< يەشايا 45 >
پەرۋەردىگار ئۆزى «مەسىھ قىلغىنى»غا، يەنى ئەللەرنى ئۇنىڭغا بېقىندۇرۇش ئۈچۈن ئۆزى ئوڭ قولىدىن تۇتۇپ يۆلىگەن قورەشكە مۇنداق دەيدۇ: ــ (بەرھەق، مەن ئۇنىڭ ئالدىدا پادىشاھلارنىڭ تامبىلىنى يەشتۈرۈپ يالىڭاچلىتىمەن، «قوش قاناتلىق دەرۋازىلار»نى ئۇنىڭ ئالدىدا ئېچىپ بېرىمەن، شۇنىڭ بىلەن قوۋۇقلار ئىككىنچى ئېتىلمەيدۇ) ــ | 1 |
This is what the LORD says to Cyrus His anointed, whose right hand I have grasped to subdue nations before him, to disarm kings, to open the doors before him, so that the gates will not be shut:
«مەن سېنىڭ ئالدىڭدا مېڭىپ ئېگىزلىكلەرنى تۈز قىلىمەن؛ مىس دەرۋازىلارنى چېقىپ تاشلايمەن، تۆمۈر تاقاقلىرىنى سۇندۇرۇۋېتىمەن؛ | 2 |
“I will go before you and level the mountains; I will break down the gates of bronze and cut through the bars of iron.
ۋە ساڭا قاراڭغۇلۇقتىكى گۆھەرلەرنى، مەخپىي جايلاردا ساقلانغان يوشۇرۇن بايلىقلارنى بېرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈڭگە ئىسىم قويۇپ سېنى چاقىرغۇچىنى، يەنى مەن پەرۋەردىگارنى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى دەپ بىلىپ يېتىسەن. | 3 |
I will give you the treasures of darkness and the riches hidden in secret places, so that you may know that I am the LORD, the God of Israel, who calls you by name.
مەن ئۆز قۇلۇم ياقۇپ، يەنى ئۆز تاللىغىنىم ئىسرائىل ئۈچۈن، ئىسمىڭنى ئۆزۈم قويغان؛ سەن مېنى بىلمىگىنىڭ بىلەن، مەن يەنىلا ساڭا ئىسىم قويدۇم. | 4 |
For the sake of Jacob My servant and Israel My chosen one, I call you by name; I have given you a title of honor, though you have not known Me.
مەن بولسام پەرۋەردىگار، مەندىن باشقا بىرى يوق؛ مەندىن باشقا خۇدا يوقتۇر؛ سەن مېنى تونۇمىغىنىڭ بىلەن، مەن بېلىڭنى باغلاپ چىڭىتتىمكى، | 5 |
I am the LORD, and there is no other; there is no God but Me. I will equip you for battle, though you have not known Me,
كۈنچىقىشتىن كۈنپېتىشقىچە بولغانلارنىڭ ھەممىسى مەندىن باشقا ھېچقانداق بىرىنىڭ يوقلۇقىنى بىلىپ يېتىدۇ؛ مەن بولسام پەرۋەردىگار، باشقا بىرى يوقتۇر. | 6 |
so that all may know, from where the sun rises to where it sets, that there is none but Me; I am the LORD, and there is no other.
نۇرنى شەكىللەندۈرگۈچى، قاراڭغۇلۇقنى ياراتقۇچىدۇرمەن، بەخت-خاتىرجەملىكنى ياسىغۇچى، بالايىئاپەتنى ياراتقۇچىدۇرمەن؛ مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىلغۇچى مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن». | 7 |
I form the light and create the darkness; I bring prosperity and create calamity. I, the LORD, do all these things.
ــ «ئى ئاسمانلار، يۇقىرىدىن ياغدۇرۇپ بېرىڭلار، بۇلۇتلارمۇ ھەققانىيلىق تۆكۈپ بەرسۇن؛ يەر-زېمىن ئېچىلسۇن؛ نىجات ھەم ھەققانىيلىق مېۋە بەرسۇن؛ زېمىن ئىككىسىنى تەڭ ئۆستۈرسۇن! مەن، پەرۋەردىگار، بۇنى ياراتماي قويمايمەن». | 8 |
Drip down, O heavens, from above, and let the skies pour down righteousness. Let the earth open up that salvation may sprout and righteousness spring up with it; I, the LORD, have created it.
ــ «ئۆز ياراتقۇچىسىنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلماقچى بولغانغا ۋاي! ئۇ يەر-زېمىندىكى چىنە پارچىلىرى ئارىسىدىكى بىر پارچىسى، خالاس! سېغىز لاي ئۆزىنى شەكىللەندۈرگۈچى ساپالچىغا: ــ «سەن نېمە ياساۋاتىسەن؟» دېسە، ياكى ياسىغىنىڭ ساڭا: «سېنىڭ قولۇڭ يوق» دېسە بولامدۇ؟ | 9 |
Woe to him who quarrels with his Maker— one clay pot among many. Does the clay ask the potter, ‘What are you making?’ Does your work say, ‘He has no hands’?
ئۆز ئاتىسىغا: «سەن نېمە تۇغدۇرماقچى؟» ياكى بىر ئايالغا: ــ «سېنى نېمىنىڭ تولغىقى تۇتتى؟» ــ دەپ سورىغانغا ۋاي! | 10 |
Woe to him who says to his father, ‘What have you begotten?’ or to his mother, ‘What have you brought forth?’”
ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى، يەنى ئۇنى ياسىغۇچى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئەمدى كەلگۈسى ئىشلار توغرۇلۇق سورىماقچىمۇسىلەر يەنە؟ ئۆز ئوغۇللىرىم توغرۇلۇق، ئۆز قولۇمدا ئىشلىگىنىم توغرۇلۇق ماڭا بۇيرۇق بەرمەكچىمۇسىلەر!؟ | 11 |
Thus says the LORD, the Holy One of Israel, and its Maker: “How dare you question Me about My sons, or instruct Me in the work of My hands?
مەن پەقەتلا يەر-زېمىننى ياسىغان، ئۇنىڭغا ئىنساننى ياراتقۇچىدۇرمەن، خالاس! ئۆز قولۇم بولسا ئاسمانلارنى كەرگەن؛ ئۇلارنىڭ ساماۋى قوشۇنلىرىنىمۇ سەپكە سالغانمەن. | 12 |
It is I who made the earth and created man upon it. It was My hands that stretched out the heavens, and I ordained all their host.
مەن ئۇنى ھەققانىيلىق بىلەن تۇرغۇزغان، ئۇنىڭ بارلىق يوللىرىنى تۈز قىلدىم؛ ئۇ بولسا شەھىرىمنى قۇرىدۇ، نە ھەق نە ئىنئام سورىماي ئۇ ماڭا تەۋە بولغان ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىدۇ» ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. | 13 |
I will raise up Cyrus in righteousness, and I will make all his ways straight. He will rebuild My city and set My exiles free, but not for payment or reward, says the LORD of Hosts.”
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مىسىرنىڭ مەھسۇلاتلىرى، ئېفىئوپىيەنىڭ ۋە ئېگىز بويلۇقلار بولغان سېبائىيلارنىڭ ماللىرى ساڭا ئۆتىدۇ؛ ئۇلار ئۆزلىرى سېنىڭكى بولىدۇ، ساڭا ئەگىشىپ ماڭىدۇ؛ ئۆزلىرى كىشەن-زەنجىرلەنگەن پېتى سەن تەرەپكە ئۆتىدۇ، ئۇلار ساڭا باش ئۇرۇپ سەندىن ئىلتىجا بىلەن ئۆتۈنۈپ: ــ «بەرھەق، تەڭرى سەندە تۇرىدۇ، باشقا بىرى يوق، باشقا ھېچقانداق خۇدا يوقتۇر» دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ. | 14 |
This is what the LORD says: “The products of Egypt and the merchandise of Cush, along with the Sabeans, men of stature, will come over to you and will be yours; they will trudge behind you; they will come over in chains and bow down to you. They will confess to you: ‘God is indeed with you, and there is no other; there is no other God.’”
«ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، نىجاتكار، دەرھەقىقەت ئۆزىنى يوشۇرۇۋالغۇچى بىر تەڭرىدۇرسەن!». | 15 |
Truly You are a God who hides Himself, O God of Israel, the Savior.
ئۇلار ھەممىسى ئىستىسناسىز خىجىل بولۇپ، شەرمەندە بولىدۇ؛ مەبۇدنى ياسىغانلار شەرمەندە بولۇپ، بىرلىكتە كېتىپ قالىدۇ؛ | 16 |
They will all be put to shame and humiliated; the makers of idols will depart together in disgrace.
ئىسرائىل بولسا پەرۋەردىگار تەرىپىدىن مەڭگۈلۈك نىجات-قۇتۇلۇش بىلەن قۇتقۇزۇلىدۇ؛ ئەبەدىلئەبەدگىچە خىجىل بولمايسىلەر، ھېچ شەرمەندىچىلىكنى كۆرمەيسىلەر. | 17 |
But Israel will be saved by the LORD with an everlasting salvation; you will not be put to shame or humiliated, to ages everlasting.
چۈنكى ئاسمانلارنى ياراتقان، يەر-زېمىننى شەكىللەندۈرۈپ ياسىغان، ئۇنى مەزمۇت قىلغان خۇدا بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ (ئۇ ئۇنى قۇرۇق-مەنىسىز بولۇشقا ئەمەس، بەلكى ئادەمزاتنىڭ تۇرالغۇسى بولۇشقا ياراتقانىدى) «مەن بولسام پەرۋەردىگار، باشقا بىرى يوقتۇر؛ | 18 |
For thus says the LORD, who created the heavens—He is God; He formed the earth and fashioned it; He established it; He did not create it to be empty, but formed it to be inhabited: “I am the LORD, and there is no other.
ــ مەن مەخپىي ھالدا ياكى زېمىندىكى بىرەر قاراڭغۇ جايدا سۆز قىلغان ئەمەسمەن؛ مەن ياقۇپقا: «مېنى ئىزدىشىڭلار بىھۇدىلىك» دېگەن ئەمەسمەن؛ مەن پەرۋەردىگار ھەق سۆزلەيمەن، تۈز گەپ قىلىمەن؛ | 19 |
I have not spoken in secret, from a place in a land of darkness. I did not say to the descendants of Jacob, ‘Seek Me in a wasteland.’ I, the LORD, speak the truth; I say what is right.
يىغىلىڭلار، كېلىڭلار؛ ئى ئەللەردىن قاچقانلار، جەم بولۇپ ماڭا يېقىنلىشىڭلار؛ ئۆزى ئويغان بۇتنى كۆتۈرۈپ، ھېچ قۇتقۇزالمايدىغان بىر «ئىلاھ»قا دۇئا قىلىپ يۈرىدىغانلارنىڭ بولسا ھېچ بىلىمى يوقتۇر. | 20 |
Come, gather together, and draw near, you fugitives from the nations. Ignorant are those who carry idols of wood and pray to a god that cannot save.
ئەمدى ئۇلار ئۆز گەپلىرىنى بايان قىلىش ئۈچۈن يېقىن كەلسۇن؛ مەيلى، ئۇلار مەسلىھەتلىشىپ باقسۇن! كىم مۇشۇ ئىشنى قەدىمدىنلا جاكارلىغانىدى؟ كىم ئۇزۇندىن بېرى ئۇنى بايان قىلغان؟ ئۇ مەن پەرۋەردىگار ئەمەسمۇ؟ دەرۋەقە، مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر؛ ھەم ئادىل خۇدا ھەم قۇتقۇزغۇچىدۇرمەن؛ مەندىن باشقا بىرى يوقتۇر. | 21 |
Speak up and present your case— yes, let them take counsel together. Who foretold this long ago? Who announced it from ancient times? Was it not I, the LORD? There is no other God but Me, a righteous God and Savior; there is none but Me.
ئى يەر-زېمىننىڭ چەت-ياقىلىرىدىكىلەر، ماڭا تەلپۈنۈپ قۇتقۇزۇلۇڭلار! چۈنكى مەن تەڭرىدۇرمەن، باشقا ھېچبىرى يوقتۇر؛ | 22 |
Turn to Me and be saved, all the ends of the earth; for I am God, and there is no other.
مەن ئۆزۈم بىلەن قەسەم ئىچكەنمەن، مۇشۇ سۆز ھەققانىيلىق بىلەن ئاغزىمدىن چىقتى، ھەرگىز قايتمايدۇ: ــ «ماڭا بارلىق تىزلار پۈكۈلىدۇ، بارلىق تىللار ماڭا [ئىتائەت ئىچىدە] قەسەم ئىچىدۇ». | 23 |
By Myself I have sworn; truth has gone out from My mouth, a word that will not be revoked: Every knee will bow before Me, every tongue will swear allegiance.
شۇ چاغدا: «ھەققانىيلىق ۋە كۈچ بولسا پەقەت پەرۋەردىگاردىدۇر» ــ دېيىلىدۇ، كىشىلەر دەل ئۇنىڭلا قېشىغا كېلىدۇ؛ غالجىرلىشىپ، ئۇنىڭغا غەزەپلەنگەنلەرنىڭ ھەممىسى شەرمەندە بولىدۇ. | 24 |
Surely they will say of Me, ‘In the LORD alone are righteousness and strength.’” All who rage against Him will come to Him and be put to shame.
ئىسرائىلنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ھەققانىي قىلىنىدۇ، ۋە ئۇلار ئۇنى داڭلىشىدۇ. | 25 |
In the LORD all descendants of Israel will be justified and will exult.