< يەشايا 59 >
ــ قاراڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ قولى قۇتقۇزالمىغۇدەك كۈچسىز بولۇپ قالغان ئەمەس؛ ياكى ئۇنىڭ قۇلىقى ئاڭلىمىغۇدەك ئېغىر بولۇپ قالغان ئەمەس؛ | 1 |
看哪!並非上主的手短小而不能施救,並非他的耳朵沈重而不能聽見;
بىراق سىلەرنىڭ قەبىھلىكىڭلار سىلەرنى خۇدايىڭلاردىن يىراقلاشتۇردى، گۇناھىڭلار ئۇنىڭ يۈزىنى سىلەردىن قاچۇرۇپ تىلىكىڭلارنى ئۇنىڭغا ئاڭلاتقۇزمىدى. | 2 |
而是你們的罪孽,使你們與你們的天主隔絕;是你們的罪惡,使他掩面不肯俯聽你們,
چۈنكى قوللىرىڭلار قان بىلەن، بارماقلىرىڭلار قەبىھلىك بىلەن مىلەنگەن، لەۋلىرىڭلار يالغان گەپ ئېيتقان، تىلىڭلار كالدىرلاپ قېرىشىپ سۆزلىگەن؛ | 3 |
因為你們的手沾滿了血,你們的手指沾滿了罪惡;你們的口唇說了謊言,你們的舌頭吐出了惡語。
ھەققانىيلىق تەرەپتە سۆزلىگۈچى يوقتۇر، ھەقىقەت تەرەپتە تۇرىدىغان ھۆكۈم سورىغۇچى يوقتۇر؛ ئۇلار يوق بىر نەرسىگە تايىنىپ، ئالدامچىلىق قىلماقتا، ئۇلارنىڭ قورسىقىدىكىسى زىيانداش، ئۇلارنىڭ تۇغۇۋاتقىنى قەبىھلىك؛ | 4 |
沒有人按正義起訴,沒有人照公正行審;都依賴虛無講說空話,孕育著詭詐,產生邪惡。
ئۇلار چار يىلاننىڭ تۇخۇملىرىنى تۆرەلدۈرىدۇ، ئۆمۈچۈكنىڭ تورىنى تورلايدۇ، كىم ئۇنىڭ تۇخۇملىرىنى يېسە ئۆلىدۇ؛ ئۇلاردىن بىرى چېقىلسا زەھەرلىك يىلان چىقىدۇ. | 5 |
他們所孵化的是毒蛇的蛋,他們所紡織的是蜘蛛的網;誰吃了這些蛋,必定要死;蛋若破了,出來的是條毒蛇。
ئۇلارنىڭ تورلىرى كىيىم بولالمايدۇ؛ ئۆزلىرى ئىشلىگەنلىرى بىلەن ئۆزلىرىنى ياپالمايدۇ؛ ئىشلىگەنلىرى بولسا قەبىھ ئىشلاردۇر؛ ئۇلارنىڭ قولىدا زوراۋانلىق تۇرىدۇ؛ | 6 |
他們結的蛛網不能製作衣服,他們的手工不能遮蓋自己;他們的作為都是罪惡的作為,他們手中只有欺壓的行為。
قەدەملىرى يامانلىق تەرەپكە يۈگۈرىدۇ، گۇناھسىز قاننى تۆكۈشكە ئالدىرايدۇ، ئۇلارنىڭ ئويلىرى قەبىھلىك توغرىسىدىكى ئويلاردۇر؛ بارغانلا يەردە ۋەيرانچىلىق ۋە ھالاكەت تېپىلىدۇ. | 7 |
他們的腳趨向邪惡,急於傾流無辜者的血;他們的思念都是邪惡的思念,在他們的行徑上只有蹂躪與毀滅。
تىنچلىق-ئاراملىق يولىنى ئۇلار ھېچ تونۇمايدۇ؛ يۈرۈشلىرىدە ھېچ ھەقىقەت-ئادالەت يوقتۇر؛ ئۇلار يوللىرىنى ئەگرى-توقاي قىلىۋالدى؛ كىم بۇلاردا ماڭغان بولسا تىنچ-ئاراملىقنى كۆرمەيدۇ. | 8 |
和平的道路他們不認識,他們的行徑中決無公正;他們彎曲了自己的途徑,凡在上面行走的,必不認識和平。
ــ شۇڭا ھەقىقەت-ئادالەت بىزدىن يىراق تۇرىدۇ؛ ھەققانىيلىق يېتىپ بىزنى چۈمكىگەن ئەمەس؛ نۇرنى كۈتىمىز، بىراق يەنىلا قاراڭغۇلۇق! بىرلا غىل-پال پارلىغان يورۇقلۇقنىمۇ كۈتىمىز، يەنىلا زۇلمەتتە ماڭىمىز. | 9 |
因此公平遠離了我們,正義不與我們接近;我們尋求光明,看!仍是黑暗;希望光亮,仍在幽暗中徘徊。
قارىغۇلاردەك بىز تامنى سىلاشتۇرۇپ ئىزدەيمىز، كۆزسىز بولغاندەك سىلاشتۇرىمىز؛ گۇگۇمدا تۇرغاندەك چۈشتىمۇ پۇتلىشىپ كېتىمىز، چەت ياقىلاردا ئۆلۈكلەردەك يۈرىمىز. | 10 |
我們摸索著牆壁,好像瞎子;我們摸索,有如無眼的人;我們在正午顛仆,有如處於黃昏;我們在健壯人中,卻如死人。
ئېيىقلاردەك نەرە تارتىمىز، پاختەكلەردەك قاتتىق ئاھ ئۇرىمىز؛ بىز ھۆكۈم-ھەقىقەتنى كۈتۈپ قارايمىز، بىراق ئۇ يوق؛ نىجات-قۇتۇلۇشنى كۈتىمىز، بىراق ئۇ بىزدىن يىراقتۇر؛ | 11 |
我們一起號叫,有如狗熊;呻吟哀鳴,宛如鴿子;我們尋求公平,卻沒有公平;尋找救恩,救恩卻遠離了我們,
چۈنكى ئىتائەتسىزلىكلىرىمىز ئالدىڭدا كۆپىيىپ كەتتى، گۇناھلىرىمىز بىزنى ئەيىبلەپ گۇۋاھلىق بېرىدۇ؛ چۈنكى ئىتائەتسىزلىكلىرىمىز ھەردائىم بىز بىلەن بىللىدۇر؛ قەبىھلىكلىرىمىز بولسا، بىزگە روشەندۇر: ــ | 12 |
因為我們的悖逆在你面前太多了,我們的罪過作證反對我們,因為我們的悖逆都擺在我們面前,我們認清了我們的罪過:
چۈنكى پەرۋەردىگارغا ئىتائەتسىزلىك قىلماقتىمىز، ۋاپاسىزلىق قىلماقتىمىز، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرىمەكتىمىز، زۇلۇمنى ھەم ئاسىيلىقنى تەرغىپ قىلماقتىمىز، يالغان سۆزلەرنى ئويدۇرۇپ، ئىچ-ئىچىمىزدىن سۆزلىمەكتىمىز؛ | 13 |
背叛和否認上主,轉背離開我們的天主,說欺騙與反叛的話,從心中說出虛妄的言語;
ئادالەت-خالىسلىق بولسا يولدىن يېنىپ كەتتى؛ ھەققانىيلىق يىراقتا تۇرىدۇ؛ چۈنكى ھەقىقەت كوچىدا پۇتلىشىپ كېتىدۇ؛ دۇرۇس-دىيانەتنىڭمۇ كىرگۈدەك يېرى يوقتۇر. | 14 |
因此公平被制止,正義立在遠處,真誠在街市上仆倒於地,正義不得進入。
شۇنىڭ بىلەن ھەقىقەت يوقاي دەپ قالدى؛ ئۆزۈمنى يامانلىقتىن نېرى قىلاي دېگەن ئادەم خەقنىڭ ئولجا نىشانى بولۇپ قالدى! | 15 |
真誠消逝了,避惡的人已蕩然無存。上主見了,實在不悅,因為一點正直也沒有了;
ھەم پەرۋەردىگار كۆردى؛ ھۆكۈم-ھەقىقەتنىڭ يوقلۇقى ئۇنىڭ نەزىرىدە ئىنتايىن يامان بىلىندى. ۋە ئۇ [ئامال قىلغۇدەك] بىرمۇ ئادەمنىڭ يوقلۇقىنى كۆردى؛ [گۇناھكارلارغا] ۋەكىل بولۇپ دۇئا قىلغۇچى ھېچكىمنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ، ئازابلىنىپ كۆڭلى پاراكەندە بولدى. شۇڭا ئۇنىڭ ئۆز بىلىكى ئۆزىگە نىجات كەلتۈردى؛ ئۇنىڭ ئۆز ھەققانىيلىقى ئۆزىنى قوللاپ چىداملىق قىلدى؛ | 16 |
他看不見一個人,他詫異連一個調停者也沒有了,遂以自己的手臂來施救,以自己的正義來扶持。
ئۇ ھەققانىيلىقنى قالقان-ساۋۇت قىلدى، بېشىغا نىجاتلىق دۇبۇلغىسىنى كىيدى؛ قىساس لىباسىنى كىيىم قىلدى، مۇھەببەتلىك قىزغىنلىقنى تون قىلىپ كىيدى. | 17 |
他身穿正義作鎧甲,頭戴救恩作鋼盔,身佩復仇作衣服,外披妒恨作外氅。
ئادەملەرنىڭ قىلغانلىرى بويىچە، ئۇ ئۇلارغا قايتۇرىدۇ؛ رەقىبلىرىگە قەھر چۈشۈرىدۇ، دۈشمەنلىرىگە ئىشلىرىنى قايتۇرىدۇ، چەت ئاراللاردىكىلەرگىمۇ ئۇ ئىشلىرىنى قايتۇرىدۇ. | 18 |
他要按照各人的行為施行報復,向他的敵人發怒,向他的仇人復仇。【也向群島施行報應。】
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار غەربتە پەرۋەردىگارنىڭ نامىدىن، كۈنچىقىشتا ئۇنىڭ شان-شەرىپىدىن قورقىدۇ؛ دۈشمەن كەلكۈندەك بېسىپ كىرگىنىدە، ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنىڭغا قارشى بىر تۇغنى كۆتۈرۈپ بېرىدۇ؛ | 19 |
西方的人要看見上主的名號,東方的人要看見他的榮耀,因為他要來臨,好似被強烈的風催促的急流。
شۇنىڭ بىلەن ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى زىئونغا كېلىدۇ، ئۇ ياقۇپ جەمەتىدىكىلەر ئارىسىدىن ئىتائەتسىزلىكتىن يېنىپ توۋا قىلغانلارغا يېقىنلىشىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ | 20 |
拯救者必要臨於熙雍,臨於雅各伯家中的棄邪歸依者:上主的斷語。
مەن بولسام، مانا، مېنىڭ ئۇلار بىلەن بولغان ئەھدەم شۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ «سېنىڭ ئۈستۈڭگە قونۇپ تۇرغان مېنىڭ روھىم، شۇنداقلا مەن سېنىڭ ئاغزىڭغا قۇيغان سۆز-كالامىم بولسا، بۇنىڭدىن باشلاپ ئەبەدىلئەبەدگىچە ئۆز ئاغزىڭدىن، نەسلىڭنىڭ ئاغزىدىن ياكى نەسلىڭنىڭ نەسلىنىڭ ئاغزىدىن ھەرگىز چۈشمەيدۇ! ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 21 |
至於我──上主說──這是我與他們所立的盟約:我在你身上所賦的神,我在你口中所放的話,總不離開你的口和你子孫的口,以及你子子孫孫的口,上主說,從現今直到永遠。