< يەشايا 44 >
بىراق ھازىر، ئى ياقۇپ مېنىڭ قۇلۇم، ئى مېنىڭ تاللىغىنىم ئىسرائىل، ئاڭلا! ــ | 1 |
“Kodwa khathesi lalela, wena Jakhobe, nceku yami, Israyeli, engikukhethileyo.
سېنى ياسىغان، بالىياتقۇدىن تارتىپلا سېنى شەكىللەندۈرگەن، ساڭا ياردەمدە بولغۇچى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «قورقما، ئى مېنىڭ قۇلۇم ياقۇپ، ئى مېنىڭ تاللىغىنىم «يەشۇرۇن»، قورقما! | 2 |
Nanku akutshoyo uThixo, yena owakwenzayo, owakubumba esiswini, njalo yena ozakusiza, uthi: Ungesabi, wena Jakhobe, nceku yami, Jeshuruni engikukhethileyo.
چۈنكى مەن ئۇسساپ كەتكەننىڭ ئۈستىگە سۇنى، قاغجىراق يەرنىڭ ئۈستىگە كەلكۈنلەرنى قۇيۇپ بېرىمەن؛ نەسلىڭ ئۈستىگە روھىمنى، پەرزەنتلىرىڭ ئۈستىگە بەرىكىتىمنى قۇيىمەن؛ | 3 |
Ngoba ngizathela amanzi elizweni elomileyo, lezifula emhlabathini owomileyo. Ngizathela uMoya wami phezu kwenzalo yakho lezibusiso zami phezu kwezizukulwane zakho.
ئۇلار يۇمران چۆپلەر ئارىسىدىن، ئېرىق-ئۆستەڭلەر بويىدىكى مەجنۇن تاللاردەك ئۆسىدۇ؛ | 4 |
Zizahluma njengotshani emadlelweni, lanjengeminyezane ezifuleni ezigelezayo.
بىرسى: «مەن پەرۋەردىگارغا تەۋەمەن» ــ دەيدۇ، يەنە بىرسى بولسا ياقۇپنىڭ ئىسمى بىلەن ئۆزىنى ئاتايدۇ؛ يەنە باشقا بىرسى قولى بىلەن: «مەن پەرۋەردىگارغا تەۋەمەن» دەپ يازىدۇ، شۇنداقلا ئىسرائىلنىڭ ئىسمىنى ئۆزىنىڭ ئىسمىگە يانداش قوشىدۇ. | 5 |
Omunye uzakuthi, ‘Mina ngingokaThixo’; lomunye azibize ngebizo likaJakhobe; omunye laye uzaloba esandleni sakhe ukuthi, ‘OkaThixo,’ azinike ibizo lika-Israyeli.”
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىلنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىسى، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مەن بولسام تۇنجى ھەم ئاخىرىدۇرمەن؛ مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. | 6 |
“Nanku akutshoyo uThixo, iNkosi loMhlengi ka-Israyeli, uThixo uSomandla: Mina ngingowokuqala njalo ngingowokucina; ngaphandle kwami kakho uNkulunkulu.
قېنى، كىم مېنىڭ قەدىمكى خەلقىمنى تىكلەپ بېكىتكىنىمدەك بىر ئىشنى جاكارلاپ، ئالدىنئالا بايان قىلىپ، ئاندىن ئۇنى مېنىڭ ئالدىمغا مەندەك تىكلەپ قويالايدۇ؟ قېنى، كىم كېيىنكى ئىشلارنى، كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارنى ئالدىنئالا بايان قىلالىسۇن! | 7 |
Pho ngubani onjengami? Kakumemezele lokho. Katsho, achaze phambi kwami okwenzakalayo kusukela ekubekeni kwami abantu bami bendulo; akutsho lokuzakwenzakala; yebo, kakuqambe okuzayo.
قورقماڭلار، ساراسىمىگە چۈشۈپ كەتمەڭلەر! مەن ئىلگىرى مۇشۇلارنى سىلەرگە ئاڭلىتىپ، ئالدىن بايان قىلغان ئەمەسمۇ؟ مۇشۇ توغرۇلۇق سىلەر مېنىڭ گۇۋاھچىلىرىمدۇرسىلەر. مەندىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ بەرھەق، باشقا قورام تاش يوق؛ ھېچبىرىدىن خەۋىرىم يوقتۇر. | 8 |
Lingaqhaqhazeli, lingesabi. Lokhu angikutshongo ngabika ngakho kudala na? Lina lingofakazi bami. Kulomunye uNkulunkulu ngaphandle kwami na? Hatshi, kalikho elinye iDwala; kalikho engilaziyo.”
ئويۇلغان مەبۇدنى شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەھمىيىتى يوق؛ ئۇلارنىڭ ئەتىۋارلىغان نەرسىلىرىنىڭ ھېچ پايدىسى يوقتۇر؛ مۇشۇلارغا بولغان «گۇۋاھچىلار» بولسا، ئۆزلىرى قارىغۇ، ھېچنېمىنى بىلمەس؛ دەرۋەقە نەتىجىسى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە شەرمەندىلىكتۇر. | 9 |
Bonke abenza izithombe kabasilutho, lezinto abaziqakathekisayo ziyize. Labo abangabakhulumela bayiziphofu, kabazi lutho, kulihlazo kubo.
كىم بىر «ئىلاھ»نى شەكىللەندۈرگەن بولسا، ھېچ پايدىسى يوق بىر مەبۇدنى قۇيغان، خالاس! | 10 |
Ngubani obaza unkulunkulu abumbe isithombe, okungeke kumsize ngalutho?
[مەبۇدنىڭ] بارلىق ھەمراھلىرى شەرمەندە بولىدۇ؛ مەبۇدنى ياسىغۇچىلار بولسا ئادەمدۇر، خالاس؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ كۆرسۇن، ئۇلار قورقۇشۇپ، شەرمەندىچىلىكتە قالىدۇ. | 11 |
Yena labanjengaye bazayangiswa; izingcitshi kazisilutho, ngabantu nje. Kaziqoqane zonke zime ndawonye; bazakuba lokwesaba kanye lehlazo.
مانا تۆمۈرچى سايمانلىرىنى [قولىغا ئېلىپ]، چوغلار ئۈستىدە [مۇشۇ نەرسىنى] بازغانلىرى بىلەن سوقۇپ شەكىللەندۈرىدۇ؛ ئاندىن ئۇ كۈچلۈك قولى بىلەن ئۇنىڭغا ئىشلەيدۇ؛ بىراق ئۇنىڭ قورسىقى ئېچىپ ماغدۇرىدىن قالىدۇ؛ سۇ ئىچمەي ئۇ ھالسىزلىنىپ كېتىدۇ. | 12 |
Umkhandi uthatha insimbi ayifake emalahleni; enze isithombe ngezando, asikhande ngengalo yakhe elamandla. Uyalamba aphelelwe ngamandla. Anganathi manzi, amandla aphele.
ياغاچچى بولسا ياغاچ ئۈستىگە ئۆلچەش يىپىنى تارتىدۇ؛ ئۇ قەلەم بىلەن ئۈستىگە ئەندىزە سىزىدۇ؛ ئۇنى رەندە بىلەن رەندىلەيدۇ؛ ئۇ يەنە پەركا بىلەن سىزىپ جىجايدۇ؛ ئاخىردا ئۇ ئۇنى ئادەمنىڭ گۈزەللىكىگە ئوخشىتىپ ئىنسان تەقى-تۇرقىنى شەكىللەندۈرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆيدە تۇرۇشقا تەييار قىلىنىدۇ. | 13 |
Umbazi welula intambo yokulinganisa asidwebe ngosungulo, asibaze ngetshizela, asidwebe ngensimbi ecijileyo, abaze umfanekiso womuntu, umuntu olobuhle bonke, ukuba sihlale endlini yokukhonzela.
مانا ئۇ بىر كۈنى ئۆزى ئۈچۈن كېدىر دەرەخلىرىنى كېسىشكە چىقىدۇ! (ئۇ ئەسلىدە ئارچا ۋە دۇب دەرەخلىرىنى ئېلىپ ئۆزى ئۈچۈن ئورمانلىق ئارىسىغا تىكىپ چوڭ قىلغانىدى؛ ئۇ قارىغايمۇ تىككەنىدى، يامغۇر ئۇنى ئۈندۈردى). | 14 |
Ugamula isihlahla somsedari, loba athathe umsayiphresi kumbe umʼOkhi. Uyasikhulisa phakathi kwezihlahla zegusu, kumbe ahlanyele iphayini, izulu lisikhulise.
مۇشۇ ياغاچلاردىن ئوتۇن ئېلىنىدۇ؛ بىرسى ئۇنىڭدىن ئېلىپ، ئىسسىنىدۇ؛ مانا، ئۇ ئوت يېقىپ، نان يېقىۋاتىدۇ؛ ئۇ يەنە ئۇنىڭدىن ئېلىپ بىر ئىلاھنى ياسايدۇ ھەم ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدۇ؛ ئۇنى ئويۇلغان مەبۇد قىلىپ ئۇنىڭغا باش ئۇرىدۇ. | 15 |
Lapho-ke siba zinkuni zomuntu zokubasa; okunye kwaso uyathatha othe, ubasa umlilo abhekhe izinkwa. Kodwa, njalo, wenza unkulunkulu amkhonze; abaze isithombe asikhothamele.
دېمەك، يېرىمىنى ئوتتا كۆيدۈرىۋېتىدۇ؛ يېرىمى بىلەن گۆش يەيدۇ؛ ئۇ كاۋاب قىلىپ قانغۇچە يەيدۇ؛ بەرھەق، ئۇ ئىسسىنىپ، ئۆز-ئۆزىگە: ــ «ئاھ، راھەتلىنىپ ئىسسىندىممەن، ئوتنى كۆرۈۋاتىمەن!» ــ دەيدۇ. | 16 |
Ingxenye yezinkuni ubasa ngayo umlilo, apheke ngawo ukudla kwakhe. Ose inyama yakhe adle asuthe. Njalo uyotha umlilo athi, “Ha! Ngiyafudumala; ngiyawubona umlilo.”
بىراق قالغىنى بىلەن ئۇ بىر ئىلاھنى ياسايدۇ؛ بۇ ئۇنىڭ مەبۇدى بولىدۇ؛ ئۇ ئۇنىڭ ئالدىغا يىقىلىپ ئىبادەت قىلىدۇ؛ ئۇ ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ: «مېنى قۇتقۇزغايسەن؛ چۈنكى سەن مېنىڭ ئىلاھىمدۇرسەن» ــ دەيدۇ. | 17 |
Ngeziseleyo wenza unkulunkulu, isithombe sakhe; uyasikhothamela, asikhonze. Uyakhuleka kuso athi, “Ngisindisa, ungunkulunkulu wami.”
بۇ [كىشىلەر] ھېچ بىلمەيدۇ، ھېچ چۈشەنمەيدۇ؛ چۈنكى ئۇ ئۇلارنى كۆرمىسۇن دەپ كۆزلىرىنى، ئۇلارنى چۈشەنمىسۇن دەپ كۆڭلىنى سۇۋاق بىلەن سۇۋىۋەتكەن. | 18 |
Kabazi lutho, kabaqedisisi lutho; amehlo abo abhadiwe ukuze bangaboni lezingqondo zabo zivalekile ukuze bangaqedisisi.
ئۇلاردىن ھېچبىرىدە مۇشۇلارنى كۆڭلىگە كەلتۈرۈپ: ــ «ياغاچنىڭ يېرىمىنى مەن ئوتتا كۆيدۈردۈم، يېرىمىنىڭ چوغلىرى ئۈستىدە مەن نان ياقتىم؛ مەن كاۋابمۇ قىلىپ يەۋالدىم؛ قالغىنىنى بىر لەنەتلىك نەرسە قىلامتىم؟ مەن بىر پارچە ياغاچقا باش ئۇرامتىم!» ــ دېگۇدەك ھېچ بىلىم ياكى يورۇتۇلۇش يوقتۇر. | 19 |
Kakho oke ame acabange, kakho olokwazi loba ukuzwisisa ukuba athi, “Ingxenye yazo ngabasa ngayo umlilo; ngaze ngabhekha izinkwa emalahleni awo, ngosa inyama ngayidla. Ngokuseleyo ngizakwenza into enengisayo na? Ngizasikhothamela na isigodo nje?”
ئۇنىڭ يېگىنى كۈللەردۇر! ئۇنىڭ كۆڭلى ئېزىقتۇرۇلغان! ئۇ ئۆز-ئۆزىنى ئازدۇردى! شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ جېنىنى قۇتقۇزالمايدۇ، ياكى: «مېنىڭ ئوڭ قولۇمدا بىر ساختىلىق بار ئەمەسمۇ؟» ــ دېيەلمەيدۇ. | 20 |
Udla umlotha, inhliziyo ekhohlisekileyo iyamlahla, angeke azihlenge, kumbe athi, “Into le esesandleni sami sokudla kayisimanga na?”
مۇشۇ ئىشلارنى ئېسىڭدە تۇت، ئى ياقۇپ، ئى ئىسرائىل، چۈنكى سەن مېنىڭ قۇلۇمدۇرسەن؛ مەن سېنى ياساپ شەكىللەندۈردۈم؛ سەن مېنىڭ قۇلۇمدۇرسەن، ئى ئىسرائىل، سەن مېنىڭ ئېسىمدىن ھېچ چىقمايسەن! | 21 |
“Khumbula lezizinto, wena Jakhobe, ngoba uyinceku yami, wena Israyeli. Ngakubumba, uyinceku yami; wena Israyeli, angiyikukukhohlwa.
ئىتائەتسىزلىكلىرىڭنى بۇلۇتنى ئۆچۈرۈۋەتكەندەك، گۇناھلىرىڭنى تۇماننى ئۆچۈرۈۋەتكەندەك ئۆچۈرۈۋەتتىم؛ مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كەل؛ چۈنكى مەن سېنى ھەمجەمەتلىك قىلىپ ھۆرلۈككە سېتىۋالدىم. | 22 |
Ngesule iziphambeko zakho njengeyezi, ngesula izono zakho njengenkungu yekuseni. Buyela kimi, ngoba ngikuhlengile.”
ئى ئاسمانلار، ناخشا ئېيتىڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار شۇ ئىشنى قىلغان! ئى يەرنىڭ تېگىلىرى، شادلىنىپ، ياڭراڭلار! ئى تاغلار، ئورمانلار ۋە ئۇلاردىكى ھەربىر دەرەخلەر، ياڭرىتىپ ناخشىلار ئېيتىڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگار ياقۇپنى ھەمجەمەتلىك قىلىپ ھۆرلۈككە سېتىۋالدى، ئۇ ئىسرائىل ئارقىلىق گۈزەللىكىنى كۆرسىتىدۇ!». | 23 |
Hlabelelani ngentokozo, lina mazulu, ngoba uThixo usekwenzile lokhu; hlaba umkhosi, wena mhlaba ngaphansi. Tshayani ingoma lina zintaba, lina mahlathi lazozonke izihlahla zenu, ngoba uThixo usemhlengile uJakhobe, ubonakalisa udumo lwakhe ko-Israyeli.
«سېنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىڭ بولغان، سېنى بالىياتقۇدا ياساپ شەكىللەندۈرگەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن بولسام ھەممىنى ياراتقۇچى، ئاسمانلارنى يالغۇز كەرگەنمەن، ئۆز-ئۆزۈمدىنلا يەر-زېمىننى يايغان پەرۋەردىگاردۇرمەن؛ | 24 |
“Nanku akutshoyo uThixo, uMhlengi wakho, owakubumbayo esiswini: Mina nginguThixo, owenza izinto zonke, owenza amazulu eyedwa, owendlala umhlaba eyedwa,
(ئۇ بولسا يالغان [پەيغەمبەرلەرنىڭ] بېشارەتلىرىنى بىكار قىلغۇچى، پالچىلارنى قايمۇقتۇرغۇچى، دانالارنى يولىدىن ياندۇرغۇچى، ئۇلارنىڭ بىلىملىرىنى نادانلىققا ئايلاندۇرغۇچى؛ | 25 |
ofubisa izibonakaliso zabaphrofethi bamanga, enze izanuse zibe yizithutha, ochitha ulwazi lwezihlakaniphi alwenze lube yibuthutha,
ئۆز قۇلىنىڭ سۆزىنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچى، روسۇل-ئەلچىلىرىنىڭ نەسىھەتلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قىلغۇچى، يېرۇسالېمغا: «سەن ئاھالىلىك بولىسەن»، يەھۇدا شەھەرلىرىگە: «قايتىدىن قۇرۇلىسىلەر؛ خارابەڭلارنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن» ــ دېگۈچى؛ | 26 |
ofeza amazwi ezinceku zakhe aphelelise amacebo ezithunywa zakhe. Athi kulo iJerusalema, ‘Kuzahlalwa kulo,’ ngamadolobho akoJuda athi, ‘Azakwakhiwa.’ Ngamanxiwa awo uthi, ‘Ngizawavusa,’
چوڭقۇر دېڭىزغا: «قۇرۇق بول، دەريالىرىڭنى قۇرۇتىمەن» ــ دېگۈچى؛ | 27 |
athi enzikini yamanzi, ‘Cima, ngizakomisa izifula zakho,’
ھەم قورەش توغرىسىدا: «ئۇ مېنىڭ قوي پادىچىم، ئۇ مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىگە تولۇق ئەمەل قىلىپ، يېرۇسالېمغا: «قۇرۇلىسەن»، ھەم ئىبادەتخانىغا: «سېنىڭ ئۇلۇڭ سېلىنىدۇ» دەيدۇ» ــ دېگۈچىدۇر): ــ | 28 |
athi ngoKhurosi, ‘Ungumelusi wami, uzafeza konke engikufunayo; uzakuthi ngeJerusalema, “Kalakhiwe futhi,” ngethempeli athi, “Izisekelo zalo kazakhiwe.”’”