< يەشايا 47 >
«ئى بابىلنىڭ پاك قىزى، كېلىپ توپا-چاڭغا ئولتۇر؛ ئى كالدىيلەرنىڭ قىزى، تەختسىز بولۇپ يەرگە ئولتۇر! چۈنكى سەن «لاتاپەتلىك ۋە نازۇك» دەپ ئىككىنچى ئاتالمايسەن. | 1 |
Come down, and sit in the dust, O virgin daughter of Babylon, sit on the ground: there is no throne, O daughter of the Chaldeans: for thou shalt no more be called tender and delicate.
«تۈگمەن تېشىنى چۆرۈپ، ئۇن تارت ئەمدى، چۈمپەردەڭنى ئېچىپ تاشلا، كۆڭلىكىڭنى سېلىۋەت، پاچىقىڭنى يالىڭاچلا، دەريالاردىن سۇ كېچىپ ئۆت؛ | 2 |
Take the millstones, and grind meal: uncover thy locks, make bare the leg, uncover the thigh, pass over the rivers.
ئۇياتلىقىڭ ئېچىلىدۇ؛ بەرھەق، نومۇسۇڭغا تېگىلىدۇ؛ مەن ئىنتىقام ئالىمەن، ھېچكىمنى ئاياپ قويمايمەن. | 3 |
Thy nakedness shall be uncovered, yea, thy shame shall be seen: I will take vengeance, and I will not meet thee as a man.
بىزنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىمىز بولسا، «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار» ئۇنىڭ نامى؛ ئۇ ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىدۇر. | 4 |
As for our redeemer, the LORD of hosts is his name, the Holy One of Israel.
ئى كالدىيلەرنىڭ قىزى، سۈكۈت قېلىپ جىم ئولتۇر، قاراڭغۇلۇققا كىرىپ كەت؛ چۈنكى بۇنىڭدىن كېيىن ئىككىنچى «سەلتەنەتلەرنىڭ خانىشى» دەپ ئاتالمايسەن. | 5 |
Sit thou silent, and get thee into darkness, O daughter of the Chaldeans: for thou shalt no more be called, The lady of kingdoms.
مەن ئۆز خەلقىمدىن غەزەپلەندىم، شۇڭا ئۆزۈمنىڭ مىراسىمنى بۇلغىۋەتتىم، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى قولۇڭغا تاپشۇرۇپ بەردىم؛ سەن بولساڭ ئۇلارغا ھېچقانداق رەھىم كۆرسەتمىدىڭ؛ ياشانغانلارنىڭ ئۈستىگىمۇ بويۇنتۇرۇقلارنى ئىنتايىن ئېغىر قىلىپ سالدىڭ؛ | 6 |
I was angry with my people, I have polluted my inheritance, and given them into thy hand: thou didst show them no mercy; upon the ancient hast thou very heavily laid thy yoke.
شۇنىڭ بىلەن سەن: ــ «مەن مەڭگۈگە خانىش بولىمەن» دەپ، مۇشۇ ئىشلارنى كۆڭلۈڭدىن ھېچ ئۆتكۈزمىدىڭ؛ ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ھېچ ئويلاپ باقمىدىڭسەن. | 7 |
And thou saidst, I shall be a lady for ever: so that thou didst not lay these things to thy heart, neither didst remember its latter end.
ئەمدى ھازىر، ئى ئەندىشىسىز ياشاپ كەلگۈچى، ئۆز-ئۆزىگە: «مەنلا باردۇرمەن، مەندىن باشقا ھېچكىم يوقتۇر، مەن ھەرگىز تۇل ئايالنىڭ جاپاسىنى ياكى بالىلاردىن مەھرۇم بولۇشنىڭ جاپاسىنى تارتمايمەن» ــ دېگۈچى، ئى سەن ئەيش-ئىشرەتكە بېرىلگۈچىسەن، شۇنى ئاڭلاپ قوي: ــ | 8 |
Therefore hear now this, thou that art given to pleasures, that dwellest securely, that sayest in thy heart, I am, and none else besides me; I shall not sit as a widow, neither shall I know the loss of children:
«دەل مۇشۇ ئىككى ئىش، ــ بالىلاردىن مەھرۇم بولۇش ۋە تۇللۇق ــ بىر دەقىقىدە، بىر كۈن ئىچىدىلا بېشىڭغا تەڭ چۈشىدۇ؛ نۇرغۇنلىغان جادۇگەرلىكلىرىڭ تۈپەيلىدىن، بەك كۆپ ئەپسۇنلىرىڭ ئۈچۈن ئۇلار تولۇق بېشىڭغا كېلىدۇ. | 9 |
But these two things shall come to thee in a moment in one day, the loss of children, and widowhood: they shall come upon thee in their perfection for the multitude of thy sorceries, and for the great abundance of thy enchantments.
چۈنكى سەن ئۆزۈڭنىڭ رەزىللىكىڭگە تايانغانسەن، سەن «ھېچكىم مېنى كۆرمەيدۇ» ــ دېدىڭ؛ سېنىڭ دانالىقىڭ ۋە بىلىمىڭ ئۆزۈڭنى ئېزىقتۇرۇپ، سەن كۆڭلۈڭدە: ــ «مەنلا باردۇرمەن، مەندىن باشقا بىرى يوقتۇر» ــ دېدىڭ. | 10 |
For thou hast trusted in thy wickedness: thou hast said, None seeth me. Thy wisdom and thy knowledge, it hath perverted thee; and thou hast said in thy heart, I am, and none else besides me.
بىراق بالايىئاپەت سېنى بېسىپ كېلىدۇ؛ سەن ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بىلمەيسەن؛ ھالاكەت بېشىڭغا چۈشىدۇ؛ سەن ھېچقانداق «ھامىي پۇلى» بىلەن ئۇنى توسالمايسەن؛ سەن ھېچ كۈتمىگەن ۋەيرانچىلىق تۇيۇقسىز سېنى بېسىپ چۈشىدۇ. | 11 |
Therefore shall evil come upon thee; thou shalt not know from where it riseth: and mischief shall fall upon thee; thou shalt not be able to put it off: and desolation shall come upon thee suddenly, which thou shalt not know.
ئەمدى قېنى، ياشلىقىڭدىن تارتىپ ئۆزۈڭنى ئۇپرىتىپ كەلگەن ئەپسۇنلىرىڭنى، شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان جادۇگەرلىكلىرىڭنى ھازىر ئوقۇپ تۇرىۋەر؛ كىم بىلسۇن، سەن ئۇلاردىن پايدا كۆرۈپ قالامسەن؟ بىرەر نېمىنى تەۋرىتىپ قويالارسەن ھەرقاچان؟! | 12 |
Stand now with thy enchantments, and with the multitude of thy sorceries, in which thou hast laboured from thy youth; if thou shalt be able to profit, if thou mayest prevail.
سەن ئالغان مەسلىھەتلىرىڭ بىلەن ھالسىزلىنىپ كەتتىڭ؛ ئەمدى ئاسمانلارغا قاراپ تەبىر بەرگۈچىلەر، يۇلتۇزلارغا قاراپ پالچىلىق قىلغۇچىلار، يېڭى ئايلارنى كۆزىتىپ مۇنەججىملىك قىلىپ ئىشلارنى «ئالدىنئالا ئېيتقۇچىلار» ئورنىدىن تەڭ تۇرۇپ بېشىڭغا چۈشىدىغانلاردىن سېنى قۇتقۇزسۇن! | 13 |
Thou art wearied in the multitude of thy counsels. Let now the astrologers, the stargazers, the monthly prognosticators, stand up, and save thee from these things that shall come upon thee.
مانا، ئۇلار پاخالدەك بولۇپ كېتىدۇ؛ ئوت ئۇلارنى كۆيدۈرىۋېتىدۇ؛ ئۇلار ئۆزلىرىنى يالقۇننىڭ قولىدىن قۇتقۇزالمايدۇ؛ بىراق ئۇلاردا ئادەمنى ئىسسىتقۇدەك ھېچ كۆمۈر، ياكى ئادەم ئىسسىنغۇدەك ھېچ گۈلخان يوقتۇر! | 14 |
Behold, they shall be as stubble; the fire shall burn them; they shall not deliver themselves from the power of the flame: there shall not be a coal to warm at, nor fire to sit before it.
سېنى ئاۋارە قىلغان، ياشلىقىڭدىن تارتىپ سەندە سودا قىلغانلار ساڭا مۇشۇنداق پايدىسىز بولىدۇ؛ ھەربىرى ئۆز يولىنى ئىزدەپ كېتىپ قالىدۇ؛ سېنى قۇتقۇزغۇدەك ھېچكىم يوقتۇر. | 15 |
Thus shall they be to thee with whom thou hast laboured, even thy merchants, from thy youth: they shall wander every one to his quarter; none shall save thee.