بىزنىڭ خەۋىرىمىزگە كىممۇ ئىشەنگەن؟ ھەم «پەرۋەردىگارنىڭ بىلىكى» بولغۇچى كىمگىمۇ ئايان قىلىنغان؟ | 1 |
מִ֥י הֶאֱמִ֖ין לִשְׁמֻעָתֵ֑נוּ וּזְרֹ֥ועַ יְהוָ֖ה עַל־מִ֥י נִגְלָֽתָה׃ |
ئۇ بولسا [پەرۋەردىگارنىڭ] ئالدىدا خۇددى يۇمران مايسىدەك، ياكى خۇددى قاغجىراق تۇپراقتا تارتقان بىر يىلتىزدەك ئۆسىدۇ؛ ئۇنىڭدا جەزبىدارلىق ياكى ھەيۋە يوق بولىدۇ، بىز ئۇنى كۆرگىنىمىزدە، ئۇنىڭ بىزنى جەلب قىلغۇدەك تەقى-تۇرقىمۇ يوق بولىدۇ. | 2 |
וַיַּ֨עַל כַּיֹּונֵ֜ק לְפָנָ֗יו וְכַשֹּׁ֙רֶשׁ֙ מֵאֶ֣רֶץ צִיָּ֔ה לֹא־תֹ֥אַר לֹ֖ו וְלֹ֣א הָדָ֑ר וְנִרְאֵ֥הוּ וְלֹֽא־מַרְאֶ֖ה וְנֶחְמְדֵֽהוּ׃ |
ئۇ كىشىلەر تەرىپىدىن كەمسىتىلىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭدىن يىراقلىشىدۇ؛ ئۇ كۆپ دەرد-ئەلەملىك ئادەم بولۇپ، ئۇنىڭغا ئازاب-ئوقۇبەت يار بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدىن يۈزلەر قاچۇرۇلىدۇ؛ ئۇ كەمسىتىلىدۇ، بىز ئۇنى ھېچ نەرسىگە ئەرزىمەس دەپ ھېسابلىدۇق. | 3 |
נִבְזֶה֙ וַחֲדַ֣ל אִישִׁ֔ים אִ֥ישׁ מַכְאֹבֹ֖ות וִיד֣וּעַ חֹ֑לִי וּכְמַסְתֵּ֤ר פָּנִים֙ מִמֶּ֔נּוּ נִבְזֶ֖ה וְלֹ֥א חֲשַׁבְנֻֽהוּ׃ |
بىراق ئەمەلىيەتتە بولسا، ئۇ بىزنىڭ قايغۇ-ھەسرىتىمىزنى كۆتۈردى، ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمىزنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. بىز بولساق، بۇ ئىشلارنى ئۇ ۋاباغا ئۇچرىغانلىقىدىن، خۇدا تەرىپىدىن جازالىنىپ ئۇرۇلغانلىقىدىن، شۇنداقلا قىيىن-قىستاققا ئېلىنغانلىقىدىن دەپ قارىدۇق! | 4 |
אָכֵ֤ן חֳלָיֵ֙נוּ֙ ה֣וּא נָשָׂ֔א וּמַכְאֹבֵ֖ינוּ סְבָלָ֑ם וַאֲנַ֣חְנוּ חֲשַׁבְנֻ֔הוּ נָג֛וּעַ מֻכֵּ֥ה אֱלֹהִ֖ים וּמְעֻנֶּֽה׃ |
لېكىن ئۇ بىزنىڭ ئاسىيلىقلىرىمىز تۈپەيلىدىن يارىلاندى، بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن زەخىملەندى؛ ئۇنىڭ جازالىنىش بەدىلىگە، بىز ئارام-خاتىرجەملىك تاپتۇق، ھەم قامچىدىن بولغان يارىلىرى ئارقىلىق بىز شىپامۇ تاپتۇق. | 5 |
וְהוּא֙ מְחֹלָ֣ל מִפְּשָׁעֵ֔נוּ מְדֻכָּ֖א מֵעֲוֹנֹתֵ֑ינוּ מוּסַ֤ר שְׁלֹומֵ֙נוּ֙ עָלָ֔יו וּבַחֲבֻרָתֹ֖ו נִרְפָּא־לָֽנוּ׃ |
ھەممىمىز خۇددى قويلاردەك يولدىن ئېزىپ، ھەربىرىمىز ئۆزىمىز خالىغان يولغا ماڭغانىدۇق؛ بىراق پەرۋەردىگار ھەممىمىزنىڭ قەبىھلىكىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە يىغىپ يۈكلىدى. | 6 |
כֻּלָּ֙נוּ֙ כַּצֹּ֣אן תָּעִ֔ינוּ אִ֥ישׁ לְדַרְכֹּ֖ו פָּנִ֑ינוּ וַֽיהוָה֙ הִפְגִּ֣יעַ בֹּ֔ו אֵ֖ת עֲוֹ֥ן כֻּלָּֽנוּ׃ |
ئۇ قىينىلىپ، ئازاب چەككەن بولسىمۇ ئېغىز ئاچمىدى؛ ئۇ خۇددى بوغۇزلاشقا يېتىلەپ مېڭىلغان پاقلاندەك بوغۇزلاشقا ئېلىپ مېڭىلدى، شۇنداقلا يۇڭ قىرقىغۇچىلار ئالدىدا قوي ئۈن-تىنسىز ياتقاندەك، ئۇ زادىلا ئېغىز ئاچمىدى. | 7 |
נִגַּ֨שׂ וְה֣וּא נַעֲנֶה֮ וְלֹ֣א יִפְתַּח־פִּיו֒ כַּשֶּׂה֙ לַטֶּ֣בַח יוּבָ֔ל וּכְרָחֵ֕ל לִפְנֵ֥י גֹזְזֶ֖יהָ נֶאֱלָ֑מָה וְלֹ֥א יִפְתַּ֖ח פִּֽיו׃ |
ئۇ قاماپ قويۇلۇپ، ھەق سوراقتىن مەھرۇم بولۇپ ئېلىپ كېتىلدى، ئەمدى ئۇنىڭ ئەۋلادىنى كىممۇ بايان قىلالىسۇن؟! چۈنكى ئۇ تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدىن ئېلىپ كېتىلدى، مېنىڭ خەلقىمنىڭ ئاسىيلىقى ئۈچۈن ئۇ ۋابا بىلەن ئۇرۇلدى. | 8 |
מֵעֹ֤צֶר וּמִמִּשְׁפָּט֙ לֻקָּ֔ח וְאֶת־דֹּורֹ֖ו מִ֣י יְשֹׂוחֵ֑חַ כִּ֤י נִגְזַר֙ מֵאֶ֣רֶץ חַיִּ֔ים מִפֶּ֥שַׁע עַמִּ֖י נֶ֥גַע לָֽמֹו׃ |
كىشىلەر ئۇنى رەزىللەر بىلەن ئورتاق بىر گۆرگە بېكىتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆلۈمىدە بىر باي بىلەن بىللە بولدى، چۈنكى ئۇ ھېچقاچان زوراۋانلىق قىلىپ باقمىغان، ئۇنىڭ ئاغزىدىن بىرەر ئېغىزمۇ ھىيلە-مىكىرلىك سۆز تېپىلماس. | 9 |
וַיִּתֵּ֤ן אֶת־רְשָׁעִים֙ קִבְרֹ֔ו וְאֶת־עָשִׁ֖יר בְּמֹתָ֑יו עַ֚ל לֹא־חָמָ֣ס עָשָׂ֔ה וְלֹ֥א מִרְמָ֖ה בְּפִֽיו׃ |
بىراق ئۇنى ئېزىشنى لايىق كۆرگەن پەرۋەردىگاردۇر؛ ئۇ ئۇنى ئازابقا چۆمۈلدۈرگۈزدى. گەرچە ئۇ ئۆز جېنىنى گۇناھنى يۇيىدىغان قۇربانلىق قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادلىرىنى چوقۇم كۆرۈپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ كۆرىدىغان كۈنلىرى ئۇزارتىلىدۇ؛ ۋە پەرۋەردىگارنىڭ كۆڭلى سۆيۈنىدىغان ئىشلار ئۇنىڭ ئىلكىدە بولۇپ، راۋاج تېپىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. | 10 |
וַיהוָ֞ה חָפֵ֤ץ דַּכְּאֹו֙ הֶֽחֱלִ֔י אִם־תָּשִׂ֤ים אָשָׁם֙ נַפְשֹׁ֔ו יִרְאֶ֥ה זֶ֖רַע יַאֲרִ֣יךְ יָמִ֑ים וְחֵ֥פֶץ יְהוָ֖ה בְּיָדֹ֥ו יִצְלָֽח׃ |
ئۇ ئۆزى تارتقان جاپانىڭ مېۋىسىنى كۆرۈپ مەمنۇن بولىدۇ؛ ھەققانىي بولغۇچى مېنىڭ قۇلۇم ئۆزىنىڭ بىلىملىرى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرگە ھەققانىيلىقنى يەتكۈزىدۇ. چۈنكى ئۇ ئۇلارنىڭ قەبىھلىكلىرىنى ئۆزىگە يۈكلىۋالىدۇ. | 11 |
מֵעֲמַ֤ל נַפְשֹׁו֙ יִרְאֶ֣ה יִשְׂבָּ֔ע בְּדַעְתֹּ֗ו יַצְדִּ֥יק צַדִּ֛יק עַבְדִּ֖י לָֽרַבִּ֑ים וַעֲוֹנֹתָ֖ם ה֥וּא יִסְבֹּֽל׃ |
بۇ ئىشلىرى ئۈچۈن مەن شۇ «نۇرغۇن كىشىلەر»نى ئۇنىڭغا ھەدىيە قىلىپ نېسىۋىسى قىلىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزى كۈچلۈكلەرنى غەنىمەت سۈپىتىدە ئۈلەشتۈرۈپ بېرىدىغان بولىدۇ؛ چۈنكى ئۇ تا ئۆلۈشكە قەدەر «[شاراب ھەدىيە]»نى تۆككەندەك، ئۆز جېنىنى تۇتۇپ بەردى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنىڭ قاتارىدا سانىلىشىغا يول قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گۇناھىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى، ئۆزىنى ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلدى». | 12 |
לָכֵ֞ן אֲחַלֶּק־לֹ֣ו בָרַבִּ֗ים וְאֶת־עֲצוּמִים֮ יְחַלֵּ֣ק שָׁלָל֒ תַּ֗חַת אֲשֶׁ֨ר הֶעֱרָ֤ה לַמָּ֙וֶת֙ נַפְשֹׁ֔ו וְאֶת־פֹּשְׁעִ֖ים נִמְנָ֑ה וְהוּא֙ חֵטְא־רַבִּ֣ים נָשָׂ֔א וְלַפֹּשְׁעִ֖ים יַפְגִּֽיעַ׃ ס |