< يەشايا 48 >
ئى ياقۇپنىڭ جەمەتى، «ئىسرائىل»نىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغانلار، «يەھۇدا بۇلاقلىرى»دىن چىققانسىلەر، پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى ئىشلىتىپ قەسەم قىلغۇچىسىلەر، ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنى تىلغا ئالغۇچىسىلەر، بىراق بۇلار ھەقىقەت ھەم ھەققانىيلىقتىن ئەمەس! مۇنۇلارنى ئاڭلاپ قويۇڭلار: ــ | 1 |
雅各伯家請聽這話:──你們以以色列的名字自稱,出自猶大之後,奉上主的名字起誓,又稱揚「以色列的天主,」但都不是出自誠心誠意;
(چۈنكى ئۇلار «مۇقەددەس شەھەر»نىڭ نامىنى ئىشلىتىپ ئۆزلىرىگە ئىسىم قىلىدۇ، تېخى ئىسرائىلنىڭ خۇداسىغا «تايىنار»مىش! ئۇنىڭ نامى بولسا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگاردۇر!) | 2 |
雖然你們自稱是出自聖城,依賴名為「萬軍上主」的以色列的天主──「
مەن بۇرۇنلا «ئىلگىرىكى ئىشلار»نى ئالدىنئالا بايان قىلدىم؛ ئۇلار ئۆز ئاغزىمدىن چىققان، مەن ئۇلارنى ئاڭلاتتىم؛ مەن بۇلارنى تۇيۇقسىز ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، ئۇلار ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى؛ | 3 |
那過去的事,我早就預言過了,由我口中所發出的,也叫人聽見了;轉瞬間我行了那事,那事也就成就了。
چۈنكى مەن سېنىڭ جاھىللىقىڭنى، بوينۇڭنىڭ پەيلىرىنىڭ تۆمۈر، يۈزۈڭنىڭ داپتەك ئىكەنلىكىنى بىلدىم؛ | 4 |
因為我知道你是頑固的,你的頸項似鐵槓,你的額是銅製的,
سېنىڭ: «مېنىڭ بۇتۇم مۇشۇلارنى قىلدى»، ياكى «ئويما مەبۇدۇم، قۇيما مەبۇدۇم بۇلارنى بۇيرۇدى» ــ دېمەسلىكىڭ ئۈچۈن، شۇڭا مەن بالدۇر مۇشۇلارنى ساڭا بايان قىلدىم؛ ئىش يۈز بەرگۈچە ئۇلارنى ساڭا ئاڭلىتىپ تۇردۇم. | 5 |
為此我早就告訴了你,在事未發生之前我就向你說明了,免得你說:「是我的神像行了這事,是我雕刻鑄成的神像命定了這事。」
سەن بۇلارنى ئاڭلىغانسەن؛ ئەمدى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ باق! بۇنى راست دەپ ئېتىراپ قىلمامسىلەر؟ مەن باياتىن «يېڭى ئىشلار»نى، يەنى ساقلىنىپ يوشۇرۇنغان ئىشلارنى بايان قىلدىم، سەن بۇلارنى بىلگەن ئەمەسسەن. | 6 |
你既聽見了,也看見了這一切,難道你們不該作證嗎﹖如今我要宣佈新事,即你不知的隱密事。
سېنىڭ: «دەرۋەقە، مېنىڭ ئۇلاردىن بالدۇر خەۋىرىم بار ئىدى» دېمەسلىكىڭ ئۈچۈن، ئۇلار بۇرۇن ئەمەس، ھازىرلا يارىتىلىدۇ؛ مۇشۇ كۈندىن ئىلگىرى سەن ئۇلارنى ئاڭلاپ باقمىغانسەن. | 7 |
這些事是現今而不是從前造成的,是今日之前你從沒有聽說過的,免得你說:「看,我早就知道了!」
بەرھەق، سەن قۇلاق سالمىدىڭ، بەرھەق، سەن خەۋەرمۇ ئالمىدىڭ، بەرھەق، سېنىڭ قۇلىقىڭ خېلى بۇرۇنلا ئېچىلماي ئېتىكلىك قالدى؛ چۈنكى مەن سېنىڭ ۋاپاسىزلىق قىلىۋېرىدىغانلىقىڭنى، بالىياتقۇدىكى چېغىڭدىن تارتىپ «ئاسىي» دەپ ئاتىلىدىغانلىقىڭنى بىلدىم. | 8 |
你從來沒有聽過,也不知道,也是你的耳朵聞所未聞的。因為我知道你好背信叛逆,你實在可稱為「胎生的叛徒。」
ئۆز نامىم ئۈچۈن غەزىپىمنى كېچىكتۈرىمەن، شۆھرىتىم ئۈچۈن سېنى ئۈزۈپ تاشلىمايمەن دەپ غەزىپىمنى بېسىۋالدىم؛ | 9 |
但是為了我名的緣故,我暫緩發怒;為了我榮譽的緣故,我抑制了我自己,而沒有消滅你。
قارا، مەن سېنى تاۋلىدىم، بىراق كۈمۈشنى تاۋلىغاندەك تاۋلاندۇرمىدىم؛ مەن ئازاب-ئوقۇبەتنىڭ خۇمدانىدا سېنى تاللىۋالدىم؛ | 10 |
看啊!我只是鍛煉了你,有如銀子,在患難的爐中磨煉了你。
ئۆز سەۋەبىمدىن، ئۆز سەۋەبىمدىن مەن مۇشۇنى قىلىمەن؛ مېنىڭ نامىمغا داغ تەگسە قانداق بولىدۇ؟ مەن ئۆزۈمنىڭ شان-شۆھرىتىمنى باشقا بىرسىگە ئۆتكۈزۈپ بەرمەيمەن. | 11 |
為了我自己,為了我自己的緣故,我必要去行。我豈能讓我的名字受褻瀆﹖我決不將我的光榮讓與別人。」
ئى ياقۇپ، ئى چاقىرغىنىم ئىسرائىل! ماڭا قۇلاق سالغىن؛ مەن «ئۇ»دۇرمەن؛ مەن تۇنجىدۇرمەن، بەرھەق ھەم ئاخىرقىدۇرمەن؛ | 12 |
雅各伯啊!我所召叫的以色列啊!你聽我說:我就是那位,我是元始, 我也是終末。
مېنىڭ قولۇم يەر-زېمىننىڭ ئۇلىنى سالغان، ئوڭ قولۇم ئاسمانلارنى كەرگەن؛ مەن ئۇلارنى چاقىرساملا، ئۇلار جەم بولۇپ ئورنىدىن تۇرىدۇ. | 13 |
我的手奠定了大地,我的右手展開了諸天;我一叫它們,它們就一同出現。
ھەممىڭلار، جەم بولۇپ يىغىلىڭلار، ئاڭلاپ قويۇڭلار؛ [بۇتلار] ئارىسىدا قايسىسى مۇشۇنداق ئىشلارنى بايان قىلغان؟ پەرۋەردىگار ياخشى كۆرگەن كىشى بولسا ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى ئىشلارنى بابىلدا ئادا قىلىدۇ، ئۇنىڭ بىلەك-قولى كالدىيلەرنىڭ ئۈستىگە زەرب بىلەن چۈشىدۇ؛ | 14 |
你們都集合起來聽罷!邪神中有誰預言了這事呢﹖「我所愛的,必實行我的旨意:攻擊巴比倫和加色丁的苗裔。」
مەن، مەن سۆز قىلغانمەن؛ دەرھەقىقەت، مەن ئۇنى چاقىردىم؛ مەن ئۇنى ئالدىغا چىقىرىۋالدىم؛ ئۇنىڭ يولى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ. | 15 |
只有我,只有我預言了這事,召叫了他,引導了他,使他所行的道路順利。
ــ ماڭا يېقىن كېلىڭلار، مۇشۇنى ئاڭلاپ قويۇڭلار؛ مەن ئەزەلدىن سۆزۈمنى يوشۇرۇن قىلغان ئەمەس؛ [سۆزۈم] ئەمەلگە ئاشۇرۇلغىنىدىمۇ يەنىلا شۇ يەردە بولغانمەن؛ ھازىر بولسا رەب پەرۋەردىگار ۋە ئۇنىڭ روھى مېنى ئەۋەتتى! | 16 |
你們走近我前,聽這話罷!我從起初就沒有在暗處說過話,從實現之時起,我就在那裏。我上主現在即要施行救援。
ھەمجەمەت-نىجاتكارىڭ پەرۋەردىگار، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى مۇنداق دەيدۇ: ــ «ئۆزۈڭگە پايدا بولسۇن دەپ ساڭا ئۆگەتكۈچى، ساڭا تېگىشلىك بولغان يولدا سېنى يېتەكلىگۈچى مەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭدۇرمەن؛ | 17 |
你的救主上主,以色列的聖者這樣說:「我是上主你的天主,教訓你為你有益的事,引你走當走的道路。
سەن مېنىڭ پەرمانلىرىمغا قۇلاق سالغان بولساڭىدى! ئۇنداق بولغاندا بەخت-خاتىرجەملىكىڭ دەريادەك، ھەققانىيلىقىڭ دېڭىز دولقۇنلىرىدەك بولاتتى! | 18 |
恨不得你一向聽從我的命令! 那麼你的安樂將似江河,你的幸福將似海濤;
سېنىڭ نەسلىڭ بولسا ئۇنىڭ قۇملىرىدەك، ئىچ-قارنىڭدىن چىققان پەرزەنتلىرىڭ قۇم دانچىلىرىدەك سانسىز بولاتتى! ئۇلارنىڭ ئىسمى مېنىڭ ئالدىمدا ھەرگىز ئۆچۈرۈۋېتىلمەيدىغان ياكى يوقىتىۋېتىلمەيدىغان بولاتتى! | 19 |
你的子孫多如海沙,出於你身的苗裔多似沙粒;你的名字在我前決不會抹去,也決不會被刪除。」
بابىلدىن چىقىڭلار، كالدىيلەردىن قېچىپ كېتىڭلار! ناخشا ئاۋازلىرىنى ياڭرىتىپ مۇشۇنى جاكارلاڭلار، بۇ خەۋەرنى ئاڭلىتىڭلار، جاھاننىڭ چەت-ياقىلىرىغىچە ئۇنى يەتكۈزۈپ مۇنداق دەڭلار: ــ «پەرۋەردىگار ئۆز قۇلى ياقۇپنى ھەمجەمەتلىك قىلىپ قۇتقۇزدى! | 20 |
你們出離巴比倫,逃出加色丁罷!你們要以歡樂的呼聲宣告此事,叫人聽見,傳佈到地極說:「上主救贖了他的僕人雅各伯。」
ئۇلار چۆل-باياۋانلاردىن ئۆتكەندە ھېچ ئۇسساپ قالمىدى؛ ئۇ سۇلارنى تاشتىن ئاققۇزۇپ بەردى؛ بەرھەق، ئۇ تاشنى يارغۇزدى، سۇلار ئۇنىڭدىن ئۇرغۇپ چىقتى!». | 21 |
當上主率領他們過曠野時,他們並不覺渴,因為他使水由巖石中流出給他們喝;他分開了巖石,水就湧流出來。
«رەزىللەر ئۈچۈن» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، «بەخت-خاتىرجەملىك يوقتۇر». | 22 |
上主說:惡人決無平安!