< يەشايا 41 >
ــ «ئى ئاراللار، سۈكۈت قىلىپ مېنىڭ ئالدىمغا كېلىڭلار؛ خەلقلەرمۇ كۈچىنى يېڭىلىسۇن! ئۇلار يېقىن كەلسۇن، سۆز قىلسۇن؛ توغرا ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن ئۆزئارا يېقىنلىشايلى!» | 1 |
— «I arallar, süküt qilip Méning aldimgha kélinglar; Xelqlermu küchini yéngilisun! Ular yéqin kelsun, söz qilsun; Toghra höküm qilish üchün özara yéqinlishayli!»
«كىم شەرقتىكى بىرسىنى ئويغىتىپ، ئۇنى ھەققانىيلىق بىلەن ئۆز خىزمىتىگە چاقىردى؟ ئۇ ئەللەرنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ، ئۇنى پادىشاھلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلدۇرىدۇ؛ ئۇلارنى ئۇنىڭ قىلىچىغا تاپشۇرۇپ توپا-چاڭغا ئايلاندۇرىدۇ، ئۇلارنى ئۇنىڭ ئوقياسى ئالدىدا شامال ئۇچۇرغان پاخال-توپاندەك قىلىدۇ. | 2 |
«Kim sherqtiki birsini oyghitip, Uni heqqaniyliq bilen Öz xizmitige chaqirdi? U ellerni uning qoligha tapshuridu, Uni padishahlar üstidin hökümranliq qilduridu; Ularni uning qilichigha tapshurup topa-changgha aylanduridu, Ularni uning oqyasi aldida shamal uchurghan paxal-topandek qilidu.
ئۇ ئۇلارنى قوغلىۋېتىپ، پۇتىنى يەرگە تەگكۈزمەي دېگۈدەك ماڭىدۇ، ئامان-ئېسەنلىك ئىچىدە ئۆتىۋېرىدۇ؛ | 3 |
U ularni qoghliwétip, Putini yerge tegküzmey dégüdek mangidu, aman-ésenlik ichide ötiwéridu;
ئەلمىساقتىن تارتىپ دەۋرلەرنى «بارلىققا كەل» دەپ چاقىرىپ، بۇلارنى بېكىتىپ ئادا قىلغان كىم؟ مەن پەرۋەردىگار ئاۋۋال بولغۇچىدۇرمەن، ئاخىرى بولغانلار بىلەنمۇ بىللە بولغۇچىدۇرمەن؛ مەن دېگەن «ئۇ»دۇرمەن. | 4 |
Elmisaqtin tartip dewrlerni «Barliqqa kel» dep chaqirip, Bularni békitip ada qilghan kim? Men Perwerdigar Awwal Bolghuchidurmen, Axiri bolghanlar bilenmu bille Bolghuchidurmen; Men dégen «U»durmen.
ئاراللار شۇ ئىشلارنى كۆرۈپ قورقىشىدۇ؛ جاھاننىڭ چەت-چېتىدىكىلەر تىترەپ كېتىدۇ؛ ئۇلار بىر-بىرىگە يېقىنلىشىپ، ئالدىغا كېلىدۇ؛ | 5 |
Arallar shu ishlarni körüp qorqishidu; Jahanning chet-chétidikiler titrep kétidu; Ular bir-birige yéqinliship, aldigha kélidu;
ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز قوشنىسىغا ياردەم قىلىپ، ئۆز قېرىندىشىغا: «يۈرەكلىك بول!» ــ دەيدۇ. | 6 |
Ularning herbiri öz qoshnisigha yardem qilip, Öz qérindishigha: «Yüreklik bol!» — deydu.
شۇنىڭ بىلەن نەققاشچى زەرگەرنى رىغبەتلەندۈرىدۇ، مېتالنى ياپىلاقلاپ بولقا ئويناتقۇچى سەندەلنى بازغان بىلەن سوققۇچىنى رىغبەتلەندۈرۈپ: «كەپشەرلىگىنى ياخشى!» دەيدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنى لىڭشىپ قالمىسۇن دەپ بۇتنىڭ پۇتىنى مىخلار بىلەن بېكىتىدۇ. | 7 |
Shuning bilen neqqashchi zergerni righbetlendüridu, Métalni yapilaqlap bolqa oynatquchi sendelni bazghan bilen soqquchini righbetlendürüp: «Kepsherligini yaxshi!» deydu; Shuning bilen uni lingship qalmisun dep butning putini mixlar bilen békitidu.
بىراق سەن، ئى قۇلۇم ئىسرائىل، ئى ئۆزۈم تاللىغان ياقۇپ، ئىبراھىم مېنىڭ دوستۇمنىڭ ئەۋلادى: ــ | 8 |
Biraq sen, i qulum Israil, I Özüm tallighan Yaqup, Ibrahim Méning dostumning ewladi: —
مەن جاھاننىڭ قەرىدىن ئېلىپ كەلگەن، يەرنىڭ ئەڭ چەتلىرىدىن چاقىرىغىنىم سەن ئىكەنسەن؛ مەن ساڭا «سەن مېنىڭ قۇلۇمدۇرسەن، مەن سېنى تاللىغان، سېنى ھەرگىز چەتكە قاقمايمەن» ــ دېگەنىدىم. | 9 |
Men jahanning qeridin élip kelgen, Yerning eng chetliridin chaqirighinim sen ikensen; Men sanga «Sen méning qulumdursen, Men séni tallighan, Séni hergiz chetke qaqmaymen» — dégenidim.
ــ قورقما؛ چۈنكى مەن سەن بىلەن بىللىدۇرمەن؛ ئۇيان-بۇيان قاراپ ھودۇقماڭلار؛ چۈنكى مەن سېنىڭ خۇدايىڭدۇرمەن؛ مەن سېنى كۈچەيتىمەن، بەرھەق، مەن ساڭا ياردەمدە بولىمەن! بەرھەق، مەن ئۆزۈمنىڭ ھەققانىيلىقىمنى بىلدۈرگۈچى ئوڭ قولۇم بىلەن سېنى يۆلەيمەن. | 10 |
— Qorqma; chünki Men sen bilen billidurmen; Uyan-buyan qarap hoduqmanglar; Chünki Men séning Xudayingdurmen; Men séni kücheytimen, Berheq, Men sanga yardemde bolimen! Berheq, Men Özümning heqqaniyliqimni bildürgüchi ong qolum bilen séni yöleymen.
مانا، ساڭا قاراپ غالجىرلىشىپ كەتكەنلەرنىڭ ھەممىسى خىجىل بولۇپ شەرمەندە بولىدۇ؛ ساڭا شىكايەت قىلغۇچىلار يوق دېيەرلىك بولىدۇ، ھالاك بولىدۇ. | 11 |
Mana, sanga qarap ghaljirliship ketkenlerning hemmisi xijil bolup shermende bolidu; Sanga shikayet qilghuchilar yoq déyerlik bolidu, halak bolidu.
سەن ئۇلارنى ئىزدىسەڭ، ھېچ تاپالمايسەن؛ سەن بىلەن دەۋالاشقۇچىلار ــ ساڭا قارشى ئۇرۇش قىلغۇچىلار يوق دېيەرلىك، ھېچ بولۇپ باقمىغاندەك تۇرىدۇ. | 12 |
Sen ularni izdiseng, héch tapalmaysen; Sen bilen dewalashquchilar — Sanga qarshi urush qilghuchilar yoq déyerlik, héch bolup baqmighandek turidu.
چۈنكى مەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئوڭ قولۇڭنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ساڭا: ــ «قورقما، مەن ساڭا ياردەمدە بولىمەن!» دەيمەن. | 13 |
Chünki Men Perwerdigar Xudaying ong qolungni tutup turup, sanga: — «Qorqma, Men sanga yardemde bolimen!» deymen.
قورقما، سەن قۇرت بولغان ياقۇپ، ئىسرائىلنىڭ بالىلىرى! مەن ساڭا ياردەمدە بولىمەن!» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، يەنى سېنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىڭ، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى. | 14 |
Qorqma, sen qurt bolghan Yaqup, Israilning baliliri! Men sanga yardemde bolimen!» — deydu Perwerdigar, yeni séning Hemjemet-Qutquzghuching, Israildiki Muqeddes Bolghuchi.
مانا، مەن سېنى كۆپ ھەم ئۆتكۈر چىشلىق يېڭى بىر دان ئايرىغۇچى تىرنا قىلىمەن؛ سەن تاغلارنى يانجىپ، ئۇلارنى پارە-پارە قىلىۋېتىسەن، دۆڭلەرنىمۇ كۆكۈم-تالقانغا ئايلاندۇرۇۋېتىسەن. | 15 |
Mana, Men séni köp hem ötkür chishliq yéngi bir dan ayrighuchi tirna qilimen; Sen taghlarni yanjip, ularni pare-pare qiliwétisen, Dönglernimu köküm-talqan’gha aylanduruwétisen.
سەن ئۇلارنى سورۇيسەن، شامال ئۇلارنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ، قۇيۇن ئۇلارنى تارقىتىۋېتىدۇ؛ ۋە سەن پەرۋەردىگار بىلەن شادلىنىسەن، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىنى ئىپتىخارلىنىپ مەدھىيەلەيسەن. | 16 |
Sen ularni soruysen, Shamal ularni uchurup kétidu, Quyun ularni tarqitiwétidu; We sen Perwerdigar bilen shadlinisen, Israildiki Muqeddes Bolghuchini iptixarlinip medhiyeleysen.
بوزەكلەر ۋە يوقسۇللار سۇ ئىزدەيدۇ، لېكىن سۇ يوق؛ ئۇلارنىڭ تىلى ئۇسسۇزلۇقتىن قاغجىراپ كېتىدۇ؛ مەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئاڭلايمەن؛ مەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى ئۇلاردىن ۋاز كەچمەيمەن. | 17 |
Bozekler we yoqsullar su izdeydu, lékin su yoq; Ularning tili ussuzluqtin qaghjirap kétidu; Men Perwerdigar ularni anglaymen; Men Israilning Xudasi ulardin waz kechmeymen.
مەن قاقاس ئېگىزلىكلەردە دەريالارنى، جىلغىلار ئىچىدە بۇلاقلارنى ئاچىمەن؛ دالانى كۆلچەككە ئايلاندۇرىمەن، تاتىراڭ يەردىن سۇلارنى ئۇرغۇتۇپ سۇ بىلەن قاپلاپ بېرىمەن. | 18 |
Men qaqas égizliklerde deryalarni, Jilghilar ichide bulaqlarni achimen; Dalani kölchekke aylandurimen, Tatirang yerdin sularni urghutup su bilen qaplap bérimen.
دالادا كېدىر، ئاكاتسىيە، خاداس ۋە زەيتۇن دەرەخلىرىنى ئۆستۈرۈپ بېرىمەن؛ چۆل-باياۋاندا ئارچا، قارىغاي ۋە بوكسۇس دەرەخلىرىنى بىرگە تىكىمەن؛ | 19 |
Dalada kédir, akatsiye, xadas we zeytun derexlirini östürüp bérimen; Chöl-bayawanda archa, qarighay we boksus derexlirini birge tikimen;
شۇنداق قىلىپ ئۇلار بۇلارنى كۆرۈپ، بىلىپ، ئويلىنىپ: ــ «پەرۋەردىگارنىڭ قولى مۇشۇلارنى قىلغان، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى ئۇنى ياراتقان!» دەپ تەڭ چۈشىنىشىدۇ. | 20 |
Shundaq qilip ular bularni körüp, bilip, oylinip: — «Perwerdigarning qoli mushularni qilghan, Israildiki Muqeddes Bolghuchi uni yaratqan!» dep teng chüshinishidu.
ــ مۇھاكىمىلىرىڭلارنى ئوتتۇرىغا قويۇڭلار، دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ كۈچلۈك سەۋەبلىرىڭلارنى چىقىرىڭلار، دەيدۇ ياقۇپنىڭ پادىشاھى. | 21 |
— Muhakimiliringlarni otturigha qoyunglar, deydu Perwerdigar; — Küchlük sewebliringlarni chiqiringlar, deydu Yaqupning Padishahi.
ــ [بۇتلىرىڭلار] ئېلىپ كىرىلسۇن، بىزگە نېمىلەرنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئېيتسۇن؛ ئىلگىرىكى ئىشلارنى، ئۇلارنىڭ ئۈجۈر-بۈجۈرلىرىگىچە كۆز ئالدىمىزدا كۆرسەتسۇن، شۇنداقلا بۇلاردىن چىقىدىغان نەتىجىلەرنى بىزگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئېيتىپ بەرسۇن؛ ــ ياكى بولمىسا، كەلگۈسىدىكى ئىشلارنى ئاڭلاپ بىلەيلى؛ | 22 |
— [Butliringlar] élip kirilsun, Bizge némilerning yüz béridighanliqini éytsun; Ilgiriki ishlarni, ularning üjür-büjürlirigiche köz aldimizda körsetsun, Shundaqla bulardin chiqidighan netijilerni bizge bildürüsh üchün éytip bersun; — Yaki bolmisa, kelgüsidiki ishlarni anglap bileyli;
سىلەرنىڭ ئىلاھلىق ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىشىمىز ئۈچۈن، كېيىنكى يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى بىزگە بايان قىلىڭلار؛ قانداقلا بولمىسۇن، بىزنى ھاڭ-تاڭ قىلىپ ئۇنى تەڭ كۆرىدىغان قىلىش ئۈچۈن، بىرەر ياخشى ئىش ياكى يامان بىر ئىشنى قىلىڭلار! | 23 |
Silerning ilahliq ikenlikinglarni bilishimiz üchün, Kéyinki yüz béridighan ishlarni bizge bayan qilinglar; Qandaqla bolmisun, Bizni hang-tang qilip uni teng köridighan qilish üchün, Birer yaxshi ish yaki yaman bir ishni qilinglar!
مانا، سىلەر يوقنىڭ ئارىلىقىدا، ئىشلىگىنىڭلارمۇ يوق ئىشتۇر؛ سىلەرنى تاللىغۇچى بىر لەنىتىدۇر. | 24 |
Mana, siler yoqning ariliqida, Ishligininglarmu yoq ishtur; Silerni tallighuchi bir lenitidur.
بىرسىنى شىمال تەرەپتىن قوزغىدىم، ئۇ كېلىدۇ؛ ئۇ كۈنچىقىشتىن مېنىڭ نامىمنى جاكارلاپ كېلىدۇ؛ ئۇ بىرسى ھاك لاينى دەسسىگەندەك، ساپالچى لاي چەيلىگەندەك ئەمەلدارلارنىڭ ئۈستىگە ھۇجۇم قىلىدۇ؛ | 25 |
Birsini shimal tereptin qozghidim, u kélidu; U künchiqishtin Méning namimni jakarlap kélidu; U birsi hak layni dessigendek, sapalchi lay cheyligendek emeldarlarning üstige hujum qilidu;
بىزگە ئۇقتۇرۇش ئۈچۈن، كىم مۇقەددەمدىن بۇيان بۇنى ئېيتقان؟ ياكى بىزنى «ئۇ ھەقىقەتتۇر» دېگۈزۈپ بۇ ئىشتىن بۇرۇن ئۇنى ئالدىنئالا ئېيتقان؟ ياق، ھېچكىم ئېيتمايدۇ؛ بەرھەق، ھېچكىم بايان قىلمايدۇ؛ سۆزۈڭلارنى ئاڭلىيالىغۇچى بەرھەق يوقتۇر! | 26 |
Bizge uqturush üchün, kim muqeddemdin buyan buni éytqan? Yaki Bizni «U heqiqettur» dégüzüp bu ishtin burun uni aldin’ala éytqan? Yaq, héchkim éytmaydu; Berheq, héchkim bayan qilmaydu; Sözünglarni angliyalighuchi berheq yoqtur!
مەن دەسلەپتە زىئونغا: ــ «مۇشۇ ئىشلارغا كۆز تىكىپ تۇرۇڭلار! كۆز تىكىپ تۇرۇڭلار!» دېدىم، يېرۇسالېمغا خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگۈچىنى ئەۋەتىپ بەردىم. | 27 |
Men deslepte Zion’gha: — «Mushu ishlargha köz tikip turunglar! Köz tikip turunglar!» dédim, Yérusalémgha xush xewerni yetküzgüchini ewetip berdim.
مەن قارىسام، شۇلار ئارىسىدا ھېچكىم يوق ــ مەسلىھەت بەرگۈدەك ھېچكىم يوق، شۇلاردىن سورىسام، جاۋاب بەرگۈدەك ھېچكىممۇ يوق. | 28 |
Men qarisam, shular arisida héchkim yoq — Meslihet bergüdek héchkim yoq, Shulardin sorisam, jawab bergüdek héchkimmu yoq.
قاراڭلار، ئۇلار ھەممىسى قۇرۇق؛ ئۇلارنىڭ ياسىغانلىرى يوق ئىشتۇر، قۇيما مەبۇدلىرى قۇرۇق شامالدەك مەنىسىزدۇر. | 29 |
Qaranglar, ular hemmisi quruq; Ularning yasighanliri yoq ishtur, Quyma mebudliri quruq shamaldek menisizdur.