< يەرەمىيا 15 >
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: ــ «مۇسا ياكى سامۇئىل [پەيغەمبەرلەر] ئالدىمدا تۇرغان بولسىمۇ، كۆڭلۈم بۇ خەلققە ھېچ قارىمايتتى. ئۇلارنى كۆز ئالدىمدىن كەتكۈزۈۋەت! ئۇلار مەندىن نېرى چىقىپ كەتسۇن! | 1 |
INkosi yasisithi kimi: Loba bekumi phambi kwami oMozisi loSamuweli, inhliziyo yami ibingebe kulababantu; baxotshe phambi kwami, bayekele baphume.
ئەگەر ئۇلار سەندىن: «بىز نەگە چىقىپ كېتىمىز؟» دېسە، سەن ئۇلارغا: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۆلۈمگە بېكىتىلگەنلەر ئۆلۈمگە، قىلىچقا بېكىتىلگەنلەر قىلىچقا، قەھەتچىلىككە بېكىتىلگەنلەر قەھەتچىلىككە، سۈرگۈن بولۇشقا بېكىتىلگەنلەر سۈرگۈن بولۇشقا كېتىدۇ» ــ دەيسەن. | 2 |
Kuzakuthi-ke uba besithi kuwe: Sizaphuma siye ngaphi? Uzabatshela-ke uthi: Itsho njalo iNkosi: Abokufa baya ekufeni, labenkemba baya enkembeni, labendlala baya endlaleni, labokuthunjwa baya ekuthunjweni.
چۈنكى مەن تۆت خىل جازا بىلەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قىلىچ، تىتما-تىتما قىلىش ئۈچۈن ئىتلار، يۇتۇش ۋە ھالاك قىلىش ئۈچۈن ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار ۋە يەر-زېمىندىكى ھايۋاناتلارنى جازا بولۇشقا بېكىتتىم؛ | 3 |
Ngoba ngizabamisela izinhlobo ezine, itsho iNkosi: Inkemba yokubulala, lezinja zokudonsa, lenyoni zamazulu lezinyamazana zomhlaba zokudla lezokubhubhisa.
يەھۇدا پادىشاھى ھەزەكىيانىڭ ئوغلى ماناسسەھنىڭ يېرۇسالېمدا قىلغانلىرى تۈپەيلىدىن مەن ئۇلارنى يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلار ئارىسىدا ۋەھىمىگە سالغۇچى بىر ئوبيېكت قىلىمەن. | 4 |
Ngizabanikela babe yinto eyesabekayo kuyo yonke imibuso yomhlaba, ngenxa kaManase indodana kaHezekhiya, inkosi yakoJuda, ngalokho akwenza eJerusalema.
چۈنكى كىم ساڭا ئىچىنى ئاغرىتىدۇ، ئى يېرۇسالېم؟ كىم سەن ئۈچۈن ئاھ-زار ئۇرىدۇ؟ كىم ئەھۋالىڭنى سوراشقا يولدا توختاپ يېنىڭغا بارىدۇ؟ | 5 |
Ngoba ngubani ozakuhawukela, wena Jerusalema? Njalo ngubani ozakulilela? Njalo ngubani ozaphambukela eceleni ukubuza ngokuthula kwakho?
سەن مېنى تاشلىۋەتكەنسەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ سەن چېكىنىپ كەتتىڭ؛ مەن ئۈستۈڭگە قولۇمنى سوزۇپ سېنى نابۇت قىلىشقا تۇردۇم؛ مەن [ساڭا] ئىچىمنى ئاغرىتىشتىن ھالسىراپ كەتتىم. | 6 |
Wena ungidelile, itsho iNkosi, wabuyela emuva; ngakho ngizakwelula isandla sami ngimelene lawe, ngikuchithe; ngikhathele yikuhawukela.
شۇڭا مەن ئۇلارنى زېمىندىكى شەھەر قوۋۇقلىرىدا يەلپۈگۈچ بىلەن سورىۋېتىمەن؛ مەن ئۇلارنى بالىلاردىن جۇدا قىلىمەن ۋە خەلقىمنى نابۇت قىلىمەن؛ ئۇلار ئۆز يوللىرىدىن ھېچ يانمىدى. | 7 |
Njalo ngizabela ngoluthi lokwela emasangweni elizwe; ngizabemuka abantwana, ngibhubhise abantu bami; kabaphendukanga endleleni zabo.
كۆز ئالدىمدا ئۇلارنىڭ تۇل خوتۇنلىرى دېڭىز قۇملىرىدىن كۆپىيىپ كېتىدۇ؛ چۈش ۋاقتىدا مەن ئۇلارغا، يەنى يىگىتلەرنىڭ ئانىسىغا بىر ھالاك قىلغۇچىنى ئېلىپ كېلىمەن؛ مەن ئۇشتۇمتۇت ئۇلارنىڭ بېشىغا دەرد ۋە ۋەھىمە چۈشۈرىمەن. | 8 |
Abafelokazi babo bandile kimi kuletshebetshebe lolwandle. Ngilethe phezu kwabo, phezu kukanina, ijaha, umchithi emini enkulu; ngiwisele phezu kwabo uvalo lezesabiso bengananzelele.
يەتتە بالىنى تۇغقان ئانا سولىشىپ تىنىقىدىن قالاي دەپ قالىدۇ؛ كۈپكۈندۈزدە بۇ ئانىنىڭ قۇياشى تۇيۇقسىز [مەغرىپكە] پاتىدۇ؛ ئۇ شەرمەندە بولۇپ خورلۇق-ھاقارەتلەرگە ئۇچرايدۇ. ئۇلاردىن قالغانلارنى بولسا مەن دۈشمەنلەر ئالدىدا قىلىچقا تاپشۇرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 9 |
Owazala abayisikhombisa usekhathele; usephefumule okokucina; ilanga lakhe litshone kusesemini; waba lenhloni, wayangeka; lensali yabo ngizayinikela enkembeni phambi kwezitha zabo, itsho iNkosi.
ئاھ، ئانا، ھالىمغا ۋاي، چۈنكى سەن مېنى پۈتكۈل زېمىن بىلەن قارىشىلىشىدىغان بىر ئادەم، ئۇلار بىلەن ئېلىشىدىغان بىر ئادەم سۈپىتىدە تۇغقانسەن! مەن ئۇلارغا ئۆسۈمگە قەرزمۇ بەرمىدىم، ياكى ئۇلاردىن ئۆسۈمگە قەرزمۇ ئالمىدىم؛ لېكىن ئۇلارنىڭ ھەربىرى مېنى قارغايدۇ! | 10 |
Maye mina, mama, ukuthi ungizele, umuntu wokuphikisana lomuntu wokuxabana emhlabeni wonke! Kangebolekisanga ngenzuzo, futhi kabangebolekisanga ngenzuzo, kanti bayangithuka, ngulowo lalowo wabo.
پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: ــ بەرھەق، مەن بەختىڭگە سېنى ئازاد قىلىمەن؛ كۈلپەت ۋە بالايىئاپەت بولغان كۈنىدە مەن ساڭا دۈشمەننى چىرايلىق ئۇچراشتۇرىمەن. | 11 |
INkosi yathi: Isibili kuzakuba kuhle ngensali yakho; isibili ngizakuncengela esitheni ngesikhathi sokubi langesikhathi sosizi.
تۆمۈر سۇنامدۇ؟ شىمالدىن چىققان تۆمۈر، ياكى مىس سۇنامدۇ؟ | 12 |
Insimbi ingayephula yini insimbi evela enyakatho lethusi?
بەلكى قىلغان بارلىق گۇناھلىرىڭ تۈپەيلىدىن، ئۇ چېتىڭدىن بۇ چېتىڭگىچە مەن بايلىقلىرىڭ ھەم خەزىنىلىرىڭنى ئولجا بولۇشقا ھەقسىز تاپشۇرىمەن؛ | 13 |
Inotho yakho lokuligugu kwakho ngizakunikela kube yimpango, kungelantengo, langenxa yezono zakho zonke, ngitsho emingceleni yakho yonke.
مەن سېنى دۈشمەنلىرىڭ بىلەن بىللە سەن ھېچ بىلمەيدىغان بىر زېمىنغا ئۆتكۈزىمەن؛ چۈنكى غەزىپىمدە بىر ئوت قوزغالدى، ئۇ ئۈستۈڭگە چۈشۈپ سېنى كۆيدۈرىدۇ. | 14 |
Ngizakwenza ukuthi udlule kanye lezitha zakho uye elizweni ongalaziyo; ngoba umlilo ubasiwe olakeni lwami; uzabhebha phezu kwenu.
ئى پەرۋەردىگار، سەن ھالىمنى بىلىسەن؛ مېنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن، ماڭا يېقىن كېلىپ مەندىن خەۋەر ئالغايسەن ۋە ماڭا زىيانكەشلىك قىلغۇچىلاردىن ئىنتىقامىمنى ئالغايسەن؛ سەن ئۇلارغا سەۋر-تاقەت كۆرسەتكۈڭ بولسىمۇ، مېنى يوقاتمىغايسەن! مېنىڭ سېنى دەپ خورلىنىۋاقانلىقىمنى بىلگەيسەن. | 15 |
Wena uyazi, Nkosi; ngikhumbula, ungihambele, ungiphindiselele kwabangizingelayo; ungangisusi ekubekezeleni kwakho; yazi ukuthi ngenxa yakho ngithwele ihlazo.
سۆزلىرىڭگە ئېرىشىپ، ئۇلارنى يەۋالدىم؛ سۆزلىرىڭ ھەم مېنى شادلاندۇرغۇچى ۋە قەلبىمنىڭ خۇشاللىقى بولغان؛ چۈنكى مەن سېنىڭ نامىڭ بىلەن ئاتالغانمەن، ئى پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا! | 16 |
Amazwi akho atholakala njalo ngawadla; lelizwi lakho kimi laba yinjabulo njalo laba yintokozo yenhliziyo yami; ngoba ibizo lakho labizwa phezu kwami, wena Nkosi, Nkulunkulu wamabandla.
مەن بەزمە قىلغۇچىلارنىڭ سورۇنىدا ئويناپ-كۈلۈپ ئولتۇرمىدىم؛ سېنىڭ مېنى تۇتقان قولۇڭ تۈپەيلىدىن يالغۇز ئولتۇردۇم؛ چۈنكى سەن مېنى [ئۇلارنىڭ قىلغانلىرى بىلەن] قاتتىق غەزەپلەندۈردۇڭ. | 17 |
Kangihlalanga emhlanganweni wabahleka usulu, kumbe ngijabule; ngenxa yesandla sakho ngahlala ngedwa; ngoba ungigcwalise ngentukuthelo.
مېنىڭ ئازابىم نېمىشقا توختىمايدۇ، مېنىڭ يارامنىڭ داۋاسى يوق، نېمىشقا شىپا تاپمايدۇ؟ سەن ماڭا خۇددى «ئالدامچى ئېرىق» ۋە تۇيۇقسىز غايىب بولىدىغان سۇلاردەك بولماقچىسەن؟ | 18 |
Kungani ubuhlungu bami bube khona njalonjalo, lenxeba lami lingelapheki, lisala ukuphola? Isibili uzakuba njengomqambimanga kimi yini, njengamanzi angathembekanga?
شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سەن ھازىرقى ھالىتىڭدىن يېنىپ يېنىمغا قايتساڭ، مەن قايتىدىن سېنى ئالدىمدىكى خىزمەتتە تۇرۇشقا ياندۇرۇپ كېلىمەن؛ سەن قىممەتلىك [سۆزلەر] بىلەن ئەرزىمەس [سۆزلەرنى] پەرقلەندۈرەلىسەڭ، سەن يەنە ئاغزىمدەك بولىسەن؛ بۇ خەلق سەن تەرەپكە قايتىپ كەلسۇن، لېكىن سەن ئۇلارنىڭ تەرىپىگە ھەرگىز قايتماسلىقىڭ كېرەك؛ | 19 |
Ngakho itsho njalo iNkosi: Uba ubuya, ngizakubuyisa, ume phambi kwami; njalo uba ukhupha okuligugu kokungasizi lutho, uzakuba njengomlomo wami. Bona kababuyele kuwe, kodwa wena ungabuyeli kubo.
ۋە مەن سېنى بۇ خەلققە نىسبەتەن مىستىن قوپۇرۇلغان، مۇستەھكەم بىر سېپىل قىلىمەن؛ ئۇلار ساڭا ھۇجۇم قىلىدۇ، لېكىن ئۇلار ئۈستۈڭدىن غەلىبە قىلالمايدۇ؛ چۈنكى مەن سېنى قۇتقۇزۇشقا، ئۇلاردىن خالاس قىلىشقا سەن بىلەن بىللىدۇرمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 20 |
Ngoba ngizakwenza ube ngumduli wethusi ovikelweyo kulababantu; njalo bazakulwa bemelene lawe, kodwa kabayikukwehlula, ngoba mina ngilawe ukukusindisa lokukophula, itsho iNkosi.
ــ بەرھەق، مەن سېنى رەزىللەرنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزىمەن؛ ئەشەددىيلەرنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزىدىغان نىجاتكارىڭ بولىمەن. | 21 |
Ngizakophula esandleni sababi, ngikuhlenge esandleni sabalesihluku.