< يەرەمىيا 11 >
يەرەمىياغا پەرۋەردىگاردىن كەلگەن سۆز مۇنداق ئىدى: | 1 |
耶和华的话临到耶利米说:
ــ بۇ ئەھدىنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار؛ شۇنداقلا يەھۇدا كىشىلىرىگە، يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارغا ئۇلارنى يەتكۈزۈڭلار، | 2 |
“当听这约的话,告诉犹大人和耶路撒冷的居民,
ــ سەن يەرەمىيا ئۇلارغا مۇنداق ئېيتقىن: ــ ــ پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ بۇ ئەھدىنىڭ سۆزلىرىگە كىم بويسۇنمىسا ئۇ لەنەتتە قالىدۇ؛ | 3 |
对他们说,耶和华—以色列的 神如此说:不听从这约之话的人必受咒诅。
مەن بۇ ئەھدىنى ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنى مىسىر زېمىنىدىن، يەنى تۆمۈر تاۋلايدىغان خۇمداندىن قۇتقۇزۇپ چىقارغان كۈنىدە ئۇلارغا تاپىلاپ: «ئاۋازىمغا قۇلاق سېلىپ، بۇ سۆزلەرگە، يەنى مەن سىلەرگە تاپشۇرغان بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىڭلار؛ شۇنداق قىلغىنىڭلاردا، سىلەر مېنىڭ خەلقىم بولىسىلەر، مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن؛ | 4 |
这约是我将你们列祖从埃及地领出来、脱离铁炉的那日所吩咐他们的,说:‘你们要听从我的话,照我一切所吩咐的去行。’这样,你们就作我的子民,我也作你们的 神;
شۇنداق بولغىنىدا مەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا: «سىلەرگە سۈت ھەم بال ئېقىپ تۇرىدىغان بىر زېمىن تەقدىم قىلىمەن» دەپ ئىچكەن قەسەمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن» ــ دېگەنىدىم. سىلەر بۈگۈنكى كۈندە دەل شۇ زېمىندا تۇرۇۋاتىسىلەر! مەن بولسام جاۋابەن «ئامىن، پەرۋەردىگار!» ــ دېدىم. | 5 |
我好坚定向你们列祖所起的誓,给他们流奶与蜜之地,正如今日一样。”我就回答说:“耶和华啊,阿们!”
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: ــ يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىدە، يېرۇسالېمنىڭ كوچىلىرىدا بۇ سۆزلەرنى جاكارلا: ــ بۇ ئەھدىنىڭ بارلىق سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇڭلار! | 6 |
耶和华对我说:“你要在犹大城邑中和耶路撒冷街市上,宣告这一切话说:你们当听从遵行这约的话。
چۈنكى مەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا مىسىر زېمىنىدىن قۇتقۇزۇپ چىقارغان كۈنىدىن بۈگۈنكى كۈنگىچە «مېنىڭ ئاۋازىمغا قۇلاق سېلىڭلار!» دەپ جېكىلەپ ئاگاھلاندۇرۇپ كېلىۋاتىمەن؛ مەن تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلدىم. | 7 |
因为我将你们列祖从埃及地领出来的那日,直到今日,都是从早起来,切切告诫他们说:‘你们当听从我的话。’
لېكىن ئۇلار ھېچ ئاڭلىمىغان ياكى قۇلاق سالمىغان؛ ئۇلارنىڭ ھەربىرى رەزىل كۆڭۈللىرىدىكى جاھىللىققا ئەگىشىپ ماڭغان؛ شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ ئەھدىدىكى بارلىق سۆزلەرنى ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشۈردۈم؛ مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارغا تاپىلىغانمەن، لېكىن ئۇلار ھېچ ئەمەلگە ئاشۇرمىغان. | 8 |
他们却不听从,不侧耳而听,竟随从自己顽梗的恶心去行。所以我使这约中一切咒诅的话临到他们身上;这约是我吩咐他们行的,他们却不去行。”
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: ــ يەھۇدادىكىلەر ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئارىسىدا بىر سۇيىقەست بايقالدى؛ | 9 |
耶和华对我说:“在犹大人和耶路撒冷居民中有同谋背叛的事。
ئۇلار سۆزلىرىمنى ئاڭلاشنى رەت قىلغان ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبىھلىكلىرىگە قايتىپ كەتتى؛ ئۇلارنىڭ ئىبادىتىدە بولايلى دەپ باشقا ئىلاھلارغا ئەگىشىپ كەتتى. ئىسرائىل جەمەتى ھەم يەھۇدا جەمەتى ئاتا-بوۋىلىرى بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى بۇزدى. | 10 |
他们转去效法他们的先祖,不肯听我的话,犯罪作孽,又随从别神,事奉它。以色列家和犹大家背了我与他们列祖所立的约。”
شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ھېچ قۇتۇلالماس ئاپەت چۈشۈرىمەن؛ ئۇلار ماڭا پەرياد كۆتۈرىدۇ، لېكىن مەن ئۇلارنى ئاڭلىمايمەن. | 11 |
所以耶和华如此说:“我必使灾祸临到他们,是他们不能逃脱的。他们必向我哀求,我却不听。
ئاندىن يەھۇدانىڭ شەھەرلىرى ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار ئىسرىق يېقىپ چوقۇنغان بۇتلارنى ئىزدەپ ئۇلارغا پەرياد كۆتۈرىدۇ؛ لېكىن ئاپەت چۈشكەن ۋاقتىدا ئۇلار بۇلارنى ھېچ قۇتقۇزمايدۇ. | 12 |
那时,犹大城邑的人和耶路撒冷的居民要去哀求他们烧香所供奉的神;只是遭难的时候,这些神毫不拯救他们。
چۈنكى شەھەرلىرىڭ قانچە كۆپ بولغانسېرى، بۇتلىرىڭ شۇنچە كۆپ بولدى، ئى يەھۇدا؛ يېرۇسالېمنىڭ كوچىلىرى قانچە كۆپ بولغانسېرى، سىلەر «يىرگىنچلىك بولغۇچى»غا شۇنچە قۇربانگاھلارنى قۇردۇڭلار، يەنى بائالغا ئىسرىق يېقىش ئۈچۈن قۇربانگاھلارنى بەرپا قىلدىڭلار. | 13 |
犹大啊,你神的数目与你城的数目相等;你为那可耻的巴力所筑烧香的坛也与耶路撒冷街道的数目相等。
ئەمدى سەن، [ئى يەرەمىيا]، بۇ خەلق ئۈچۈن دۇئا قىلما، ئۇلار ئۈچۈن ھېچ پەرياد ياكى تىلاۋەت قىلما؛ چۈنكى ئاپەت بېشىغا چۈشۈشى بىلەن ئۇلار ماڭا نىدا قىلغان ۋاقتىدا مەن ئۇلارنى ئاڭلىمايمەن. | 14 |
“所以你不要为这百姓祈祷,不要为他们呼求祷告;因为他们遭难向我哀求的时候,我必不应允。
ــ مېنىڭ سۆيۈملۈك خەلقىمنىڭ ئۆيۈمدە تۇرۇشىغا نېمە ھەققى؟ چۈنكى كۆپىنچىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ رەزىل مەقسەتلىرىگە يېتىشكە ئورۇنىسىلەر؛ سىلەر رەزىللىكىڭلار ئەمەلگە ئاشقاندا خۇرسەن بولساڭلار، ئۇنداقتا «مۇقەددەس گۆشلەر» مۇشۇ ئاسىيلىقىڭلارنى سىلەردىن ئېلىپ تاشلىيالامدۇ؟ | 15 |
我所亲爱的,既行许多淫乱,圣肉也离了你,你在我殿中做什么呢?你作恶就喜乐。
پەرۋەردىگار ئىسمىڭنى «ياپيېشىل، مول مېۋىلىك، باراقسان زەيتۇن دەرىخى» دەپ ئاتىغانىدى؛ لېكىن [پەرۋەردىگار] دەرەخكە شاۋقۇنلايدىغان زور بىر ئوتنى سالىدۇ ۋە شاخلىرى يوق قىلىنىدۇ. | 16 |
从前耶和华给你起名叫青橄榄树,又华美又结好果子;如今他用哄嚷之声,点火在其上,枝子也被折断。
چۈنكى سېنى تىككەن ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ساڭا قاراپ كۈلپەت بېكىتىپ جاكارلىغان؛ سەۋەبى، ئىسرائىل جەمەتى ۋە يەھۇدا جەمەتى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەپ رەزىللىك قىلىپ، بائالغا ئىسرىق يېقىپ، مېنىڭ غەزىپىمنى كەلتۈردى. | 17 |
原来栽培你的万军之耶和华已经说,要降祸攻击你,是因以色列家和犹大家行恶,向巴力烧香,惹我发怒,是自作自受。”
«پەرۋەردىگار ماڭا خەۋەر يەتكۈزدى، شۇنىڭ بىلەن مەن چۈشەندىم؛ ئۇ ماڭا ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئايان قىلدى؛ | 18 |
耶和华指示我,我就知道; 你将他们所行的给我指明。
مەن بولسام خۇددى بوغۇزلاشقا يېتىلەپ ماڭغان كۆنۈك پاقلاندەك ئىدىم؛ مەن ئەسلى ئۇلارنىڭ ماڭا قاراپ: «دەرەخنى مېۋىسى بىلەن يوقىتايلى، ئۇنىڭ ئىسمى قايتا ئەسكە ھېچ كەلتۈرۈلمىسۇن، ئۇنى تىرىكلەر زېمىنىدىن ئۈزۈپ تاشلايلى» دېگەن قەستلىرىنى ھېچ بىلمەيتتىم؛ | 19 |
我却像柔顺的羊羔被牵到宰杀之地; 我并不知道他们设计谋害我, 说:我们把树连果子都灭了吧! 将他从活人之地剪除, 使他的名不再被纪念。
لېكىن سەن، ئى ئادىل ھۆكۈم چىقارغۇچى، ئادەمنىڭ ۋىجدان-قەلبىنى سىنىغۇچى، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، سېنىڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرىدىغان قىساسىڭنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈشكە نېسىپ قىلغايسەن؛ چۈنكى دەۋايىمنى ساڭىلا ئايان قىلىپ تاپشۇردۇم». | 20 |
按公义判断、察验人肺腑心肠的万军之耶和华啊, 我却要见你在他们身上报仇, 因我将我的案件向你禀明了。
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار [ماڭا] مۇنداق دېدى: ــ «پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا بېشارەت بەرمە، بولمىسا جېنىڭ قولىمىزدا تۈگىشىدۇ» ــ دەپ ساڭا دوق قىلىپ يۈرگەن ئاناتوتتىكى ئادەملەر جېنىڭنى ئىزدەپ يۈرىدۇ. ئەمدى ئۇلار توغرىسىدا مۇنداق سۆزۈم بار: ــ | 21 |
所以,耶和华论到寻索你命的亚拿突人如此说:“他们说:你不要奉耶和华的名说预言,免得你死在我们手中。
ــ بۇ ئىشقا قاراپ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: ــ مانا، مەن ئۇلارنى جازالايمەن؛ يىگىتلەر قىلىچ بىلەن ئۆلىدۇ، ئوغۇل-قىزلىرى بولسا قەھەتچىلىك بىلەن ئۆلىدۇ. | 22 |
所以万军之耶和华如此说:看哪,我必刑罚他们;他们的少年人必被刀剑杀死,他们的儿女必因饥荒灭亡,
ئۇلاردىن ھېچبىر قالدىسى قالمايدۇ؛ چۈنكى مەن ئۇلار جازالىنىدىغان يىلىدا، شۇ ئاناتوتتىكى ئادەملەر ئۈستىگە ئاپەت چۈشۈرىمەن. | 23 |
并且没有余剩的人留给他们;因为在追讨之年,我必使灾祸临到亚拿突人。”