< يەشايا 60 >
ــ ئورنۇڭدىن تۇر، نۇر چاچ! چۈنكى نۇرۇڭ يېتىپ كەلدى، پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى ئۈستۈڭدە كۆتۈرۈلدى! | 1 |
Kelj fel, világosodjál, mert eljött világosságod, és az Úr dicsősége rajtad feltámadt.
چۈنكى قاراڭغۇلۇق يەر-زېمىننى، قاپقارا زۇلمەت ئەل-يۇرتلارنى باسىدۇ؛ بىراق پەرۋەردىگار ئۈستۈڭدە كۆتۈرۈلىدۇ، ئۇنىڭ شان-شەرىپى سېنىڭدە كۆرۈنىدۇ؛ | 2 |
Mert ímé, sötétség borítja a földet, és éjszaka a népeket, de rajtad feltámad az Úr, és dicsősége rajtad megláttatik.
ھەم ئەللەر نۇرۇڭ بىلەن، پادىشاھلار سېنىڭ كۆتۈرۈلگەن يورۇقلۇقۇڭ بىلەن ماڭىدۇ. | 3 |
És népek jönnek világosságodhoz, és királyok a néked feltámadt fényességhez.
بېشىڭنى كۆتۈر، ئەتراپىڭغا قاراپ باق؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى جەم بولۇپ يىغىلىدۇ؛ ئۇلار يېنىڭغا كېلىدۇ، ــ ئوغۇللىرىڭ يىراقتىن كېلىدۇ، قىزلىرىڭ يانپاشلارغا ئارتىلىپ كۆتۈرۈپ كېلىنىدۇ. | 4 |
Emeld fel köröskörül szemeidet és lásd meg: mindnyájan egybegyűlnek, hozzád jönnek, fiaid messziről jönnek, és leányaid ölben hozatnak el.
شۇ چاغدا كۆرىسەن، كۆزلىرىڭ چاقناپ كېتىدۇ، يۈرەكلىرىڭ تىپچەكلەپ، ئىچ-ئىچىڭگە پاتماي قالىسەن؛ چۈنكى دېڭىزدىكى بايلىقلار سەن تەرەپكە بۇرۇلۇپ كېلىدۇ، ئەللەرنىڭ مال-دۇنيالىرى يېنىڭغا كېلىدۇ. | 5 |
Akkor meglátod és ragyogsz örömtől, és remeg és kiterjed szíved, mivel hozzád fordul a tenger kincsözöne, és hozzád jő a népeknek gazdagsága.
توپ-توپ بولۇپ كەتكەن تۆگىلەر، ھەم مىدىيان ھەم ئەفاھدىكى تايلاقلار سېنى قاپلايدۇ؛ شېبادىكىلەرنىڭ ھەممىسى كېلىدۇ؛ ئۇلار ئالتۇن ھەم خۇشبۇي ئېلىپ كېلىدۇ، پەرۋەردىگارنىڭ مەدھىيىلىرىنى جاكارلايدۇ. | 6 |
A tevék sokasága elborít, Midján és Éfa tevecsikói, mind Sebából jönnek, aranyat és tömjént hoznak, és az Úr dicséreteit hirdetik.
كېدارنىڭ بارلىق قوي پادىلىرى يېنىڭغا يىغىلىدۇ؛ نېبايوتنىڭ قوچقارلىرى خىزمىتىڭدە بولىدۇ؛ ئۇلار مېنىڭ قوبۇل قىلىشىمغا ئېرىشىپ قۇربانگاھىمغا چىقىرىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن گۈزەللىك-جۇلالىقىمنى ئايان قىلىدىغان ئۆيۈمنى گۈزەللەشتۈرىمەن. | 7 |
Kédár minden juhai hozzád gyűlnek, Nebajóth kosai néked szolgálnak, felmennek kedvem szerint oltáromra, és dicsőségem házát megdicsőítem.
كەپتەرخانىلىرىغا قايتىپ كەلگەن كەپتەرلەردەك، ئۇچۇپ كېلىۋاتقان بۇلۇتتەك كېلىۋاتقان كىمدۇ؟ | 8 |
Kik ezek, kik repülnek, mint a felleg, s mint a galambok dúczaikhoz?
چۈنكى ئاراللار مېنى كۈتىدۇ؛ شۇلار ئارىسىدىن ئوغۇللىرىڭنى يىراقتىن ئېلىپ كېلىشكە، ئۆز ئالتۇن-كۈمۈشلىرىنى بىللە ئېلىپ كېلىشكە، تارشىشتىكى كېمىلەر بىرىنچى بولىدۇ. ئۇلار خۇدايىڭ پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىنىڭ يېنىغا كېلىدۇ؛ چۈنكى ئۇ ساڭا گۈزەللىك-جۇلالىق كەلتۈردى. | 9 |
Igen, engem várnak a szigetek; és elől jönnek Társis hajói, hogy elhozzák fiaidat messziről, és ezüstjöket és aranyokat azokkal együtt, a te Urad és Istened nevének és Izráel Szentjének, hogy téged megdicsőített.
يات ئادەملەرنىڭ بالىلىرى سېپىللىرىڭنى قۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرى خىزمىتىڭدە بولىدۇ؛ چۈنكى غەزىپىمدە مەن سېنى ئۇردۇم؛ بىراق شاپائىتىم بىلەن ساڭا رەھىم-مېھرىبانلىق كۆرسەتتىم. | 10 |
Az idegenek megépítik kőfalaidat, és királyaik szolgálnak néked; mivel haragomban megvertelek, és kegyelmemben megkönyörültem rajtad.
دەرۋازىلىرىڭ ھەردائىم ئوچۇق تۇرىدۇ؛ (ئۇلار كېچە-كۈندۈز ئېتىلمەيدۇ) شۇنداق قىلغاندا ئەللەرنىڭ بايلىقلىرىنى ساڭا ئېلىپ كەلگىلى، ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىنى ئالدىڭغا يېتەكلەپ كەلگىلى بولىدۇ. | 11 |
És nyitva lesznek kapuid szüntelen, éjjel és nappal be nem zároltatnak, hogy behozzák hozzád a népek gazdagságát, és királyaik is bevitetnek.
چۈنكى ساڭا خىزمەتتە بولۇشنى رەت قىلىدىغان ئەل ياكى پادىشاھلىق بولسا يوقىلىدۇ؛ مۇشۇنداق ئەللەر پۈتۈنلەي بەربات بولىدۇ. | 12 |
Mert a nép és az ország, a mely néked nem szolgáland, elvész, és a népek mindenestől elpusztulnak.
مېنىڭ مۇقەددەس جايىمنى گۈزەللەشتۈرۈشكە، لىۋاننىڭ شەرىپى، ــ ئارچا، قارىغاي ۋە بوكسۇس دەرەخلىرىنىڭ ھەممىسى ساڭا كېلىدۇ؛ شۇنداق قىلىپ ئايىغىم تۇرغان يەرنى شەرەپلىك قىلىمەن. | 13 |
A Libánon ékessége hozzád jő, cziprus, platán, sudar czédrus, mind együtt szenthelyemnek megékesítésére, hogy lábaim helyét megdicsőítsem.
سېنى خارلىغانلارنىڭ بالىلىرى بولسا ئالدىڭغا ئېگىلگىنىچە كېلىدۇ؛ سېنى كەمسىتكەنلەرنىڭ ھەممىسى ئايىغىڭغا باش ئۇرىدۇ؛ ئۇلار سېنى «پەرۋەردىگارنىڭ شەھىرى»، «ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىنىڭ زىئونى» دەپ ئاتايدۇ. | 14 |
És meghajolva hozzád mennek a téged nyomorgatók fiai, és leborulnak lábad talpainál minden megútálóid, és neveznek téged az Úr városának, Izráel Szentje Sionának.
سەن تاشلىۋېتىلگەن ھەم نەپرەتكە ئۇچرىغانلىقىڭ ئۈچۈن، ھېچكىم زېمىنىڭدىن ئۆتمىگەن؛ ئەمدىلىكتە مەن سېنى مەڭگۈلۈك بىر شان-شۆھرەت، ئەۋلاد-ئەۋلادلارنىڭ بىر خۇرسەنلىكى قىلىمەن. | 15 |
A helyett, hogy elhagyott és gyűlölt valál és senki rajtad át nem ment, örökkévaló ékességgé teszlek, és gyönyörűséggé nemzetségről nemzetségre.
ئەللەرنىڭ سۈتىنى ئېمىسەن، پادىشاھلارنىڭ ئەمچىكىدىن ئەمگەندەك [مېھىر-شەپقىتىگە] ئېرىشسەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەن مەن پەرۋەردىگارنى ئۆزۈڭنىڭ نىجاتكارىڭ ھەم ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىڭ، «ياقۇپتىكى قۇدرەت ئىگىسى» دەپ بىلىسەن. | 16 |
És szopod a népek tejét, és a királyok emlőjét szopod, és megtudod, hogy én vagyok az Úr, megtartód és megváltód, Jákóbnak erős Istene.
مىسنىڭ ئورنىغا ئالتۇننى، تۆمۈرنىڭ ئورنىغا كۈمۈشنى ئەپكېلىپ ئالماشتۇرىمەن؛ ياغاچنىڭ ئورنىغا مىسنى، تاشلارنىڭ ئورنىغا تۆمۈرنى ئەپكېلىپ ئالماشتۇرىمەن؛ سېنىڭ ھاكىملىرىڭنى بولسا تىنچ-ئاراملىق، بەگلىرىڭنى ھەققانىيلىق قىلىمەن. | 17 |
Réz helyett aranyat hozok, vas helyett ezüstöt hozok, és a fák helyett rezet, és a kövek helyett vasat, és teszem fejedelmeiddé a békességet, és előljáróiddá az igazságot.
زېمىنىڭدا زوراۋانلىقنىڭ ھېچ ساداسى بولمايدۇ، چېگرالىرىڭ ئىچىدە ۋەيرانچىلىق ۋە ھالاكەتمۇ يوق بولىدۇ؛ سەن سېپىللىرىڭنى «نىجات»، دەرۋازىلىرىڭنى «مەدھىيە» دەپ ئاتايسەن. | 18 |
Nem hallatik többé erőszaktétel földeden, pusztítás és romlás határaidban, és a szabadulást hívod kőfalaidnak, és kapuidnak a dicsőséget.
نە قۇياش كۈندۈزدە ساڭا نۇر بولمايدۇ، نە ئاينىڭ جۇلاسى ساڭا يورۇقلۇق بەرمەيدۇ؛ بەلكى پەرۋەردىگار سېنىڭ مەڭگۈلۈك نۇرۇڭ بولىدۇ، سېنىڭ خۇدايىڭ گۈزەل جۇلالىقىڭ بولىدۇ. | 19 |
Nem a nap lesz néked többé nappali világosságod, és fényességül nem a hold világol néked, hanem az Úr lesz néked örök világosságod, és Istened lesz ékességed,
سېنىڭ قۇياشىڭ ئىككىنچى پاتمايدۇ، ئېيىڭ تولۇنلۇقىدىن يانمايدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سېنىڭ مەڭگۈلۈك نۇرۇڭ بولىدۇ، ھەسرەت-قايغۇلۇق كۈنلىرىڭگە خاتىمە بېرىلىدۇ. | 20 |
Napod nem megy többé alá, és holdad sem fogy el, mert az Úr lesz néked örök világosságod, és gyászod napjainak vége szakad.
سېنىڭ خەلقىڭنىڭ ھەممىسى ھەققانىي بولىدۇ؛ يەر-زېمىنغا مەڭگۈگە ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ مېنىڭ گۈزەل جۇلالىقىمنى ئايان قىلىشى ئۈچۈن، ئۇلار ئۆز قولۇم بىلەن تىككەن مايسا، ئۆز قولۇم بىلەن ئىشلىگىنىم بولىدۇ. | 21 |
És néped mind igaz lesz, és a földet mindörökké bírják, plántálásom vesszőszála ők, kezeim munkája dicsőségemre.
سەبىي بالا بولسا مىڭغا، ئەڭ كىچىكى بولسا ئۇلۇغ ئەلگە ئايلىنىدۇ، مەنكى پەرۋەردىگار بۇلارنى ئۆز ۋاقتىدا تېزدىن ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. | 22 |
A legkisebb ezerre nő, és a legkevesebb hatalmas néppé. Én az Úr, idején, hamar megteszem ezt.