< يەشايا 63 >

«بوزراھ شەھىرىدىن چىققان، ئۈستىبېشى قېنىق قىزىل رەڭلىك، كىيىم-كېچەكلىرى قالتىس-كارامەت، زور كۈچ بىلەن قول سېلىپ مېڭىۋاتقان، ئېدومدىن مۇشۇ يەرگە كېلىۋاتقۇچى كىم؟» «ھەققانىيلىق بىلەن سۆزلىگۈچى مەن، قۇتقۇزۇشقا كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە بولغۇچىدۇرمەن». 1
Who is this coming from Edom, from Bozrah with crimson-stained garments? Who is this robed in splendor, marching in the greatness of His strength? “It is I, proclaiming vindication, mighty to save.”
«ئۈستىبېشىڭدىكىسى نېمىشقا قىزىل، قانداقسىگە كىيىم-كېچەكلىرىڭ شاراب كۆلچىكىنى چەيلىگۈچىنىڭكىگە ئوخشاپ قالدى؟». 2
Why are Your clothes red, and Your garments like one who treads the winepress?
«مەن يالغۇز شاراب كۆلچىكىنى چەيلىدىم؛ بار ئەل-يۇرتلاردىن ھېچكىم مەن بىلەن بىللە بولغىنى يوق؛ مەن ئۇلارنى غەزىپىمدە چەيلىدىم، قەھرىمدە ئۇلارنى دەسسىۋەتتىم؛ ئۇلارنىڭ قانلىرى كىيىم-كېچەكلىرىم ئۈستىگە چاچرىدى؛ مېنىڭ پۈتۈن ئۈستىبېشىم بويالدى؛ 3
“I have trodden the winepress alone, and no one from the nations was with Me. I trampled them in My anger and trod them down in My fury; their blood spattered My garments, and all My clothes were stained.
چۈنكى قەلبىمگە قىساس كۈنى پۈكۈلگەنىدى، شۇنداقلا مەن ھەمجەمەتلىرىمنى قۇتقۇزىدىغان يىل كەلدى؛ 4
For the day of vengeance was in My heart, and the year of My redemption had come.
مەن قارىسام، ياردەم قىلغۇدەك ھېچكىم يوق ئىدى؛ ھېچكىمنىڭ قوللىمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئازابلىنىپ كۆڭلۈم پاراكەندە بولدى؛ شۇڭا ئۆز بىلىكىم ئۆزۈمگە نىجات كەلتۈردى؛ ئۆز قەھرىم بولسا، مېنى قوللاپ ماڭا چىدام بەردى؛ 5
I looked, but there was no one to help; I was appalled that no one assisted. So My arm brought Me salvation, and My own wrath upheld Me.
شۇنىڭ بىلەن ئەل-يۇرتلارنى غەزىپىمدە دەسسىۋەتكەنمەن، قەھرىمدە ئۇلارنى مەست قىلىۋەتتىم، قانلىرىنى يەرگە تۆكۈۋەتتىم». 6
I trampled the nations in My anger; in My wrath I made them drunk and poured out their blood on the ground.”
«مەن پەرۋەردىگارنىڭ شەپقەتلىرى توغرۇلۇق ئەسلىتىپ سۆزلەيمەن؛ پەرۋەردىگارنىڭ مەدھىيەگە لايىق قىلغانلىرى، ئۇنىڭ رەھىمدىللىقلىرىغا ئاساسەن، ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان شەپقەتلىرىگە ئاساسەن، پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە قىلغان ئىلتىپاتلىرى، ئىسرائىل جەمەتىگە ئىلتىپات قىلغان زور ياخشىلىقلىرى توغرۇلۇق ئەسلىتىپ سۆزلەيمەن؛ 7
I will make known the LORD’s loving devotion and His praiseworthy acts, because of all that the LORD has done for us— the many good things for the house of Israel according to His great compassion and loving devotion.
ئۇ ئۇلارنى: ــ «ئۇلار مېنىڭ خەلقىم، ئالدامچىلىق قىلمايدىغان بالىلار» دەپ، ئۇلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى بولدى. 8
For He said, “They are surely My people, sons who will not be disloyal.” So He became their Savior.
ئۇلارنىڭ بارلىق دەردلىرىگە ئۇمۇ دەردداش ئىدى؛ «ئۇنىڭ يۈزىدىكى پەرىشتىسى» بولسا ئۇلارنى قۇتقۇزغان، ئۇ ئۆز مۇھەببىتى ھەم رەھىمدىللىقى بىلەن ئۇلارنى ھەمجەمەتلىك قىلىپ قۇتقۇزغان؛ ئاشۇ قەدىمكى بارلىق كۈنلەردە ئۇلارنى ئۆزىگە ئارتىپ كۆتۈرگەن؛ 9
In all their distress, He too was afflicted, and the Angel of His Presence saved them. In His love and compassion He redeemed them; He lifted them up and carried them all the days of old.
بىراق ئۇلار ئاسىيلىق قىلىپ ئۇنىڭ مۇقەددەس روھىغا ئازار بەردى؛ شۇڭا ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈپ ئۇ ئۇلارنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىپ، ئۇلارغا قارشى جەڭ قىلدى. 10
But they rebelled and grieved His Holy Spirit. So He turned and became their enemy, and He Himself fought against them.
بىراق ئۇ: ــ «مۇسا پەيغەمبىرىم! مېنىڭ خەلقىم!» دەپ ئەينى كۈنلەرنى ئەسلەپ توختىدى. ئەمدى ئۆز [پادىسى بولغانلارنى] پادىچىلىرى بىلەن دېڭىزدىن چىقىرىۋالغۇچى قېنى؟ ئۆزىنىڭ مۇقەددەس روھىنى ئۇلارنىڭ ئارىسىغا تۇرغۇزۇپ قويغۇچى قېنى؟ 11
Then His people remembered the days of old, the days of Moses. Where is He who brought them through the sea with the shepherds of His flock? Where is the One who set His Holy Spirit among them,
ئۇنىڭ گۈزەل شەرەپلىك بىلىكى مۇسانىڭ ئوڭ قولى ئارقىلىق ئۇلارنى يېتەكلىگۈچى بولدى، ئۆزى ئۈچۈن مەڭگۈلۈك بىر نامنى تىكلەپ، ئۇلار ئالدىدا سۇلارنى بۆلۈۋەتكۈچى، 12
who sent His glorious arm to lead them by the right hand of Moses, who divided the waters before them to gain for Himself everlasting renown,
ئۇلارنى دالادا ئەركىن كېزىپ يۈرىدىغان ئاتتەك، ھېچ پۇتلاشتۇرماي ئۇلارنى دېڭىزنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىدىن ئۆتكۈزگۈچى قېنى؟ 13
who led them through the depths like a horse in the wilderness, so that they did not stumble?
ماللار جىلغىغا ئوتلاشقا چۈشكەندەك، پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇلارغا ئارام بەردى؛ سەن ئۆزۈڭ گۈزەل-شەرەپلىك بىر نامغا ئېرىشىش ئۈچۈن، سەن مۇشۇ يوللار بىلەن خەلقىڭنى يېتەكلىدىڭ. 14
Like cattle going down to the valley, the Spirit of the LORD gave them rest. You led Your people this way to make for Yourself a glorious name.
ئاھ، ئاسمانلاردىن نەزىرىڭنى چۈشۈرگىن، سېنىڭ پاك-مۇقەددەسلىكىڭ، گۈزەللىك-شەرىپىڭ تۇرغان ماكانىڭدىن [ھالىمىزغا] قاراپ باق! قېنى ئوتلۇق مۇھەببىتىڭ ۋە كۈچ-قۇدرىتىڭ!؟ ئىچىڭنى ئاغرىتىشلىرىڭ، رەھىمدىللىقلىرىڭ قېنى؟ ئۇلار ماڭا كەلگەندە بېسىلىپ قالدىمۇ؟ 15
Look down from heaven and see, from Your holy and glorious habitation. Where are Your zeal and might? Your yearning and compassion for me are restrained.
چۈنكى گەرچە ئىبراھىم بىزنى تونۇمىسىمۇ، ياكى ئىسرائىل گەرچە بىزنى ئېتىراپ قىلمىسىمۇ، سەن ھامان بىزنىڭ ئاتىمىز؛ سەن پەرۋەردىگار بىزنىڭ ئاتىمىزدۇرسەن؛ ئەزەلدىن تارتىپ «ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىمىز» سېنىڭ نامىڭدۇر. 16
Yet You are our Father, though Abraham does not know us and Israel does not acknowledge us. You, O LORD, are our Father; our Redeemer from Everlasting is Your name.
ئى پەرۋەردىگار، نېمىشقا بىزنى يوللىرىڭدىن ئازدۇرغانسەن؟ نېمىشقا ئۆزۈڭدىن قورقۇشتىن ياندۇرۇپ كۆڭلىمىزنى تاش قىلغانسەن؟! قۇللىرىڭ ئۈچۈن، ئۆز مىراسىڭ بولغان قەبىلىلەر ئۈچۈن، يېنىمىزغا يېنىپ كەلگەيسەن! 17
Why, O LORD, do You make us stray from Your ways and harden our hearts from fearing You? Return, for the sake of Your servants, the tribes of Your heritage.
مۇقەددەس خەلقىڭ پەقەت ئازغىنە ۋاقىتلا [تەۋەلىكىگە] ئىگە بولالىغان؛ دۈشمەنلىرىمىز مۇقەددەس جايىڭنى ئاياغ ئاستى قىلدى؛ 18
For a short while Your people possessed Your holy place, but our enemies have trampled Your sanctuary.
شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇزۇندىن بۇيان سەن ئىدارە قىلىپ باقمىغان، سېنىڭ نامىڭ بىلەن ئاتىلىپ باقمىغان بىر خەلقتەك بولۇپ قالدۇق! 19
We have become like those You never ruled, like those not called by Your name.

< يەشايا 63 >