< يەشايا 39 >
شۇ پەيتتە بالاداننىڭ ئوغلى بابىل پادىشاھى مېروداق-بالادان ھەزەكىيانىڭ كېسەل بولۇپ يېتىپ قالغانلىقىنى ھەم ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى ئاڭلىغاچقا، ھەزەكىياغا خەتلەرنى ھەدىيە بىلەن ئەۋەتتى. | 1 |
Shu peytte Baladanning oghli Babil padishahi Mérodaq-Baladan Hezekiyaning késel bolup yétip qalghanliqini hem eslige kelgenlikini anglighachqa, Hezekiyagha xetlerni hediye bilen ewetti.
ھەزەكىيا ئەلچىلەرنى خۇشاللىق بىلەن كۈتۈپ، ئۇنىڭ خەزىنە-ئامبارلىرىدا ساقلانغان نەرسىلىرىنى كۆرسەتتى؛ يەنى كۈمۈشنى، ئالتۇننى، دورا-دەرمانلارنى، سەرخىل مايلارنى، ساۋۇت-قوراللارنى ساقلايدىغان ئۆينىڭ ھەممىسىنى ۋە بايلىقلىرىنىڭ بارلىقىنى كۆرسەتتى؛ ئۇنىڭ ئوردىسى ۋە ياكى پۈتكۈل پادىشاھلىقى ئىچىدىكى نەرسىلەردىن ھەزەكىيا ئۇلارغا كۆرسەتمىگەن بىرىمۇ قالمىدى. | 2 |
Hezekiya elchilerni xushalliq bilen kütüp, uning xezine-ambarlirida saqlan’ghan nersilirini körsetti; yeni kümüshni, altunni, dora-dermanlarni, serxil maylarni, sawut-qorallarni saqlaydighan öyning hemmisini we bayliqlirining barliqini körsetti; uning ordisi we yaki pütkül padishahliqi ichidiki nersilerdin Hezekiya ulargha körsetmigen birimu qalmidi.
ئاندىن يەشايا پەيغەمبەر ھەزەكىيانىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭدىن: ــ «مۇشۇ كىشىلەر نېمە دېدى؟ ئۇلار سېنى يوقلاشقا نەدىن كەلگەن؟» ــ دەپ سورىدى. ھەزەكىيا: ــ «ئۇلار يىراق بىر يۇرتتىن، يەنى بابىلدىن كەلگەن»، دېدى. | 3 |
Andin Yeshaya peyghember Hezekiyaning aldigha bérip, uningdin: — «Mushu kishiler néme dédi? Ular séni yoqlashqa nedin kelgen?» — dep soridi. Hezekiya: — «Ular yiraq bir yurttin, yeni Babildin kelgen», dédi.
يەشايا يەنە: ــ «ئۇلار ئورداڭدا نېمىنى كۆردى؟» دەپ سورىدى. ھەزەكىيا: ــ «ئوردامدا بار نەرسىلەرنى ئۇلار كۆردى؛ بايلىقلىرىمنىڭ ئارىسىدىن ئۇلارغا كۆرسەتمىگەن بىرىمۇ قالمىدى» ــ دېدى. | 4 |
Yeshaya yene: — «Ular ordangda némini kördi?» dep soridi. Hezekiya: — «Ordamda bar nersilerni ular kördi; bayliqlirimning arisidin ulargha körsetmigen birimu qalmidi» — dédi.
يەشايا ھەزەكىياغا مۇنداق دېدى: ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قويغىن: ــ | 5 |
Yeshaya Hezekiyagha mundaq dédi: — Samawi qoshunlarning Serdari bolghan Perwerdigarning sözini anglap qoyghin: —
ــ مانا شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، ئورداڭدا بار نەرسىلەر ۋە بۈگۈنگە قەدەر ئاتا-بوۋىلىرىڭ توپلاپ، ساقلاپ قويغان ھەممە نەرسە بابىلغا ئېلىپ كېتىلىدۇ؛ ھېچنەرسە قالمايدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، | 6 |
— Mana shundaq künler kéliduki, ordangda bar nersiler we bügün’ge qeder ata-bowiliring toplap, saqlap qoyghan hemme nerse Babilgha élip kétilidu; héchnerse qalmaydu — deydu Perwerdigar,
ــ ھەمدە [بابىللىقلار] ئوغۇللىرىڭنى، يەنى ئۆزۈڭدىن بولغان ئەۋلادلىرىڭنى ئېلىپ كېتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بابىل پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدا ئاغۋات بولىدۇ. | 7 |
— hemde [Babilliqlar] oghulliringni, yeni özüngdin bolghan ewladliringni élip kétidu; shuning bilen ular Babil padishahining ordisida aghwat bolidu.
شۇنىڭ بىلەن ھەزەكىيا ئۆز-ئۆزىگە: «ئۆز كۈنلىرىمدە بولسا ئامان-تىنچلىق، [خۇدانىڭ] ھەقىقەت-ۋاپالىقى بولىدىكەنغۇ» دەپ، يەشاياغا: ــ «سىز ئېيتقان پەرۋەردىگارنىڭ مۇشۇ سۆزى ياخشى ئىكەن» ــ دېدى. | 8 |
Shuning bilen Hezekiya öz-özige: «Öz künlirimde bolsa aman-tinchliq, [Xudaning] heqiqet-wapaliqi bolidiken’ghu» dep, Yeshayagha: — «Siz éytqan Perwerdigarning mushu sözi yaxshi iken» — dédi.