远。
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ــ ئادەمگە تايانغان، ئادەمنىڭ ئەت-كۈچىنى تايانچى قىلغان، قەلبى پەرۋەردىگاردىن چەتنىگەن ئادەمنىڭ ھالىغا لەنەت بولسۇن! | 5 |
耶和华如此说: 倚靠人血肉的膀臂, 心中离弃耶和华的, 那人有祸了!
ئۇ چۆل-باياۋاندا ئۆسكەن قارا ئارچا چاتقىلىدەك بولىدۇ؛ بەخت-ياخشىلىق كەلسىمۇ ئۇ بۇنى كۆرمەيدۇ؛ ئۇ بەلكى چۆلدىكى قاغجىراق يەرلەردە، ئادەمزاتسىز شورلۇق بىر زېمىندا تۇرىدۇ. | 6 |
因他必像沙漠的杜松, 不见福乐来到, 却要住旷野干旱之处, 无人居住的硷地。
پەرۋەردىگارغا تايانغان، پەرۋەردىگارنى تايانچ قىلغان ئادەم بەخت-بەرىكەتلىك بولىدۇ! | 7 |
倚靠耶和华、以耶和华为可靠的, 那人有福了!
ئۇ سۇلار بويىدا تىكلەنگەن، ئېرىق بويىدا كەڭ يىلتىز تارتقان دەرەخدەك؛ پىژغىرىم ئىسسىقتىن ئۇ قورقمايدۇ؛ ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرى ھەمىشە يېشىلدۇر؛ قۇرغاقچىلىق يىلى ئۇ سولاشمايدۇ ۋە مېۋە بېرىشتىن قالمايدۇ. | 8 |
他必像树栽于水旁, 在河边扎根, 炎热来到,并不惧怕, 叶子仍必青翠, 在干旱之年毫无挂虑, 而且结果不止。
قەلب ھەممىدىن ئالدامچى، ئۇنىڭ داۋاسى يوقتۇر. كىممۇ ئۇنى چۈشىنەلىسۇن؟ | 9 |
人心比万物都诡诈, 坏到极处, 谁能识透呢?
مەنكى پەرۋەردىگار ئىنسان قەلبىنى كۆزىتىپ تەكشۈرىمەن؛ ھەربىرسىگە ئۆز يوللىرى بويىچە، قىلغان ئەمەللىرىنىڭ مېۋىسى بويىچە تەقسىم قىلىش ئۈچۈن، ئىنسان ۋىجدانىنى سىنايمەن. | 10 |
我—耶和华是鉴察人心、试验人肺腑的, 要照各人所行的和他做事的结果报应他。
خۇددى ئۆزى تۇغمىغان تۇخۇملارنى بېسىۋالغان كەكلىكتەك، ھارامدىن بايلىقلارغا ئېرىشكەن كىشىمۇ شۇنداق بولىدۇ؛ كۈنلىرىنىڭ يېرىمى ئۆتمەيلا ئېرىشكىنىدىن ئايرىلىدۇ، ئۇ ئاخىرىدا ئەخمەق بولۇپ چىقىدۇ. | 11 |
那不按正道得财的, 好像鹧鸪抱不是自己下的蛋; 到了中年,那财都必离开他, 他终久成为愚顽人。
شان-شەرەپلىك بىر تەخت، ئەزەلدىن يۇقىرىغا تىكلەنگەن، دەل بىزنىڭ باشپاناھىمىز بولغان جايدۇر؛ | 12 |
我们的圣所是荣耀的宝座, 从太初安置在高处。
ئى پەرۋەردىگار، سەن ئىسرائىلنىڭ ئۈمىدىسەن! سەندىن ۋاز كەچكەن ھەممەيلەن يەرگە قاراپ قالىدۇ؛ سەندىن يىراقلاشقانلار تۇپراقتا ياتقانلار ئارىسىدا تىزىملىنىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ھاياتلىق سۇلىرىنىڭ مەنبەسى بولغان پەرۋەردىگاردىن ۋاز كەچكەن. | 13 |
耶和华—以色列的盼望啊, 凡离弃你的必致蒙羞。 耶和华说:离开我的, 他们的名字必写在土里, 因为他们离弃我这活水的泉源。
مېنى ساقايتقىن، ئى پەرۋەردىگار، مەن شۇنىڭ بىلەن جەزمەن ساقايتىلىمەن! مېنى قۇتقۇزغىن، شۇنىڭ بىلەن جەزمەن قۇتقۇزۇلىمەن! ــ چۈنكى ئۆزۈڭ مېنىڭ مەدھىيەمدۇرسەن! | 14 |
耶和华啊,求你医治我,我便痊愈, 拯救我,我便得救; 因你是我所赞美的。
مانا، ئۇلار ماڭا: ــ پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-بېشارىتى قېنى؟! قېنى، ئۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇلسۇن!» ــ دەيدۇ. | 15 |
他们对我说:耶和华的话在哪里呢? 叫这话应验吧!
لېكىن مەن بولسام، ساڭا ئەگەشكىنىمدە «پادا باققۇچى» بولۇشتىن ھېچ قاچقان ئەمەسمەن، ۋە ئەجەل كۈنىنى ھېچ ئارزۇ قىلمىغانمەن، ــ سەن بىلىسەن! ئاغزىمدىن بارلىق چىققانلار سېنىڭ يۈز ئالدىڭدا بولغان. | 16 |
至于我,那跟从你作牧人的职分, 我并没有急忙离弃, 也没有想那灾殃的日子; 这是你知道的。 我口中所出的言语都在你面前。
ماڭا ۋەھىمە بولمىغايسەن؛ كۈلپەتلىك كۈنىدە سەن مېنىڭ باشپاناھىمدۇرسەن. | 17 |
不要使我因你惊恐; 当灾祸的日子,你是我的避难所。
ماڭا زىيانكەشلىك قىلغۇچىلار يەرگە قاراپ قالسۇن، لېكىن مېنى يەرگە قاراتمىغايسەن! ئۇلار دەككە-دۈككىگە چۈشسۇن، لېكىن مېنى دەككە-دۈككىگە چۈشۈرمىگەيسەن؛ ئۇلارنىڭ بېشىغا كۈلپەت كۈنىنى چۈشۈرگەيسەن؛ ئۇلارنى ئىككى ھەسسىلىك ھالاكەت بىلەن ئۈزۈل-كېسىل پاچاقلاپ تاشلىغايسەن! | 18 |
愿那些逼迫我的蒙羞, 却不要使我蒙羞; 使他们惊惶, 却不要使我惊惶; 使灾祸的日子临到他们, 以加倍的毁坏毁坏他们。
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېگەن: ــ بارغىن، يەھۇدا پادىشاھلىرى شەھەرگە كىرىدىغان ۋە چىقىدىغان «خەلقنىڭ بالىلىرى» دېگەن دەرۋازىدا، ھەمدە يېرۇسالېمنىڭ بارلىق دەرۋازىلىرىدا تۇرغىن، ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ــ | 19 |
耶和华对我如此说:“你去站在平民的门口,就是犹大君王出入的门,又站在耶路撒冷的各门口,
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار، ئى مۇشۇ دەرۋازىلاردىن كىرىدىغان يەھۇدانىڭ پادىشاھلىرى، بارلىق يەھۇدا ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقان خالايىق! | 20 |
对他们说:‘你们这犹大君王和犹大众人,并耶路撒冷的一切居民,凡从这些门进入的都当听耶和华的话。
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۆز جېنىڭلارغا ھېزى بولۇڭلار! «شابات» كۈنىدە ھېچقانداق يۈكنى كۆتۈرمەڭلار، يېرۇسالېمنىڭ دەرۋازىلىرىدىن ھېچنەرسىنى ئېپكىرمەڭلار؛ | 21 |
耶和华如此说:你们要谨慎,不要在安息日担什么担子进入耶路撒冷的各门;
شابات كۈنلىرىدە ئۆيلىرىڭلاردىن ھېچ يۈكنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ چىقماڭلار، ۋە ھېچقانداق ئەمگەك قىلماڭلار؛ بەلكى مەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا بۇيرۇغىنىمدەك، شابات كۈنىنى ئۆزۈمگە ئاتالغان مۇقەددەس بىر كۈن دەپ قاراڭلار. | 22 |
也不要在安息日从家中担出担子去。无论何工都不可做,只要以安息日为圣日,正如我所吩咐你们列祖的。’
لېكىن ئۇلار ھېچ ئاڭلىمىغان ياكى قۇلاق سالمىغان، بەلكى ئاڭلىماسلىققا ھەم تەربىيىنى قوبۇل قىلماسلىققا بوينىنى قاتتىق قىلغان. | 23 |
他们却不听从,不侧耳而听,竟硬着颈项不听,不受教训。”
شۇنداق بولىدۇكى، سىلەر ئاۋازىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىساڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ يەنى شابات كۈنىدە شەھەر دەرۋازىلىرىدىن ھېچ يۈكنى ئېلىپ كىرمىسەڭلار ۋە ھېچ ئەمگەك قىلماسلىق ئارقىلىق شابات كۈنىنى ماڭا پاك-مۇقەددەس بىر كۈن ھېسابلىساڭلار، | 24 |
耶和华说:“你们若留意听从我,在安息日不担什么担子进入这城的各门,只以安息日为圣日,在那日无论何工都不做;
بۇ شەھەر دەرۋازىلىرىدىن داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرىدىغان پادىشاھلىرى ۋە ئەمىرلىرى جەڭ ھارۋىلىرىغا ئولتۇرۇپ ۋە ئاتلارغا مىنىپ كىرىدۇ؛ ئۇلار، ئۇلارنىڭ ئەمىرلىرى، يەھۇدادىكىلەر ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارمۇ كىرىپ-چىقىشىدۇ؛ بۇ شەھەر مەڭگۈ ئاۋات بولىدۇ. | 25 |
那时就有坐大卫宝座的君王和首领,他们与犹大人,并耶路撒冷的居民,或坐车,或骑马,进入这城的各门,而且这城必存到永远。
شۇنداق قىلساڭلار، خەلقلەر يەھۇدا شەھەرلىرىدىن، يېرۇسالېم ئەتراپىدىكى يېزىلاردىن، بىنيامىننىڭ زېمىنىدىن، [غەربتىكى] «شەفەلاھ» ئېگىزلىكىدىن، جەنۇبتىكى [تاغلىقتىن]، يەھۇدادىكى جەنۇبىي باياۋانلاردىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە «كۆيدۈرمە قۇربانلىق»لار، «ئىناقلىق قۇربانلىقلىرى»، «ئاشلىق ھەدىيە»لەر ۋە خۇشبۇيلارنى تۇتۇپ، [پەرۋەردىگارغا بولغان] رەھمەتلىرىنى ئېيتىشقا كىرىدىغان بولىدۇ. | 26 |
也必有人从犹大城邑和耶路撒冷四围的各处,从便雅悯地、高原、山地,并南地而来,都带燔祭、平安祭、素祭,和乳香,并感谢祭,到耶和华的殿去。
لېكىن سىلەر ماڭا قۇلاق سالمىساڭلار، يەنى شابات كۈنىنى ئۆزۈمگە پاك-مۇقەددەس ھېسابلىماي، شابات كۈنىدە يېرۇسالېمنىڭ دەرۋازىلىرىدىن يۈك كۆتۈرۈپ كىرسەڭلار، ئەمدى مەن دەرۋازىلارغا بىر ئوت ياقىمەن، ئۇ يېرۇسالېمدىكى ئوردىلارنى يەۋېتىدۇ، ئۇنى ھېچ ئۆچۈرەلمەيدۇ. | 27 |
你们若不听从我,不以安息日为圣日,仍在安息日担担子,进入耶路撒冷的各门,我必在各门中点火;这火也必烧毁耶路撒冷的宫殿,不能熄灭。”