< يەشايا 65 >
ئەزەلدىن مېنى ئىزدىمىگەنلەرگە مېنى سوراش يولىنى ئاچتىم؛ مەن ئۆزۈمگە ئىنتىلمىگەنلەرگە ئۆزۈمنى تاپقۇزدۇم. مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتالمىغان يات بىر ئەلگە مەن: ــ «ماڭا قارا، ماڭا قارا» ــ دېدىم. | 1 |
“Medaa me ho adi kyerɛɛ wɔn a wɔammisa mʼase; wɔn a wɔnhwehwɛ me no hunuu me. Ɔman a wɔnnsu mfrɛ me no Meka kyerɛɛ wɔn sɛ, ‘Me nie, Me nie.’
بىراق يامان يولدا ماڭىدىغان، ئۆزىنىڭ پىكىر-خىيالىغا ئەگىشىپ ماڭىدىغان، ئاسىيلىق قىلغۇچى بىر خەلققە بولسا مەن كۈن بويى قولۇمنى ئۇزىتىپ ئىنتىلىپ كەلدىم. | 2 |
Ɛda mu nyinaa, matrɛ me nsa mu ama nnipa a wɔyɛ asoɔden ne nyiyiano, a wɔnenam akwammɔne so, na wɔdi wɔn ankasa nsusuiɛ akyi.
يەنى باغلاردا قۇربانلىق قىلىپ، ئۇلارنى خىشلىق سۇپىلار ئۈستىدىمۇ كۆيدۈرۈپ، كۆز ئالدىمدىلا زەردەمگە تېگىدىغان بىر خەلق؛ | 3 |
Nnipa a daa no wɔyi me ahi wɔ mʼanim pɛɛ. Wɔbɔ afɔdeɛ wɔ nturo mu na wɔhye nnuhwam wɔ ntayaa afɔrebukyia so;
ئۇلار قەبرىلەر ئارىسىدا ئولتۇرىدۇ، مەخپىي جايلاردىمۇ تۈنەپ ئولتۇرىدۇ؛ ئۇلار چوشقا گۆشىنى يەيدۇ، قازان-قاچىلىرىدا ھەرقانداق يىرگىنچلىك نەرسىلەرنىڭ شورپىسى بار. | 4 |
Wɔtenana adamena so na anadwo wɔsiri pɛ nkokoam; wɔwe prakonam na wɔn nkwansɛn mu nso, wɔayɛ nkwan a wɔde ɛnam a ɛho nteɛ ayɛ;
ئۇلار: «ئۆزۈڭ بىلەن بول، ماڭا يېقىنلاشقۇچى بولما؛ چۈنكى مەن سەندىن پاكمەن» ــ دەيدۇ؛ مۇشۇلار دىمىغىمغا كىرگەن ئىس-تۈتەك، كۈن بويى ئۆچمەي تۇرىدىغان ئوتتۇر! | 5 |
wɔka sɛ, ‘Momfiri ha; mo mmɛn me, ɛfiri sɛ me ho te dodo ma mo!’ Saa nnipa yi yɛ wisie wɔ me hwene mu, ogya a ɛkɔ so hyeɛ da mu nyinaa.
مانا، مېنىڭ ئالدىمدا پۈتۈكلۈك تۇرىدۇكى: ــ مەن سۈكۈت قىلىپ تۇرمايمەن ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ بەلكى ھەم سىلەرنىڭ قەبىھلىكلىرىڭلارنى، شۇنداقلا تاغ چوققىلىرىدا ئىسرىق ياققان، دۆڭلەر ئۈستىدىمۇ مېنى ھاقارەتلىگەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ قەبىھلىكلىرىنى بىرلىكتە قايتۇرىمەن، ــ شۇلارنى ئۆز قۇچاقلىرىغا قايتۇرىمەن؛ بەرھەق، مەن ئىلگىرىكى قىلغانلىرىنى ئۆز قۇچاقلىرىغا ئۆلچەپ قايتۇرىمەن. | 6 |
“Hwɛ, wɔatwerɛ ato hɔ wɔ mʼanim sɛ, merennyɛ komm, mɛtua so ka pɛpɛɛpɛ; mɛtua so ka agu wɔn asrɛ so,
mo ne mo agyanom bɔne nti,” sei na Awurade seɛ. “Esiane sɛ wɔhyee afɔrebɔdeɛ wɔ mmepɔ so na wɔtwirii me wɔ nkokoɔ so enti mɛsusu bɔne a wɔyɛɛ kane no so akatua pɛpɛɛpɛ agu wɔn asrɛ so.”
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ساپاق ئۈزۈمنىڭ «سارقىندى شىرنە»سى كۆرۈنگەندە، خەقلەرنىڭ: «ئۇنى چەيلىۋېتىپ ۋەيران قىلمىسۇن، چۈنكى ئۇنىڭدا بەرىكەت تۇرىدۇ» دېگىنىدەك، مەن ئۆز قۇللىرىمنىڭ سەۋەبىدىنلا شۇنداق قىلىمەنكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ۋەيران قىلمايمەن. | 8 |
Yei ne deɛ Awurade seɛ: “Sɛdeɛ wɔnya nsuo firi bobe dontwo mu na nnipa ka sɛ, ‘Monnsɛe no, ɛfiri sɛ adepa bi da so wɔ mu’ no saa ara na mʼasomfoɔ no enti mɛyɛ. Merensɛe wɔn nyinaa.
شۇنداق قىلىپ مەن ياقۇپتىن بىر نەسىلنى، يەھۇدادىنمۇ تاغلىرىمغا بىر ئىگىدارنى چىقىرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ تاللىغانلىرىم [زېمىنغا] ئىگە بولىدۇ، مېنىڭ قۇللىرىم شۇ يەردە ماكانلىشىدۇ. | 9 |
Mede Yakob asefoɔ bɛba, na me mmepɔ no sodifoɔ afiri Yuda aba; me nkurɔfoɔ a mapa wɔn no bɛdi wɔn adeɛ, na ɛhɔ na mʼasomfoɔ bɛtena.
مېنى ئىزدىگەن خەلقىم ئۈچۈن، شارون بولسا يەنە قوي پادىلىرىغا قوتان، ئاخور بولسا كالا پادىلىرىغا قونالغۇ بولىدۇ. | 10 |
Saron bɛyɛ nnwankuo adidibea, na Akɔr bɔnhwa no ayɛ anantwikuo homebea, ama me nkurɔfoɔ a wɔhwehwɛ me.
بىراق پەرۋەردىگارنى تاشلاپ، مۇقەددەس تېغىمنى ئۇنتۇغۇچى، «تەلەي» [دېگەن بۇت] ئۈچۈن داستىخان سالغۇچى، «تەقدىر» [دېگەن بۇت] ئۈچۈنمۇ ئەبجەش شارابنى قۇيۇپ قاچىلارنى تولدۇرغۇچىسىلەر، | 11 |
“Na mo a mogya Awurade na mo werɛ firi ne bepɔ kronkron no, mo a moto ɛpono ma Ahonya bosom no na mohyɛ afransa wɔ nkuruwa mu ma Nkrabea bosom no,
مەن سىلەرنى قىلىچقا «تەقدىر» قىلدىم، سىلەرنىڭ ھەممىڭلار قىرغىنچىلىقتا باش ئېگىسىلەر؛ چۈنكى مەن چاقىردىم، سىلەر جاۋاب بەرمىدىڭلار؛ مەن سۆز قىلدىم، سىلەر قۇلاق سالمىدىڭلار؛ ئەكسىچە نەزىرىمدە يامان بولغاننى قىلىۋاتىسىلەر، مەن ياقتۇرمايدىغاننى تاللىغانسىلەر. | 12 |
mede mo bɛto akofena ano, na mo nyinaa akoto ama wɔakum mo; ɛfiri sɛ mefrɛeɛ nanso moannye so, mekasaeɛ nanso moantie. Moyɛɛ deɛ ɛyɛ mʼani so bɔne na moyɛɛ deɛ mempɛ.”
شۇڭا، رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مېنىڭ قۇللىرىم يەيدۇ، سىلەر ئاچ قالىسىلەر؛ مانا، مېنىڭ قۇللىرىم ئىچىدۇ، بىراق سىلەر ئۇسسۇز قالىسىلەر؛ مانا، مېنىڭ قۇللىرىم شادلىنىدۇ، سىلەر شەرمەندىلىكتە قالىسىلەر؛ | 13 |
Enti yei ne deɛ Otumfoɔ Awurade seɛ: “Mʼasomfoɔ bɛdidi, nanso ɛkɔm bɛde wɔn, mʼasomfoɔ bɛnom, nanso osukɔm bɛde wɔn; mʼasomfoɔ ani bɛgye, nanso wɔn anim bɛgu ase.
مانا، كۆڭلىدىكى شاد-خۇراملىقتىن قۇللىرىم ناخشا ئېيتىدۇ، سىلەر كۆڭۈلدىكى ئازابتىن زار-زار يىغلايسىلەر، روھ-قەلب سۇنۇقلۇقىدىن نالە-پەرياد كۆتۈرىسىلەر. | 14 |
Mʼasomfoɔ bɛto nnwom afiri akoma mu anigyeɛ mu na wɔbɛteam asu afiri wɔn akoma ahoyera mu na wɔbɛtwa adwo afiri honhom a ayɛ mmrɛ mu.
ئىسمىڭلارنى مېنىڭ تاللىغانلىرىمغا لەنەت بولۇشقا قالدۇرىسىلەر. رەب پەرۋەردىگار سېنى ئۆلتۈرىدۇ، ھەم ئۇنىڭ قۇللىرىغا باشقا بىر ئىسىمنى قويۇپ بېرىدۇ. | 15 |
Mo din bɛyɛ mmusuo ama wɔn a mapa wɔn; Otumfoɔ Awurade bɛkum mo na nʼasomfoɔ deɛ, ɔbɛma wɔn edin foforɔ.
شۇنىڭ ئۈچۈن كىمكى ئۆزىگە بىر بەختنى تىلىسە، «ئامىن» دېگۈچى خۇدانىڭ نامى بىلەن ئاشۇ بەختنى تىلەيدۇ؛ كىمكى قەسەم ئىچمەكچى بولسا، ئەمدى «ئامىن» دېگۈچى خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچىدۇ؛ چۈنكى بۇرۇنقى دەرد-ئەلەملەر ئۇنتۇلغان بولىدۇ، چۈنكى ئۇلارنى كۆزۈمدىن يوشۇردۇم. | 16 |
Obiara a ɔsrɛ nhyira wɔ asase no so bɛyɛ wɔ nokorɛ Onyankopɔn mu; obiara a ɔka ntam wɔ asase no so bɛka no wɔ nokorɛ Onyankopɔn mu. Na ɔhaw a atwam no, wɔn werɛ bɛfiri na me nso, me werɛ bɛfiri.
چۈنكى قاراڭلار، مەن يېڭى ئاسمانلارنى ۋە يېڭى زېمىننى يارىتىمەن؛ ئىلگىرىكى ئىشلار ھېچ ئەسلەنمەيدۇ، ھەتتا ئەسكە كەلمەيدۇ. | 17 |
“Hwɛ! Mɛbɔ ɔsorosoro foforɔ ne asase foforɔ. Wɔrenkae nneɛma a atwam no bio, na ɛremma adwene mu nso.
ئەكسىچە سىلەر مېنىڭ يارىتىدىغانلىقىمدىن خۇشاللىنىڭلار؛ مەڭگۈگە شاد-خۇراملىقتا بولۇڭلار، چۈنكى مەن يېرۇسالېمنى شاد-خۇراملىق، ئۇنىڭ خەلقىنى خۇشاللىق بەرگۈچى قىلىپ يارىتىمەن. | 18 |
Nanso momma mo ani nnye na monni ahurisie afebɔɔ wɔ deɛ merebɛbɔ ho, ɛfiri sɛ mɛbɔ Yerusalem ama ayɛ anika na emu nnipa ayɛ anigyeɛ farebae.
ئۆزۈممۇ يېرۇسالېمدىن شاد-خۇراملىقتا بولىمەن، شۇنداقلا ئۆز خەلقىمدىن خۇشاللىنىمەن؛ ئۇنىڭدا نە يىغا ئاۋازى، نە نالە-پەريادلار ئىككىنچى ئاڭلانمايدۇ؛ | 19 |
Mɛsɛpɛ me ho wɔ Yerusalem mu, na madi ahurisie wɔ me nkurɔfoɔ ho. Na wɔrente agyaadwoɔ ne osu nnyegyeeɛ wɔ mu bio.
ئۇنىڭدا يەنە بىرنەچچە كۈنلۈك چاچراپ كەتكەن بوۋاق بولمايدۇ، ياكى ۋاقتى توشماي ۋاقىتسىز كەتكەن بوۋاي بولمايدۇ؛ يۈز ياشقا كىرگەن بولسا «يىگىت» سانىلىدۇ، شۇنىڭدەك گۇناھكار يۈز ياشقا كىرىپ ئۆلگەن بولسا «خۇدانىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغان» دەپ ھېسابلىنىدۇ. | 20 |
“Ɛrensi bio wɔ mu. Abɔfra a ne nkwa nna yɛ kakraa bi, anaa akɔkoraa a ɔnni ne mfeɛ nwieeɛ, deɛ ɔdi mfeɛ ɔha na ɔwu no wɔbɛfa no sɛ ɔbabunu bi kɛkɛ; na deɛ wannya mfeɛ ɔha no wɔbɛfa no sɛ wɔadome no.
ئۇلار ئۆيلەرنى سالىدۇ، ئۇلاردا تۇرىدۇ؛ ئۇلار ئۈزۈمزارلارنى بەرپا قىلىدۇ، ئۇلاردىن مېۋە يەيدۇ؛ | 21 |
Wɔbɛsisi afie na wɔatena mu, wɔbɛyɛ bobe nturo na wɔadi mu aba.
ئۇلار ياسىغان ئۆيلەردە، باشقا بىرسى تۇرمايدۇ؛ تىكىلگەن ئۈزۈمزارلاردىن، باشقا بىرسى مېۋە ئېلىپ يېمەيدۇ؛ چۈنكى خەلقىمنىڭ كۈنلىرى دەرەخنىڭ ئۆمرىدەك بولىدۇ؛ مېنىڭ تاللىغانلىرىم ئۆزلىرى ئۆز قولى بىلەن ياسىغانلىرىدىن ئۆز ئۆمرىدە تولۇق بەھرىمەن بولىدۇ. | 22 |
Wɔrensisi afie mma afoforɔ mmɛtena mu bio, na wɔrennua mma afoforɔ mmɛdi. Na nna a nnua di no, saa ara na me nkurɔfoɔ nna bɛyɛ; me nkurɔfoɔ a mapa wɔn no bɛdi wɔn nsa ano adwuma so aba akyɛre.
ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمگىكى بىكارغا كەتمەيدۇ؛ ياكى ئۇلارنىڭ بالىلىرى تۇغۇلغاندا كېلەچىكى توغرۇلۇق ۋەھىمە مەۋجۇت بولمايدۇ؛ چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگار بەخت ئاتا قىلغان نەسىلدۇر، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ شۇنداق. | 23 |
Wɔremmrɛ nnwu na wɔrenwo mma a wɔn hyɛberɛ nnyɛ; ɛfiri sɛ wɔbɛyɛ nnipa a Awurade ahyira wɔn, wɔne wɔn asefoɔ.
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ئۇلار نىدا قىلىپ چاقىرماستىنلا، مەن ئىجابەت قىلىمەن؛ ئۇلار دۇئا قىلىپ سۆزلەۋاتقىنىدىلا، مەن ئۇلارنى ئاڭلايمەن. | 24 |
Mɛbua wɔn ansa na wɔafrɛ me. Ɛberɛ a wɔgu so rekasa no, mɛtie.
بۆرە ھەم پاقلان بىلەن بىللە ئوزۇقلىنىدۇ؛ شىر بولسا كالىدەك سامان يەيدۇ؛ يىلاننىڭ رىزقى بولسا توپا-چاڭلا بولىدۇ. مېنىڭ مۇقەددەس تېغىمنىڭ ھەممە يېرىدە ھېچ زىيانكەشلىك بولمايدۇ؛ ھېچ بۇزغۇنچىلىق بولمايدۇ، دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 25 |
Pataku ne odwammaa bɛdidi abɔ mu; gyata bɛwe ɛserɛ sɛ ɔnantwie, nanso mfuturo bɛyɛ ɔwɔ aduane. Wɔrempira obi anaa wɔrensɛe obi wɔ me bepɔ kronkron so nyinaa,” sɛdeɛ Awurade seɛ nie.