< يەشايا 51 >
«ئى ھەققانىيلىققا ئىنتىلگۈچىلەر، پەرۋەردىگارنى ئىزدىگۈچىلەر، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار: ــ سىلەرنى يونۇپ چىقارغان تاشقا، سىلەرنى كولاپ چىقارغان ئورەككە نەزەر سېلىڭلار؛ | 1 |
Listen to me, you who pursue righteousness, you who seek Yahweh: look at the rock from which you were chiseled and to the quarry from which you were cut.
ئاتاڭلار ئىبراھىمغا، سىلەرنى تۇغۇپ بەرگەن ساراھقا نەزەر سېلىڭلار؛ چۈنكى مەن ئۇنى يالغۇز چېغىدا چاقىردىم، ئۇنىڭغا بەخت ئاتا قىلدىم، ھەم ئۇنى ئاۋۇندۇردۇم. | 2 |
Look at Abraham, your father, and to Sarah, who bore you; for when he was a lone individual, I called him. I blessed him and made him many.
چۈنكى پەرۋەردىگار زىئونغا تەسەللى بەرمەي قويمايدۇ؛ ئۇنىڭ بارلىق خارابە يەرلىرىگە چوقۇم تەسەللى بېرىدۇ؛ ئۇ چوقۇم ئۇنىڭ جاڭگاللىرىنى ئېرەن باغچىسىدەك، ئۇنىڭ چۆل-باياۋانلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ بېغىدەك قىلىدۇ؛ ئۇنىڭدىن خۇشاللىق ھەم شاد-خۇراملىق، رەھمەتلەر ھەم ناخشا ئاۋازلىرى تېپىلىدۇ. | 3 |
Yes, Yahweh will comfort Zion; he will comfort all her waste places; her wilderness he made like Eden, and her desert plains beside the Jordan River valley like the garden of Yahweh; joy and gladness will be found in her, thanksgiving, and the sound of singing.
مېنىڭ خەلقىم، گېپىمنى ئاڭلاڭلار، ئۆز ئېلىم، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار؛ چۈنكى مەندىن بىر قانۇن-تەلىم كېلىدۇ، ۋە مەن ھۆكۈم-ھەقىقىتىمنى ئەل-يۇرتلار ئۈچۈن بىر نۇر قىلىپ تىكلەيمەن. | 4 |
“Be attentive to me, my people; and listen to me, my people! For I will issue a decree, and I will make my justice to be a light for the nations.
مېنىڭ ھەققانىيلىقىم سىلەرگە يېقىن، مېنىڭ نىجاتىم يولغا چىقتى؛ مېنىڭ بىلەكلىرىم ئەل-يۇرتلارغا ھۆكۈم-ھەقىقەتنى ئېلىپ كېلىدۇ؛ ئاراللار مېنى كۈتۈپ ئۇمىد باغلايدۇ، ئۇلار مېنىڭ بىلىكىمگە تايىنىدۇ. | 5 |
My righteousness is near; my salvation will go out, and my arm will judge the nations; the coastlands will wait for me; for my arm they will eagerly wait.
بېشىڭلارنى كۆتۈرۈپ ئاسمانلارغا، ئاستىڭلاردا تۇرغان يەر-زېمىنغىمۇ قاراپ بېقىڭلار؛ چۈنكى ئاسمانلار ئىس-تۈتەكتەك غايىب بولىدۇ، يەر-زېمىن بولسا بىر تال كىيىمدەك كونىراپ كېتىدۇ؛ ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارمۇ ئوخشاشلا ئۆلىدۇ؛ بىراق نىجاتىم بولسا ئەبەدىلئەبەدگىچىدۇر، مېنىڭ ھەققانىيلىقىم ھەرگىز يانجىلمايدۇ. | 6 |
Lift up your eyes to the sky, and look at the earth beneath, for the heavens will vanish away like smoke, the earth will wear out like a garment, and its inhabitants will die like flies. But my salvation will continue forever, and my righteousness will never stop working.
ئى ھەققانىيلىقىمنى بىلگەنلەر، كۆڭلىگە قانۇن-تەلىمىمنى پۈككەن خەلق، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار؛ ئىنسانلارنىڭ ھاقارەتلىرىدىن قورقماڭلار، ئۇلاردىكى كۇپۇرلۇق ۋە غالجىرلاشلاردىن پاتىپاراق بولۇپ كەتمەڭلار؛ | 7 |
Listen to me, you who know what is right, you people who have my law in your heart: Do not fear the insults of men, nor be disheartened by their abuse.
چۈنكى كۈيە ئۇلارنى كىيىمنى يەۋالغاندەك يەۋالىدۇ، قۇرت يۇڭ يەۋالغاندەك يەۋالىدۇ؛ بىراق ھەققانىيلىقىم ئەبەدىلئەبەدگىچىدۇر، مېنىڭ نىجاتىم دەۋردىن-دەۋرگىچىدۇر. | 8 |
For the moth will eat them up like a garment, and the worm will eat them like wool; but my righteousness will be forever, and my salvation to all generations.”
ئويغان، ئويغان، كۈچنى ئۆزۈڭگە كىيىم قىلىپ كىيگەيسەن، ئى پەرۋەردىگارنىڭ بىلىكى! قەدىمكى ۋاقىتلاردا، ئۆتكەن زامانلاردىكى دەۋرلەردە ئويغانغىنىڭدەك ئويغان! راھابنى قىيما-چىيما قىلىپ چېپىۋەتكەن، ئەجدىھانى سانجىپ زەخىملەندۈرگەن ئەسلى سەن ئەمەسمۇ؟ | 9 |
Awake, awake, clothe yourself with strength, arm of Yahweh. Awake as in the days of old, the generations of ancient times. Is it not you who crushed Rahab, you who pierced the monster?
دېڭىزنى، دەھشەتلىك ھاڭلاردىكى سۇلارنى قۇرۇتىۋېتىپ، دېڭىزنىڭ تېگىلىرىنى سەن ھەمجەمەتلىك قىلىپ قۇتقۇزغانلارنىڭ ئۆتۈش يولى قىلغان ئۆزۈڭ ئەمەسمۇ؟ | 10 |
Did you not dry up the sea, the waters of the great deep, and make the depths of the sea into a way for the redeemed to pass through?
شۇڭا پەرۋەردىگار بەدەل تۆلەپ قۇتقۇزغانلار قايتىپ كېلىدۇ، ئۇلار ناخشىلارنى ئېيتىپ زىئونغا يېتىپ كېلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ باشلىرىغا مەڭگۈلۈك شاد-خۇراملىق قونىدۇ؛ ئۇلار خۇشاللىق ۋە شادلىققا ئېرىشىدۇ؛ قايغۇ-ھەسرەت ھەم ئۇھ-نادامەتلەر بەدەر قاچىدۇ. | 11 |
The ransomed of Yahweh will return and come to Zion with cries of joy and with gladness forever on their heads; and gladness and joy will overtake them, and sorrow and mourning will flee away.
سىلەرگە تەسەللى بەرگۈچى ئۆزۈم، ئۆزۈمدۇرمەن؛ ئۆلۈش ئالدىدا تۇرغان بىر ئىنساندىن، تېنى ئوت-چۆپلەرگە ئايلىنىپ كېتىدىغان ئىنسان بالىسىدىن قورقۇپ كەتكىنىڭ نېمىسى؟ | 12 |
“I, I, am he who comforts you. Why are you afraid of men, who will die, the sons of mankind, who are made like grass?
ئاسمانلارنى كەرگەن، يەر-زېمىننىڭ ئۇلىنى سالغان ياسىغۇچىڭ پەرۋەردىگارنى ئۇنتۇپ يۈرىسەن، شۇنداقلا كۈن بويى ھالاكەت يۈرگۈزمەكچى بولغان زالىمنىڭ قەھرىدىن توختاۋسىز قورقۇپ يۈرىسەن؛ ئەمدى زالىمنىڭ قەھرى قېنى؟ | 13 |
Why have you forgotten Yahweh your Maker, who stretched out the heavens and laid the foundations of the earth? You are in constant dread every day because of the hot fury of the oppressor when he decides to destroy. Where is the fury of the oppressor?
باش ئەگكەن ئەسىر بولسا تېزدىن بوشىتىلىدۇ؛ ئۇ ھاڭغا چۈشمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆلمەيدۇ، ئۇنىڭ رىسقىمۇ تۈگەپ قالمايدۇ. | 14 |
The one who is bent down, Yahweh will hurry to release; he will not die and go down to the pit, nor will he lack bread.
مەن بولسام دېڭىزنى قوزغاپ، دولقۇنلارنى ھۆركىرەتكۈچى پەرۋەردىگار خۇدايىڭدۇرمەن؛ «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار» مېنىڭ نامىمدۇر؛ | 15 |
For I am Yahweh your God, who churns up the sea so that its waves roar—Yahweh of hosts is his name.
ۋە ئاسمانلارنى تىكلەشكە، يەر-زېمىننىڭ ئۇلىنى سېلىشقا، ۋە زىئونغا: «سەن مېنىڭ خەلقىمدۇر» دېيىشكە، مەن سۆزۈمنى ئاغزىڭغا قۇيغانمەن، سەن [قۇلۇمنى] قولۇمنىڭ سايىسى بىلەن ياپقانمەن. | 16 |
I have placed my words in your mouth, and I have covered you in the shadow of my hand, that I may plant the heavens, lay the foundations of the earth, and say to Zion, 'You are my people.'”
ئى پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىكى قەھرلىك قەدەھنى ئىچىۋەتكەن يېرۇسالېم، ئويغان، ئويغان، ئورنۇڭدىن تۇر؛ ئادەمنى ۋەھىمىگە سالغۇچى جام-قەدەھنى سەن ئىچتىڭ، بىراقلا كۆتۈرىۋەتتىڭ؛ | 17 |
Awake, awake, stand up, Jerusalem, you who have drunk out of the hand of Yahweh from the bowl of his anger; you who have drunk out of the bowl, down to the dregs from the cup of staggering.
ئۇنىڭ تۇغۇپ بەرگەن بارلىق بالىلىرى ئارىسىدا ئۇنى يېتەكلىگۈدەك ھېچكىم يوق، ئۇنىڭ بېقىپ چوڭ قىلغان بارلىق بالىلىرىدىن ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ يۆلىگۈدەك ھېچبىرىمۇ يوق. | 18 |
There is no one among all the sons she has born to guide her; there is no one among all the sons that she has raised to take her by the hand.
بۇ ئىككى ئىش بېشىڭغا چۈشتى ــ (كىم سەن ئۈچۈن ئىچ ئاغرىتىپ يىغلار؟!) ــ بۇلاڭچىلىق ھەم ۋەيرانچىلىق، ئاچارچىلىق ھەم قىلىچ؛ مەنمۇ ساڭا تەسەللى بېرەلەيمەنمىكىن؟ | 19 |
These two troubles happened to you—who will grieve with you?— desolation and destruction, and the famine and the sword. Who will comfort you?
سېنىڭ بالىلىرىڭ ھالسىزلىنىپ ھوشىدىن كەتتى، تورغا چۈشكەن جەرەندەك ھەربىر كوچىنىڭ دوقمۇشىدا ياتىدۇ؛ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ قەھرى بىلەن، خۇدايىڭنىڭ تەنبىھى بىلەن تولدۇرۇلدى؛ | 20 |
Your sons have fainted; they lie at every street corner, like an antelope in a net; they are filled with the anger of Yahweh, the rebuke of your God.
شۇڭا ھازىر بۇنى ئاڭلاپ قوي، ئى خار بولغان، ــ مەست بولغان، بىراق شاراب بىلەن ئەمەس: ــ | 21 |
But now hear this, you oppressed one and drunken one, but not drunk with wine:
ئۆز خەلقىنىڭ دەۋاسىنى يۈرگۈزگۈچى رەببىڭ پەرۋەردىگار، يەنى سېنىڭ خۇدايىڭ مۇنداق دەيدۇ: ــ «مانا، مەن قولۇڭدىن ئادەمنى ۋەھىمىگە سالىدىغان جام-قەدەھنى، يەنى قەھرىمگە تولغان قەدەھنى ئېلىۋالدىم؛ سەن ئىككىنچى ئۇنىڭدىن ھېچ ئىچمەيسەن؛ | 22 |
Your Lord Yahweh, your God, who pleads the cause of his people, says this, “See, I have taken the cup of staggering from your hand— the bowl, which is the cup of my anger—so that you will not drink it again.
مەن ئۇنى سېنى خارلىۋاتقانلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزىمەن؛ ئۇلار ساڭا: «بىز ئۈستۈڭدىن دەسسەپ ئۆتىمىز، ئېگىلىپ تۇر» دېدى؛ شۇنىڭ بىلەن سەن تېنىڭنى يەر بىلەن تەڭ قىلىپ، ئۈستۈڭدىن ئۆتكۈچىلەر ئۈچۈن ئۆزۈڭنى كوچىدىكى يول قىلدىڭ». | 23 |
I will put it into the hand of your tormentors, those who have said to you, 'Lie down, that we may walk over you'; you made your back like the ground and like the street for them to walk on.”