< ياقۇپ 1 >
خۇدانىڭ ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ قۇلى بولغان مەنكى ياقۇپتىن تارقاق تۇرۇۋاتقان مۇھاجىر ئون ئىككى قەبىلىگە سالام! | 1 |
Izvarasya prabho ryIzukhrISTasya ca dAso yAkUb vikIrNIbhUtAn dvAdazaM vaMzAn prati namaskRtya patraM likhati|
ئى قېرىنداشلىرىم، ھەرقانداق سىناقلارغا دۇچ كەلسەڭلار، بۇنى زور خۇشاللىق دەپ بىلىڭلار. | 2 |
he mama bhrAtaraH, yUyaM yadA bahuvidhaparIkSASu nipatata tadA tat pUrNAnandasya kAraNaM manyadhvaM|
چۈنكى سىلەرگە مەلۇمكى، بۇنداق ئېتىقادىڭلارنىڭ سىنىلىشى سىلەردە سەۋر-چىداملىق شەكىللەندۈرىدۇ؛ | 3 |
yato yuSmAkaM vizvAsasya parIkSitatvena dhairyyaM sampAdyata iti jAnItha|
سەۋر-چىداملىقنىڭ خىسلىتى قەلبىڭلاردا تۇرۇپ شۇنداق پىشىپ يېتىلسۇنكى، شۇنىڭ بىلەن سىلەر پىشقان، مۇكەممەل ۋە كەم-كۇتىسىز بولىسىلەر. | 4 |
tacca dhairyyaM siddhaphalaM bhavatu tena yUyaM siddhAH sampUrNAzca bhaviSyatha kasyApi guNasyAbhAvazca yuSmAkaM na bhaviSyati|
بىراق ئەگەر ئاراڭلاردىكى بىرسى دانالىققا موھتاج بولسا، ھەممىگە سېخىيلىق بىلەن بېرىدىغان شۇنداقلا ئەيىبلىمەيدىغان خۇدادىن تىلىسۇن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا چوقۇم ئاتا قىلىنىدۇ. | 5 |
yuSmAkaM kasyApi jJAnAbhAvo yadi bhavet tarhi ya IzvaraH saralabhAvena tiraskAraJca vinA sarvvebhyo dadAti tataH sa yAcatAM tatastasmai dAyiSyate|
بىراق ئۇ ھېچ دېلىغۇل بولماي ئىشەنچ بىلەن تىلىسۇن؛ چۈنكى دېلىغۇل كىشى خۇددى شامالدا ئۇرۇلۇپ ئۇيان-بۇيان يەلپۈنگەن دېڭىز دولقۇنىغا ئوخشايدۇ. | 6 |
kintu sa niHsandehaH san vizvAsena yAcatAM yataH sandigdho mAnavo vAyunA cAlitasyotplavamAnasya ca samudrataraGgasya sadRzo bhavati|
ئۇنداق كىشى رەبدىن بىرەر نەرسىگە ئېرىشىمەن، دەپ ھېچ خىيال قىلمىسۇن؛ | 7 |
tAdRzo mAnavaH prabhoH kiJcit prApsyatIti na manyatAM|
ئۇنداقلار ئۈجمە كۆڭۈل بولۇپ، بارلىق يوللىرىدا تۇتامى يوق ئادەمدۇر. | 8 |
dvimanA lokaH sarvvagatiSu caJcalo bhavati|
نامرات بولغان قېرىنداش ئۆزىنىڭ يۇقىرىغا كۆتۈرۈلگەنلىكىگە تەنتەنە قىلسۇن؛ باي بولغان قېرىنداش بولسا، ئۆزىنىڭ تۆۋەن قىلىنغانلىقىغا تەنتەنە قىلسۇن، چۈنكى ئۇ ئوت-چۆپلەرنىڭ چېچەكلىرىدەك توزۇپ كېتىدۇ. | 9 |
yo bhrAtA namraH sa nijonnatyA zlAghatAM|
yazca dhanavAn sa nijanamratayA zlAghatAMyataH sa tRNapuSpavat kSayaM gamiSyati|
قۇياش چىقىپ قىزىغاندا، ئوت-چۆپلەرنى قۇرۇتىدۇ، گۈللىرى توزۇپ كېتىدۇ-دە، ئۇنىڭ گۈزەللىكى يوقىلىدۇ؛ باي ئادەملەر خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، ئۆز ھەلەكچىلىكىدە يوقىلىدۇ. | 11 |
yataH satApena sUryyeNoditya tRNaM zoSyate tatpuSpaJca bhrazyati tena tasya rUpasya saundaryyaM nazyati tadvad dhaniloko'pi svIyamUDhatayA mlAsyati|
سىناقلارغا [سەۋرچانلىق بىلەن] بەرداشلىق بەرگەن كىشى نەقەدەر بەختلىك-ھە! چۈنكى ئۇ سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، [خۇدا] ئۆزىنى سۆيگەنلەرگە ۋەدە قىلغان ھايات تاجىغا مۇيەسسەر بولىدۇ. | 12 |
yo janaH parIkSAM sahate sa eva dhanyaH, yataH parIkSitatvaM prApya sa prabhunA svapremakAribhyaH pratijJAtaM jIvanamukuTaM lapsyate|
ئادەم ئازدۇرۇلۇشقا دۇچ كەلگەندە «خۇدا مېنى ئازدۇرۇۋاتىدۇ» دېمىسۇن. چۈنكى خۇدا يامان ئىشلار بىلەن ئازدۇرۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس ھەم باشقىلارنى ئازدۇرمايدۇ. | 13 |
Izvaro mAM parIkSata iti parIkSAsamaye ko'pi na vadatu yataH pApAyezvarasya parIkSA na bhavati sa ca kamapi na parIkSate|
بەلكى بىرسى ئازدۇرۇلغاندا، ئۆز ھەۋەس-نەپسى قوزغىلىپ، ئۇلارنىڭ كەينىگە كىرگەن بولىدۇ؛ | 14 |
kintu yaH kazcit svIyamanovAJchayAkRSyate lobhyate ca tasyaiva parIkSA bhavati|
ئاندىن ھەۋەس-نەپس ھامىلىدار بولۇپ گۇناھنى تۇغىدۇ؛ گۇناھ ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ. | 15 |
tasmAt sA manovAJchA sagarbhA bhUtvA duSkRtiM prasUte duSkRtizca pariNAmaM gatvA mRtyuM janayati|
شۇڭا سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم، ئالدىنىپ قالماڭلار! | 16 |
he mama priyabhrAtaraH, yUyaM na bhrAmyata|
بارلىق يۈكسەك سېخىيلىق ۋە ھەربىر مۇكەممەل ئىلتىپات يۇقىرىدىن، يەنى [ئاسماندىكى] [بارلىق] يورۇقلۇقلارنىڭ ئاتىسىدىن چۈشۈپ كېلىدۇ؛ ئۇنىڭدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ ياكى ئۇنىڭدا «ئايلىنىش» بىلەن ھاسىل بولىدىغان كۆلەڭگىلەرمۇ بولمايدۇ. | 17 |
yat kiJcid uttamaM dAnaM pUrNo varazca tat sarvvam UrddhvAd arthato yasmin dazAntaraM parivarttanajAtacchAyA vA nAsti tasmAd dIptyAkarAt pituravarohati|
ئۇ بىزنى [ئۆزى ياراتقان بارلىق] مەۋجۇداتلارنىڭ ئىچىدە ئۆزىگە دەسلەپ پىشقان مېۋىدەك بولسۇن دەپ، ئۆز ئىرادىسى بويىچە بىزنى ھەقىقەتنىڭ سۆز-كالامى ئارقىلىق تۇغدۇردى. | 18 |
tasya sRSTavastUnAM madhye vayaM yat prathamaphalasvarUpA bhavAmastadarthaM sa svecchAtaH satyamatasya vAkyenAsmAn janayAmAsa|
شۇنىڭ بىلەن، ئى سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم، ھەر ئادەم ئاڭلاشقا تېز تەييار تۇرسۇن، سۆزلەشكە ئالدىرىمىسۇن، غەزەپلىنىشكە ئالدىرمىسۇن. | 19 |
ataeva he mama priyabhrAtaraH, yuSmAkam ekaiko janaH zravaNe tvaritaH kathane dhIraH krodhe'pi dhIro bhavatu|
چۈنكى ئىنساننىڭ غەزىپى خۇدانىڭ ھەققانىيلىقىنى ئېلىپ كەلمەيدۇ. | 20 |
yato mAnavasya krodha IzvarIyadharmmaM na sAdhayati|
شۇنىڭ ئۈچۈن، بارلىق ئىپلاسلىقلارنى ۋە قىنىڭلارغا پاتمايۋاتقان رەزىللىكنى تاشلاڭلار، [قەلبىڭلاردا] يىلتىز تارتقۇزۇلغان، سىلەرنى قۇتقۇزالايدىغان سۆز-كالامنى كەمتەرلىك-مۆمىنلىك بىلەن قوبۇل قىلىڭلار. | 21 |
ato heto ryUyaM sarvvAm azucikriyAM duSTatAbAhulyaJca nikSipya yuSmanmanasAM paritrANe samarthaM ropitaM vAkyaM namrabhAvena gRhlIta|
ئەمما ئۆز-ئۆزۈڭلارنى ئالداپ پەقەت سۆز-كالامنى ئاڭلىغۇچىلاردىن بولماڭلار، بەلكى ئۇنى ئىجرا قىلغۇچىلاردىن بولۇڭلار. | 22 |
aparaJca yUyaM kevalam AtmavaJcayitAro vAkyasya zrotAro na bhavata kintu vAkyasya karmmakAriNo bhavata|
چۈنكى بىرسى سۆز-كالامنى ئاڭلاپ قويۇپلا، ئۇنى ئىجرا قىلمىسا، ئۇ خۇددى ئەينەكتە ئۆزىنىڭ ئەينى قىياپىتىگە قاراپ قويۇپ، كېتىپ قالغان كىشىگە ئوخشايدۇ؛ چۈنكى ئۇ ئۆز تۇرقىغا قاراپ بولۇپ، چىقىپلا، شۇ ھامان ئۆزىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇيدۇ. | 23 |
yato yaH kazcid vAkyasya karmmakArI na bhUtvA kevalaM tasya zrotA bhavati sa darpaNe svIyazArIrikavadanaM nirIkSamANasya manujasya sadRzaH|
AtmAkAre dRSTe sa prasthAya kIdRza AsIt tat tatkSaNAd vismarati|
لېكىن ئاشۇ كىشىلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىدىغان مۇكەممەل قانۇنغا ئەستايىدىللىق بىلەن داۋاملىق قاراپ، ئۇنتۇغاق ئاڭلىغۇچى بولماي، بەلكى ئۇنىڭ ئىچىدە ياشاپ ئىجرا قىلغۇچى بولغان كىشى ئىشلىرىدا بەختلىك قىلىنىدۇ. | 25 |
kintu yaH kazcit natvA mukteH siddhAM vyavasthAm Alokya tiSThati sa vismRtiyuktaH zrotA na bhUtvA karmmakarttaiva san svakAryye dhanyo bhaviSyati|
بىرسى ئۆزىنى ئىخلاسمەن ئادەممەن دەپ ھېسابلىغان، لېكىن تىلىنى تىزگىنلىمىگەن بولسا، ئۆزىنى ئۆزى ئالدايدۇ؛ بۇنداق كىشىنىڭ ئىخلاسمەنلىكى بىھۇدىلىكتۇر. | 26 |
anAyattarasanaH san yaH kazcit svamano vaJcayitvA svaM bhaktaM manyate tasya bhakti rmudhA bhavati|
خۇدائاتىمىزنىڭ نەزىرىدىكى پاك ۋە داغسىز ئىخلاسمەنلىك شۇكى، قىيىنچىلىقتا قالغان يېتىم-يېسىر، تۇل خوتۇنلارنى يوقلاپ، ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىش ۋە ئۆزىنى بۇ دۇنيانىڭ بۇلغىشىدىن داغسىز ساقلاشتۇر. | 27 |
klezakAle pitRhInAnAM vidhavAnAJca yad avekSaNaM saMsArAcca niSkalaGkena yad AtmarakSaNaM tadeva piturIzvarasya sAkSAt zuci rnirmmalA ca bhaktiH|