مەن دەۋايىمنى ئالدىڭغا ئېلىپ كەلسەم، ئادىل بولۇپ كەلدىڭ، ئى پەرۋەردىگار؛ لېكىن سەن بىلەن ئۆز ھۆكۈملىرىڭ توغرۇلۇق سۆزلەشمەكچىمەن؛ نېمىشقا رەزىللەرنىڭ يولى روناق تاپىدۇ؟ ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى نېمىشقا كەڭرى-ئازادىلىكتە تۇرىدۇ؟ | 1 |
ئەی یەزدان، تۆ ڕاستودروستیت کاتێک سکاڵای خۆم بۆ تۆ دەهێنم. لەگەڵ ئەوەشدا سەبارەت بە حوکمەکانی تۆ دەدوێم: بۆچی ڕێگای بەدکاران سەرکەوتووە؟ بۆچی هەموو ناپاکەکان ئاسوودەن؟ |
سەن ئۇلارنى يەر يۈزىگە تىككەنسەن، ئۇلارمۇ يىلتىز تارتقان؛ ئۇلار ئۆسۈپ گۈللىنىدۇ، ئۇلار مېۋىلەيدۇ؛ سەن ئۇلارنىڭ ئاغزىغا يېقىن ئوخشايسەن، لېكىن ۋىجدانىدىن يىراقسەن؛ | 2 |
ئەوانت چاند و ڕەگیان داکوتا، گەشەیان کرد و بەریان دا. تۆ هەردەم لەسەر زاری ئەوانیت بەڵام لە دڵیان دووریت. |
لېكىن سەن، ئى پەرۋەردىگار، مېنى بىلىسەن؛ سەن مېنى كۆرۈپ كەلگەنسەن، ئۆزۈڭگە بولغان سادىقلىقىمنى سىنىغانسەن. ئۇلارنى بوغۇزلاشقا بېكىتىلگەن قويلاردەك ئايرىپ سۆرەپ چىققايسەن، ئۇلارنى قەتل كۈنىگە ئايرىغايسەن. | 3 |
بەڵام ئەی یەزدان، تۆ دەمناسیت، دەمبینیت و لەلای خۆت دڵی من تاقی دەکەیتەوە. وەک مەڕ بۆ سەربڕین جیایان بکەوە! بۆ ڕۆژی کوشتن تەرخانیان بکە! |
زېمىن قاچانغىچە قاغجىرايدۇ، ئېتىزدىكى ئوت-چۆپلەر قاچانغىچە قۇرغان ھالەتتە تۇرىدۇ؟ زېمىندا تۇرۇۋاقانلارنىڭ رەزىللىكى تۈپەيلىدىن ھايۋانلار ھەم ئۇچار-قاناتلار قاچانغىچە يوقاپ تۈگەيدۇ؟ چۈنكى بۇ خەلق: «[خۇدا] ئاقىۋىتىمىزنى ھېچ كۆرمەيدۇ» دەۋاتىدۇ. | 4 |
هەتا کەی زەوی بگریێ و گیای هەموو کێڵگەکان وشک بێت؟ لەبەر خراپەی دانیشتووانەکەی ئاژەڵ و باڵندە لەناوچوون، چونکە گوتیان: «خودا کۆتایی ئێمە نابینێت.» |
ــ سەن يۈگۈرگەن لەشكەرلەر بىلەن بەسلەشكەندە، ئۇلار سېنى ھالسىراتقان بولسا، ئەمدى سەن ئاتلار بىلەن بەسلەشسەڭ قانداق بولار؟ سەن پەقەت ئامان-تىنچلىقتا تۇرغان زېمىندىلا خاتىرجەم بولۇپ [ماڭا] ئىشىنىسەن، ئەمدى ئىئوردان دەرياسى بويىدىكى قويۇق چاتقاللىقلاردا قانداق يۈرىسەن؟ | 5 |
«ئەگەر لە ڕاکردن لەگەڵ پیادەکان ماندوو بیت، ئەی چۆن پێشبڕکێ لەگەڵ ئەسپەکان دەکەیت؟ ئەگەر لەسەر خاکێکی سەلامەت ساتمە دەکەیت و دەکەویت، ئەی لە دەوەنەکانی ڕووباری ئوردون چی دەکەیت؟ |
چۈنكى ھەتتا ئۆز قېرىنداشلىرىڭ، ئاتاڭنىڭ جەمەتىمۇ ساڭا ئاسىيلىق قىلغان. ئۇلارمۇ سېنى يوقىتىش ئۈچۈن ئاۋازىنى قويۇپ بەرگەن. گەرچە ئۇلار ساڭا مېھىرلىك سۆزلەرنى قىلغان بولسىمۇ، ئۇلارغا ئىشەنمە!» | 6 |
براکانت و بنەماڵەکەشت، ئەوانیش ناپاکییان لەگەڵ کردیت، ئەوانیش پڕ بەدەم بەدواتدا هاواریان کرد. لێیان دڵنیا مەبە، هەرچەندە باسی چاکەشیان بۆ کردیت. |
ــ ئۆزۈم ئائىلەمدىن ۋاز كېچىمەن، مىراسىمنى تاشلىۋېتىمەن، جان-جىگىرىمنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن. | 7 |
«واز لە ماڵی خۆم دەهێنم، میراتی خۆم ڕەت دەکەمەوە، ئەویندارەکەی خۆم دەخەمە چنگی دوژمەنەکانیەوە. |
مېنىڭ مىراسىم [بولغان خەلق] بولسا ماڭا ئورمانلىقتىكى بىر شىرگە ئوخشاش بولۇپ قالدى؛ ئۇلار ماڭا قارشى ئاۋازىنى كۆتۈردى؛ شۇڭا مەن ئۇلارنى يامان كۆرىمەن. | 8 |
میراتەکەم لێم دەبێتە شێرێک لە دارستان، بەسەرمدا دەنەڕێنێت، لەبەر ئەوە دژایەتی دەکەم. |
مېنىڭ مىراسىم ماڭا سار-بۈركۈت ياكى چىلبۆرىدەك بولۇپ قالدى ئەمەسمۇ؟ لېكىن ئۇنىڭ ئەتراپىغا باشقا سار-بۈركۈتلەر ئولاشماقتا! بېرىڭلار، ئۇلارنى يەۋېتىشكە بارلىق دالادىكى ھايۋانلارنى يىغىپ كېلىڭلار! | 9 |
ئایا میراتەکەم مەلی گۆشتخۆری خاڵدارە، کە مەلە گۆشتخۆرەکانی دیکە چواردەوریان داوە و هێرشیان کردووەتە سەری؟ بڕۆن هەموو ئاژەڵە کێوییەکان کۆبکەنەوە، بیانهێنن بۆ خواردن. |
نۇرغۇنلىغان خەلق پادىچىلىرى ئۈزۈمزارىمنى ھالاك قىلىدۇ، ئۇلار مېنىڭ نېسىۋەمنى ئاياغ ئاستى قىلىدۇ، ئۇلار مېنىڭ يېقىملىق نېسىۋەمنى غېرىب بىر چۆل-باياۋانغا ئايلاندۇرىدۇ؛ | 10 |
زۆر شوان ڕەزەمێوەکەی من تێکدەدەن، کێڵگەکەی من پێپەست دەکەن. کێڵگە ئارەزووبەخشەکەی من دەکەنە چۆڵەوانییەکی کاول. |
ئۇلار ئۇنى غېرىب قىلىۋېتىدۇ؛ ئۇ مېنىڭ ئالدىمدا غېرىب ھەم قاغجىراق تۇرىدۇ؛ پۈتكۈل زېمىن غېرىب قالىدۇ؛ ئەمما ھېچ ئادەم بۇنىڭغا كۆڭلىنى بۆلمەيدۇ. | 11 |
دەیکەنە کاولگە، کاولگە شیوەن بۆ من دەگێڕێت. هەموو زەوی کاول دەبێت، چونکە کەس نییە گرنگی پێبدات. |
چۆل-باياۋاندىكى بارلىق ئېگىزلىكلەر ئۈستىگە ھالاك قىلغۇچىلار غۇژۇلداپ چىقىپ كېلىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قىلىچى زېمىننىڭ بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگىچە ھەممىنى يۇتىدۇ؛ ھېچ ئەت ئىگىسىنىڭ تىنچ-خاتىرجەملىكى بولمايدۇ. | 12 |
لەسەر هەموو گردۆڵکەکانی چۆڵەوانی تاڵانکەران دێن، چونکە شمشێری یەزدان لەوپەڕی زەوییەوە هەتا ئەم پەڕی دەخوات، ئاشتی بۆ هیچ کەسێک نابێت. |
[خەلقىم] بۇغداينى تېرىغان بولسىمۇ، لېكىن تېكەنلەرنى ئورىيدۇ؛ ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۇپراتقىنى بىلەن، پايدا كۆرمەيدۇ؛ شۇڭا [ناچار] مەھسۇلاتلىرىڭلار تۈپەيلىدىن، پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپى تۈپەيلىدىن، يەرگە قاراپ قالىسىلەر. | 13 |
گەنم دەچێنن و دڕک دەدورنەوە، ماندوو دەبن و قازانج ناکەن. ئیتر شەرمەزار دەبن لە بەروبوومەکەتان، لە گڕی تووڕەیی یەزدان.» |
مەنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىم ئىسرائىلنى ۋارىس قىلغان مىراسقا چاڭگال سالغان، زېمىنىمنىڭ ھەممە رەزىل قوشنىلىرى توغرۇلۇق مۇنداق دەيمەن: ــ مانا، مەن ئۇلارنى ئۆز زېمىنىدىن يۇلۇپ ئالىمەن، شۇنىڭدەك يەھۇدا جەمەتىنى ئۇلار ئارىسىدىن يۇلۇۋالىمەن؛ | 14 |
یەزدان ئەمە دەفەرموێت: «ئەو نەتەوە بەدکارانەی دراوسێم کە دەستیان لە میراتەکەم دا کە دامە ئیسرائیلی گەلەکەم، ئەوەتا لە خاکەکەدا ڕیشەکێشیان دەکەم و بنەماڵەی یەهوداش لەناوەڕاستیان ڕیشەکێش دەکەم. |
لېكىن شۇنداق بولىدۇكى، ئۇلارنى يۇلۇۋالغاندىن كېيىن مەن بۇ يولدىن يېنىپ، ئۇلارغا ئىچىمنى ئاغرىتىمەن، ئۇلارنىڭ ھەربىرىنى ئۆز مىراسىغا، ھەربىرىنى ئۆز زېمىنىغا قايتۇرىمەن. | 15 |
لەدوای ئەوەی ڕیشەکێشیان دەکەم، دەگەڕێمەوە بەزەییم پێیاندا دێتەوە، هەریەکە بۆ میراتەکەی خۆی و بۆ خاکەکەی خۆی دەگەڕێنمەوە. |
شۇنداق قىلىپ، ئەگەر (ئۇلار ئۆتكەندە خەلقىمگە بائالنىڭ ئىسمىغا قەسەم ئىچىشنى ئۆگەتكەندەك) كۆڭۈل قويۇپ خەلقىمنىڭ يوللىرىنى ئۆگەنسە، جۈملىدىن مېنىڭ نامىمغا قەسەم ئىچىشنى ئۆگەنسە، ــ ئەمدى ئۇلارغا خەلقىم ئارىسىدىن [مۇقىم] ئورۇن بېرىلىپ، ئۇلار گۈللەندۈرۈلىدۇ. | 16 |
لە ڕابردوو گەلەکەی منیان فێرکرد سوێند بە ناوی بەعل بخۆن، بەڵام ئەگەر ئێستا بە تەواوی فێری نەریتی گەلەکەی من ببن، ئەگەر سوێندیان بە ناوی من خوارد و گوتیان:”بە یەزدانی زیندوو،“ئەوا لەنێو گەلەکەم بنیاد دەنرێن. |
بىراق ئۇلار ئاڭلىمىسا، مەن شۇ ئەلنى مۇتلەق يۇلۇپ تاشلايمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 17 |
بەڵام هەر نەتەوەیەک ئەگەر گوێ نەگرێت، من لە ڕەگەوە ڕیشەکێشی دەکەم و لەناوی دەبەم.» ئەوە فەرمایشتی یەزدانە. |