< يەشايا 4 >
شۇ كۈنى يەتتە ئايال بىر ئەرنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭدىن: ــ «بىز ئۆز نېنىمىزنى يەيمىز، ئۆز كىيىم-كېچەكلىرىمىزنى كىيىمىز؛ پەقەت بىزنى رەسۋالىقتىن خالاس قىلىش ئۈچۈن، بىزنى نامىڭىزغا تەۋە قىلىشىڭىزنى ئۆتۈنىمىز!» ــ دەيدۇ. | 1 |
その日、七人の女がひとりの男にすがって、「わたしたちは自分のパンをたべ、自分の着物を着ます。ただ、あなたの名によって呼ばれることを許して、わたしたちの恥を取り除いてください」と言う。
شۇ كۈنى «پەرۋەردىگارنىڭ شېخى» ئۇنىڭ گۈزەللىكى ھەم شەرىپىنى كۆرسەتكۈچى بولىدۇ، زېمىن بەرگەن مېۋە بولسا، قېچىپ قۇتۇلغان ئىسرائىلدىكىلەرگە شۆھرەت ۋە گۈزەللىك كەلتۈرىدۇ. | 2 |
その日、主の枝は麗しく栄え、地の産物はイスラエルの生き残った者の誇、また光栄となる。
ھەم شۇنداق ئىش بولىدۇكى، زىئوندا قالغانلار، يېرۇسالېمدا توختىتىلغانلار، يەنى يېرۇسالېمدا ھايات دەپ تىزىملانغانلارنىڭ ھەممىسى پاك-مۇقەددەس دەپ ئاتىلىدۇ. | 3 |
شۇ چاغدا رەب ئادالەت يۈرگۈزگۈچى روھ ھەم كۆيدۈرگۈچى روھ بىلەن، زىئون قىزلىرىنىڭ پاسىقلىقىنى يۇيۇپ، يېرۇسالېمنىڭ قان داغلىرىنى تازىلايدۇ. | 4 |
そして主が審判の霊と滅亡の霊とをもって、シオンの娘らの汚れを洗い、エルサレムの血をその中から除き去られるとき、シオンに残る者、エルサレムにとどまる者、すべてエルサレムにあって、生命の書にしるされた者は聖なる者ととなえられる。
شۇ چاغدا پەرۋەردىگار كۈندۈزدە زىئون تېغىدىكى ھەربىر ئۆي، شۇنداقلا بارلىق ئىبادەت سورۇنلارنىڭ ئۈستىگە ئىس-تۈتەك ۋە بۇلۇت، كەچتە بولسا ئوت يالقۇنىنىڭ جۇلاسىنى يارىتىدۇ؛ چۈنكى شان-شەرەپنىڭ ئۈستىدە سايىۋەن بار بولىدۇ. | 5 |
その時、主はシオンの山のすべての場所と、そのもろもろの集会との上に、昼は雲をつくり、夜は煙と燃える火の輝きとをつくられる。これはすべての栄光の上にある天蓋であり、あずまやであって、
شۇ كۈنى، كۈندۈزدە تومۇز ئىسسىققا سايە قىلىدىغان، خەتەردىن پاناھلىنىدىغان، بوران-يامغۇرلارغا دالدا بولىدىغان بىر سايىۋەنلىك كەپە بولىدۇ». | 6 |
昼は暑さをふせぐ陰となり、また暴風と雨を避けて隠れる所となる。