< يەشايا 52 >
ــ ئويغان، ئويغان، ئى زىئون، كۈچۈڭنى كىيىۋال، ئى يېرۇسالېم، مۇقەددەس شەھەر، گۈزەل كىيىم-كېچەكلىرىڭنى كىيىۋال؛ چۈنكى بۇندىن باشلاپ سۈننەت قىلىنمىغانلار ياكى ناپاكلار ئىچىڭگە ئىككىنچى كىرمەيدۇ. | 1 |
¡Despierta, despierta! Ponte en marcha, Sión. Ponte tus hermosas vestiduras, Jerusalén, la ciudad santa, porque a partir de ahora ya no entrarán en vosotros los incircuncisos ni los impuros.
توپا-چاڭدىن چىقىپ ئۆزۈڭنى سىلكىۋەت؛ ئورنۇڭدىن تۇر، ئولتۇرۇۋال، ئى يېرۇسالېم؛ ئۆزۈڭنى بوينۇڭدىكى زەنجىرلەردىن بوشىتىۋەتكىن، ئى تۇتقۇن بولغان زىئون قىزى! | 2 |
¡Sacúdase del polvo! ¡Levántate, siéntate, Jerusalén! Libérate de las ataduras de tu cuello, hija cautiva de Sión.
چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سىلەر ئۆزۈڭلارنى پۇلسىز سېتىۋەتكەنسىلەر؛ پۇلسىز قايتۇرۇپ سېتىۋېلىنىسىلەر». | 3 |
Porque Yahvé dice: “Fuisteis vendidos por nada; y serás redimido sin dinero”.
چۈنكى مۇنداق دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار: ــ خەلقىم دەسلەپتە مىسىرغا مۇساپىر سۈپىتىدە چۈشكەنىكەن، شۇنداقلا يېقىندا ئاسۇرىيە ئۇلارنى ئەزگەن يەردە، | 4 |
Porque el Señor Yahvé dice: “Mi pueblo bajó al principio a Egipto para vivir allí; y el asirio los ha oprimido sin causa.
(ئەمدى ھازىر خەلقىم پۇلسىز ئېلىپ كېلىنگىنىدە، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار) مېنىڭ كارىم بولمامدىكەن؟ ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلار ئۇلارنى زار قاقشاتقان، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ شۇنداقلا نامىم بولسا كۈن بويى توختاۋسىز ھاقارەتلەنگەن تۇرسا، مېنىڭ كارىم بولمامدىكەن؟!» | 5 |
“Ahora, pues, ¿qué hago yo aquí?”, dice Yahvé, “¿Viendo que a mi pueblo se le quita por nada? Los que los gobiernan se burlan”, dice Yahvé, “y mi nombre es blasfemado continuamente durante todo el día.
شۇڭا ئۆز خەلقىم مېنىڭ نامىمنى بىلىدۇ؛ شۇڭا شۇ كۈنى ئۇلار مېنىڭ «ئۇ» ئىكەنلىكىمنى، شۇنداقلا ئۇلارغا: «كۆر، مېنى!» دەيدىغانلىقىمنى بىلىدۇ. | 6 |
Por eso mi pueblo conocerá mi nombre. Por tanto, en aquel día sabrán que yo soy el que habla. He aquí que soy yo”.
تاغلار ئۈستىدە خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلگۈچىنىڭ ئاياغلىرى نېمىدېگەن گۈزەل-ھە! ئۇ ئارام-خاتىرجەملىكنى جاكارلايدۇ، بەختلىك خۇش خەۋەرنى ئېلىپ كېلىدۇ، نىجات-قۇتۇلۇشنى ئېلان قىلىدۇ، ئۇ زىئونغا: «خۇدايىڭ ھەممىگە ھۆكۈم سۈرىدۇ!» | 7 |
Qué hermosos son sobre los montes los pies del que trae buenas noticias, que publica la paz, que trae buenas noticias, que anuncia la salvación, que dice a Sión: “¡Tu Dios reina!”
كۆزەتچىلىرىڭنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلا! ئۇلار ئاۋازىنى كۆتۈرىدۇ، ناخشىلارنى ياڭرىتىپ توۋلايدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار زىئوننى ئېلىپ قايتقاندا، ئۇلار ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ! | 8 |
Tus vigilantes alzan la voz. Juntos cantan; porque se verán cara a cara cuando Yahvé vuelva a Sión.
ئى يېرۇسالېمنىڭ خارابىلىرى، ناخشىلارنى ياڭرىتىپ تەنتەنە قىلىڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە تەسەللى بەرگەن، ئۇ يېرۇسالېمنى ھەمجەمەتلىك قىلىپ قۇتقۇزغان! | 9 |
¡Disfruta de la alegría! Cantad juntos, lugares desperdiciados de Jerusalén; porque Yahvé ha consolado a su pueblo. Ha redimido a Jerusalén.
پەرۋەردىگار ئەللەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالدىدا ئۆز مۇقەددەس بىلىكىنى ئېچىپ ئايان قىلغان؛ شۇنىڭ بىلەن يەر-زېمىننىڭ بارلىق چەت-ياقىلىرى خۇدايىمىزنىڭ نىجات-قۇتۇلۇشىنى كۆرىدۇ. | 10 |
Yahvé ha desnudado su santo brazo a los ojos de todas las naciones. Todos los confines de la tierra han visto la salvación de nuestro Dios.
چىقىپ كېتىڭلار، چىقىپ كېتىڭلار؛ ھېچ ناپاك نەرسىگە تەگمەي شۇ يەردىن چىقىپ كېتىڭلار؛ ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىقىپ كېتىڭلار؛ پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس قاچا-قۇچىلىرىنى كۆتۈرگۈچىلەر، ئۆزۈڭلارنى پاك تۇتۇڭلار؛ | 11 |
¡Salgan! ¡Salgan! ¡Salgan de ahí! ¡No toques ninguna cosa impura! ¡Sal de entre ella! Limpiaos, vosotros que lleváis los vasos de Yahvé.
چۈنكى سىلەر ئالدىرىغان پېتى ئەمەس، پاتىپاراق قاچقان پېتى ئەمەس چىقىپ كېتىسىلەر؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئالدىڭلاردا ماڭىدۇ، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى ئارقا مۇھاپىزەتچىڭلار بولىدۇ. | 12 |
Porque no saldrás con prisas, ni tampoco irás en volandas; porque Yahvé irá delante de ti, y el Dios de Israel será su retaguardia.
« ــ كۆرۈڭلاركى، مېنىڭ قۇلۇم دانالىق بىلەن ئىش كۆرىدۇ، ئۇ [ئالەم ئالدىدا] كۆتۈرۈلىدۇ، يۇقىرى ئورۇنغا چىقىرىلىدۇ، ناھايىتى ئالىي ئورۇنغا ئېرىشتۈرۈلىدۇ. | 13 |
He aquí que mi siervo actuará con sabiduría. Será exaltado y elevado, y será muy alta.
لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر سېنى كۆرۈپ، ئىنتايىن ھەيران قېلىشىدۇ، ــ چۈنكى ئۇنىڭ چىرايى باشقا ھەرقاندىقىنىڭكىدىن كۆپ زەخىملەنگەن، [قۇلنىڭ] قىياپىتى شۇ دەرىجىدە بۇزۇۋېتىلگەنكى، ئۇنىڭدا ھەتتا ئادەم سىياقىمۇ قالمىغان! | 14 |
Así como muchos se asombraron de ti — su aspecto estaba más estropeado que el de cualquier hombre, y su forma más que la de los hijos de los hombres —
ئۇ شۇ يول بىلەن نۇرغۇن ئەللەرنىڭ ئۈستىگە [قان] چاچىدۇ. ھەتتا شاھ-پادىشاھلارمۇ ئۇنىڭ كارامىتىدىن ئاغزىنى تۇتۇپلا قالىدۇ؛ چۈنكى ئۆزلىرىگە ئەزەلدىن ئېيتىلمىغاننى ئۇلار كۆرەلەيدۇ، ئۇلار ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغاننى چۈشىنەلەيدۇ. | 15 |
así limpiará muchas naciones. Los reyes le cerrarán la boca; porque verán lo que no se les había dicho, y entenderán lo que no habían oído.