< يەرەمىيا 10 >
پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە ئېيتقان سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار، ئى ئىسرائىل جەمەتى: ــ | 1 |
Aŭskultu la vorton, kiun diras pri vi la Eternulo, ho domo de Izrael!
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئەللەرنىڭ يوللىرىنى ئۆگەنمەڭلار؛ گەرچە ئەللەر ئاسماندىكى ھادىسە-ئالامەتلەردىن قورقۇپ دەككە-دۈككىگە چۆمگەن بولسىمۇ، سىلەر بۇلاردىن ھېچ چۆچۈپ كەتمەڭلار. | 2 |
Tiele diras la Eternulo: Ne lernu la konduton de la nacioj, kaj ne timu la signojn de la ĉielo, kiel la nacioj ilin timas.
چۈنكى ئەللەرنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرى بىمەنىلىكتۇر؛ ھەممىسى ئورمانلىقتىن كېسىلگەن دەرەختىن، ياغاچچىنىڭ ئىسكىنىسى بىلەن ئويۇلغان نەرسىگە ئاساسلانغاندۇر. | 3 |
Ĉar la aranĝoj de la nacioj estas vantaĵo: ili dehakas arbon en la arbaro, kaj ĉarpentisto prilaboras ĝin per hakilo;
ئۇلار بۇنى ئالتۇن-كۈمۈش بىلەن ھەللەيدۇ؛ ئۇنى يىقىلمىسۇن دەپ ئۇلار بولقا، مىخلار بىلەن بېكىتىدۇ. | 4 |
ili ornamas ĝin per arĝento kaj oro, fortikigas per najloj kaj marteloj, por ke ĝi ne disfalu.
بۇنداق بۇتلار تەرخەمەكلىكتە تۇرىدىغان بىر قارانچۇقتۇر، خالاس؛ ئۇلار ھېچ سۆزلىيەلمەيدۇ؛ ئۇلار باشقىلار تەرىپىدىن كۆتۈرۈلۈشى كېرەك، چۈنكى ئۇلار ماڭالمايدۇ. ئۇلاردىن قورقماڭلار؛ چۈنكى ئۇلار رەزىللىك قىلالمايدۇ، ئۇلارنىڭ قولىدىن ياخشىلىق قىلىشمۇ كەلمەيدۇ. | 5 |
Ili estas kiel kolono ĉirkaŭforĝita; ili ne parolas, oni portas ilin, ĉar ili ne povas iri. Ne timu ilin, ĉar ili ne faras malbonon, tiel same, kiel ili ne povas fari bonon.
ــ ساڭا ئوخشايدىغان ھېچكىم يوق، ئى پەرۋەردىگار؛ سەن ئۇلۇغ، كۈچ-قۇدرىتىڭ بىلەن نامىڭ ئۇلۇغدۇر. | 6 |
Sed simila al Vi, ho Eternulo, ekzistas neniu; granda Vi estas, kaj granda estas Via nomo en potenco.
كىم سەندىن قورقماي تۇرالىسۇن، ئى بارلىق ئەللەر ئۈستىگە ھۆكۈمران پادىشاھ!؟ چۈنكى بۇ ساڭا تېگىشلىكتۇر؛ چۈنكى ئەللەردىكى دانىشمەنلەر ئارىسىدا ۋە بارلىق پادىشاھلىقلار ئارىسىدا ساڭا ئوخشاش ھېچكىم يوقتۇر. | 7 |
Kiu povas ne timi Vin, ho Reĝo de la popoloj? al Vi tio decas, ĉar inter ĉiuj saĝuloj de la nacioj kaj en ĉiuj iliaj regnoj ekzistas neniu simila al Vi.
[ئەللەرنىڭ] ھەممىسى ئىستىسناسىز ئەقلى يوق، نادانلاردۇر؛ بۇ ئەرزىمەسلەر ياغاچتۇر، خالاس! ئۇلار تەلىم بېرەلەمدۇ!؟ | 8 |
Ĉiuj ili malsaĝiĝis kaj idiotiĝis, ĉar ligno donas ja nur vantaĵan instruon.
سوقۇپ يالپاقلانغان كۈمۈش تارشىشتىن ئېلىپ كېلىنىدۇ؛ ئالتۇنمۇ ئۇفازدىن ئېلىپ كېلىنىدۇ؛ ئاندىن ھۈنەرۋەن ۋە زەرگەرلەرنىڭ قولى بۇ ياسىغىنىغا كۆك ۋە سۆسۈن رەخت بىلەن كىيىم كىيگۈزىدۇ ــ بۇلارنىڭ ھەممىسى شۈبھىسىزكى، دانىشمەن ئۇستىلارنىڭ ئەجرىدۇر! | 9 |
Foliigita arĝento estas venigita el Taŝiŝ kaj oro el Ufaz, laboritaĵo de artisto kaj de la manoj de fandisto; blua kaj purpura ŝtofo estas ilia vesto, ĉio estas faritaĵo de lertuloj.
لېكىن پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئۆزى ھەقىقەتتۇر؛ ئۇ ھايات خۇدادۇر، مەڭگۈلۈكنىڭ پادىشاھىدۇر؛ ئۇنىڭ غەزىپى ئالدىدا يەر-زېمىن تىترەيدۇ؛ ئەللەر ئۇنىڭ قەھرىنى كۆتۈرەلمەيدۇ. | 10 |
Sed la Eternulo estas Dio vera, Li estas Dio vivanta kaj Reĝo eterna; de Lia kolero tremas la tero, kaj la nacioj ne povas elteni Lian indignon.
ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: «ئاسمان بىلەن زېمىننى ياراتمىغان ئىلاھلار، ئۇلار زېمىن يۈزىدىن ۋە ئاسمان ئاستىدىن يوقايدۇ!». | 11 |
Diru do al ili: La dioj, kiuj ne kreis la ĉielon kaj la teron, pereos de sur la tero kaj sub la ĉielo.
[پەرۋەردىگار بولسا] يەر-زېمىننى كۈچ-قۇدرىتى بىلەن ياسىغان، ئالەمنى دانالىقى بىلەن بەرپا قىلغان، ئاسمانلارنى ئەقىل-پاراسىتى بىلەن يايغۇچىدۇر. | 12 |
Li kreis la teron per Sia forto, aranĝis la mondon per Sia saĝo, kaj per Sia prudento etendis la ĉielon.
ئۇ ئاۋازىنى قويۇۋەتسە، ئاسمانلاردا سۇلار شاۋقۇنلايدۇ؛ ئۇ يەر چەتلىرىدىن بۇلۇت-تۇمانلارنى ئۆرلىتىدۇ؛ ئۇ يامغۇرلارغا چاقماقلارنى ھەمراھ قىلىپ بېكىتىدۇ، ۋە شامالنى ئۆز خەزىنىلىرىدىن چىقىرىدۇ. | 13 |
Kiam Li eksonigas Sian voĉon, kolektiĝas multego da akvo en la ĉielo; Li levas la nubojn de la randoj de la tero, Li aperigas fulmojn inter la pluvo, kaj elirigas la venton el Siaj trezorejoj.
مۇشۇ كىشىلەرنىڭ ھەربىرى ئەقىلسىز، بىلىمدىن مەھرۇملاردۇر؛ زەرگەرلەرنىڭ ھەربىرى ئۆزلىرى ئويغان بۇت تەرىپىدىن شەرمەندىگە قالىدۇ؛ چۈنكى ئۇنىڭ قۇيما ھەيكىلى يالغانچىلىق، ئۇلاردا ھېچ تىنىق يوقتۇر. | 14 |
Malsaĝiĝis ĉiu homo kun sia sciado, per honto kovriĝis ĉiu fandisto kun sia statuo; ĉar lia fanditaĵo estas malveraĵo, ĝi ne havas en si spiriton.
ئۇلار بىمەنىلەردۇر، مازاق ئوبيېكتىدۇر؛ جازالىنىش ۋاقتى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە كەلگەندە، ئۇلار يوقىتىلىدۇ. | 15 |
Tio estas vantaĵo, faro de eraro; kiam ili estos vizititaj, ili pereos.
ياقۇپنىڭ نېسىۋىسى بولغۇچى بۇلاردەك ئەمەستۇر، چۈنكى بارلىق مەۋجۇداتنى ياسىغۇچى شۇدۇر؛ ئىسرائىل بولسا ئۇنىڭ ئۆز مىراسى بولغان قەبىلىدۇر؛ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۇنىڭ نامىدۇر. | 16 |
Ne simila al ili estas Tiu, kiun havas Jakob; ĉar Li estas la kreinto de ĉio, kaj Izrael estas la gento de Lia heredo; Eternulo Cebaot estas Lia nomo.
زېمىندىن چىقىشقا يۈك-تاقىڭنى يىغىشتۇرۇپ ئال، ئى مۇھاسىرىگە ئېلىنغۇچى قىز؛ | 17 |
Forprenu de la tero vian komercaĵon, vi, kiu loĝas en fortikaĵo;
چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مانا، مەن بۇ ۋاقىتتا زېمىندىكىلەرنى ئېلىپ ئۇ يەردىن چۆرىۋېتىمەن ۋە ئۇلارنىڭ كۆڭلى تونۇپ يەتكۈچە ئازار بېرىمەن!». | 18 |
ĉar tiele diras la Eternulo: Jen Mi ĉi tiun fojon elĵetos la loĝantojn de la lando, kaj Mi premos ilin, ke ili sentos kaj diros:
جاراھىتىم ئۈچۈن ھالىمغا ۋاي! مېنىڭ يارام داۋالىغۇسىزدۇر! بىراق ئەسلىدە مەن: «بۇ پەقەت بىر كېسەللىك، خالاس، ئۇنىڭغا چىدىغۇدەكمەن» ــ دەپتىكەنمەن. | 19 |
Ho ve al mi en mia malfeliĉo! neresanigebla estas mia vundo. Kaj mi pensis, ke tio estas mia malsano, kiun mi devas elporti.
مېنىڭ چېدىرىم ھالاك بولدى، بارلىق تانىلىرىم ئۈزۈلدى؛ بالىلىرىم مەندىن جۇدا بولۇپ، ئۇلار يوق بولدى؛ چېدىرىمنى قايتىدىن سوزۇپ تىككۈدەك، چېدىر پەردىلىرىنى ئاسقۇدەك ھېچكىم قالمىدى. | 20 |
Mia tendo estas ruinigita, kaj ĉiuj miaj ŝnuroj estas disŝiritaj; miaj infanoj foriris de mi kaj forestas; estas jam neniu, kiu povus starigi mian tendon kaj pendigi miajn kurtenojn.
چۈنكى خەلق پادىچىلىرى ئەقىلسىز بولۇپ، پەرۋەردىگارنى ئىزدەپ يول سورىمايدۇ؛ شۇڭا ئۇلار دانىشمەنلەردەك ئىش كۆرەلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ بارلىق پادىسى تارقىلىپ كەتتى. | 21 |
Ĉar la paŝtistoj malsaĝiĝis kaj ne serĉis la Eternulon; tial ili nenion komprenas kaj ilia tuta paŝtataro estas dispelita.
ئاڭلاڭلار! بىر گەپنىڭ شەپىسى! مانا، ئۇ كېلىدۇ، شىمالىي زېمىندىن چىققان زور بىر چۇقان-سۈرەن! يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىنى بىر ۋەيرانە، چىلبۆرىلەرنىڭ تۇرالغۇسىغا ئايلاندۇرغۇچى كېلىۋاتىدۇ! | 22 |
Jen venas laŭta krio kaj granda bruo el norda lando, por fari la urbojn de Judujo ruinoj, loĝejo de ŝakaloj.
بىلىمەنكى، ئى پەرۋەردىگار، ئىنساننىڭ ئۆز يولىنى بېكىتىشى ئۆز قولىدا ئەمەستۇر؛ مېڭىۋاتقان ئادەمنىڭ ئۆزىدە قەدەملىرىنى خالىغانچە تاشلاش قۇدرىتى بولماستۇر؛ | 23 |
Mi scias, ho Eternulo, ke la vojo de homo estas ne laŭ lia volo, ke homo iranta ne povas libere direkti siajn paŝojn.
پەرۋەردىگار، مېنى تۈزىگەيسەن، لېكىن غەزىپىڭ بىلەن ئەمەس، ئادىل ھۆكۈمىڭ بىلەن تۈزىگەيسەن؛ بولمىسا سەن مېنى يوققا باراۋەر قىلىسەن. | 24 |
Punu min, ho Eternulo, sed laŭjuĝe, ne en Via kolero, por ke Vi min ne tro dispremu.
قەھرىڭنى سېنى تونۇمايدىغان ئەللەر ھەمدە نامىڭغا نىدا قىلمايدىغان جەمەتلەر ئۈستىگە تۆككەيسەن؛ چۈنكى ئۇلار ياقۇپنى يەپ كەتكەن؛ بەرھەق، ئۇلار ئۇنى يۇتۇپ تۈگەشتۈرۈپ، تۇرغان جايىنى مۇتلەق ۋەيران قىلغان. | 25 |
Elverŝu Vian koleron sur tiujn naciojn, kiuj Vin ne konas, kaj sur la gentojn, kiuj ne vokas Vian nomon; ĉar ili formanĝis Jakobon, englutis lin, ekstermis lin, kaj dezertigis lian loĝejon.