< يەشايا 9 >
بىراق، ھەسرەت-نادامەتكە قالغانلارغا زۇلمەت بولىۋەرمەيدۇ؛ ئۇ ئۆتكەن زامانلاردا زەبۇلۇن زېمىنىنى ۋە نافتالى زېمىنىنى خار قىلدۇرغان؛ بىراق كەلگۈسىدە ئۇ مۇشۇ يەرنى، يەنى «يات ئەللەرنىڭ ماكانى» گالىلىيەگە، جۈملىدىن «دېڭىز يولى» بويىدىكى جايلار ۋە ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى قىرغاقلىرىغا شان-شۆھرەت كەلتۈرىدۇ؛ | 1 |
Kljub temu temačnost ne bo takšna, kot je bila v njenem draženju, ko je najprej blago stiskal deželo Zábulon in deželo Neftáli in jo je potem bolj boleče stiskal ob poti morja, onkraj Jordana, v poganski Galileji.
قاراڭغۇلۇقتا مېڭىپ يۈرگەن كىشىلەر زور بىر نۇرنى كۆردى؛ ئۆلۈم سايىسىنىڭ يۇرتىدا تۇرغۇچىلارغا بولسا، دەل ئۇلارنىڭ ئۈستىگە نۇر پارلىدى. | 2 |
Ljudstvo, ki je hodilo v temi, je zagledalo veliko svetlobo. Na tiste, ki prebivajo v deželi smrtne sence, je posvetila svetloba.
ــ سەن ئەلنى ئاۋۇتتۇڭ، ئۇلارنىڭ شادلىقىنى زىيادە قىلدىڭ؛ خەلقلەر ھوسۇل ۋاقتىدا شادلانغاندەك، جەڭ ئولجىسىنى ئۈلەشتۈرگەن ۋاقىتتا خۇشاللىققا چۆمگەندەك، ئۇلار ئالدىڭدا شادلىنىپ كېتىدۇ. | 3 |
Pomnožil si narod in nisi povečal radosti. Radostijo se pred teboj, v skladu z radostjo ob žetvi in kakor se ljudje veselijo, ko delijo plen.
چۈنكى مىدىياننىڭ [ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان] كۈنگە ئوخشاش، سەن ئۇنىڭغا سېلىنغان بويۇنتۇرۇقنى، مۈرىسىگە چۈشكەن ئەپكەشنى، ئۇلارنى ئەزگۈچىنىڭ تايىقىنى سۇندۇرۇپ تاشلىۋەتتىڭ. | 4 |
Kajti zlomil si jarem njegovega bremena in palico njegovega ramena, palico njegovega zatiralca, kakor na dan Midjána.
چۈنكى [لەشكەرلەرنىڭ] ئۇرۇشتا كىيگەن ھەربىر ئۆتۈكلىرى، قانغا مىلەنگەن ھەربىر تونلىرى بولسا پەقەتلا ئوت ئۈچۈن يېقىلغۇ بولىدۇ. | 5 |
Kajti vsaka bitka bojevnika je z zmedenim hrupom in oblekami, povaljanimi v krvi, toda ta bo z gorenjem in gorivom ognju.
چۈنكى بىز ئۈچۈن بىر بالا تۇغۇلدى؛ بىزگە بىر ئوغۇل ئاتا قىلىندى؛ ھۆكۈمرانلىق بولسا ئۇنىڭ زىممىسىگە قويۇلىدۇ؛ ئۇنىڭ نامى: ــ «كارامەت مەسلىھەتچى، قۇدرەتلىك تەڭرى، مەڭگۈلۈك ئاتا، ئامان-خاتىرجەملىك ئىگىسى شاھزادە» دەپ ئاتىلىدۇ. | 6 |
Kajti nam je rojen otrok, nam je dan sin in oblast bo na njegovem ramenu in njegovo ime bo imenovano Čudoviti, Svetovalec, Mogočni Bog, Večni Oče, Princ miru.
ئۇ داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرغاندا ۋە پادىشاھلىقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغاندا، شۇ چاغدىن باشلاپ تا ئەبەدىلئەبەدگىچە، ئۇنى ئادالەت ھەم ھەققانىيلىق بىلەن تىكلەيدۇ، شۇنداقلا مەزمۇت ساقلايدۇ، ئۇنىڭدىن كېلىدىغان ھۆكۈمرانلىق ۋە ئامان-خاتىرجەملىكنىڭ ئېشىشى پۈتمەس-تۈگىمەس بولىدۇ. ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئوتلۇق مۇھەببىتى مۇشۇلارنى ئادا قىلىدۇ. | 7 |
Povečanju njegovega vladarstva in miru ne bo konca nad Davidovem prestolom in nad njegovim kraljestvom, da to odredi in da to osnuje s sodbo in s pravico od tega časa naprej, celo na veke. Gorečnost Gospoda nad bojevniki bo to izvršila.
رەب ياقۇپ جەمەتىگە بىر سۆز ئەۋەتتى، ئۇ پات ئارىدا ئىسرائىلغا چۈشىدۇ، | 8 |
Gospod je poslal besedo Jakobu in jo vžgal nad Izraelom.
بارلىق خەلق، يەنى ئەفرائىم ۋە سامارىيەدىكىلەر شۇ [سۆزنىڭ] توغرىلىقىنى بىلگەن بولسىمۇ،: ــ لېكىن كۆڭلىدە تەكەببۇرلىشىپ يوغىنلىق قىلىپ، ئۇلار: ــ | 9 |
Vse ljudstvo bo vedelo, celó Efrájim in prebivalec Samarije, ki v ponosu in arogantnosti srca govorijo:
ــ «خىشلار چۈشۈپ كەتتى، بىراق ئۇلارنىڭ ئورنىغا يونۇلغان تاشلار بىلەن قايتا ياسايمىز؛ ئېرەن دەرەخلىرى كېسىلىپ بولدى، بىراق ئۇلارنىڭ ئورنىدا كېدىر دەرەخلىرىنى ئىشلىتىمىز» ــ دېيىشىدۇ؛ | 10 |
»Opeke so padle, toda mi bomo gradili s klesanimi kamni. Egiptovske smokve so posekane, toda mi jih bomo zamenjali s cedrami.«
شۇڭا پەرۋەردىگار رەزىننىڭ كۈشەندىلىرىنى [ئىسرائىلغا] قارشى كۈچلەندۈردى، [ياقۇپنىڭ] دۈشمەنلىرىنى قوزغىدى. | 11 |
Zato bo Gospod zoper njega postavil Recínove nasprotnike in skupaj združil njegove sovražnike,
شەرقتىن سۇرىيەلىكلەر، غەرەبتە فىلىستىيلەر، ئۇلار ئاغزىنى ھاڭدەك ئېچىپ ئىسرائىلنى يۇتۇۋالىدۇ. ئىشلار شۇنداق دېيىلگەندەك بولسىمۇ، ئۇنىڭ غەزىپى يەنىلا يانمايدۇ، سوزغان قولى يەنىلا قايتۇرۇلماي تۇرىدۇ. | 12 |
spredaj Sirce in zadaj Filistejce in Izrael bodo požrli z odprtimi usti. Zaradi vsega tega njegova jeza ni odvrnjena, temveč je njegova roka še vedno iztegnjena.
بىراق خەلق ئۆزلىرىنى ئۇرغۇچىنىڭ يېنىغا تېخى يېنىپ كەلمىدى، ئۇلار ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنى ئىزدىمەيۋاتىدۇ. | 13 |
Kajti ljudstvo se ne obrača k tistemu, ki jih udarja niti ne iščejo Gospoda nad bojevniki.
شۇڭا پەرۋەردىگار بىر كۈن ئىچىدە ئىسرائىلنىڭ بېشى ۋە قۇيرۇقىنى، پالما شېخى ۋە قومۇشىنى كېسىپ تاشلايدۇ؛ | 14 |
Zato bo Gospod v enem dnevu iz Izraela iztrebil glavo in rep, palmovo vejo in ločje.
مويسىپىت ۋە مۆھتەرەملەر بولسا باشتۇر؛ يالغانچىلىق ئۆگىتىدىغان پەيغەمبەر ــ قۇيرۇقتۇر. | 15 |
Starec in častitljiv, ta je glava, prerok pa, ki uči laži, ta je rep.
چۈنكى مۇشۇ خەلقنىڭ يېتەكچىلىرى ئۇلارنى ئازدۇرىدۇ، يېتەكلەنگۈچىلەر بولسا يۇتۇۋېلىنىپ يوقىلىدۇ. | 16 |
Kajti voditelji tega ljudstva jim povzročajo, da se motijo in tisti, ki so vodeni od njih, so uničeni.
شۇڭا رەب ئۇلارنىڭ يىگىتلىرىدىن خۇرسەنلىك تاپمايدۇ، يېتىم-يېسىرلىرى ۋە تۇل خوتۇنلىرىغا رەھىم قىلمايدۇ؛ چۈنكى ھەربىرى ئىپلاس ۋە رەزىللىك قىلغۇچى، ھەممە ئېغىزدىن چىققىنى پاسىقلىقتۇر. ھەممىسى شۇنداق بولسىمۇ، ئۇنىڭ غەزىپى يەنىلا يانمايدۇ، سوزغان قولى يەنىلا قايتۇرۇلماي تۇرىدۇ. | 17 |
Zato Gospod ne bo imel nobene radosti v njihovih mladeničih niti ne bo imel usmiljenja do njihovih sirot in vdov, kajti vsakdo je hinavec in hudodelec in vsaka usta govorijo neumnost. Zaradi vsega tega njegova jeza ni odvrnjena, temveč je njegova roka še vedno iztegnjena.
چۈنكى رەزىللىك ئوتتەك كۆيىدۇ، ئۇ جىغان ۋە تىكەنلەرنى يۇتۇۋالىدۇ؛ ئۇ ئورماننىڭ باراقسان جايلىرى ئارىسىدا تۇتىشىدۇ، ئۇلار ئىس-تۈتەكلىك تۈۋرۈك بولۇپ پۇرقىراپ يۇقىرىغا ئۆرلەيدۇ؛ | 18 |
Kajti zlobnost gori kakor ogenj. Ta bo požrl osat in trnje in vnel gozdne goščave in vzdignili se bodo kakor vzdigovanje dima.
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ دەرغەزىپى بىلەن زېمىن كۆيدۈرۈپ تاشلىنىدۇ، خەلق بولسا ئوتنىڭ يېقىلغۇسى بولىدۇ، خالاس؛ ھېچكىم ئۆز قېرىندىشىنى ئاياپ رەھىم قىلمايدۇ. | 19 |
Preko besa Gospoda nad bojevniki je dežela zatemnjena in ljudstvo bo kakor gorivo ognju. Noben človek ne bo prizanesel svojemu bratu.
بىرسى ئوڭ تەرەپتە گۆش كېسىپ يەپ، تويمايدۇ، سول تەرەپتىن يالماپ يەپمۇ، قانائەتلەنمەيدۇ؛ ھەركىم ئۆز بىلىكىنى يەيدۇ؛ | 20 |
Hlastal bo na desnici in bo lačen, jedel bo na levici, pa ne bodo nasičeni. Vsak človek bo jedel meso svojega lastnega lakta:
مەناسسەھ ئەفرائىمنى، ئەفرائىم بولسا مەناسسەھنى يەيدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككىسىمۇ يەھۇداغا قارشى تۇرىدۇ. ھەممىسى شۇنداق بولسىمۇ، ئۇنىڭ غەزىپى يەنىلا يانمايدۇ، سوزغان قولى يەنىلا قايتۇرۇلماي تۇرىدۇ. | 21 |
Manáse Efrájima in Efrájim Manáseja in skupaj bosta zoper Juda. Zaradi vsega tega njegova jeza ni odvrnjena, temveč je njegova roka še vedno iztegnjena.