< يەشايا 56 >
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئادالەت ھەم ھىدايەتتە چىڭ تۇرۇڭلار، ھەققانىيلىقنى يۈرگۈزىۋېرىڭلار؛ چۈنكى مېنىڭ نىجاتىم يېقىنلاشتى، ھەققانىيلىقىم ئايان قىلىناي دەۋاتىدۇ، | 1 |
Tak mówi PAN: Strzeżcie sądu i czyńcie sprawiedliwość, bo bliskie jest nadejście mojego zbawienia i objawienie się mojej sprawiedliwości.
مۇشۇلارنى قىلغۇچى كىشى، مۇشۇلاردا چىڭ تۇرغۇچى ئىنسان بالىسى ــ شابات كۈنىنى بۇلغىماي پاك-مۇقەددەس ساقلىغۇچى، قولىنى ھەرقانداق رەزىللىكتىن تارتقۇچى كىشى نېمىدېگەن بەختلىكتۇر! | 2 |
Błogosławiony człowiek, który to czyni, i syn człowieczy, który się tego trzyma, który przestrzega szabatu, aby go nie bezcześcić, który strzeże swej ręki, aby nie czyniła nic złego.
ئۆزىنى پەرۋەردىگارغا باغلىغان يات يۇرتلۇق ئادەم: ــ «پەرۋەردىگار چوقۇم مېنى ئۆز خەلقىدىن ئايرىۋېتىدۇ!»، ياكى ئاغۋات بولغان كىشى: ــ «مانا، قاقشال بىر دەرەخمەن!» دېگۈچى بولمىسۇن. | 3 |
Niech więc nie mówi cudzoziemiec, który przyłączył się do PANA: PAN na pewno odłączył mnie od swego ludu. Niech też eunuch nie mówi: Oto jestem suchym drzewem.
چۈنكى پەرۋەردىگار: ــ مەن ئۆز «شابات كۈنلىرىم»نى ساقلايدىغان، كۆڭلۈمدىكى ئىشلارنى تاللىغان، ئەھدەمدە چىڭ تۇرىدىغان ئاغۋاتلارغا مۇنداق دەيمەنكى: ــ | 4 |
Tak bowiem mówi PAN o eunuchach, którzy przestrzegają moich szabatów i wybierają to, co mi się podoba, i trzymają się mojego przymierza:
مەن ئۇلارغا ئۆز ئۆيۈمدە، يەنى ئۆز تاملىرىم ئىچىدە ئورۇن ھەم نام-ئاتاق ئاتا قىلىمەن؛ مۇشۇ نام-ئاتاق ئوغۇل-قىزلىرى بارلارنىڭكىدىن ئەۋزەلدۇر؛ مەن ئۇلارغا ئۈزۈلمەس، مەڭگۈلۈك نامنى بېرىمەن. | 5 |
Dam im miejsce w swoim domu i w swoich murach oraz imię lepsze od synów i córek; dam im imię wieczne, które nie będzie zgładzone.
پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا، ئۇنىڭ نامىغا سېغىنىشقا، ئۇنىڭ قۇللىرى بولۇشقا پەرۋەردىگارغا ئۆزىنى باغلىغان، شابات كۈنىنى بۇلغىماي پاك-مۇقەددەس ساقلىغان، ئەھدەمنى چىڭ تۇتقان يات يۇرتلۇقنىڭ پەرزەنتلىرىنى بولسا، | 6 |
A cudzoziemców, którzy przyłączyli się do PANA, aby mu służyć, miłować imię PANA i być jego sługami, wszystkich przestrzegających szabatu, by go nie bezcześcić, i trzymających się mojego przymierza;
ئۇلارنىمۇ ئۆز مۇقەددەس تېغىمغا ئېلىپ كېلىمەن، مېنىڭ دۇئاگاھ بولغان ئۆيۈمدە ئۇلارنى خۇشال قىلىمەن؛ ئۇلارنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرى ھەم تەشەككۈر قۇرنانلىقلىرى مېنىڭ قۇربانگاھىم ئۈستىدە قوبۇل قىلىنىدۇ؛ چۈنكى مېنىڭ ئۆيۈم «بارلىق ئەل-يۇرتلار ئۈچۈن دۇئا قىلىنىدىغان ئۆي» دەپ ئاتىلىدۇ. | 7 |
Tych przyprowadzę na swoją świętą górę i rozraduję ich w swoim domu modlitwy. Ich całopalenia i ofiary będą przyjęte na moim ołtarzu, bo mój dom będzie nazywany domem modlitwy dla wszystkich narodów.
ئىسرائىلدىن تارقىلىپ كەتكەن غېرىبلارنى يىغىپ قايتۇرىدىغان رەب پەرۋەردىگار: ــ مەن يەنە ئۇنىڭغا باشقىلارنى، يەنى يىغىلىپ بولغانلارغا باشقىلارنىمۇ قوشۇپ يىغىمەن! ــ دەيدۇ. | 8 |
Tak mówi Pan BÓG, który gromadzi rozproszonych z Izraela: Jeszcze [innych] zgromadzę do niego i do jego zgromadzonych.
ــ ئى دالالاردىكى بارلىق ھايۋانلار، كېلىپ ئوزۇقتىن ئېلىڭلار، ئورمانلىقتىكى بارلىق ھايۋانلار، كېلىڭلار! | 9 |
Wszystkie zwierzęta polne, przyjdźcie na żer, i [wy], wszystkie zwierzęta leśne.
[ئىسرائىلنىڭ] كۆزەتچىلىرى ھەممىسى قارىغۇ؛ ئۇلار ھېچ بىلمەيدۇ؛ ھەممىسى قاۋاشنى بىلمەيدىغان گاچا ئىتلار، چۈشەكەپ ياتىدىغان، ئۇيقۇغا ئامراقلار! | 10 |
Jego stróżowie są ślepi wszyscy, nic nie wiedzą, wszyscy są niemymi psami, nie mogą szczekać; są ospali, leżą, kochają drzemać.
مۇشۇ ئىتلار بولسا نەپسى يامان، تويغاننى بىلمەيدۇ، ئۇلار بولسا [خەلقىمنى] «باققۇچى»لارمىش تېخى! ئۇلار يورۇتۇلۇشنى ھېچ بىلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى خالىغانچە يول تاللاپ قېيىپ كەتكەن، بىرسىمۇ قالماي ھەربىرى ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلەپ يۈرگۈچىلەر! | 11 |
A są to psy żarłoczne i nienasycone; są to pasterze niezdolni do zrozumienia. Wszyscy udali się w swoją drogę, każdy w swoim miejscu [szuka] własnego zysku, mówiąc:
ئۇلار: «قېنى، شاراب كەلتۈرىمەن، ھاراقنى قانغۇچە ئىچەيلى؛ ئەتىمۇ بولسا بۈگۈنكىدەك بولىدۇ، تېخىمۇ مولچىلىق بولىدۇ يەنە!» ــ دەۋېرىدۇ. | 12 |
Przyjdźcie, wezmę wino i upijemy się mocnym napojem; jutro będzie tak jak dziś i jeszcze bardziej obficie.