< يەشايا 64 >

ئاھ، سەن ئاسمانلارنى يىرتىۋېتىپ، يەرگە چۈشكەن بولساڭئىدى! تاغلار بولسا يۈزۈڭ ئالدىدا ئېرىپ كېتەتتى! مانا مۇشۇنداق بولغاندا تۇتۇرۇققا ئوت ياققاندەك، ئوت سۇنى قايناتقاندەك، سەن نامىڭنى دۈشمەنلىرىڭگە ئايان قىلغان بولاتتىڭ، ئەللەر يۈزۈڭدىنلا تىترەپ كېتەتتى! 1
לוא קרעת שמים ירדת מפניך הרים נזלו׃
2
כקדח אש המסים מים תבעה אש להודיע שמך לצריך מפניך גוים ירגזו׃
سەن بىز كۈتمىگەن دەھشەتلىك ئىشلارنى قىلغان ۋاقتىڭدا، سەن چۈشكەنىدىڭ؛ يۈزۈڭدىن تاغلار راستلا ئېرىپ كەتتى! 3
בעשותך נוראות לא נקוה ירדת מפניך הרים נזלו׃
سەندىن باشقا ئۆزىگە تەلمۈرۈپ كۈتكەنلەر ئۈچۈن ئىشلىگۈچى بىر خۇدانى، ئادەملەر ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان، قۇلاققا يېتىپ باقمىغان، كۆز كۆرۈپ باقمىغاندۇر! 4
ומעולם לא שמעו לא האזינו עין לא ראתה אלהים זולתך יעשה למחכה לו׃
سەن ھەققانىيلىقنى يۈرگۈزۈشنى خۇرسەنلىك دەپ بىلگەن ئادەمنىڭ، يەنى يوللىرىڭدا مېڭىپ، سېنى سېغىنغانلارنىڭ ھاجىتىدىن چىققۇچى ھەمراھدۇرسەن؛ بىراق مانا، سەن غەزەپتە بولدۇڭ، بىز بولساق گۇناھتا بولدۇق؛ ئۇنداق ئىشلار ئۇزۇن بولىۋەردى؛ ئەمدى بىز قۇتقۇزۇلامدۇق؟ 5
פגעת את שש ועשה צדק בדרכיך יזכרוך הן אתה קצפת ונחטא בהם עולם ונושע׃
ئەمدى بىز ناپاك بىر نەرسىگە ئوخشاش بولدۇق، قىلىۋاتقان بارلىق «ھەققانىيەتلىرىمىز» بولسا بىر ئەۋرەت لاتىسىغىلا ئوخشايدۇ، خالاس؛ ھەممىمىز يوپۇرماقتەك خازان بولۇپ كەتتۇق، قەبىھلىكلىرىمىز شامالدەك بىزنى ئۇچۇرۇپ تاشلىۋەتتى. 6
ונהי כטמא כלנו וכבגד עדים כל צדקתינו ונבל כעלה כלנו ועוננו כרוח ישאנו׃
سېنىڭ نامىڭنى چاقىرىپ نىدا قىلغۇچى، ئىلتىپاتىڭنى تۇتۇشقا قوزغالغۇچى ھېچ يوقتۇر؛ چۈنكى سەن يۈزۈڭنى بىزدىن قاچۇرۇپ يوشۇردۇڭ، قەبىھلىكلىرىمىزدىن بىزنى سولاشتۇرغۇزدۇڭ. 7
ואין קורא בשמך מתעורר להחזיק בך כי הסתרת פניך ממנו ותמוגנו ביד עוננו׃
بىراق ھازىر، ئى پەرۋەردىگار، سەن بىزنىڭ ئاتىمىزدۇرسەن؛ بىز سېغىز لاي، سەن بىزنىڭ ساپالچىمىزدۇرسەن؛ ھەممىمىز بولساق قولۇڭدا ياسالغاندۇرمىز؛ 8
ועתה יהוה אבינו אתה אנחנו החמר ואתה יצרנו ומעשה ידך כלנו׃
ئى پەرۋەردىگار، بىزگە قاراتقان غەزىپىڭنى زور قىلمىغايسەن، قەبىھلىكنى مەڭگۈگىچە ئەسلەپ يۈرمىگىن؛ مانا، قارىغىن، ھەممىمىز سېنىڭ خەلقىڭدۇرمىز! 9
אל תקצף יהוה עד מאד ואל לעד תזכר עון הן הבט נא עמך כלנו׃
مۇقەددەس شەھەرلىرىڭ جاڭگال، زىئونمۇ جاڭگال بولۇپ قالدى؛ يېرۇسالېم ۋەيران بولدى؛ 10
ערי קדשך היו מדבר ציון מדבר היתה ירושלם שממה׃
ئاتا-بوۋىمىز سېنى مەدھىيىلىگەن جاي، پاك-مۇقەددەسلىك، گۈزەل-پارلاقلىق تۇرالغۇسى بولغان ئۆيىمىز بولسا ئوت بىلەن كۆيۈپ كۈل بولدى؛ قەدىر-قىممەتلىك نەرسىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ۋەيران قىلىۋېتىلدى. 11
בית קדשנו ותפארתנו אשר הללוך אבתינו היה לשרפת אש וכל מחמדינו היה לחרבה׃
مۇشۇ ئىشلار ئالدىدا ئۆزۈڭنى چەتكە ئالامسەن، ئى پەرۋەردىگار؟ سۈكۈت قىلىپ تۇرامسەن؟ بىزنى بولۇشىچە خار قىلىپ ئۇرىۋېرەمسەن؟» 12
העל אלה תתאפק יהוה תחשה ותעננו עד מאד׃

< يەشايا 64 >