< يەرەمىيا 13 >
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: ــ بارغىن، كاناپ ئىچ تامبالنى ئال، بېلىڭگە باغلا؛ لېكىن ئۇنى سۇغا چىلىما. | 1 |
RAB bana, “Git, kendine keten bir kuşak satın alıp beline sar, ama suya sokma” dedi.
شۇڭا پەرۋەردىگار ماڭا دېگەندەك مەن بىر ئىچ تامبالنى ئالدىم ۋە بېلىمگە باغلاپ قويدۇم. | 2 |
RAB'bin buyruğu uyarınca bir kuşak satın alıp belime sardım.
ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئىككىنچى قېتىم ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ | 3 |
RAB bana ikinci kez seslendi:
«سەن پۇلغا ئالغان، بېلىڭگە باغلانغان ئىچ تامبالنى ئېلىپ، ئورنۇڭدىن تۇر، فراتقا بېرىپ شۇ يەردە تاشنىڭ يېرىقىغا يوشۇرۇپ قوي». | 4 |
“Satın aldığın belindeki kuşağı al, Perat'a git. Kuşağı orada bir kaya kovuğuna gizle.”
شۇڭا مەن باردىم ۋە پەرۋەردىگار ماڭا بۇيرۇغاندەك ئۇنى فراتقا يوشۇرۇپ قويدۇم. | 5 |
RAB'bin buyruğu uyarınca gidip kuşağı Perat'a yakın bir yere gizledim.
كۆپ كۈنلەر ئۆتكەندىن كېيىن، پەرۋەردىگار ماڭا: «ئورنۇڭدىن تۇر، فراتقا بېرىپ، مەن ساڭا شۇ يەرگە يوشۇرۇشقا بۇيرۇغان ئىچ تامبالنى قولۇڭغا ئال» ــ دېدى. | 6 |
Uzun süre sonra RAB bana, “Kalk, Perat'a git, gizlemeni buyurduğum kuşağı al” dedi.
شۇڭا مەن فراتقا باردىم؛ مەن يوشۇرغان يەردىن ئىچ تامبالنى كولاپ چىقىرىپ قولۇمغا ئالدىم؛ مانا، ئىچ تامبال سېسىپ چىرىپ كەتكەنىدى، پۈتۈنلەي كىيگۈسىز بولغانىدى. | 7 |
Bunun üzerine Perat'a gittim, gizlediğim yeri kazıp kuşağı aldım. Ancak kuşak çürümüştü, hiçbir işe yaramazdı.
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ | 8 |
RAB bana şöyle seslendi:
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن يەھۇدانىڭ پەخرىنى ۋە يېرۇسالېمنىڭ چوڭ پەخرىنى مۇشۇ ھالدا يوقىتىمەن؛ | 9 |
“RAB diyor ki, ‘İşte Yahuda'nın gururunu da Yeruşalim'in büyük gururunu da böyle çürüteceğim.
مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئاڭلاشنى رەت قىلغان، كۆڭلىدىكى جاھىللىقىدا ماڭىدىغان، باشقا ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىدا بولۇپ، ئۇلارغا ئىبادەت قىلىشقا ئىنتىلىدىغان بۇ رەزىل خەلق پۈتۈنلەي كاردىن چىققان بۇ ئىچ تامبالغا ئوخشاش بولىدۇ. | 10 |
Sözümü dinlemek istemeyen, yüreklerinin inadı uyarınca davranan, başka ilahları izleyip onlara kulluk eden, tapan bu kötü halk, bu işe yaramaz kuşak gibi olacak.
چۈنكى خۇددى ئىچ تامبال ئادەمنىڭ چاتىرىقىغا چىڭ باغلانغاندەك، ئۇلارمۇ ماڭا [يېقىن] بىر خەلق بولسۇن، ماڭا نام-ئابرۇي، مەدھىيە ۋە شان-شەرەپ كەلتۈرسۇن دەپ، مەن ئىسرائىلنىڭ پۈتكۈل جەمەتىنى ۋە يەھۇدانىڭ پۈتكۈل جەمەتىنى ئۆزۈمگە چىڭ باغلاندۇرغانمەن ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ لېكىن ئۇلار ھېچ قۇلاق سالمىدى. | 11 |
Kuşak insanın beline nasıl yapışırsa, ben de İsrail ve Yahuda halklarını kendime öyle yapıştırdım’ diyor RAB, ‘Öyle ki, bana ün, övgü, onur getirecek bir halk olsunlar. Ama dinlemediler.’”
ئۇلارغا مۇشۇ سۆزنى دېگىن: ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ھەممە شاراب ئىدىشى شاراب بىلەن تولۇشى كېرەك». ئۇلار ساڭا: «ئەجەبا، ھەممە شاراب ئىدىشى شاراب بىلەن تولۇشى كېرەكلىكىنى ئوبدان بىلمەمدۇق؟» ــ دەيدۇ؛ | 12 |
“Onlara de ki, ‘İsrail'in Tanrısı RAB, Her tulum şarapla dolacak, diyor.’ Eğer sana, ‘Her tulumun şarapla dolacağını bilmiyor muyuz sanki?’ derlerse,
سەن ئۇلارغا مۇنداق دەيسەن: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن بۇ زېمىندا بارلىق تۇرۇۋاتقانلارنى، داۋۇتقا ۋەكىل بولۇپ ئۇنىڭ تەختىگە ئولتۇرغان پادىشاھلارنى، كاھىنلارنى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ھەمدە يېرۇسالېمدا بارلىق تۇرۇۋاتقانلارنى مەستلىك-بىھوشلۇق بىلەن تولدۇرىمەن. | 13 |
onlara de ki, ‘Bu ülkede yaşayan herkesi –Davut'un tahtında oturan kralları, kâhinleri, peygamberleri, Yeruşalim'de yaşayanların tümünü– sarhoş olana dek şarapla dolduracağım’ diyor RAB.
مەن ئۇلارنى بىر-بىرىگە، يەنى ئاتا بىلەن ئوغۇللىرىنىمۇ ئوخشاشلا بىر-بىرىگە سوقۇشقا سالىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ مەن ئۇلارغا ئىچىمنى ئاغرىتمايمەن، ئۇلارنى ئايىمايمەن، ئۇلارغا رەھىم قىلمايمەن؛ ئۇلارنى نابۇت قىلىشقا ھېچنەرسە مېنى توسۇمايدۇ. | 14 |
‘Onları –babalarla çocukları– birbirlerine çarpacağım. Acımadan, esirgemeden, sevecenlik göstermeden hepsini yok edeceğim’ diyor RAB.”
ئاڭلاڭلار، قۇلاق سېلىڭلار، ھالى چوڭ بولماڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سۆز قىلغان. | 15 |
Dinleyin, kulak verin, Gururlanmayın, Çünkü RAB konuştu.
ئەمدى ئۇ بېشىڭلارغا زۇلمەت چۈشۈرگىچە، پۇتۇڭلار زاۋال چۈشكەن تاغلاردا پۇتلاشقاندەك پۇتلاشقۇچە، ئۇ سىلەر ئىزدىگەن نۇرنى ئۆلۈم سايىسىغا، قاپقاراڭغۇلۇققا ئايلاندۇرغۇچە، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا لايىق شان-شەرەپ قايتۇرۇڭلار! | 16 |
Karanlık basmadan, Kararan dağlarda Ayaklarınız tökezlemeden Tanrınız RAB'bi onurlandırın. Siz ışık beklerken, RAB onu kopkoyu, zifiri karanlığa çevirecek.
بۇنى ئاڭلىمىساڭلار، سىلەرنىڭ ھاكاۋۇرلۇقۇڭلار تۈپەيلىدىن جېنىم يوشۇرۇنچە يىغلايدۇ؛ ئاچچىق يىغلاپ كۆز ياشلىرىم ئېقىپ تاشىدۇ؛ چۈنكى سىلەر، ئى پەرۋەردىگارنىڭ پادىسى، سۈرگۈن قىلىنىسىلەر. | 17 |
Ama bu uyarıyı dinlemezseniz, Gururunuz yüzünden ağlayacağım gizlice, Gözlerim acı acı gözyaşı dökecek, Gözyaşlarım sel gibi akacak. Çünkü RAB'bin sürüsü sürgüne gönderilecek.
پادىشاھ ۋە خانىشقا: «تەختىڭلاردىن چۈشۈپ يەرگە ئولتۇرۇڭلار؛ چۈنكى كۆركەم تاجلىرىڭلار بېشىڭلاردىن چۈشۈرۈلىدۇ» ــ دېگىن. | 18 |
Krala ve ana kraliçeye söyle: “Tahtlarınızdan inin, Çünkü görkemli taçlarınız başınızdan düştü.”
جەنۇبدىكى شەھەرلەر قورشىۋېلنىپ تاقىلىدۇ؛ ئۇلارنى ئاچىدىغان ھېچكىم بولمايدۇ؛ پۈتكۈل يەھۇدا سۈرگۈن بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەسىرگە چۈشۈپ سۈرگۈن بولىدۇ. | 19 |
Negev'deki kentler kapanacak, Onları açan olmayacak. Sürgüne gönderilecek Yahuda, Tamamı sürgüne gönderilecek.
بېشىڭنى كۆتۈر، [ئى زىئون]، شىمالدىن چىققانلارغا قارا؛ ساڭا تاپشۇرۇلغان پادا، يەنى يېقىملىق پاداڭ نەگە كەتكەندۇ؟ | 20 |
Gözlerinizi kaldırıp bakın, Kuzeyden gelenleri görün. Nerede sana emanet edilen sürü? Övündüğün kuzular nerede?
[پەرۋەردىگار] سېنى باشقۇرۇشقا دوستلىرىڭنى بېكىتكىنىدە سەن نېمە دېيەلەيتتىڭ؟ ئەسلى ئۆزۈڭ ئۇلارغا باشقۇرۇشنى ئۆگەتكەن تۇرساڭ! شۇ تاپتا تولغاق تۇتقان ئايالدەك ئازاب-ئوقۇبەتلەر سېنى تۇتمامدۇ؟ | 21 |
Sana dost olması için yetiştirdiğin kişileri RAB başına yönetici atayınca ne diyeceksin? Doğuran kadının çektiği sancı gibi Seni de ağrı tutmayacak mı?
سەن ئەگەر كۆڭلۈڭدە: بۇ ئىشلار نېمىشقا بېشىمغا چۈشتى؟ ــ دەپ سورىساڭ، بۇ ئىشلار قەبىھلىكىڭ ئىنتايىن ئېغىر بولغانلىقىدىن بولدى ــ كۆينىكىڭ سالدۇرۇپ تاشلاندى، يوتىلىرىڭ زوراۋانلىقتا ئاشكارىلاندى. | 22 |
“Neden bütün bunlar başıma geldi?” dersen, Günahlarının çokluğu yüzünden eteklerin açıldı, Tecavüze uğradın.
ئېفىئوپىيەلىك قارا تېرىسىنى ئۆزگەرتەلەمدۇ؟ ياكى يىلپىز چىپار تەڭگىلىرىنى ئۆزگەرتەلەمدۇ؟ ئۇنداق بولغاندا سىلەر رەزىللىكنى قىلىشقا كۆنگەنلەرمۇ ياخشىلىقنى قىلالايدىغان بولىسىلەر! | 23 |
Kûşlu derisinin rengini, Pars beneklerini değiştirebilir mi? Kötülük etmeye alışmış olan sizler de iyilik edemezsiniz.
ئەمدى چۆل-باياۋاندىكى شامال ھەيدىۋەتكەن ساماندەك مەن سىلەرنى ھەيدەپ چاچىمەن. | 24 |
“Çöl rüzgarının savurduğu saman çöpü gibi Dağıtacağım sizleri.
بۇ سېنىڭ ئاقىۋىتىڭ بولىدۇ، مەن ساڭا بېكىتكەن نېسىۋەڭ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ چۈنكى سەن مېنى ئۇنتۇغانسەن، يالغانچىلىققا تايانغانسەن. | 25 |
Payın, sana ayırdığım pay bu olacak” diyor RAB. “Çünkü beni unuttun, Sahte ilahlara güvendin.
شۇڭا مەن كۆينىكىڭنىڭ پەشلىرىنى يۈزۈڭ ئۈستىگە كۆتۈرۈپ تاشلايمەن، نومۇسۇڭ كۆرۈلىدۇ. | 26 |
Ayıbın ortaya çıksın diye Eteklerini yüzüne dek kaldıracağım.
ئاھ، سېنىڭ زىنالىرىڭ، ئايغىرنىڭكىدەك پوخۇر كىشنەشلىرىڭ، ئېگىزلىكلەردە ۋە ئېتىزلاردا بولغان بۇزۇقچىلىقلىرىڭنىڭ پەسكەشلىكى! ــ بارلىق يىرگىنچلىكلىرىڭنى كۆردۇم! ھالىڭغا ۋاي، ئى يېرۇسالېم! سەن پاك قىلىنىشنى قاچانغىچە رەت قىلماقچىسەن؟! | 27 |
Kırdaki tepeler üzerinde Yaptığın iğrençlikleri –zinalarını, Çapkın çapkın kişneyişini, yüzsüz fahişeliklerini– gördüm. Vay başına geleceklere, ey Yeruşalim! Ne zamana dek böyle kirli kalacaksın?”