«پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ئاسمانلار مېنىڭ تەختىم، زېمىن بولسا ئاياغلىرىمغا تەختىپەرىمدۇر، ئەمدى ماڭا قانداق ئۆي-ئىمارەت ياسىماقچىسىلەر؟ ماڭا قانداق يەر ئارامگاھ بولالايدۇ؟ | 1 |
خداوند میفرماید: «آسمان، تخت سلطنت من است، و زمین کرسی زیر پایم. آیا میتوانید معبدی اینچنین برایم بسازید؟ آیا میتوانید چنین مکانی برای آسودن برایم بنا کنید؟ |
بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مېنىڭ قولۇم ياراتقان، ئۇلار شۇنداق بولغاچقىلا بارلىققا كەلگەن ئەمەسمىدى؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ لېكىن مەن نەزىرىمنى شۇنداق بىر ئادەمگە سالىمەن: ــ مۆمىن-كەمتەر، روھى سۇنۇق، سۆزلىرىمنى ئاڭلىغاندا قورقۇپ تىترەك باسىدىغان بىر ئادەمگە نەزىرىمنى سالىمەن. | 2 |
دست من تمام این هستی را آفریده است. من نزد کسی ساکن میشوم که فروتن و توبهکار است و از کلام من میترسد. |
كالا سويغان كىشى ئادەمنىمۇ ئۆلتۈرىدۇ، قوزىنى قۇربانلىق قىلغان كىشى ئىتنىڭ بوينىنى سۇندۇرۇپ ئۆلتۈرىدۇ؛ ماڭا ھەدىيە تۇتقۇچى چوشقا قېنىنىمۇ تۇتۇپ بەرمەكچىدۇر؛ دۇئاسىنى ئەسلىتىشكە خۇشبۇي ياققۇچى مەبۇدقىمۇ مەدھىيە ئوقۇيدۇ؛ بەرھەق، ئۇلار ئۆزى ياقتۇرىدىغان يوللىرىنى تاللىغان، كۆڭلى يىرگىنچلىك نەرسىلىرىدىن خۇرسەن بولىدۇ. | 3 |
«اما من از آنان که به راههای خود میروند و گناهان خود را دوست میدارند، دور هستم و قربانیهایشان را قبول نمیکنم. این گونه افراد وقتی بر مذبح من گاوی قربانی میکنند، مانند آنست که انسانی را میکشند، و هنگامی که گوسفندی را ذبح میکنند، مانند آنست که سگی را قربانی میکنند. وقتی هدیهای به من تقدیم میکنند مثل آنست که خون خوک را تقدیم میکنند، و وقتی بخور میسوزانند مانند آنست که بت را میپرستند. |
شۇڭا مەنمۇ ئۇلارنىڭ كۈلپەتلىرىنى تاللايمەن؛ ئۇلار دەل قورقىدىغان ۋەھىمىلەرنى بېشىغا چۈشۈرىمەن؛ چۈنكى مەن چاقىرغىنىمدا، ئۇلار جاۋاب بەرمىدى؛ مەن سۆز قىلغىنىمدا، ئۇلار قۇلاق سالمىدى؛ ئەكسىچە نەزىرىمدە يامان بولغاننى قىلدى، مەن ياقتۇرمايدىغاننى تاللىدى». | 4 |
من نیز مصیبتهایی را که از آن وحشت دارند بر آنها عارض میکنم، زیرا وقتی آنان را خواندم جواب ندادند و هنگامی که با آنان صحبت کردم گوش ندادند، بلکه آنچه را که در نظر من ناپسند بود انجام دادند و آنچه را که نخواستم اختیار کردند.» |
«ئى پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئالدىدا قورقۇپ تىترەيدىغانلار، ئۇنىڭ دېگىنىنى ئاڭلاڭلار: ــ «سىلەرنى نامىمغا [سادىق بولغانلىقىڭلار] تۈپەيلىدىن چەتكە قاققانلار بولسا، يەنى سىلەردىن نەپرەتلىنىدىغان قېرىنداشلىرىڭلار سىلەرگە: ــ «قېنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئايان قىلىنسۇن، شۇنىڭ بىلەن شادلىقىڭلارنى كۆرەلەيدىغان بولىمىز!» ــ دېدى؛ بىراق شەرمەندىلىكتە قالغانلار ئۆزلىرى بولىدۇ. | 5 |
ای کسانی که از خداوند میترسید و او را اطاعت میکنید، به کلام او گوش دهید. او میفرماید: «برادرانتان از شما نفرت دارند و شما را از خود میرانند، زیرا به من ایمان دارید. آنها شما را مسخره کرده، میگویند:”خداوند بزرگ است و سرانجام شما را نجات خواهد داد و ما شادی شما را خواهیم دید!“اما خود ایشان بهزودی رسوا و سرافکنده خواهند شد. |
ئاڭلاڭلار! ــ شەھەردىن كەلگەن چۇقان-سۈرەنلەر! ئاڭلاڭلار! ــ ئىبادەتخانىدىن چىققان ئاۋازنى! ئاڭلاڭلار! ــ پەرۋەردىگار ئۆز دۈشمەنلىرىگە [يامانلىقلىرىنى] قايتۇرۇۋاتىدۇ!» | 6 |
«در شهر چه غوغایی است؟ این چه صدایی است که از خانهٔ خدا به گوش میرسد؟ این صدای خداوند است که از دشمنانش انتقام میگیرد.» |
ــ تولغىقى تۇتمايلا ئۇ بوشىنىدۇ؛ ئاغرىقى تۇتمايلا، ئوغۇل بالا تۇغىدۇ! | 7 |
خداوند میگوید: «چه کسی تا به حال چنین چیز عجیبی دیده یا شنیده است که قومی ناگهان در یک روز متولد شود؟ اما قوم اسرائیل در یک روز متولد خواهد شد؛ اورشلیم حتی قبل از اینکه درد زایمانش شروع شود، فرزندان خود را به دنیا خواهد آورد. |
كىمنىڭ مۇشۇنداق ئىش توغرۇلۇق خەۋىرى باردۇ؟ كىم مۇشۇنداق ئىشلارنى كۆرۈپ باققان؟ زېمىن بىر خەلقنى بىر كۈن ئىچىدىلا تۇغىدىغان ئىش بارمۇ؟ دەقىقە ئىچىدىلا بىر ئەلنىڭ تۇغۇلۇشى مۇمكىنمۇ؟ چۈنكى زىئوننىڭ ئەمدىلا تولغىقى تۇتۇشىغا، ئۇ ئوغۇل بالىلىرىنى تۇغدى! | 8 |
بىرسىنى بوشىنىش ھالىتىگە كەلتۈرگەن بولسام، مەن بالىنى چىقارغۇزماي قالامتىم؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، مەن ئۆزۈم تۇغدۇرغۇچى تۇرسام، بالىياتقۇنى ئېتىۋېتەمدىمەن؟ ــ دەيدۇ خۇدايىڭ. | 9 |
آیا فکر میکنید که من قوم خود را تا به مرحلهٔ تولد میرسانم، اما او را همان جا رها میکنم تا متولد نشود؟ نه، هرگز!» |
يېرۇسالېم بىلەن بىللە شاد-خۇراملىقتا بولۇڭلار؛ ئۇنى سۆيگۈچىلەر، ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇشاللىنىڭلار! ئۇنىڭ ئۈچۈن قايغۇ-ھەسرەت چەككەنلەر، ئۇنىڭ بىلەن بىللە شادلىق بىلەن شادلىنىڭلار! | 10 |
ای همهٔ کسانی که اورشلیم را دوست دارید و برایش سوگواری میکنید، اینک خوشحال باشید و با او به شادی بپردازید! |
چۈنكى سىلەر ئۇنىڭ تەسەللى بېرىدىغان ئەمچەكلىرىدىن ئېمىپ قانائەتلىنىسىلەر؛ چۈنكى سىلەر قانغۇچە ئىچىپ چىقىسىلەر، ئۇنىڭ شان-شەرىپىنىڭ زورلۇقىدىن كۆڭلۈڭلار خۇرسەن بولىدۇ». | 11 |
مانند کودکی که از شیر مادر تغذیه میکند، شما نیز از وفور نعمت اورشلیم بهرهمند خواهید شد و لذت خواهید برد. |
چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن ئۇنىڭغا تاشقان دەريادەك ئارام-خاتىرجەملىكنى، تېشىپ كەتكەن ئېقىمدەك ئەللەرنىڭ شان-شەرەپلىرىنى سۇنۇپ بېرىمەن؛ سىلەر ئېمىسىلەر، سىلەر يانپاشقا ئېلىنىپ كۆتۈرۈلىسىلەر، ئېتەكتە ئەكىلىتىلىسىلەر. | 12 |
زیرا خداوند میگوید: «من صلح و سلامتی در اورشلیم پدید خواهم آورد و ثروت قومهای جهان را مانند رودخانهای که آبش هرگز خشک نمیشود به آنجا سرازیر خواهم کرد. شما مانند کودکان شیرخوار، از اورشلیم تغذیه خواهید کرد و در آغوش او به خواب خواهید رفت و بر زانوانش نوازش خواهید شد. |
خۇددى ئانا بالىسىغا تەسەللى بەرگەندەك، مەن شۇنداق سىلەرگە تەسەللى بېرىمەن؛ سىلەر يېرۇسالېمدا تەسەللىگە ئىگە بولىسىلەر. | 13 |
من مانند مادری که فرزندش را دلداری میدهد، شما را در اورشلیم تسلی خواهم داد. |
سىلەر بۇلارنى كۆرگەندە كۆڭلۈڭلار شادلىنىدۇ، سۆڭەكلىرىڭلار يۇمران ئوت-چۆپتەك ياشناپ كېتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئۆز قۇللىرىغا ئايان قىلىنىدۇ، ئۇ دۈشمەنلىرىگە قەھرىنى كۆرسىتىدۇ. | 14 |
هنگامی که این رویدادها را ببینید، دل شما شاد خواهد شد و قوت و نشاط سراسر وجودتان را فرا خواهد گرفت. آنگاه خواهید فهمید من که خداوند هستم خدمتگزاران خود را یاری میدهم، اما با دشمنان خود با غضب رفتار میکنم.» |
چۈنكى غەزىپىنى قەھر بىلەن، تەنبىھىنى ئوت يالقۇنلىرى بىلەن چۈشۈرۈشى ئۈچۈن، مانا، پەرۋەردىگار ئوت بىلەن كېلىدۇ، ئۇ جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن قۇيۇندەك كېلىدۇ. | 15 |
اینک خداوند با آتش و با ارابههای تندرو میآید تا کسانی را که مورد غضب او هستند به سختی مجازات کند. |
چۈنكى ئوت بىلەن ھەم قىلىچ بىلەن پەرۋەردىگار بارلىق ئەت ئىگىلىرىنى سوراق قىلىپ جازالايدۇ؛ پەرۋەردىگار ئۆلتۈرگەنلەر نۇرغۇن بولىدۇ. | 16 |
او با آتش و شمشیر خود تمام مردم گناهکار جهان را مجازات خواهد کرد و عدهٔ زیادی را خواهد کشت. |
«باغچىلار»غا كىرىش ئۈچۈن پاكىزلىنىپ، ئۆزلىرىنى ئايرىم تۇتۇپ، ئوتتۇرىدا تۇرغۇچىنىڭ گېپىگە كىرگەنلەر، شۇنداقلا چوشقا گۆشىنى، يىرگىنچلىك بولغاننى، جۈملىدىن چاشقانلارنى يەيدىغانلار بولسا جىمىسى تەڭ تۈگىشىدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 17 |
خداوند میگوید: «کسانی که در باغهای خود، در پشت درختان بت میپرستند و گوشت خوک و موش و خوراکهای حرام دیگر میخورند، هلاک خواهند شد. |
چۈنكى ئۇلارنىڭ قىلغانلىرى ھەم ئويلىغانلىرى مېنىڭ ئالدىمدىدۇر؛ بىراق بارلىق ئەللەر، ھەممە تىلدا سۆزلەيدىغانلارنىڭ يىغىلىدىغان ۋاقتى كېلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كېلىپ مېنىڭ شان-شەرىپىمنى كۆرىدۇ؛ | 18 |
من از کارها و فکرهای آنان آگاهی کامل دارم. من میآیم تا همهٔ قومها و نژادهای جهان را جمع کنم و ایشان را به اورشلیم بیاورم تا جلال مرا ببینند. |
ۋە مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر كارامەت بەلگىنى تىكلەيمەن؛ ھەم ئۇلاردىن قېچىپ قۇتۇلغانلارنى ئەللەرگە ئەۋەتىمەن؛ نام-شۆھرىتىمنى ئاڭلىمىغان، شان-شەرىپىمنى كۆرۈپ باقمىغان تارشىشقا، لىۋىيەگە، ئوقياچىلىقتا داڭقى چىققان لۇدقا، تۇبال، گرېتسىيەگە ھەم يىراق چەتلەردىكى ئاراللارغا ئۇلارنى ئەۋەتىمەن؛ ئۇلار ئەللەر ئارىسىدا مېنىڭ شان-شەرىپىمنى جاكارلايدۇ. | 19 |
در آنجا معجزهای بر ضد آنان نشان خواهم داد و آنان را مجازات خواهم کرد. اما از بین ایشان عدهای را حفظ خواهم کرد و آنان را به سرزمینهای دور دست که هنوز نام مرا نشنیدهاند و به قدرت و عظمت من پی نبردهاند خواهم فرستاد، یعنی به ترشیش، لیبی، لیدیه (که تیراندازان ماهر دارد)، توبال و یونان. آری، ایشان را به این سرزمینها خواهم فرستاد تا عظمت مرا به مردم آنجا اعلام کنند. |
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار «ئاشلىق ھەدىيە»نى پاكىز قاچىلارغا قويۇپ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كەلگەندەك، شۇلار بولسا، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بېغىشلىغان ھەدىيە سۈپىتىدە قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ھەممىسىنى ئەللەردىن ئېلىپ كېلىدۇ؛ ئۇلارنى ئاتلارغا، جەڭ ھارۋىلىرىغا، سايىۋەنلىك ھارۋا-زەمبىللەرگە، قېچىرلارغا ھەم نار تۆگىلەرگە مىندۈرۈپ مۇقەددەس تېغىمغا، يەنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ كېلىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 20 |
سپس ایشان هموطنان شما را از آن سرزمینها جمع خواهند کرد و آنان را بر اسبها، ارابهها، تختهای روان، قاطرها و شترها سوار کرده، به کوه مقدّس من در اورشلیم خواهند آورد و به عنوان هدیه به من تقدیم خواهند کرد، همانگونه که بنیاسرائیل هدایای خود را در ظروف پاک به خانهٔ من میآوردند و به من تقدیم میکردند. |
ھەم مەن ئۇلاردىن بەزىلىرىنى كاھىنلار ھەم لاۋىيلار بولۇشقا تاللايمەن ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 21 |
و من برخی از ایشان را کاهن و لاوی خود خواهم ساخت. |
چۈنكى مەن يارىتىدىغان يېڭى ئاسمانلار ھەم يېڭى زېمىن ئۆزۈمنىڭ ئالدىدا دائىم تۇرغاندەك، سېنىڭ نەسلىڭ ھەم ئىسمىڭ تۇرۇپ ساقلىنىدۇ. | 22 |
«همانگونه که آسمانها و زمین جدیدی که من میسازم در حضور من پایدار میماند. همچنان نسل شما و نام شما نیز پایدار خواهند ماند. |
ھەم شۇنداق بولىدۇكى، يېڭى ئايمۇ يېڭى ئايدا، شابات كۈنىمۇ شابات كۈنىدە، بارلىق ئەت ئىگىلىرى مېنىڭ ئالدىمغا ئىبادەت قىلغىلى كېلىدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 23 |
همهٔ مردم ماه به ماه و هفته به هفته به اورشلیم خواهند آمد تا مرا پرستش کنند. |
ــ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سىرتقا چىقىپ، ماڭا ئاسىيلىق قىلغان ئادەملەرنىڭ جەسەتلىرىگە قارايدۇ؛ چۈنكى ئۇلارنى يەۋاتقان قۇرتلار ئۆلمەيدۇ؛ ئۇلارنى كۆيدۈرۈۋاتقان ئوت ئۆچمەيدۇ؛ ئۇلار بارلىق ئەت ئىگىلىرىگە يىرگىنچلىك بىلىنىدۇ. | 24 |
هنگامی که آنان اورشلیم را ترک میکنند، جنازهٔ کسانی را که بر ضد من برخاسته بودند، ملاحظه خواهند کرد. کرمی که بدنهای آنها را میخورد هرگز نخواهد مرد و آتشی که ایشان را میسوزاند هرگز خاموش نخواهد شد. همهٔ مردم با نفرت به آنان نگاه خواهند کرد.» |