< يەشايا 57 >

ھەققانىي ئادەم ئالەمدىن ئۆتىدۇ، ھېچكىم بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ؛ مېھرىبان ئادەملەر يىغىپ ئېلىپ كېتىلىدۇ، بىراق ھېچكىم ئويلاپ چۈشىنەلمەيدۇكى، ھەققانىي ئادەملەر يامان كۈنلەرنى كۆرمىسۇن دەپ يىغىپ ئېلىپ كېتىلىدۇ. 1
ئۇ بولسا ئارام-خاتىرجەملىك ئىچىگە كىرىدۇ؛ يەنى ئۆزلىرىنىڭ دۇرۇس يولىدا ماڭغان ھەربىر كىشى، ئۆز ئورنىدا يېتىپ ئارام ئالىدۇ. 2
بىراق سەنلەر، ئى جادۇگەر ئايالنىڭ بالىلىرى، زىناخور بىلەن پاھىشە ئايالنىڭ نەسلى؛ بۇياققا يېقىن كېلىڭلار؛ 3
سىلەر كىمنى مازاق قىلىۋاتىسىلەر؟ ياكى كىمگە قارشى ئاغزىڭلارنى كالچايتىپ، تىلىڭلارنى ئۇزۇن چىقىرىسىلەر؟ سىلەر بولساڭلار ئاسىيلىقتىن تۆرەلگەن بالىلار، ئالدامچىلىقنىڭ نەسلى ئەمەسمۇسىلەر؟ 4
ھەربىر چوڭ دەرەخ ئاستىدا، ھەربىر يېشىل دەرەخ ئاستىدا شەھۋانىيلىق بىلەن كۆيۈپ كەتكۈچى، كىچىك بالىلارنى جىلغىلارغا ھەم خادا تاشلارنىڭ يېرىقلىرىغا ئېلىپ سويغۇچىسىلەر! 5
ئېرىقتىكى سىلىقلانغان تاشلار ئارىسىدا سېنىڭ نېسىۋەڭ باردۇر؛ شۇلار، شۇلارلا سېنىڭ تەقسىماتىڭدۇر؛ شۇنداق، سەن ئۇلارغا ئاتاپ «شاراب ھەدىيەسى»نى قۇيۇپ، ئۇلارغا «ئاشلىق ھەدىيە»نىمۇ سۇنۇپ بەردىڭغۇ؛ ئەمدى مۇشۇلارغا رازى بولۇپ ئۆزۈمنى بېسىۋالسام بولامتى؟ 6
سەن يۇقىرى، ئېگىز بىر تاغ ئۈستىدە ئورۇن-كۆرپە سېلىپ قويدۇڭ، سەن ئاشۇ يەردىمۇ قۇربانلىقلارنى قىلىشقا چىقتىڭ. 7
ئىشىكلەرنىڭ كەينىگە ۋە كەينى كېشەكلىرىگە «ئەسلەتمىلىرىڭ»نى بېكىتىپ قويدۇڭ، چۈنكى سەن مەندىن ئايرىلدىڭ، سەن يالىڭاچلىنىپ ئورنۇڭغا چىقتىڭ؛ ئورۇن-كۆرپەڭنى كېڭەيتىپ [خېرىدارلىرىڭ] بىلەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئەھدىلەشتىڭ؛ ئۇلارنىڭ ئورۇن-كۆرپىسىگە كۆڭلۈڭ چۈشتى، سەن ئۇلاردا كۈچ-ھوقۇقنى كۆرۈپ قالدىڭ. 8
سەن زەيتۇن مېيى ھەدىيىسىنى ئېلىپ، ئەتىرلىرىڭنى ئۈستىبېشىڭگە بولۇشىغا چېچىپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا باردىڭ؛ ئەلچىلىرىڭنى يىراققا ئەۋەتىپ، ھەتتا تەھتىساراغا يەتكۈچە ئۆزۈڭنى پەس قىلدىڭ. (Sheol h7585) 9
سەن بېسىپ ماڭغان بارلىق يوللىرىڭدا چارچىغىنىڭ بىلەن، يەنە: «پوق يەپتىمەن، بولدى بەس!» دەپ قويمىدىڭ تېخى، ئېزىپ يۈرۈشكە يەنىلا كۈچۈڭنى يىغدىڭ، ھېچ جاق تويمىدىڭ. 10
سەن زادى كىمدىن يۈرەكزادە بولۇپ، قورقۇپ يۈرىسەن، يالغان گەپ قىلىپ، مېنى ئېسىڭگە ھېچ كەلتۈرمەي، كۆڭلۈڭدىن ھېچ ئۆتكۈزمىدىڭ. مەن ئۇزۇنغىچە سۈكۈتتە تۇرۇپ كەلدىم ئەمەسمۇ؟ سەن يەنىلا مەندىن ھېچ قورقۇپ باقمىدىڭ! 11
سېنىڭ «ھەققانىيلىقىڭ»نى ھەم «تۆھپىلىرىڭ»نى بايان قىلىمەن: ــ ئۇلارنىڭ ساڭا ھېچ پايدىسى يوقتۇر! 12
چىرقىرىغانلىرىڭدا سەن يىغىپ توپلىغان [بۇتلار] كېلىپ سېنى قۇتقۇزسۇن! بىراق شامال پۈۋ قىلىپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ، بىر نەپەسلا ئۇلارنى ئېلىپ كېتىدۇ؛ بىراق ماڭا تايانغۇچى زېمىنغا مىراسلىق قىلىدۇ، مېنىڭ مۇقەددەس تېغىمغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ. 13
[شۇ چاغدا]: ــ «يولنى كۆتۈرۈڭلار، كۆتۈرۈڭلار، ئۇنى تەييارلاڭلار، خەلقىمنىڭ يولىنى بوشىتىپ بارلىق پۇتلىكاشاڭلارنى ئېلىپ تاشلاڭلار» دېيىلىدۇ. 14
چۈنكى نامى «مۇقەددەس» بولغۇچى، يۇقىرى ھەم ئالىي بولغۇچى، ئەبەدىلئەبەدگىچە ھايات بولغۇچى مۇنداق دەيدۇ: ــ «مەن يۇقىرى ھەمدە مۇقەددەس جايدا، ھەم شۇنداقلا روھى سۇنۇق ھەم كىچىك پېئىل ئادەم بىلەن بىللە تۇرىمەنكى، كىچىك پېئىل ئادەمنىڭ روھىنى يېڭىلايمەن، دىلى سۇنۇقنىڭ كۆڭلىنى يېڭىلايمەن. 15
چۈنكى مەن ھەرگىز مەڭگۈگە ئەرز قىلىپ ئەيىبلىمەيمەن، ھەم ئەبەدىلئەبەدگىچە غەزەپلەنمەيمەن؛ شۇنداق قىلسام ئىنساننىڭ روھى مېنىڭ ئالدىمدا سۇسلىشىپ يوقايدۇ، ئۆزۈم ياراتقان نەپەس ئىگىلىرى تۈگىشىدۇ. 16
ئۇنىڭ ئۆز نەپسانىيەتلىك قەبىھلىكىدە مەن ئۇنىڭدىن غەزەپلىنىپ، ئۇنى ئۇرغانمەن؛ مەن ئۇنىڭدىن يوشۇرۇن تۇرۇپ، ئۇنىڭغا غەزەپلەنگەنلىكىم بىلەن، ئۇ يەنىلا ئارقىسىغا چېكىنگىنىچە ئۆز يولىنى مېڭىۋەردى؛ 17
مەن ئۇنىڭ يوللىرىنى كۆرۈپ يەتكەن تەقدىردىمۇ، مەن ئۇنى ساقايتىمەن؛ مەن ئۇنى يېتەكلەيمەن، مەن لەۋلەرنىڭ مېۋىسىنى يارىتىمەن، ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭدىكى ھەسرەت چەككۈچىلەرگە يەنە تەسەللى بېرىمەن؛ يىراق تۇرۇۋاتقانغا، يېقىن تۇرۇۋاتقانغىمۇ مۇتلەق ئارام-خاتىرجەملىك بولسۇن! ۋە مەن ئۇنى ساقايتىمەن! 18
19
بىراق رەزىللەر بولسا تىنچىلىنىشنى ھېچ بىلمەيدىغان، دولقۇنلىرى لاي-لاتقىلارنى ئۇرغۇتۇۋاتقان، داۋالغۇۋاتقان دېڭىزدەكتۇر. 20
رەزىللەرگە، ــ دەيدۇ خۇدايىم ــ ھېچ ئارام-خاتىرجەملىك بولماس. 21

< يەشايا 57 >