< يەشايا 6 >
ئۇززىيا پادىشاھ ئالەمدىن ئۆتكەن يىلى مەن رەبنى كۆردۈم؛ ئۇ ئىنتايىن يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بىر تەختتە ئولتۇراتتى؛ ئۇنىڭ تونى مۇقەددەس ئىبادەتخانىغا بىر كەلگەنىدى. | 1 |
Uti det året, då Konung Ussia blef död, såg jag Herran sitta på en hög och härlig stol, och hans klädefåll uppfyllde templet.
ئۇنىڭ ئۈستىدە سارافلار پەرۋاز قىلىپ تۇراتتى؛ ھەربىرىنىڭ ئالتە تال قانىتى بار ئىدى؛ ئىككى قانىتى بىلەن ئۇ يۈزىنى ياپاتتى، ئىككى قانىتى بىلەن ئۇ پۇتىنى ياپاتتى، ۋە ئىككى قانىتى بىلەن ئۇ پەرۋاز قىلىپ تۇراتتى. | 2 |
Seraphim stodo öfver honom, hvardera hade sex vingar; med två betäckte de sitt anlete; med två betäckte de sina fötter, och med två flögo de.
ئۇلاردىن بىرى باشقا بىرسىگە: ــ «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، مۇقەددەس، مۇقەددەس، مۇقەددەستۇر! بارلىق يەر يۈزى ئۇنىڭ شان-شەرىپىگە تولغان!» ــ دەپ توۋلاۋاتاتتى. | 3 |
Och den ene ropade till den andra, och sade: Helig, Helig, Helig är Herren Zebaoth; hela jorden är full med hans äro;
توۋلىغۇچىنىڭ ئاۋازىدىن دەرۋازىنىڭ كېشەكلىرى تەۋرىنىپ كەتتى، ئۆي ئىس-تۈتەك بىلەن قاپلاندى. | 4 |
Så att öfre dörrstocken bäfvade af deras rops röst, och huset vardt fullt med rök.
شۇنىڭ بىلەن مەن: ــ «ئۆزۈمگە ۋاي! مەن تۈگەشتىم! چۈنكى مەن لەۋلىرى ناپاك ئادەممەن ھەم ناپاك لەۋلىك خەلق بىلەن ئارىلىشىپ تۇرۇپ، ئۆز كۆزۈم بىلەن پادىشاھقا، يەنى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارغا قارىدىم!» ــ دېدىم. | 5 |
Då sade jag: Ve mig, jag förgås; ty jag hafver orena läppar, och bor ibland ett folk som orena läppar hafver; ty jag hafver sett Konungen, Herran Zebaoth, med min ögon.
شۇنىڭ بىلەن سارافلاردىن بىرى قولىدا قۇربانگاھتىن بىر چوغنى لاخشىگىرغا قىسىپ ئېلىپ، يېنىمغا ئۇچۇپ كەلدى؛ | 6 |
Då flög en af Seraphim till mig, och hade ett glödande kol uti handene, det han med en tång tog af altaret;
ئۇ ئۇنى ئاغزىمغا تەگكۈزۈپ: ــ «مانا، بۇ لەۋلىرىڭگە تەگدى؛ سېنىڭ قەبىھلىكىڭ ئېلىپ تاشلاندى، گۇناھىڭ كافارەت بىلەن كەچۈرۈم قىلىندى» ــ دېدى. | 7 |
Och kom vid min mun, och sade: Si, härmed hafver jag kommit vid dina läppar, att din missgerning skall varda ifrå dig tagen, och din synd försonad vara.
ئاندىن مەن رەبنىڭ: ــ «مەن كىمنى ئەۋەتىمەن؟ كىم بىزگە ۋەكىل بولۇپ بارىدۇ؟» دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن: ــ «مانا مەن! مېنى ئەۋەتكەيسەن» ــ دېدىم. | 8 |
Och jag hörde Herrans röst, att han sade: Hvem skall jag sända? Hvilken vill vara vårt bådskap? Men jag sade: Här är jag, sänd mig.
ۋە ئۇ: «بارغىن؛ مۇشۇ خەلققە مۇنداق دەپ ئېيتقىن: ــ «سىلەر ئاڭلاشنى ئاڭلايسىلەر، بىراق چۈشەنمەيسىلەر؛ كۆرۈشنى كۆرۈسىلەر، بىراق بىلىپ يەتمەيسىلەر. | 9 |
Och han sade: Gack åstad, och säg till detta folket: Hörer, och förstår det icke; ser, och märker det intet.
مۇشۇ خەلقنىڭ يۈرىكىنى تاش قىلغىن؛ ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى ئېغىر، كۆزلىرىنى كور قىلغىن؛ بولمىسا، ئۇلار كۆزلىرى بىلەن كۆرەلەيدىغان، قۇلىقى بىلەن ئاڭلىيالايدىغان، كۆڭلى بىلەن چۈشىنەلەيدىغان قىلىنىپ، يولىدىن ياندۇرۇلۇپ ساقايتىلغان بولاتتى». | 10 |
Förstocka detta folks hjerta, och låt deras öron lomhörd varda, och förblinda deras ögon, att de intet se med sin ögon, eller höra med sin öron, eller förstå med sitt hjerta, och omvända sig, och varda salige.
ئاندىن مەن: ــ «رەب، بۇ ئەھۋال قاچانغىچە داۋاملىشىدۇ؟» ــ دەپ سورىۋىدىم، ئۇ جاۋابەن: ــ «تا شەھەرلەر خاراب قىلىنىپ ئاھالىسىز، ئۆيلەر ئادەمزاتسىز، زېمىن پۈتۈنلەي چۆلگە ئايلىنىپ بولغۇچە، | 11 |
Men jag sade: Herre, huru länge? Han sade: Tilldess, att städerna öde varda utan inbyggare, och husen utan folk, och marken ligger platt öde.
پەرۋەردىگار ئادەملىرىنى يىراقلارغا يۆتكەپ، زېمىندىكى تاشلىۋېتىلگەن يەرلەر كۆپ بولغۇچە بولىدۇ» ــ دېدى. | 12 |
Ty Herren skall låta folket komma, långt bort, så att landet skall svårliga öfvergifvet varda.
«ھالبۇكى، زېمىندا ئادەملەرنىڭ ئوندىن بىرىلا قالىدۇ؛ ئۇلار [زېمىنغا] قايتىپ كېلىپ يەنە يۇتۇۋېتىلىدۇ، كېسىلگەن بىر دۇب ياكى ئارئار دەرىخىنىڭ كۆتىكىدەك بولىدۇ؛ كۆتەك بولسا «مۇقەددەس نەسىل» بولۇر. | 13 |
Dock skall ännu tiondedelen blifva derinne; ty det skall varda bortfördt och förhärjadt, såsom en ek och lind, som ännu hafva bålen, ändock deras löf afslagne, varda; en helig säd skall sådana bål vara.