< يەشايا 53 >

بىزنىڭ خەۋىرىمىزگە كىممۇ ئىشەنگەن؟ ھەم «پەرۋەردىگارنىڭ بىلىكى» بولغۇچى كىمگىمۇ ئايان قىلىنغان؟ 1
Bizning xewirimizge kimmu ishen’gen? Hem «Perwerdigarning Biliki» bolghuchi kimgimu ayan qilin’ghan?
ئۇ بولسا [پەرۋەردىگارنىڭ] ئالدىدا خۇددى يۇمران مايسىدەك، ياكى خۇددى قاغجىراق تۇپراقتا تارتقان بىر يىلتىزدەك ئۆسىدۇ؛ ئۇنىڭدا جەزبىدارلىق ياكى ھەيۋە يوق بولىدۇ، بىز ئۇنى كۆرگىنىمىزدە، ئۇنىڭ بىزنى جەلب قىلغۇدەك تەقى-تۇرقىمۇ يوق بولىدۇ. 2
U bolsa [Perwerdigarning] aldida xuddi yumran maysidek, Yaki xuddi qaghjiraq tupraqta tartqan bir yiltizdek ösidu; Uningda jezbidarliq yaki heywe yoq bolidu, Biz uni körginimizde, uning bizni jelb qilghudek teqi-turqimu yoq bolidu.
ئۇ كىشىلەر تەرىپىدىن كەمسىتىلىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭدىن يىراقلىشىدۇ؛ ئۇ كۆپ دەرد-ئەلەملىك ئادەم بولۇپ، ئۇنىڭغا ئازاب-ئوقۇبەت يار بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدىن يۈزلەر قاچۇرۇلىدۇ؛ ئۇ كەمسىتىلىدۇ، بىز ئۇنى ھېچ نەرسىگە ئەرزىمەس دەپ ھېسابلىدۇق. 3
U kishiler teripidin kemsitilidu, ular uningdin yiraqlishidu; U köp derd-elemlik adem bolup, Uninggha azab-oqubet yar bolidu; Shuning bilen uningdin yüzler qachurulidu; U kemsitilidu, biz uni héch nersige erzimes dep hésabliduq.
بىراق ئەمەلىيەتتە بولسا، ئۇ بىزنىڭ قايغۇ-ھەسرىتىمىزنى كۆتۈردى، ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمىزنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. بىز بولساق، بۇ ئىشلارنى ئۇ ۋاباغا ئۇچرىغانلىقىدىن، خۇدا تەرىپىدىن جازالىنىپ ئۇرۇلغانلىقىدىن، شۇنداقلا قىيىن-قىستاققا ئېلىنغانلىقىدىن دەپ قارىدۇق! 4
Biraq emeliyette bolsa, U bizning qayghu-hesritimizni kötürdi, Azab-oqubetlirimizni öz üstige aldi. Biz bolsaq, bu ishlarni u wabagha uchrighanliqidin, Xuda teripidin jazalinip urulghanliqidin, Shundaqla qiyin-qistaqqa élin’ghanliqidin dep qariduq!
لېكىن ئۇ بىزنىڭ ئاسىيلىقلىرىمىز تۈپەيلىدىن يارىلاندى، بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن زەخىملەندى؛ ئۇنىڭ جازالىنىش بەدىلىگە، بىز ئارام-خاتىرجەملىك تاپتۇق، ھەم قامچىدىن بولغان يارىلىرى ئارقىلىق بىز شىپامۇ تاپتۇق. 5
Lékin u bizning asiyliqlirimiz tüpeylidin yarilandi, Bizning gunahlirimiz üchün zeximlendi; Uning jazalinish bedilige, biz aram-xatirjemlik taptuq, Hem qamchidin bolghan yariliri arqiliq biz shipamu taptuq.
ھەممىمىز خۇددى قويلاردەك يولدىن ئېزىپ، ھەربىرىمىز ئۆزىمىز خالىغان يولغا ماڭغانىدۇق؛ بىراق پەرۋەردىگار ھەممىمىزنىڭ قەبىھلىكىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە يىغىپ يۈكلىدى. 6
Hemmimiz xuddi qoylardek yoldin ézip, Herbirimiz özimiz xalighan yolgha mangghaniduq; Biraq Perwerdigar hemmimizning qebihlikini uning üstige yighip yüklidi.
ئۇ قىينىلىپ، ئازاب چەككەن بولسىمۇ ئېغىز ئاچمىدى؛ ئۇ خۇددى بوغۇزلاشقا يېتىلەپ مېڭىلغان پاقلاندەك بوغۇزلاشقا ئېلىپ مېڭىلدى، شۇنداقلا يۇڭ قىرقىغۇچىلار ئالدىدا قوي ئۈن-تىنسىز ياتقاندەك، ئۇ زادىلا ئېغىز ئاچمىدى. 7
U qiynilip, azab chekken bolsimu éghiz achmidi; U xuddi boghuzlashqa yétilep méngilghan paqlandek boghuzlashqa élip méngildi, Shundaqla yung qirqighuchilar aldida qoy ün-tinsiz yatqandek, u zadila éghiz achmidi.
ئۇ قاماپ قويۇلۇپ، ھەق سوراقتىن مەھرۇم بولۇپ ئېلىپ كېتىلدى، ئەمدى ئۇنىڭ ئەۋلادىنى كىممۇ بايان قىلالىسۇن؟! چۈنكى ئۇ تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدىن ئېلىپ كېتىلدى، مېنىڭ خەلقىمنىڭ ئاسىيلىقى ئۈچۈن ئۇ ۋابا بىلەن ئۇرۇلدى. 8
U qamap qoyulup, heq soraqtin mehrum bolup élip kétildi, Emdi uning ewladini kimmu bayan qilalisun?! Chünki u tiriklerning zéminidin élip kétildi, Méning xelqimning asiyliqi üchün u waba bilen uruldi.
كىشىلەر ئۇنى رەزىللەر بىلەن ئورتاق بىر گۆرگە بېكىتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆلۈمىدە بىر باي بىلەن بىللە بولدى، چۈنكى ئۇ ھېچقاچان زوراۋانلىق قىلىپ باقمىغان، ئۇنىڭ ئاغزىدىن بىرەر ئېغىزمۇ ھىيلە-مىكىرلىك سۆز تېپىلماس. 9
Kishiler uni reziller bilen ortaq bir görge békitken bolsimu, Lékin u ölümide bir bay bilen bille boldi, Chünki u héchqachan zorawanliq qilip baqmighan, Uning aghzidin birer éghizmu hiyle-mikirlik söz tépilmas.
بىراق ئۇنى ئېزىشنى لايىق كۆرگەن پەرۋەردىگاردۇر؛ ئۇ ئۇنى ئازابقا چۆمۈلدۈرگۈزدى. گەرچە ئۇ ئۆز جېنىنى گۇناھنى يۇيىدىغان قۇربانلىق قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادلىرىنى چوقۇم كۆرۈپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ كۆرىدىغان كۈنلىرى ئۇزارتىلىدۇ؛ ۋە پەرۋەردىگارنىڭ كۆڭلى سۆيۈنىدىغان ئىشلار ئۇنىڭ ئىلكىدە بولۇپ، راۋاج تېپىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. 10
Biraq uni ézishni layiq körgen Perwerdigardur; U uni azabqa chömüldürgüzdi. Gerche u öz jénini gunahni yuyidighan qurbanliq qilghan bolsimu, Lékin u özining uruq-ewladlirini choqum körüp turidu, Shundaqla uning köridighan künliri uzartilidu; We Perwerdigarning köngli söyünidighan ishlar uning ilkide bolup, rawaj tépip emelge ashurulidu.
ئۇ ئۆزى تارتقان جاپانىڭ مېۋىسىنى كۆرۈپ مەمنۇن بولىدۇ؛ ھەققانىي بولغۇچى مېنىڭ قۇلۇم ئۆزىنىڭ بىلىملىرى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرگە ھەققانىيلىقنى يەتكۈزىدۇ. چۈنكى ئۇ ئۇلارنىڭ قەبىھلىكلىرىنى ئۆزىگە يۈكلىۋالىدۇ. 11
U özi tartqan japaning méwisini körüp memnun bolidu; Heqqaniy bolghuchi Méning qulum özining bilimliri bilen nurghun kishilerge heqqaniyliqni yetküzidu. Chünki u ularning qebihliklirini özige yükliwalidu.
بۇ ئىشلىرى ئۈچۈن مەن شۇ «نۇرغۇن كىشىلەر»نى ئۇنىڭغا ھەدىيە قىلىپ نېسىۋىسى قىلىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزى كۈچلۈكلەرنى غەنىمەت سۈپىتىدە ئۈلەشتۈرۈپ بېرىدىغان بولىدۇ؛ چۈنكى ئۇ تا ئۆلۈشكە قەدەر «[شاراب ھەدىيە]»نى تۆككەندەك، ئۆز جېنىنى تۇتۇپ بەردى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنىڭ قاتارىدا سانىلىشىغا يول قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گۇناھىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى، ئۆزىنى ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلدى». 12
Bu ishliri üchün Men shu «nurghun kishiler»ni uninggha hediye qilip nésiwisi qilimen, Shuning bilen u özi küchlüklerni ghenimet süpitide üleshtürüp béridighan bolidu; Chünki u ta ölüshke qeder «[sharab hediye]»ni tökkendek, öz jénini tutup berdi, Shundaqla özining asiyliq qilghuchilarning qatarida sanilishigha yol qoydi. Shuning bilen u nurghun kishilerning gunahini öz üstige aldi, Özini asiyliq qilghuchilarning ornigha qoyup ular üchün dua qildi».

< يەشايا 53 >