< يەشايا 46 >
بەل بولسا تىز پۈكتى، نېبو ئېڭىشىۋاتىدۇ؛ ئۇلارنىڭ مەبۇدلىرى ئۇلاغلارنىڭ زېممىسىگە، كالىلارنىڭ زىممىسىگە چۈشتى؛ سىلەر كۆتۈرگەن نەرسىلىرىڭلار ئەمدى ئۇلاغلارغا ئارتىلغان بولۇپ، ھالسىز ئۇلاغلارغا ئېغىر يۈك بولىدۇ! | 1 |
Bel bolsa tiz pükti, Nébo éngishiwatidu; Ularning mebudliri ulaghlarning zémmisige, kalilarning zimmisige chüshti; Siler kötürgen nersiliringlar emdi ulaghlargha artilghan bolup, Halsiz ulaghlargha éghir yük bolidu!
ئۇلار ئېڭىشىدۇ، بىرلىكتە تىز پۈكىشىدۇ؛ ئۇلار مۇشۇ يۈكنى قۇتقۇزالمايدۇ، بەلكى ئۆزلىرى ئەسىرگە چۈشىدۇ. | 2 |
Ular éngishidu, birlikte tiz pükishidu; Ular mushu yükni qutquzalmaydu, Belki özliri esirge chüshidu.
ئى ياقۇپنىڭ جەمەتى، شۇنداقلا ئىسرائىل جەمەتىنىڭ قالدىسى، ئاناڭلارنىڭ قورسىقىدىكى چاغدىن تارتىپ ئۈستۈمگە ئارتىلغانلار، بالىياتقۇدىكى چاغدىن تارتىپ كۆتۈرۈلۈپ كەلگەنلەر، ــ ماڭا قۇلاق سېلىڭلار! | 3 |
I Yaqupning jemeti, Shundaqla Israil jemetining qaldisi, Ananglarning qorsiqidiki chaghdin tartip üstümge artilghanlar, Baliyatqudiki chaghdin tartip kötürülüp kelgenler, — Manga qulaq sélinglar!
سىلەر قېرىغۇچىمۇ مەن يەنىلا شۇنداقتۇرمەن، چېچىڭلار ئاقارغۇچىمۇ مەن سىلەرنى يۈدۈپ يۈرىمەن؛ سىلەرنى ياسىغان مەندۇرمەن، سىلەرنى كۆتۈرىمەن؛ سىلەرنى يۈدۈپ قۇتقۇزىمەن. | 4 |
Siler qérighuchimu Men yenila shundaqturmen, Chéchinglar aqarghuchimu Men silerni yüdüp yürimen; Silerni yasighan Mendurmen, silerni kötürimen; Silerni yüdüp qutquzimen.
ئەمدى مېنى كىمگە ئوخشاتماقچى، ياكى كىمنى ماڭا تەڭ قىلماقچىسىلەر؟ ئۇنى ماڭا ئوخشاش دەپ، سىلەر كىمنى مەن بىلەن سېلىشتۇرماقچىسىلەر؟ | 5 |
Emdi Méni kimge oxshatmaqchi, Yaki kimni Manga teng qilmaqchisiler? Uni Manga oxshash dep, Siler kimni Men bilen sélishturmaqchisiler?
ئۇلار بولسا ھەميانىدىن ئالتۇننى چېچىپ بېرىپ، كۈمۈشنىمۇ تارازىغا سالىدۇ، بىر زەرگەرنى ياللىۋالىدۇ، ئۇ بىر مەبۇدنى ياساپ بېرىدۇ؛ ئۇلار يىقىلىدۇ، دەرۋەقە چوقۇنىدۇ! | 6 |
Ular bolsa hemyanidin altunni chéchip bérip, Kümüshnimu tarazigha salidu, Bir zergerni yalliwalidu, U bir mebudni yasap béridu; Ular yiqilidu, derweqe choqunidu!
ئۇلار ئۇنى مۈرىسىگە ئارتىدۇ، ئۇنى كۆتۈرۈپ، ئۆز ئورنىغا قويىدۇ؛ ئاندىن ئۇ ئاشۇ يەردە ئۆرە تۇرىدۇ؛ ئۇ ئورنىدىن قوزغىلالمايدۇ؛ بىرسى ئۇنىڭغا يېلىنىپ تىلەيدۇ، لېكىن ئۇ جاۋاب بەرمەيدۇ؛ ئۇ كىشىنى ئاۋارىچىلىكىدىن قۇتقۇزمايدۇ. | 7 |
Ular uni mürisige artidu, Uni kötürüp, öz ornigha qoyidu; Andin u ashu yerde öre turidu; U ornidin qozghilalmaydu; Birsi uninggha yélinip tileydu, Lékin u jawab bermeydu; U kishini awarichilikidin qutquzmaydu.
مۇشۇ ئىشلارنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار؛ شۇنداقلا ئۆزۈڭلارنى ھەقىقىي ئەركەكلەردەك كۆرسىتىڭلار؛ ئى، ئىتائەتسىزلەر، بۇنى ئېسىڭلارغا كەلتۈرۈڭلار؛ | 8 |
Mushu ishlarni ésinglarda tutunglar; Shundaqla özünglarni heqiqiy erkeklerdek körsitinglar; I, itaetsizler, Buni ésinglargha keltürünglar;
ئىلگىرىكى ئىشلارنى، يەنى قەدىمدىن بولغان ئىشلارنى ئېسىڭلارغا كەلتۈرۈڭلار؛ چۈنكى مەن تەڭرىدۇرمەن، باشقا بىرى يوقتۇر؛ مەن خۇدادۇرمەن، ماڭا ئوخشاشلار يوقتۇر؛ | 9 |
Ilgiriki ishlarni, yeni qedimdin bolghan ishlarni ésinglargha keltürünglar; Chünki Men Tengridurmen, bashqa biri yoqtur; Men Xudadurmen, Manga oxshashlar yoqtur;
مەن: «مېنىڭ بېكىتكىنىم ئورۇنلىنىدۇ، كۆڭلۈمگە بارلىق پۈككەنلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرماي قويمايمەن» دەپ، ئىشنىڭ نەتىجىسىنى باشتىلا، ئالدىنئالا تېخى قىلىنمىغان ئىشلارنى ئايان قىلىپ ئېيتقۇچىدۇرمەن؛ | 10 |
Men: «Méning békitkinim orunlinidu, Könglümge barliq pükkenlerni emelge ashurmay qoymaymen» dep, Ishning netijisini bashtila, Aldin’ala téxi qilinmighan ishlarni ayan qilip éytquchidurmen;
كۈنچىقىشتىن يىرتقۇچ بىر قۇشنى، يەنى كۆڭلۈمگە پۈككىنىمنى ئادا قىلغۇچى بىر ئادەمنى يىراق يۇرتتىن چاقىرغۇچىدۇرمەن. بەرھەق، مەن سۆز قىلغان، بەرھەق، مەن ئۇنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىمەن؛ بۇنى نىيەت قىلغانمەن، بەرھەق، مەن ئۇنى ۋۇجۇدقا چىقىرىمەن. | 11 |
Künchiqishtin yirtquch bir qushni, Yeni könglümge pükkinimni ada qilghuchi bir ademni yiraq yurttin chaqirghuchidurmen. Berheq, Men söz qilghan, Berheq, Men uni choqum emelge ashurimen; Buni niyet qilghanmen, Berheq, Men uni wujudqa chiqirimen.
ئى ھەققانىيلىقتىن يىراق كەتكەن جاھىللار، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار: ــ | 12 |
I heqqaniyliqtin yiraq ketken jahillar, Manga qulaq sélinglar: —
مەن ھەققانىيلىقىمنى يېقىن قىلىمەن، ئۇ يىراقلاشمايدۇ؛ شۇنىڭدەك مېنىڭ نىجاتىم ھەم كېچىكمەيدۇ؛ مەن زىئونغا نىجات يەتكۈزۈپ، ئىسرائىلغا جۇلالىق-گۈزەللىكىمنى تىكلەپ بېرىمەن». | 13 |
Men heqqaniyliqimni yéqin qilimen, U yiraqlashmaydu; Shuningdek Méning nijatim hem kéchikmeydu; Men Zion’gha nijat yetküzüp, Israilgha julaliq-güzellikimni tiklep bérimen».