< يەشايا 42 >
قاراڭلار، مانا مەن يۆلەيدىغان ئۆز قۇلۇمغا! جېنىمنىڭ خۇشاللىقى بولغان مېنىڭ تاللىغىنىم؛ مەن ئۆز روھىمنى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا قوندۇرىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەللەرگە ھۆكۈم-ھەقىقەتنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. | 1 |
Aquí está mi Esclavo a Quien Yo sostengo, mi Escogido, en Quien se complace mi alma. Puse mi Espíritu sobre Él. Él traerá la justicia a las naciones.
ئۇ نە ۋارقىراپ-جارقىرىمايدۇ، نە چۇقان كۆتۈرمەيدۇ نە ئاۋازىنى كوچىلاردا ئاڭلاتمايدۇ. | 2 |
No gritará, ni alzará su voz, ni la hará oír por las calles.
تاكى ئۇ غەلىبە بىلەن توغرا ھۆكۈملەرنى چىقارغۇچە، يانجىلغان قومۇشنى سۇندۇرمايدۇ، تۈتەپ ئۆچەي دەپ قالغان پىلىكنى ئۆچۈرمەيدۇ؛ | 3 |
No partirá la caña quebrada, ni apagará el pabilo que humea. Ejecutará fielmente justo juicio.
ھۆكۈم-ھەقىقەتنى يەر يۈزىدە تىكلىمىگۈچە، ئۇ ھالسىزلانمايدۇ، كۆڭلى يانمايدۇ؛ ئاراللارمۇ ئۇنىڭ پەرمان-قانۇنىنى تەلمۈرۈپ كۇتىدۇ. | 4 |
No se cansará, ni desfallecerá, hasta que establezca la justicia en la tierra. En su enseñanza confiarán las costas.
ئاسمانلارنى يارىتىپ ئۇلارنى كەرگەن، يەر-زېمىننى ھەم ئۇنىڭدىن چىققانلارنى يايغان، ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان خەلققە نەپەس، ئۇنىڭ ئۈستىدە مېڭىۋاتقانلارغا روھ بەرگۈچى تەڭرى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ | 5 |
ʼEL, el Yavé, Quien crea los cielos y los despliega, Quien extendió la tierra y todo lo que en ella brota, Quien da aliento a la gente que la habita y espíritu a los que caminan en ella, dice:
مەنكى پەرۋەردىگار سېنى ھەققانىيلىق بىلەن شۇنىڭغا چاقىرغانمەنكى، ــ سېنىڭ قولۇڭنى تۇتىمەن، سېنى قوغداپ ساقلايمەن، ھەم سېنى خەلققە ئەھدە سۈپىتىدە، ئەللەرگە بىر نۇر قىلىپ بېرىمەن؛ | 6 |
Yo, Yavé, te llamé en justicia y te sostendré de la mano. Te guardaré y te estableceré como Pacto para el pueblo, como Luz de los gentiles,
قارىغۇ كۆزلەرنى ئېچىشقا، زىنداندىن مەھبۇسلارنى، تۈرمىدە قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئولتۇرغانلارنى قۇتقۇزۇشقا سېنى [ئەۋەتىمەن]. | 7 |
para que abras los ojos de los ciegos, y saques de la cárcel a los presos y de la prisión a los que viven en oscuridad.
مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن؛ مېنىڭ نامىم شۇدۇر؛ شان-شەرىپىمنى باشقا بىرسىگە، ماڭا تەۋە بولغان مەدھىيىنى ئويما مەبۇدلارغا بەرمەيمەن. | 8 |
Yo, Yavé: Éste es mi Nombre. No daré mi gloria a otro, ni mi alabanza a los ídolos.
مانا، ئالدىنقى ئىشلار بولسا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان؛ سىلەرگە يېڭى ئىشلارنى جاكارلايمەن؛ ئۇلار تېخى يۈز بەرمىگۈچە، مەن ئۇلارنى سىلەرگە بايان قىلىمەن. | 9 |
Ciertamente se cumplieron las cosas primeras. Yo les anuncio cosas nuevas. Antes que salgan a la luz, Yo se las anuncio.
ــ پەرۋەردىگارغا يېڭى ناخشا ئېيتىڭلار، ئى دېڭىزدا يۈرگەنلەر ھەم ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھەممە مەۋجۇداتلار، ئاراللار ھەم ئۇلاردا تۇرغانلارمۇ، جاھاننىڭ چەت-چەتلىرىدىن ئۇنى مەدھىيىلەڭلار! | 10 |
Canten a Yavé un cántico nuevo, su alabanza desde el confín de la tierra, de los que navegan en el mar y los que viven en él, ustedes costas y los habitantes de ellas.
دالا ھەم ئۇنىڭدىكى شەھەرلەر، كېدار قەبىلىسىدىكىلەر تۇرغان كەنتلەر ئاۋازىنى كۆتۈرسۇن، سېلادىكىلەر يۇقىرى ئاۋازدا ناخشا ئېيتسۇن، تاغلارنىڭ چوققىلىرىدىن تەنتەنە قىلسۇن! | 11 |
Que la región despoblada y sus aldeas levanten su voz, los pueblos donde habita Cedar. Canten jubilosos los habitantes de Sela. Desde las cimas de las montañas griten de júbilo.
ئۇلار پەرۋەردىگارنى ئۇلۇغلىسۇن، ئۇنىڭ مەدھىيىلىرى ئاراللاردىمۇ جاكارلانسۇن. | 12 |
Tributen la gloria a Yavé. Proclamen sus alabanzas en las costas.
پەرۋەردىگار پالۋاندەك چىقىدۇ، باتۇر لەشكەردەك ئوتلۇق مۇھەببىتىنى قوزغايدۇ؛ ئۇ ۋارقىرايدۇ، بەرھەق شىردەك ھۆركىرەيدۇ؛ دۈشمەنلىرى ئۈستىگە زور كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرسىتىدۇ. | 13 |
Yavé sale como valiente. Excita su ardor como guerrero, vocea y lanza un grito de guerra. Prevalecerá contra sus enemigos.
ــ «مەن ئەبەدىلئەبەد سۈكۈتتە تۇرۇپ كەلدىم؛ جىم تۇرۇپ ئۆزۈمنى بېسىۋېلىپ كەلدىم؛ بىراق ھازىر تولغىقى تۇتقان ئايالدەك ئىنچىقلاپ توۋلايمەن؛ ھەم ھاسىرايمەن ھەم ئىڭرايمەن! | 14 |
Durante mucho tiempo callé. Guardé silencio y me detuve. Ahora, como la parturienta, grito desolado y trago a la vez.
مەن تاغلارنى ھەم دۆڭلەرنى چۆلدەرىتىمەن، ئۇلارنىڭ ھەممە يېشىللىقلىرىنى قۇرۇتىۋېتىمەن؛ دەريالارنى ئاراللارغا ئايلاندۇرۇۋېتىمەن؛ كۆلچەكلەرنىمۇ قاغجىرىتىمەن. | 15 |
Devastaré montañas y colinas. Marchitaré todo su verdor. Convertiré los ríos en islotes y secaré las lagunas.
قارىغۇلارنى ئۆزى بىلمىگەن بىر يول بىلەن ئاپىرىپ قويىمەن، ئۇلارنى ئۇلار بىلمىگەن يوللاردا يېتەكلەيمەن؛ ئۇلارنىڭ ئالدىدا قاراڭغۇلۇقنى نۇر، ئەگرى-توقاي يەرلەرنى تۈپتۈز قىلىمەن. مەن مۇشۇ ئىشلارنى قىلماي قالمايمەن، ئۇلاردىن ھېچ ۋاز كەچمەيمەن. | 16 |
Conduciré a los ciegos por un camino que no conocieron. Andarán por senderos que no conocían. Cambiaré la oscuridad en luz delante de ellos y los lugares escabrosos en llanura. Estas cosas les haré y no los desampararé.
ئويما مەبۇدلارغا تايانغانلار، قۇيما مەبۇدلارغا: «سىلەر ئىلاھلىرىمىزدۇر» دېگەنلەر بولسا، ئۇلار يولدىن ياندۇرۇلماي قالمايدۇ، قاتتىق شەرمەندە قىلىنىدۇ. | 17 |
Pero los que confían en los ídolos retrocederán defraudados. Los que dicen a las estatuas fundidas: Ustedes son nuestros ʼelohim.
ــ «ئاڭلاڭلار، ئى گاسلار! قارىغۇلار، كۆرۈش ئۈچۈن قاراڭلار! | 18 |
Sordos, oigan y escuchen. Ciegos, vean y miren.
مېنىڭ قۇلۇمدىن باشقا يەنە كىم قارىغۇ؟ مېنىڭ ئەۋەتكەن «ئەلچىم»دىن باشقا يەنە كىم گاس؟ كىم مەن بىلەن ئەھدىلەشكەندەك شۇنچە قارىغۇدۇ؟ كىم پەرۋەردىگارنىڭ قۇلىدەك شۇنچە قارىغۇدۇ؟ | 19 |
¿Quién es ciego, sino mi esclavo? ¿Quién es sordo, sino mi mensajero que envié? ¿Quién es ciego como el emisario y ciego como el esclavo de Yavé?
سەن نۇرغۇن ئىشلارنى كۆرگىنىڭ بىلەن، بىراق نەزىرىڭگە ھېچ ئالمايسەن؛ ئۇنىڭ قۇلىقى ئېچىلغىنى بىلەن، ئۇ ئاڭلىمايدۇ». | 20 |
Tú ves muchas cosas, pero no las guardas. Tienes abiertos los oídos, pero no escuchas.
پەرۋەردىگار ئۆز ھەققانىيلىقى ئۈچۈن لايىق كۆردىكى، تەۋرات-قانۇنىنى ئۇلۇغ ھەم شان-شەرەپلىك دەپ كۆرسەتتى. | 21 |
Yavé, por causa de su justicia, se complació en magnificar la Ley.
بىراق شۇلار بولسا ئولجا ئېلىنغان ھەم بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان بىر خەلقتۇر؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئورا-تۇزاقتا تۇتۇلغان، گۈندىخانىلاردا قامىلىپ غايىب بولىدۇ؛ ئۇلار غەنىيمەت بولىدۇ، ھېچكىم قۇتقۇزمايدۇ؛ ئۇلار ئولجا بولىدۇ، ھېچكىم: «قايتۇرۇپ بېرىش!» دېمەيدۇ. | 22 |
Pero éste es un pueblo saqueado y pisoteado, todos atrapados en cavernas y encerrados en prisiones. Lo saquean, y no hay quien libre. Lo despojan, y no hay quien diga: Devuélvanlo.
بىراق ئاراڭلاردا كىم بۇنىڭغا قۇلاق سالسۇن؟ كىم بۇلارنى ئاڭلاپ كەلگۈسى زامانلارغا كۆڭۈل قويسۇن؟ | 23 |
¿Quién de ustedes oirá esto? ¿Quién atenderá y escuchará con respecto a lo que viene?
ئەمدى كىم ياقۇپنى ئولجا قىلغان؟ كىم ئىسرائىلنى بۇلاڭچىلارغا تاپشۇرۇپ بەرگەن؟ بۇنى قىلغىنى بولسا، بىز گۇناھ قىلىپ كەمسىتكەن پەرۋەردىگار ئەمەسمۇ؟ چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ يوللىرىدا مېڭىشنى خالىمايتتى؛ ياكى ئۇنىڭ قانۇنىغا ئىتائەت قىلمايتتى. | 24 |
¿Quién entregó a Jacob al saqueo, a Israel a los depredadores? ¿No fue Yavé, contra Quien pecamos? Ellos no quisieron andar en sus caminos, ni obedecer su Ley.
شۇڭا ئۇ ئۇلار ئۈستىگە غەزەپ-قەھرىنى، ئۇرۇشنىڭ زوراۋانلىقىنى تۆكۈپ چۈشۈردى؛ بۇلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئوت تۇتاشتۇردى؛ بىراق ئۇ تونۇپ يەتمىدى؛ بۇلار ئۇنى كۆيدۈردى، بىراق ئۇ ھېچ ساۋاق ئالمىدى. | 25 |
Por tanto, descargó sobre él el ardor de su ira, el furor de la guerra. Lo rodeaban sus llamas, pero no entendió. Lo consumió, pero no hizo caso.