< يەشايا 64 >
ئاھ، سەن ئاسمانلارنى يىرتىۋېتىپ، يەرگە چۈشكەن بولساڭئىدى! تاغلار بولسا يۈزۈڭ ئالدىدا ئېرىپ كېتەتتى! مانا مۇشۇنداق بولغاندا تۇتۇرۇققا ئوت ياققاندەك، ئوت سۇنى قايناتقاندەك، سەن نامىڭنى دۈشمەنلىرىڭگە ئايان قىلغان بولاتتىڭ، ئەللەر يۈزۈڭدىنلا تىترەپ كېتەتتى! | 1 |
望你衝破諸天降下,諸山在你面前震盪。
有如火怎樣燒乾了水,火也怎樣燒毀你的敵人,好使你的敵人認識你的名,使萬民在你面前戰慄,
سەن بىز كۈتمىگەن دەھشەتلىك ئىشلارنى قىلغان ۋاقتىڭدا، سەن چۈشكەنىدىڭ؛ يۈزۈڭدىن تاغلار راستلا ئېرىپ كەتتى! | 3 |
因為你行了誰也想不到的驚人事蹟;【你下降,使山嶺在你面前震盪。】
سەندىن باشقا ئۆزىگە تەلمۈرۈپ كۈتكەنلەر ئۈچۈن ئىشلىگۈچى بىر خۇدانى، ئادەملەر ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان، قۇلاققا يېتىپ باقمىغان، كۆز كۆرۈپ باقمىغاندۇر! | 4 |
是人從未聽過的,耳朵從未聽過,眼睛從未見過你以外,有一個神對依靠自己的人如此行事的。
سەن ھەققانىيلىقنى يۈرگۈزۈشنى خۇرسەنلىك دەپ بىلگەن ئادەمنىڭ، يەنى يوللىرىڭدا مېڭىپ، سېنى سېغىنغانلارنىڭ ھاجىتىدىن چىققۇچى ھەمراھدۇرسەن؛ بىراق مانا، سەن غەزەپتە بولدۇڭ، بىز بولساق گۇناھتا بولدۇق؛ ئۇنداق ئىشلار ئۇزۇن بولىۋەردى؛ ئەمدى بىز قۇتقۇزۇلامدۇق؟ | 5 |
你是歡迎那些履行正義和紀念你道路的人;但是,看,你發了怒,我們仍犯罪如初,仍照舊違叛你。
ئەمدى بىز ناپاك بىر نەرسىگە ئوخشاش بولدۇق، قىلىۋاتقان بارلىق «ھەققانىيەتلىرىمىز» بولسا بىر ئەۋرەت لاتىسىغىلا ئوخشايدۇ، خالاس؛ ھەممىمىز يوپۇرماقتەك خازان بولۇپ كەتتۇق، قەبىھلىكلىرىمىز شامالدەك بىزنى ئۇچۇرۇپ تاشلىۋەتتى. | 6 |
我們都好像成了不潔的人,所行的正義好似染了經血的內衣,又似乾枯的葉子;我們的罪惡好似狂風一般將我們捲去,
سېنىڭ نامىڭنى چاقىرىپ نىدا قىلغۇچى، ئىلتىپاتىڭنى تۇتۇشقا قوزغالغۇچى ھېچ يوقتۇر؛ چۈنكى سەن يۈزۈڭنى بىزدىن قاچۇرۇپ يوشۇردۇڭ، قەبىھلىكلىرىمىزدىن بىزنى سولاشتۇرغۇزدۇڭ. | 7 |
沒有一個呼求你名的,或奮起契合於你的,因為你掩面不顧我們,將我們委棄於我們罪惡的權下。
بىراق ھازىر، ئى پەرۋەردىگار، سەن بىزنىڭ ئاتىمىزدۇرسەن؛ بىز سېغىز لاي، سەن بىزنىڭ ساپالچىمىزدۇرسەن؛ ھەممىمىز بولساق قولۇڭدا ياسالغاندۇرمىز؛ | 8 |
如今,上主啊!你是我們的父親;我們只是泥土,你是的我們的陶工,我們都是你手中的作品。
ئى پەرۋەردىگار، بىزگە قاراتقان غەزىپىڭنى زور قىلمىغايسەن، قەبىھلىكنى مەڭگۈگىچە ئەسلەپ يۈرمىگىن؛ مانا، قارىغىن، ھەممىمىز سېنىڭ خەلقىڭدۇرمىز! | 9 |
上主啊!不要嚴加忿怒,不要時常記念我們的罪惡;求你垂顧!我們都是你的子民。
مۇقەددەس شەھەرلىرىڭ جاڭگال، زىئونمۇ جاڭگال بولۇپ قالدى؛ يېرۇسالېم ۋەيران بولدى؛ | 10 |
你的聖城都已成了荒地,熙雍已變為曠野,耶路撒冷成 了廢墟。
ئاتا-بوۋىمىز سېنى مەدھىيىلىگەن جاي، پاك-مۇقەددەسلىك، گۈزەل-پارلاقلىق تۇرالغۇسى بولغان ئۆيىمىز بولسا ئوت بىلەن كۆيۈپ كۈل بولدى؛ قەدىر-قىممەتلىك نەرسىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ۋەيران قىلىۋېتىلدى. | 11 |
我們那華美的聖殿,即我們祖先讚頌你的所在,已被火焚燒,我們所喜愛的器皿都成了垃圾。
مۇشۇ ئىشلار ئالدىدا ئۆزۈڭنى چەتكە ئالامسەن، ئى پەرۋەردىگار؟ سۈكۈت قىلىپ تۇرامسەن؟ بىزنى بولۇشىچە خار قىلىپ ئۇرىۋېرەمسەن؟» | 12 |
上主,對這些事你還忍得住嗎﹖你還緘默,重重難為我們嗎﹖