< يەشايا 1 >
ئۇززىيا، يوتام، ئاھاز ۋە ھەزەكىيالار يەھۇداغا پادىشاھ بولغان ۋاقىتلاردا، يېرۇسالېم ۋە يەھۇدا توغرىسىدا، ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا كۆرگەن غايىبانە ۋەھىي-ئالامەتلەر: ــ | 1 |
The vision of Isaiah son of Amoz, that he saw concerning Judah and Jerusalem, in the days of Uzziah, Jotham, Ahaz, and Hezekiah, kings of Judah.
«ئى ئاسمانلار، ئاڭلاڭلار! ئى يەر-زېمىن، قۇلاق سال! چۈنكى پەرۋەردىگار سۆز ئېيتتى: ــ «مەن بالىلارنى بېقىپ چوڭ قىلدىم، بىراق ئۇلار ماڭا ئاسىيلىق قىلدى. | 2 |
Hear, heavens, and give ear, earth; for Yahweh has spoken: “I have nourished and brought up children, but they have rebelled against me.
كالا بولسا ئىگىسىنى تونۇيدۇ، ئېشەكمۇ خوجايىنىنىڭ ئوقۇرىغا [ماڭىدىغان يولنى] بىلىدۇ، بىراق ئىسرائىل بىلمەيدۇ، ئۆز خەلقىم ھېچ يورۇتۇلغان ئەمەس. | 3 |
The ox knows his owner, and the donkey his master's feeding trough, but Israel does not know, Israel does not understand.”
ئاھ، گۇناھكار «يات ئەل»، قەبىھلىكنى توپلاپ ئۆزىگە يۈكلىگەن خەلق، رەزىللەرنىڭ بىر نەسلى، نىجىس بولۇپ كەتكەن بالىلار! ئۇلار پەرۋەردىگاردىن يىراقلىشىپ، «ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى»نى كۆزىگە ئىلمىدى، ئۇلار كەينىگە ياندى. | 4 |
Woe! Nation, sinners, a people weighed down with iniquity, offspring of evildoers, sons who act corruptly! They have abandoned Yahweh, they have despised the Holy One of Israel, they have estranged themselves from him.
نېمىشقا يەنە دۇمبالانغۇڭلار كېلىدۇ؟ نېمىشقا ئاسىيلىق قىلىۋېرىسىلەر؟ پۈتۈن باشلىرىڭلار ئاغرىپ، يۈرىكىڭلار پۈتۈنلەي زەئىپلىشىپ كەتتى، | 5 |
Why are you still being beaten? Why do you rebel more and more? The whole head is sick, the whole heart is weak.
بېشىڭلاردىن ئايىغىڭلارغىچە ساق يېرىڭلار قالمىدى، پەقەت يارا-جاراھەت، ئىششىق ۋە يىرىڭ بىلەن تولدى، ئۇلار تازىلانمىغان، تېڭىلمىغان ياكى ئۇلارغا ھېچ مەلھەم سۈرۈلمىگەن. | 6 |
From the sole of the foot to the head there is no part unharmed; only wounds, and bruises, and fresh open wounds; they have not been closed, cleansed, bandaged, nor treated with oil.
ۋەتىنىڭلار چۆللەشتى؛ شەھەرلىرىڭلار كۆيۈپ ۋەيرانە بولدى؛ يەر-زېمىنىڭلارنى بولسا، ياتلار كۆز ئالدىڭلاردىلا يۇتۇۋېلىۋاتىدۇ؛ ئۇ ياتلار تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىپ چۆللىشىپ كەتتى. | 7 |
Your country is ruined; your cities are burned; your fields—in your presence, strangers are destroying them— abandoned devastation, overthrown by strangers.
ئەمدى ئۈزۈمزارغا سېلىنغان چەللىدەك، تەرخەمەكلىككە سېلىنغان كەپىدەك، مۇھاسىرىگە چۈشكەن شەھەردەك، زىئوننىڭ قىزى زەئىپ قالدۇرۇلدى. | 8 |
The daughter of Zion is left like a hut in a vineyard, like a shed in a garden of cucumbers, like a besieged city.
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار بىزگە ئازغىنە «قالدىسى»نى قالدۇرمىغان بولسا، بىز سودوم شەھىرىگە ئوخشاپ قالاتتۇق، گوموررا شەھىرىنىڭ ھالىغا چۈشۈپ قالاتتۇق. | 9 |
If Yahweh of hosts had not left for us a small remnant, we would have been like Sodom, we would have been like Gomorrah.
ئى سودومنىڭ ھۆكۈمرانلىرى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قويۇڭلار، «ئى گوموررانىڭ خەلقى، خۇدايىمىزنىڭ قانۇن-نەسىھىتىگە قۇلاق سېلىڭلار! | 10 |
Hear the word of Yahweh, you rulers of Sodom; listen to the law of our God, you people of Gomorrah:
سىلەر زادى نېمە دەپ ماڭا ئاتاپ نۇرغۇنلىغان قۇربانلىقلارنى سۇنىسىلەر؟» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. ــ «مەن كۆيدۈرمە قوچقار قۇربانلىقىڭلاردىن، بورداق مالنىڭ ياغلىرىدىن تويۇپ كەتتىم، بۇقىلار، پاقلانلار، تېكىلەرنىڭ قانلىرىدىن ھېچ خۇرسەن ئەمەسمەن. | 11 |
“What is the multitude of your sacrifices to me?” says Yahweh. “I have had enough of the burnt offerings of rams, and the fat of fatted beasts; and in the blood of bulls, lambs, or goats I do not delight.
سىلەر مېنىڭ ئالدىمغا كىرىپ كەلگىنىڭلاردا، سىلەردىن ھويلا-ئايۋانلىرىمنى شۇنداق دەسسەپ-چەيلەشنى كىم تەلەپ قىلغان؟ | 12 |
When you come to appear before me, who has required this of you, to trample my courts?
بىھۇدە «ئاشلىق ھەدىيە»لەرنى ئېلىپ كېلىشنى بولدى قىلىڭلار، خۇشبۇي بولسا ماڭا يىرگىنچلىك بولۇپ قالدى. «يېڭى ئاي» ھېيتلىرى ۋە «شابات كۈن»لىرىگە، جامائەت ئىبادەت سورۇنلىرىغا چاقىرىلىشلارغا ــ قىسقىسى، قەبىھلىكتە ئۆتكۈزۈلگەن داغدۇغىلىق يىغىلىشلارغا چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى. | 13 |
Bring no more meaningless offerings; incense is an abomination to me; your new moon and Sabbath assemblies—I cannot tolerate these wicked assemblies.
«يېڭى ئاي» ھېيتىڭلاردىن، بېكىتىلگەن ھېيت-بايرىمىڭلاردىن قەلبىم نەپرەتلىنىدۇ؛ ئۇلار ماڭا يۈك بولۇپ قالدى؛ ئۇلارنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشتىن چارچاپ كەتتىم. | 14 |
I hate your new moons and your appointed feasts; they are a burden to me; I am tired of enduring them.
قولۇڭلارنى كۆتۈرۈپ دۇئاغا يايغىنىڭلاردا، كۆزۈمنى سىلەردىن ئېلىپ قاچىمەن؛ بەرھەق، كۆپلەپ دۇئالارنى قىلغىنىڭلاردا، ئاڭلىمايمەن؛ چۈنكى قوللىرىڭلار قانغا بويالدى. | 15 |
So when you spread out your hands in prayer, I hide my eyes from you; even though you offer many prayers, I will not listen; your hands are full of blood.
ئۆزۈڭلارنى يۇيۇپ، پاكلىنىڭلار؛ قىلمىشلىرىڭلارنىڭ رەزىللىكىنى كۆز ئالدىمدىن نېرى قىلىڭلار، رەزىللىكنى قىلىشتىن قولۇڭلارنى ئۈزۈڭلار؛ | 16 |
Wash, cleanse yourselves; remove the evil of your deeds from my sight; stop being evil;
ياخشىلىق قىلىشنى ئۆگىنىڭلار؛ ئادىللىقنى ئىزدەڭلار، زومىگەرلەرگە تەنبىھ بېرىڭلار، يېتىم-يېسىرلەرنى ناھەقلىقتىن خالاس قىلىڭلار، تۇل خوتۇنلارنىڭ دەۋاسىنى سوراڭلار. | 17 |
learn to do good; seek justice, make straight the oppression, give justice to the fatherless, defend the widow.”
ئەمدى كېلىڭلار، بىز مۇنازىرە قىلىشايلى، دەيدۇ پەرۋەردىگار، سىلەرنىڭ گۇناھىڭلار قىپ-قىزىل بولسىمۇ، يەنىلا قاردەك ئاقىرىدۇ؛ ئۇلار قىزىل قۇرۇتتەك توق قىزىل بولسىمۇ، يۇڭدەك ئاپئاق بولىدۇ. | 18 |
“Come now, and let us reason together,” says Yahweh; “though your sins are like scarlet, they will be white like snow; though they are red like crimson, they will be like wool.
ئەگەر ئىتائەتمەن بولۇپ، ئاڭلىساڭلار، زېمىندىكى ئېسىل مەھسۇلاتتىن بەھرىمەن بولىسىلەر؛ | 19 |
If you are willing and obedient, you will eat the good of the land,
بىراق رەت قىلىپ يۈز ئۆرىسەڭلار، قىلىچ بىلەن ئۇجۇقتۇرۇلىسىلەر» ــ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز ئاغزى بىلەن شۇنداق دېگەن. | 20 |
but if you refuse and rebel, the sword will devour you,” for the mouth of Yahweh has spoken it.
سادىق شەھەر قانداقمۇ پاھىشە بولۇپ قالدى!؟ ئەسلىدە ئۇ ئادالەت بىلەن تولغانىدى، ھەققانىيلىق ئۇنى ماكان قىلغانىدى، بىراق ھازىر قاتىللار ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتىدۇ. | 21 |
How the faithful city has become a prostitute! She who was full of justice—she was full of righteousness, but now she is full of murderers.
كۈمۈشۈڭ بولسا داشقالغا ئايلىنىپ قالدى، شارابىڭغا سۇ ئارىلىشىپ قالدى؛ | 22 |
Your silver has become impure, your wine mixed with water.
ئەمىرلىرىڭ ئاسىيلىق قىلغۇچىلار، ئوغرىلارغا ئۈلپەت بولدى؛ ئۇلارنىڭ ھەربىرى پارىغا ئامراق بولۇپ، سوغا-سالاملارنى كۆزلەپ يۈرمەكتە؛ ئۇلار يېتىم-يېسىرلەر ئۈچۈن ئادالەت ئىزدىمەيدۇ؛ تۇل خوتۇنلارنىڭ دەۋاسى ئۇلارنىڭ ئالدىغا يەتمەيدۇ. | 23 |
Your princes are rebels and companions of thieves; everyone loves bribes and runs after payoffs. They do not defend the fatherless, nor does the widow's legal plea come before them.
شۇڭا ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار ــ يەنى ئىسرائىلدىكى قۇدرەت ئىگىسى ئېيتىدۇ: ــ مەن كۈشەندىلىرىمنى [جازالاپ] پۇخادىن چىقىمەن، دۈشمەنلىرىمدىن قىساس ئالىمەن؛ | 24 |
Therefore this is the declaration of the Lord Yahweh of hosts, the Mighty One of Israel: “Woe to them! I will take vengeance against my adversaries, and avenge myself against my enemies;
قولۇمنى ئۈستۈڭگە تەگكۈزۈپ، سېنى تاۋلاپ، سەندىكى داشقالنى تەلتۆكۈس تازىلايمەن، سەندىكى بارلىق ئارىلاشمىلارنى ئېلىپ تاشلايمەن. | 25 |
I will turn my hand against you, refine away your dross as with lye, and take away all your dross.
ھۆكۈمران-سوراقچىلىرىڭلارنى ئاۋۋالقىدەك، مەسلىھەتچىلىرىڭلارنى دەسلەپتىكىدەك ھالغا كەلتۈرىمەن. كېيىن سەن «ھەققانىيلىقنىڭ ماكانى»، «سادىق شەھەر» ــ دەپ ئاتىلىسەن. | 26 |
I will restore your judges as at the first, and your counselors as at the beginning; after that you will be called the city of righteousness, a faithful town.”
ئەمدى زىئون ئادىللىق بىلەن، ۋە ئۇنىڭغا قايتىپ كەلگەنلەر ھەققانىيلىق بىلەن قۇتقۇزۇلۇپ ھۆر قىلىنىدۇ. | 27 |
Zion will be redeemed by justice, and her repentant ones by righteousness.
بىراق ئاسىيلار ۋە گۇناھكارلار بىردەك ئۇجۇقتۇرۇلىدۇ، پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرىگۈچىلەر بولسا ھالاك بولىدۇ. | 28 |
Rebels and sinners will be crushed together, and those who abandon Yahweh will be done away with.
شۇ چاغدا سىلەر تەشنا بولغان دۇب دەرەخلىرىدىن نومۇس قىلىسىلەر، تاللىغان باغلاردىن خىجىل بولىسىلەر. | 29 |
“For you will be ashamed of the sacred oak trees that you desired, and you will be embarrassed by the gardens that you have chosen.
چۈنكى ئۆزۈڭلار خۇددى يوپۇرماقلىرى قۇرۇپ كەتكەن دۇب دەرىخىدەك، سۇسىز قۇرۇق بىر باغدەك بولىسىلەر. | 30 |
For you will be like an oak whose leaf fades, and like a garden that has no water.
شۇ كۈنى كۈچى بارلار ئوتقا شام پىلىكى، ئۇلارنىڭ ئەجرى بولسا، ئۇچقۇن بولىدۇ؛ بۇلار ھەر ئىككىسى تەڭلا كۆيۈپ كېتىدۇ، ئۇلارنى ئۆچۈرۈشكە ھېچكىم چىقمايدۇ. | 31 |
The strong man will be like tinder, and his work like a spark; they will both burn together, and no one will quench them.”