< يەشايا 43 >
بىراق ھازىر ئى ياقۇپ، سېنى ياراتقۇچى پەرۋەردىگار، ئى ئىسرائىل، سېنى شەكىللەندۈرگۈچى مۇنداق دەيدۇ: ــ «قورقما؛ چۈنكى مەن ساڭا ھەمجەمەت بولۇپ سېنى قۇتقۇزغان؛ سېنى ئۆز نامىم بىلەن ئاتىغانمەن؛ سەن مېنىڭكىدۇرسەن! | 1 |
But now thus saith Jehovah, that created thee, O Jacob, That formed thee, O Israel: Fear not, for I have redeemed thee; I have called thee by name; thou art mine!
سەن سۇلاردىن ئۆتكىنىڭدە، مەن سەن بىلەن بىللە بولىمەن؛ دەريالاردىن ئۆتكىنىڭدە، ئۇلار سېنى غەرق قىلمايدۇ؛ سەن ئوتتا مېڭىپ يۈرگىنىڭدە، سەن كۆيمەيسەن؛ يالقۇنلار ئۈستۈڭدە ئوت ئالمايدۇ. | 2 |
When thou passest through waters, I will be with thee; And through rivers, they shall not overflow thee; When thou walkest through fire, thou shalt not be burned, And the flame shall not consume thee.
چۈنكى مەن بولسام خۇدايىڭ پەرۋەردىگار، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى، قۇتقۇزغۇچىڭدۇرمەن؛ سېنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن مىسىرنى بەدەل قىلىپ بەردىم، ئورنۇڭغا ئېفىئوپىيە ھەم سېبانى ئالماشتۇردۇم. | 3 |
For I am Jehovah, thy God, The Holy One of Israel, thy saviour. I will give Egypt for thy ransom, Ethiopia and Seba for thee;
سەن نەزىرىمدە قىممەتلىك بولغاچقا، مەن ساڭا ئىززەت-ھۆرمەت كەلتۈرگەن ھەم سېنى سۆيگەن؛ شۇڭا مەن يەنە ئورنۇڭغا ئادەملەرنى، جېنىڭغا خەلقلەرنى تۇتۇپ بېرىمەن؛ | 4 |
Because thou art precious in my sight, Because thou art honored, and I love thee, Therefore will I give men for thee, And nations for thy life.
قورقما، چۈنكى مەن سەن بىلەن بىللەدۇرمەن؛ مەن نەسلىڭنى شەرقتىن، سېنى غەربتىن يىغىپ ئەپكېلىمەن؛ | 5 |
Fear not, for I am with thee! I will bring thy children from the East, And gather thee from the West.
مەن شىمالغا: ــ «تاپشۇر ئۇلارنى!» ۋە جەنۇبقا: ــ «ئۇلارنى تۇتۇپ قالما! ئوغۇللىرىمنى يىراقتىن، قىزلىرىمنى جاھاننىڭ چەت-چەتلىرىدىن ئەپكېلىپ بەر؛ | 6 |
I will say to the North, “Give them up!” And to the South, “Withhold them not! Bring my sons from afar, And my daughters from the ends of the earth;
مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتالغان ھەربىرسىنى، مەن ئۆز شان-شەرىپىم ئۈچۈن ياراتقان ھەربىرسىنى ئەپكېلىپ بەر!» ــ دەيمەن، ــ «مەن ئۇنى شەكىللەندۈردۈم، مەن ئۇنى ئاپىرىدە قىلدىم!»». | 7 |
Every one that is called by my name, That I have created for my glory, That I have formed and made!”
ئۇ «كۆزى بار» قارىغۇ خەلقنى، يەنى «قۇلىقى بار» گاسلارنى ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. | 8 |
Bring forth the blind people, having eyes, And the deaf, having ears.
ــ «بارلىق ئەللەر يىغىلسۇن، خەلقلەر جەم بولسۇن! ئۇلاردىن كىممۇ مۇنداق ئىشلارنى جاكارلىيالىسۇن؟ يەنى كىم مۇشۇنداق «ئىلگىرىكى ئىشلار»نى [ئالدىنئالا] بىزگە ئاڭلىتىپ باققان؟ بار بولسا، ئۆزلىرىنى ئىسپاتلاشقا گۇۋاھچىلىرىنى ئالدىغا كەلتۈرسۇن؛ بولمىسا، ئۇلار بۇ ئىشلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن: ــ «بۇ بولسا ھەقىقەت!» دەپ ئېتىراپ قىلسۇن! | 9 |
Let all the nations be gathered together, And the kingdoms be assembled! Who among them hath declared this, And can show us former predictions? Let them produce their witnesses that they are right; That men may hear, and say, It is true!
سىلەر [خەلقىم] مېنىڭ گۇۋاھچىلىرىم، ھەم مەن تاللىغان قۇلۇم [مەن ئۈچۈن] گۇۋاھچىدۇر، شۇنداق ئىكەن، سىلەر مېنى تونۇپ، ماڭا ئىشىنىپ، ھەم چۈشىنىپ يەتكەيسىلەركى: ــ «مەن دېگەن «ئۇ»دۇرمەن، مەندىن ئىلگىرى ھېچ ئىلاھ شەكىللەنمىگەن، ھەم مەندىن كېيىنمۇ ھېچ شەكىللەنمەيدۇ؛ | 10 |
Ye are my witnesses, saith Jehovah, And my servant whom I have chosen, That ye may know and believe me, And understand that I am He. Before me was no god formed, And after me there shall be none.
مەن، مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن؛ مەندىن باشقا قۇتقۇزغۇچى يوقتۇر». | 11 |
I, I am Jehovah, And besides me there is no saviour.
ــ ئاراڭلاردا «يات ئىلاھ» بولمىغان ۋاقىتتا، مەن [مەقسىتىمنى] جاكارلىغان، مەن قۇتقۇزغان ھەم شۇ ئىشلارنىڭ داڭقىنى چىقارغانمەن؛ شۇڭا سىلەر مېنىڭ تەڭرى ئىكەنلىكىمگە گۇۋاھچىسىلەر، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 12 |
I have declared and have saved; I made it known, when there was no strange god among you; Ye are my witnesses, saith Jehovah, That I am God.
«بەرھەق، ئەزەلدىن بۇيان مەن دېگەن «ئۇ»دۇرمەن، مېنىڭ قولۇمدىن ھېچكىم ھېچكىمنى قۇتقۇزالمايدۇ؛ مەن ئىش قىلسام، كىم توسالىسۇن؟ | 13 |
Even from the beginning of time I have been He, And none can rescue from my hand; I undertake, and who can hinder?
ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىڭلار بولغان پەرۋەردىگار، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەرنى دەپ مەن بابىلنى جازالاتقۇزۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى، جۈملىدىن كالدىيلەرنى، قاچقۇن سۈپىتىدە ئۆزلىرى خۇشاللىق بىلەن پەخىرلەنگەن كېمىلەرگە ئولتۇرۇشقا چۈشۈرىۋېتىمەن. | 14 |
Thus saith Jehovah, Your redeemer, the Holy One of Israel; For your sakes have I sent to Babylon, And caused all her fugitives, And the Chaldeans, to descend to the ships of their delight.
مەن بولسام پەرۋەردىگار، سىلەرگە مۇقەددەس بولغۇچى، ئىسرائىلنى ياراتقۇچى، سىلەرنىڭ پادىشاھىڭلاردۇرمەن. | 15 |
I, Jehovah, am your Holy One, The creator of Israel, your king.
دېڭىزدىن يولنى چىقارغۇچى، داۋالغۇغان سۇلاردىن يول ئاچقۇچى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ | 16 |
Thus saith Jehovah, —He that made a way in the sea, And a path in the mighty waters,
(ئۇ جەڭ ھارۋىسىنى ۋە ئاتنى، قوشۇن-كۈچلەرنى چىقارغۇچىدۇر: ــ ئۇلار بىراقلا يىقىلىدۇ، تۇرالمايدۇ؛ ئۇلار ئۆچۈپ قالغان، چىراغ پىلىكىدەك ئۆچۈرۈلگەن) | 17 |
That caused the chariot and the horse, the army and the forces, to march forth; There they lay down together; they rose no more; They were extinguished; they were quenched like a torch; —
ــ مۇشۇ ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلىمەڭلار، قەدىمكى ئىشلار توغرۇلۇقمۇ ئويلانماڭلار؛ | 18 |
Remember not the former things; The things of old regard no more!
چۈنكى مانا مەن يېڭى بىر ئىشنى قىلىمەن؛ ئۇ ھازىرلا بارلىققا كېلىدۇ؛ سىلەر ئۇنى كۆرمەي قالامسىلەر؟! مەن ھەتتا دالالاردىمۇ يول ئاچىمەن، چۆل-باياۋاندا دەريالارنى بارلىققا كەلتۈرىمەن! | 19 |
Behold, I do a new thing; Now shall it spring forth; yea, ye shall see it. Behold, I make a way in the wilderness, And streams in the desert;
دالادىكى ھايۋانلار، چىلبۆرىلەر ھەم ھۇۋقۇشلار مېنى ئۇلۇغلايدۇ؛ چۈنكى مەن ئۆز خەلقىم، يەنى ئۆز تاللىغىنىمغا ئىچىملىك تەمىنلەشكە، دالالاردا سۇلارنى، چۆل-باياۋانلاردا دەريالارنى چىقىرىپ بېرىمەن. | 20 |
The beasts of the forest shall honor me, The jackals and the ostriches; For I make rivers in the wilderness And streams in the desert, To give drink to my people, my chosen.
مەن مۇشۇ خەلقنى ئۆزۈم ئۈچۈن شەكىللەندۈرگەنمەن؛ ئۇلار ماڭا بولغان مەدھىيىلەرنى ئېيتىپ ئايان قىلىدۇ. | 21 |
This people, which I have formed for myself Shall make known my praise.
بىراق، ئى ياقۇپ، سەن نامىمنى چاقىرغىنىڭ بىلەن ئۆزۈمنى ئىزدىمىدىڭ، ئى ئىسرائىل، ئەكسىچە سەن مەندىن كۆڭلۈڭ يېنىپ ھارسىندىڭ؛ | 22 |
Yet thou hast not called upon me, O Jacob, So as to have wearied thyself for me, O Israel!
سەن ئېلىپ كەلگەن «كۆيدۈرمە قۇربانلىق» قويلىرىڭنى ماڭا قىلغان ئەمەس، «ئىناق قۇربانلىق»لىرىڭ بىلەن مېنى ھۆرمەتلىگەن ئەمەسسەن؛ مەن «ئاشلىق ھەدىيە»نى قىلىش بىلەن سېنى «قۇللۇق»قا قويماقچى ئەمەسمەن، خۇشبۇي يېقىپ سېنى ھارسىندۇرماقچى بولغان ئەمەسمەن! | 23 |
Thou hast not brought me thy lambs for a burnt-offering, Nor honored me with thy sacrifices; I have not burdened thee with oblations, Nor wearied thee with incense;
سەن پۇلنى خەجلەپ ماڭا ھېچ ئېگىر ئېلىپ كەلمىگەنسەن، سەن «ئىناق قۇربانلىق»لىرىڭنىڭ يېغى بىلەن مېنى رازى قىلىپ قانائەتلەندۈرگەن ئەمەسسەن؛ ئەكسىچە سەن گۇناھلىرىڭ بىلەن مېنى قۇللۇققا قويماقچى بولغانسەن، ئىتائەتسىزلىكىڭ بىلەن مېنى ھارسىندۇردۇڭ. | 24 |
Thou hast bought me no sweet-smelling reed with silver, Neither hast thou satisfied me with the fat of thy sacrifices; With thy sins hast thou burdened me, And wearied me with thine iniquities.
مەن، مەن ئۆزۈم ئۈچۈنلا سېنىڭ ئاسىيلىقلىرىڭنى ئۆچۈرىۋەتكۈچىمەن، مەن سېنىڭ گۇناھلىرىڭنى ئېسىمگە كەلتۈرمەيمەن. | 25 |
I, I myself, blot out thy transgressions for my own sake, And will not remember thy sins.
ئەمدى ئۆتمۈشۈڭ توغرۇلۇق مېنى ئەسلىتىپ قويغىن، مۇنازىرە قىلىشايلى، ئۆزۈڭنى ئاقلىغۇدەك گېپىڭ بولسا دەۋەرگىن! | 26 |
Put me in remembrance; let us plead together; Speak that thou mayst justify thyself.
بىرىنچى ئاتاڭ گۇناھ قىلغان؛ سېنىڭ شەرھچىلىرىڭ بولسا ماڭا ئاسىيلىق قىلدى. | 27 |
Thy forefathers sinned, And thy teachers were rebellious against me;
شۇڭا مەن ئىبادەتخانامدىكى يېتەكلىگۈچىلەرنى ناپاك قىلىمەن، ھەمدە ياقۇپنى ھالاك لەنىتىگە ئۇچراشقا، ئىسرائىلنى رەسۋاچىلىقتا قالدۇرۇشقا بېكىتتىم. | 28 |
Therefore have I profaned the princes of the sanctuary, And given up Jacob to a curse, And Israel to reproach.