< يەشايا 61 >
«رەب پەرۋەردىگارنىڭ روھى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا، چۈنكى پەرۋەردىگار مېنى ئاجىز ئېزىلگەنلەرگە خۇش خەۋەرلەر يەتكۈزۈشكە مەسىھلىگەن. ئۇ مېنى سۇنۇق كۆڭۈللەرنى ياساپ ساقايتىشقا، تۇتقۇنلارغا ئازادلىقنى، چۈشەپ قويۇلغانلارغا زىنداننىڭ ئېچىۋېتىلىدىغانلىقىنى جاكارلاشقا ئەۋەتتى؛ | 1 |
The spirit of the Lord Jehovah is upon me, For Jehovah hath anointed me; He hath sent me to publish good tidings to the distressed, To bind up the broken-hearted, To proclaim liberty to the captives, And the opening of the prison to them that are bound;
پەرۋەردىگارنىڭ شاپائەت كۆرسىتىدىغان يىلىنى، ھەم خۇدايىمىزنىڭ قىساسلىق كۈنىنى جاكارلاشقا، بارلىق قايغۇ-ھەسرەت چەككەنلەرگە تەسەللى بېرىشكە مېنى ئەۋەتتى. | 2 |
To proclaim the year of mercy from Jehovah, And the day of vengeance from our God; To comfort all that mourn;
زىئوندىكى ھەسرەت-قايغۇ چەككەنلەرگە، كۈللەرنىڭ ئورنىغا گۈزەللىكنى، ھەسرەت-قايغۇنىڭ ئورنىغا سۈركىلىدىغان شاد-خۇراملىق مېيىنى، غەشلىك-مەيۈسلۈك روھىنىڭ ئورنىغا، مەدھىيە تونىنى كىيدۈرۈشكە مېنى ئەۋەتتى؛ شۇنداق قىلىپ ئۇلار «ھەققانىيلىقنىڭ چوڭ دەرەخلىرى»، «پەرۋەردىگارنىڭ تىككەن مايسىلىرى» دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇلار ئارقىلىق ئۇنىڭ گۈزەللىك-جۇلالىقى ئايان قىلىنىدۇ. | 3 |
To give gladness to the mourners in Zion; To give them a beautiful crown instead of ashes, The oil of joy for mourning, The garment of praise for the spirit of heaviness, So that they shall be called blessed terebinth-trees, The plantation of Jehovah for his glory.
ئۇلار قەدىمكى خارابزارلىقلارنى قايتىدىن قۇرىدۇ، ئەسلىدە ۋەيران قىلىنغان جايلارنى قايتىدىن تىكلەيدۇ، خارابە شەھەرلەرنى، دەۋردىن-دەۋرگە ۋەيرانلىقتا ياتقان جايلارنى يېڭىباشتىن قۇرىدۇ؛ | 4 |
They shall build up the old ruins; They shall raise up the ancient desolations; They shall repair the cities laid waste, The desolations of many generations.
ياقا يۇرتلۇقلار تۇرغۇزۇلۇپ، پادىلىرىڭنى باقىدۇ؛ ياتلارنىڭ بالىلىرى قوشچىلىرىڭلار، ئۈزۈمچىلىرىڭلار بولىدۇ. | 5 |
Strangers shall stand up and feed your flocks, And the sons of the alien shall be your ploughmen and vine-dressers;
بىراق سىلەر بولساڭلار، «پەرۋەردىگارنىڭ كاھىنلىرى» دەپ ئاتىلىسىلەر؛ سىلەر توغراڭلاردا: «ئۇلار خۇدايىمىزنىڭ خىزمەتكارلىرى» دېيىلىدۇ؛ ئوزۇقلىرىڭلار ئەللەرنىڭ بايلىقلىرى بولىدۇ، سىلەر ئۇلارنىڭ شان-شەرەپلىرىگە ئورتاق بولىسىلەر. | 6 |
But ye shall be named the priests of Jehovah, Men shall call you the ministers of our God. Ye shall eat the riches of the nations, And in their glory shall ye make your boast.
خورلىنىپ، شەرمەندىلىكتە قالغىنىڭلارنىڭ ئورنىغا ئىككى ھەسسە نېسىۋەڭلەر بېرىلىدۇ؛ رەسۋا قىلىنغانلىقنىڭ ئورنىغا ئۇلار تەقسىماتىدا شادلىنىپ تەنتەنە قىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار زېمىنغا ئىككى ھەسسىلەپ ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ؛ مەڭگۈلۈك شاد-خۇراملىق ئۇلارنىڭكى بولىدۇ. | 7 |
For your shame shall ye have a double reward; And for ignominy ye shall rejoice in your portion; Therefore in your land ye shall possess double; Everlasting joy shall be your portion.
چۈنكى مەن پەرۋەردىگار توغرا ھۆكۈم، ھەقىقەتنى ئەزىزلەيمەن؛ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىشتا ھەرقانداق بۇلاڭچىلىق ۋە ئالدامچىلىققا نەپرەتلىنىمەن؛ مەن ئۇلارغا ھەقىقەت بىلەن تېگىشلىكىنى قايتۇرۇپ بېرىمەن؛ مەن ئۇلار بىلەن مەڭگۈلۈك بىر ئەھدىنى تۈزىمەن. | 8 |
For I, Jehovah, love justice, I hate rapine and iniquity, I will give them their reward with faithfulness, And an everlasting covenant will I make with them.
شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ نەسلىنىڭ داڭقى ئەللەر ئارىسىدا، پەرزەنتلىرىنىڭ داڭقى خەلقى-ئالەم ئارىسىدا چىقىدۇ؛ ئۇلارنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلارنى تونۇپ ئېتىراپ قىلىدۇكى، «ئۇلار بولسا پەرۋەردىگار بەخت ئاتا قىلغان نەسىلدۇر»». | 9 |
Their race shall be illustrious among the nations, And their offspring among the people; All that see them shall acknowledge That they are a race which Jehovah hath blessed.
ــ «مەن پەرۋەردىگارنى زور شاد-خۇراملىق دەپ بىلىپ شادلىنىمەن، جېنىم خۇدايىم تۈپەيلىدىن خۇشاللىنىدۇ؛ چۈنكى توي قىلىدىغان يىگىت ئۆزىگە «كاھىنلىق سەللە» كىيىۋالغاندەك، توي قىلىدىغان قىز لەئەل-ياقۇتلار بىلەن ئۆزىنى پەردازلىغاندەك، ئۇ نىجاتلىقنىڭ كىيىم-كېچىكىنى ماڭا كىيدۈردى، ھەققانىيلىق تونى بىلەن مېنى پۈركەندۈردى. | 10 |
“I will greatly rejoice in Jehovah; My soul shall exult in my God; For he hath clothed me with the garments of salvation; He hath covered me with the mantle of deliverance. As the bridegroom decketh himself with his turban, And as the bride adorneth herself with her jewels.”
چۈنكى زېمىن ئۆزىنىڭ بىخىنى چىقارغىنىدەك، باغ ئۆزىدە تېرىلغانلارنى ئۈندۈرگىنىدەك، رەب پەرۋەردىگار ئوخشاشلا بارلىق ئەللەرنىڭ ئالدىدا ھەققانىيلىقنى ھەم مەدھىيىنى ئۈندۈرىدۇ». | 11 |
For as the earth putteth forth her shoots, And as a garden causeth its plants to spring forth, So shall the Lord Jehovah cause salvation to spring forth; And praise before all the nations.