< يەشايا 7 >
يەھۇدا پادىشاھى ئاھاز (ئۇززىيانىڭ نەۋرىسى، يوتامنىڭ ئوغلى) تەختكە ئولتۇرغان كۈنلىرىدە، مۇنداق ئىش بولدى: ــ سۇرىيەنىڭ پادىشاھى رەزىن ۋە ئىسرائىل پادىشاھى رەمالىيانىڭ ئوغلى پىكاھ يېرۇسالېمغا قارشى جەڭ قىلدى، لېكىن ئۈستۈنلۈككە ئېرىشەلمىدى. | 1 |
當烏齊雅的孫子,約堂的兒子阿哈次為猶大王時,阿蘭王勒斤和以色列王勒瑪里雅的兒子培卡黑,上來攻打耶路撒冷,但是不能攻陷。
داۋۇتنىڭ جەمەتىگە: ــ «سۇرىيە ئەفرائىم بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ بىرلەشمە قوشۇن قۇردى» ــ دېگەن خەۋەر كەلدى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ جەمەتىدىكىلەرنىڭ كۆڭلى ۋە خەلقىنىڭ كۆڭلى ئورمانلار شامالدا سىلكىنىپ كەتكەندەك سىلكىنىپ كەتتى. | 2 |
有人報告達味家說:「阿蘭已經駐紮在厄弗辣因!」君王與人民都膽戰心驚,有如風中搖動的樹木。
ئاندىن پەرۋەردىگار يەشاياغا مۇنداق دېدى: ــ «سەن ۋە ئوغلۇڭ شېئار-جاشۇب چىقىپ، كىر يۇغۇچىلارنىڭ ئېتىزىنىڭ بويىدىكى يولغا، يۇقىرى كۆلچەك نورىنىڭ بېشىغا بېرىپ، ئاشۇ يەردە ئاھاز بىلەن كۆرۈشكىن. | 3 |
上主對依撒意亞說:「你和你的兒子舍阿爾雅叔布出去,到上池的水溝盡頭,即漂工田間的大道上,去會見阿哈次;
سەن ئۇنىڭغا: ــ «سەن ئېھتىيات بىلەن كۆڭلۈڭنى توق تۇت! بۇ ئىككى كۆيمەس ئوتقاشنىڭ كۆتىكىدىن، يەنى رەزىن ھەم سۇرىيەنىڭ ۋە رەمالىيانىڭ ئوغلىنىڭ دەشتى-غەزەپلىرىدىن قورقما، يۈرەكزادى بولۇپ كەتمە! | 4 |
對他說:你必須審慎,保持鎮定,不必畏懼,不要因那兩個冒煙的火把頭-即勒斤、阿蘭和勒瑪里雅之子-的怒火而膽怯。
چۈنكى سۇرىيە، ئەفرائىم ۋە رەمالىيانىڭ ئوغلى سېنى قەستلەپ: ــ | 5 |
雖然阿蘭、厄弗辣因和勒瑪里雅的兒子同謀,迫害你說:
«بىز يەھۇداغا بېسىپ كىرىپ، پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرۇپ، ئۆزىمىز ئۈچۈن تالان-تاراج قىلىپ، ئۇنىڭغا بىر پادىشاھنى، يەنى تابەئەلنىڭ ئوغلىنى تىكلەيلى!» دېگەنىدى. | 6 |
我們上猶大去,擾亂她,把她佔領過來歸於我們,並在那裏立塔貝耳的兒子為王;
شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «بۇ سۆز ئاقمايدۇ، ھېچ ئەمەلگە ئاشمايدۇ؛ | 7 |
但是吾主上主卻這樣說:這事決不能成立,亦不能發生!
چۈنكى سۇرىيەنىڭ بېشى دەمەشق شەھىرى ۋە دەمەشق شەھىرىنىڭ بېشى رەزىندۇر، خالاس؛ ۋە ئاتمىش بەش يىل ئىچىدە ئەفرائىم شۇنداق بىتچىت بولىدۇكى، ئۇلارنى «بىر خەلق» دېگىلى بولمايدۇ؛ | 8 |
因為阿蘭的首都是大馬士革,大馬士革的首領是勒斤;
ۋە ئەفرائىمنىڭ بېشى سامارىيە شەھىرىدۇر، سامارىيە شەھىرىنىڭ بېشى رەمالىيانىڭ ئوغلىدۇر، خالاس؛ سىلەر بۇلارغا ئىشەنمىسەڭلار، مۇستەھكەملەنمەيسىلەر» ــ دېگىن». | 9 |
厄弗辣因的首都是撒瑪黎雅,撒瑪黎雅的首領是勒瑪里雅的兒子。【六年或五年以後,阿蘭將被消滅,厄弗辣因將要衰敗。】假使你們不肯相信,你們必然不能存立。」
پەرۋەردىگار يەنە ئاھازغا سۆز قىلىپ: ــ | 10 |
上主又對阿哈次說:「
«ئۆزۈڭ ئۈچۈن بېشارەت سورا؛ مەيلى يەرنىڭ تېگىدە ياكى پەلەكنىڭ قەرىدە بولسۇن سوراۋەر» ــ دېدى. (Sheol ) | 11 |
你向上主你的天主要求一個徵兆罷 !或求諸陰府深處,或求諸上天高處。」 (Sheol )
بىراق ئاھاز جاۋابەن: «مەن ھەم سورىمايمەن ھەم پەرۋەردىگارنى سىناقتا قويمايمەن» ــ دېدى. | 12 |
阿哈次回答說:「我不要求,我不願試探上主。」
ئاندىن [يەشايا]: ــ ئەمدى ئى داۋۇت جەمەتىدىكىلەر، ئاڭلاپ قويۇڭلار، ئادەملەرنىڭ سەۋر-تاقىتىنى قويمىغىنىڭلارنى ئاز دەپ، سىلەر خۇدايىمنىڭ سەۋر-تاقىتىنىمۇ قويمىغىلىۋاتامسىلەر؟ | 13 |
依撒意亞說:「達味的家族,你們聽著罷 !你們使人厭惡還不夠,還要使我的天主厭惡嗎﹖
شۇڭا رەب ئۆزى سىلەرگە بىر بېشارەت بېرىدۇ: ــ مانا، پاك قىز ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ؛ ئۇ ئۇنىڭ ئىسمىنى «ئىممانۇئېل» دەپ ئاتايدۇ. | 14 |
因此,吾主要親自給你們一個徵兆:看,有位貞女要懷孕生子,給他起名叫厄瑪奴耳。
ياخشىلىقنى تاللاپ، يامانلىقنى رەت قىلىشنى بىلگۈچە ئۇ پىشلاق ۋە بال يەيدۇ. | 15 |
到他知道棄惡揚善的時候,要吃乳酪和蜂蜜;
چۈنكى بۇ ياش بالا ياخشىلىقنى تاللاپ، يامانلىقنى رەت قىلىشنى بىلگۈچە، سەن نەپرەتلىنىدىغان بۇ ئىككى پادىشاھنىڭ يەر-زېمىنلىرى تاشلىنىپ قالىدۇ. | 16 |
因為在這孩子尚未知道棄惡擇善以前,你在那兩個君王面前所擔心的國土,必將荒廢。
چۈنكى پەرۋەردىگار سېنىڭ ۋە ئاتاڭنىڭ جەمەتىگە ئەفرائىم يەھۇدادىن ئايرىلغان كۈندىن بۇيان بولۇپ باقمىغان قاتتىق كۈنلەرنى چۈشۈرىدۇ. ئۇ كۈنلەر بولسا ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھىدىن ئىبارەتتۇر! | 17 |
上主必使患難的日子臨於你、你的百姓和你的父家身上;這是從厄弗辣因叛離猶大那一天所未有過的,【即亞述王加禍的日子。】
شۇ كۈنى پەرۋەردىگار مىسىرنىڭ پىنھان ئېرىقلىرىدىكى پاشىلارنى ۋە ئاسۇرىيەدىكى ھەرىلەرنى ئۈشقىرتىپ چاقىرىدۇ؛ | 18 |
那一日,上主要喚來埃及大河盡頭的蠅和亞述境內的蜂,
ئۇلارنىڭ ھەممىسى كېلىپ ھەربىر خىلۋەت جىلغىلارغا، تاشلارنىڭ ھەربىر ئاراچلىرىغا، ھەممە يانتاقلارغا ۋە ھەممە يايلاقلارغا غۇژژىدە قونۇشىدۇ. | 19 |
牠們將要前來,一起落在荒谷、巖穴,以及一切荊棘叢中和一切水溝上。
ئاشۇ كۈنى، رەب ئەفرات دەرياسىنىڭ نېرىسىدىن ئىجارىگە ئالغان بىر ئۇستىرا بىلەن، يەنى ئاسۇرىيە پادىشاھى بىلەن چاچ چۈشۈرىدۇ؛ مۇشۇ ئۇستىرا باشنىڭ چېچىنى، پۇتنىڭ تۈكلىرىنى ۋە ساقالنىمۇ چۈشۈرۈپ غىردايدۇ؛ | 20 |
那一日,吾主要用由大河那邊借來的剃刀【即亞述王】剃去你的頭髮和恥毛,連鬍鬚也要刮掉。
شۇ كۈنلەردە بىر كىشى ياش بىر سىيىر ۋە ئىككى قوي باقىدۇ، | 21 |
到那一日,人僅能餵養一隻牛犢和兩隻母山羊,
ئۇلارنىڭ شۇنچە كۆپ سۈت بەرگىنىدىن ئۇ سېرىق ماي يەيدۇ؛ دەرۋەقە، زېمىندا قالغانلارنىڭ ھەممىسى سېرىق ماي ۋە بال يەيدۇ. | 22 |
因為出奶很多,人將以乳酪為食,因而境內所有的遺民,都將以乳酪和蜂蜜為食。
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ھەر تېلى بىر كۈمۈش تەڭگىگە يارايدىغان، مىڭ تېلى بار ئۈزۈمزارلىق بولغان ھەربىر جاي جىغانلىققا ۋە تىككەنلىككە ئايلىنىپ كېتىدۇ؛ | 23 |
到那一日,先前所有種植一千棵葡萄,值一千塊銀子的地方,必將叢生荊棘和蒺藜。
ئاشۇ يەرگە ئادەملەر پەقەت ئوقيا كۆتۈرۈپ كېلىدۇ، چۈنكى پۈتكۈل زېمىن جىغانلىققا ۋە تىكەنلىككە ئايلىنىپ كېتىدۇ. | 24 |
人往那裏去,必須攜帶弓箭,因為遍地都是荊棘和蒺藜。
ئىلگىرى كەتمەن چېپىلغان ھەربىر تاغلىق جىلغىلارغا بولسا، ــ ئۇلار ئۇ يەرلەرگە جىغانلاردىن ۋە تىكەنلەردىن قورقۇپ بارمايدۇ؛ بۇ يەرلەر پەقەت كالىلارنى ئوتلىتىدىغان، قويلار دەسسەپ-چەيلەيدىغان جايلار بولۇپ قالىدۇ، خالاس. | 25 |
先前用鋤頭開墾的山地,沒有人敢到那裏,因為害怕荊棘蒺藜。那裏將成為放牛和羊群踐踏的地區。