ــ «تاكى زىئوننىڭ ھەققانىيلىقى جۇلالىنىپ چاقناپ چىققۇچە، ئۇنىڭ نىجاتى لاۋۇلداۋاتقان مەشئەلدەك چىققۇچە، زىئون ئۈچۈن ھېچ ئارام ئالمايمەن، يېرۇسالېم ئۈچۈن ھەرگىز سۈكۈت قىلمايمەن؛ | 1 |
لە پێناوی سییۆن بێدەنگ نابم و لە پێناوی ئۆرشەلیم هێمن نابم هەتا بێتاوانییەکەی وەک گزنگی خۆر دەدرەوشێتەوە و ڕزگاریشی وەک مەشخەڵ داگیرسێت. |
ھەم ئەللەر سېنىڭ ھەققانىيلىقىڭنى، بارلىق پادىشاھلار شان-شەرىپىڭنى كۆرىدۇ؛ ھەم سەن پەرۋەردىگار ئۆز ئاغزى بىلەن ساڭا قويىدىغان يېڭى بىر ئىسىم بىلەن ئاتىلىسەن، | 2 |
ئەو کاتە هەموو نەتەوەکان بێتاوانییەکەت و هەموو پاشاکان شکۆمەندییەکەت دەبینن. ناوێکی نوێت لێ دەنرێت کە دەمی یەزدان دیاری دەکات. |
شۇنداقلا سەن پەرۋەردىگارنىڭ قولىدا تۇرغان گۈزەل بىر تاج، خۇدايىڭنىڭ قولىدىكى شاھانە باش چەمبىرىكى بولىسەن. | 3 |
دەبیت بە تاجی جوانی لە دەست یەزدان و تاجەگوڵینە لەناو لەپی خودات. |
سەن ئىككىنچى: «ئاجراشقان، تاشلىۋېتىلگەن» دەپ ئاتالمايسەن، زېمىنىڭ ئىككىنچى: «ۋەيران قىلىپ تاشلىۋېتىلگەن» دەپ ئاتالمايدۇ؛ بەلكى سەن: «مېنىڭ خۇشاللىقىم دەل ئۇنىڭدا!»، دەپ ئاتىلىسەن، ھەم زېمىنىڭ: «نىكاھلانغان» دەپ ئاتىلىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سەندىن خۇشاللىق ئالىدۇ، زېمىنىڭ بولسا ياتلىق بولىدۇ. | 4 |
چیتر ناوت نانرێت «بەجێماو» و چیتر بە خاکەکەت ناگوترێت «وێرانە»، بەڵکو پێت دەگوترێت «حەفچیڤا»، خاکەکەشت، «بەعولە»، چونکە یەزدان بە تۆ دڵخۆش دەبێت، خاکەکەشت مێردی دەبێت. |
چۈنكى يىگىت قىزغا باغلانغاندەك، ئوغۇللىرىڭ ساڭا باغلىنىدۇ؛ توي يىگىتى قىزدىن شادلانغاندەك، خۇدايىڭ سېنىڭدىن شادلىنىدۇ. | 5 |
وەک چۆن گەنج دەبێت بە مێردی کچێکی پاکیزە، ئاواش کوڕەکانت دەبن بە مێردت. وەک دڵخۆشی زاوا بە بووک، ئاواش خودات بە تۆ دڵخۆش دەبێت. |
مەن سېپىللىرىڭدا كۆزەتچىلەرنى بېكىتىپ قويدۇم، ئى يېرۇسالېم، ئۇلار كۈندۈزمۇ ھەم كېچىسىمۇ ئارام ئالمايدۇ؛ ئى پەرۋەردىگارنى ئەسلەتكۈچى بولغانلار، سۈكۈت قىلماڭلار! | 6 |
ئەی ئۆرشەلیم، ئێشکگرم لەسەر شووراکانت داناوە، بەردەوام شەو و ڕۆژ بێدەنگ نابن. ئەی ئەوانەی یەزدانتان لە یادە، ئۆقرە مەگرن، |
ئۇ يېرۇسالېمنى تىكلىگۈچە، ئۇنى يەر-جاھاننىڭ ئوتتۇرىسىدا رەھمەت-مەدھىيىلەرنىڭ سەۋەبى قىلغۇچە، ئۇنىڭغا ھېچ ئارام بەرمەڭلار!». | 7 |
لێ مەگەڕێن یەزدان ئۆقرە بگرێت هەتا ئۆرشەلیم دەچەسپێنێت و ناوداری دەکات لە زەویدا. |
پەرۋەردىگار ئوڭ قولى ھەم ئۆز كۈچى بولغان بىلىكى بىلەن مۇنداق قەسەم ئىچتى: ــ «مەن زىرائەتلىرىڭنى دۈشمەنلىرىڭگە ئوزۇق بولۇشقا ئىككىنچى بەرمەيمەن؛ جاپا تارتىپ ئىشلىگەن يېڭى شارابنىمۇ ياتلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئىككىنچى ئىچمەيدۇ؛ | 8 |
یەزدان بە دەستی ڕاستی خۆی و بە هێزی بازووی سوێندی خوارد: «چیتر دانەوێڵەکەت ناکەم بە خۆراک بۆ دوژمنەکانت و شەرابە نوێیەکەشت کە پێوەی ماندوو بوویت، نامۆکان نایخۆنەوە، |
زىرائەتلەرنى ئورۇپ يىغقانلار ئۆزلىرىلا ئۇنى يەپ پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەيدۇ؛ [ئۈزۈملەرنى] ئۈزگەنلەر مۇقەددەس ئۆيۈمنىڭ سەينالىرىدا ئۇلاردىن ئىچىدۇ». | 9 |
بەڵکو ئەوانە دەیخۆن کە گەنمیان بەرهەم هێناوە و ستایشی یەزدان دەکەن، ئەوانەی ترێیان ڕنیوەتەوە لە حەوشەی پیرۆزگاکەم دەیخۆنەوە.» |
ــ ئۆتۈڭلار، دەرۋازىلاردىن ئۆتۈڭلار! خەلقنىڭ يولىنى تۈز قىلىپ تەييارلاڭلار! يولنى كۆتۈرۈڭلار، كۆتۈرۈڭلار؛ تاشلارنى ئېلىپ تاشلىۋېتىڭلار؛ خەلق-مىللەتلەر ئۈچۈن [يول كۆرسىتىدىغان] بىر تۇغنى كۆتۈرۈڭلار. | 10 |
تێپەڕ بن! تێپەڕ بن لە دەروازەکانەوە! ڕێگای گەل خۆش بکەن. ئامادەی بکەن! ڕێڕەو ئامادە بکەن! لە بەرد پاکی بکەنەوە. ئاڵا بۆ گەل بەرز بکەنەوە. |
مانا، پەرۋەردىگار جاھاننىڭ چەت-ياقىلىرىغا مۇنداق دەپ جاكارلىدى: ــ زىئون قىزىغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن: ــ «قارا، سېنىڭ نىجات-قۇتۇلۇشۇڭ كېلىۋاتىدۇ! قارا، ئۇنىڭ ئۆزى ئالغان مۇكاپىتى ئۆزى بىلەن بىللە، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئىنئامى ئۆزىگە ھەمراھ بولىدۇ. | 11 |
ئەوەتا یەزدان بە هەر چوار لای زەویدا ڕایگەیاندووە: «بە شاری سییۆن بڵێن،”وا ڕزگارکەرەکەت دێت! وا پاداشتەکەی لەگەڵیەتی و خەڵاتەکەی لەبەردەمییەتی.“» |
ۋە خەقلەر ئۇلارنى: «پاك-مۇقەددەس خەلق»، «پەرۋەردىگار ھەمجەمەتلىك قىلىپ قۇتقۇزغانلار» دەيدۇ؛ سەن بولساڭ: «ئىنتىلىپ ئىزدەلگەن»، «ھېچ تاشلىۋېتىلمىگەن شەھەر» دەپ ئاتىلىسەن. | 12 |
ناویان لێ دەنێن، «گەلە پیرۆزەکە»، «ئەوانەی یەزدان کڕیونیەتیەوە»، تۆش ناوت لێ دەنرێت، «داواکراوەکە»، «شارە بەجێنەماوەکە». |