شۇ كۈنلەردە ھەزەكىيا ئەجەل كەلتۈرگۈچى بىر كېسەلگە مۇپتىلا بولدى. ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەر ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ــ ئۆيۈڭ توغرۇلۇق ۋەسىيەت قىلغىن؛ چۈنكى ئەجەل كەلدى، ياشىمايسەن، ــ دېدى. | 1 |
בַּיָּמִים הָהֵם חָלָה חִזְקִיָּהוּ לָמוּת וַיָּבוֹא אֵלָיו יְשַֽׁעְיָהוּ בֶן־אָמוֹץ הַנָּבִיא וַיֹּאמֶר אֵלָיו כֹּֽה־אָמַר יְהֹוָה צַו לְבֵיתֶךָ כִּי מֵת אַתָּה וְלֹא תִֽחְיֶֽה׃ |
ھەزەكىيا يۈزىنى تام تەرەپكە قىلىپ پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ: | 2 |
וַיַּסֵּב חִזְקִיָּהוּ פָּנָיו אֶל־הַקִּיר וַיִּתְפַּלֵּל אֶל־יְהֹוָֽה׃ |
ــ ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ ئالدىڭدا ھەقىقەت ۋە پاك دىل بىلەن مېڭىپ يۈرگەنلىكىمنى، نەزىرىڭ ئالدىڭدا دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلغانلىقىمنى ئەسلەپ قويغايسەن، ــ دېدى. ۋە ھەزەكىيا يىغلاپ ئېقىپ كەتتى. | 3 |
וַיֹּאמַר אָנָּה יְהֹוָה זְכׇר־נָא אֵת אֲשֶׁר הִתְהַלַּכְתִּי לְפָנֶיךָ בֶּֽאֱמֶת וּבְלֵב שָׁלֵם וְהַטּוֹב בְּעֵינֶיךָ עָשִׂיתִי וַיֵּבְךְּ חִזְקִיָּהוּ בְּכִי גָדֽוֹל׃ |
ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەشاياغا يېتىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ | 4 |
וַֽיְהִי דְּבַר־יְהֹוָה אֶֽל־יְשַֽׁעְיָהוּ לֵאמֹֽר׃ |
بېرىپ ھەزەكىياغا مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگار، ئاتاڭ داۋۇتنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ «دۇئايىڭنى ئاڭلىدىم، كۆز ياشلىرىڭنى كۆردۈم؛ مانا، كۈنلىرىڭگە يەنە ئون بەش يىل قوشىمەن؛ | 5 |
הָלוֹךְ וְאָמַרְתָּ אֶל־חִזְקִיָּהוּ כֹּֽה־אָמַר יְהֹוָה אֱלֹהֵי דָּוִד אָבִיךָ שָׁמַעְתִּי אֶת־תְּפִלָּתֶךָ רָאִיתִי אֶת־דִּמְעָתֶךָ הִנְנִי יוֹסִף עַל־יָמֶיךָ חֲמֵשׁ עֶשְׂרֵה שָׁנָֽה׃ |
شۇنىڭ بىلەن مەن سېنى ۋە بۇ شەھەرنى ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىمەن؛ مەن سېپىل بولۇپ بۇ شەھەرنى قوغدايمەن. | 6 |
וּמִכַּף מֶֽלֶךְ־אַשּׁוּר אַצִּילְךָ וְאֵת הָעִיר הַזֹּאת וְגַנּוֹתִי עַל־הָעִיר הַזֹּֽאת׃ |
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزى ئېيتقان ئىشىنى جەزمەن قىلىدىغانلىقىنى ساڭا ئىسپاتلاش ئۈچۈن پەرۋەردىگاردىن مۇنداق بېشارەتلىك ئالامەت بولىدۇكى، | 7 |
וְזֶה־לְּךָ הָאוֹת מֵאֵת יְהֹוָה אֲשֶׁר יַעֲשֶׂה יְהֹוָה אֶת־הַדָּבָר הַזֶּה אֲשֶׁר דִּבֵּֽר׃ |
مانا، مەن قۇياشنىڭ ئاھاز پادىشاھ قۇرغان پەلەمپەي ئۈستىگە چۈشكەن سايىسىنى ئون قەدەم كەينىگە ياندۇرىمەن». شۇنىڭ بىلەن قۇياشنىڭ چۈشكەن سايىسى ئون باسقۇچ كەينىگە ياندى. | 8 |
הִנְנִי מֵשִׁיב אֶת־צֵל הַֽמַּעֲלוֹת אֲשֶׁר יָרְדָה בְמַעֲלוֹת אָחָז בַּשֶּׁמֶשׁ אֲחֹרַנִּית עֶשֶׂר מַעֲלוֹת וַתָּשׇׁב הַשֶּׁמֶשׁ עֶשֶׂר מַעֲלוֹת בַּֽמַּעֲלוֹת אֲשֶׁר יָרָֽדָה׃ |
يەھۇدا پادىشاھى ھەزەكىيا كېسەل بولۇپ، ئاندىن كېسىلىدىن ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن مۇنداق خاتىرىلەرنى يازدى: | 9 |
מִכְתָּב לְחִזְקִיָּהוּ מֶלֶךְ־יְהוּדָה בַּחֲלֹתוֹ וַיְחִי מֵחׇלְיֽוֹ׃ |
ــ «مەن: «ئۆمرۈمنىڭ ئوتتۇرىسىدا تەھتىسارانىڭ دەرۋازىلىرىغا بېرىۋاتىمەن، قالغان يىللىرىمدىن مەھرۇم بولدۇم» ــ دېدىم. (Sheol h7585) | 10 |
אֲנִי אָמַרְתִּי בִּדְמִי יָמַי אֵלֵכָה בְּשַׁעֲרֵי שְׁאוֹל פֻּקַּדְתִּי יֶתֶר שְׁנוֹתָֽי׃ (Sheol h7585) |
مەن: ــ «تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدا تۇرۇپ خۇدايىم ياھنى، ياھنى كۆرەلمەيدىغان، شۇنداقلا «ھەممە نەرسە يوق بولغان» جايدا تۇرغانلار بىلەن بىللە تۇرۇپ، ئىنساننىمۇ كۆرەلمەيدىغان بولدۇم» ــ دېدىم. | 11 |
אָמַרְתִּי לֹא־אֶרְאֶה יָהּ יָהּ בְּאֶרֶץ הַחַיִּים לֹא־אַבִּיט אָדָם עוֹד עִם־יוֹשְׁבֵי חָֽדֶל׃ |
مېنىڭ تۇرالغۇم چارۋىچىنىڭ چېدىرىدەك ئۆزۈمدىن يۆتكىلىپ كەتتى؛ مەن باپكار ئۆز توقۇغىنىنى تۈرۈۋەتكىنىدەك ھاياتىمنى تۈرىۋەتتىم؛ ئۇ مېنى توقۇش دەستىگاھىدىن كېسىۋەتتى؛ تاڭ بىلەن كەچ ئارىلىقىدا سەن [خۇدا] جېنىمنى ئالىسەن؛ | 12 |
דּוֹרִי נִסַּע וְנִגְלָה מִנִּי כְּאֹהֶל רֹעִי קִפַּדְתִּי כָאֹרֵג חַיַּי מִדַּלָּה יְבַצְּעֵנִי מִיּוֹם עַד־לַיְלָה תַּשְׁלִימֵֽנִי׃ |
تاڭ ئاتقۇچە مەن كۈتۈپ، ئۆزۈمنى تىنچلاندۇرۇپ يۈرىمەن، بىراق ئۇ شىرغا ئوخشاش ھەممە سۆڭەكلىرىمنى سۇندۇرغاندەك قىلىدۇ؛ تاڭ بىلەن كەچ ئارىلىقىدا سەن [خۇدا] جېنىمنى ئالىسەن. | 13 |
שִׁוִּיתִי עַד־בֹּקֶר כָּאֲרִי כֵּן יְשַׁבֵּר כׇּל־עַצְמוֹתָי מִיּוֹם עַד־לַיְלָה תַּשְׁלִימֵֽנִי׃ |
مەن قارلىغاچ ياكى تۇرنىدەك ۋىچىرلاپ يۈرىمەن؛ پاختەكتەك ئاھ-ئۇھ ئۇرىمەن؛ كۆزلىرىم يۇقىرىغا قاراش بىلەن ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ؛ ئى رەب، مېنى زۇلۇم باستى! جېنىمغا كېپىل بولغىن! | 14 |
כְּסוּס עָגוּר כֵּן אֲצַפְצֵף אֶהְגֶּה כַּיּוֹנָה דַּלּוּ עֵינַי לַמָּרוֹם אֲדֹנָי עָֽשְׁקָה־לִּי עׇרְבֵֽנִי׃ |
نېمە دېسەم بولار؟ چۈنكى ئۇ ماڭا سۆز قىلدى ۋە ئۆزى مۇشۇ ئىشنى قىلدى! جېنىم تارتقان ئازاب تۈپەيلىدىن مەن بار يىللىرىمدا قەدەملىرىمنى ساناپ بېسىپ ئاۋايلاپ ماڭىمەن. | 15 |
מָֽה־אֲדַבֵּר וְאָֽמַר־לִי וְהוּא עָשָׂה אֶדַּדֶּה כׇל־שְׁנוֹתַי עַל־מַר נַפְשִֽׁי׃ |
ئى رەب، ئادەملەر مۇشۇنداق ساۋاقلار بىلەن ياشىشى كېرەك؛ روھىم مۇشۇ ساۋاقلاردىن ھاياتىنى تاپىدۇ؛ سەن مېنى ئەسلىمگە كەلتۈرۈپ، مېنى ھايات قىلدىڭ! | 16 |
אֲדֹנָי עֲלֵיהֶם יִֽחְיוּ וּלְכׇל־בָּהֶן חַיֵּי רוּחִי וְתַחֲלִימֵנִי וְהַחֲיֵֽנִי׃ |
مانا، ئۆزۈمنىڭ بەخت-تىنچلىقىم ئۈچۈن ئازاب ئۈستىگە ئازاب تارتتىم؛ ماڭا بولغان سۆيگۈڭ تۈپەيلىدىن جېنىمنى ھالاكەت ھاڭىدىن چىقاردىڭسەن؛ سەن ھەممە گۇناھلىرىمنى كەينىڭگە چۆرۈۋەتتىڭسەن. | 17 |
הִנֵּה לְשָׁלוֹם מַר־לִי מָר וְאַתָּה חָשַׁקְתָּ נַפְשִׁי מִשַּׁחַת בְּלִי כִּי הִשְׁלַכְתָּ אַחֲרֵי גֵוְךָ כׇּל־חֲטָאָֽי׃ |
چۈنكى تەھتىسارا ساڭا رەھمەت ئېيتالمايدۇ؛ ئۆلۈم سېنى مەدھىيىلىيەلمەيدۇ؛ ھاڭغا چۈشىۋاتقانلار سېنىڭ ھەقىقەت-ۋاپالىقىڭغا ئۈمىد باغلىيالمايدۇ. (Sheol h7585) | 18 |
כִּי לֹא שְׁאוֹל תּוֹדֶךָּ מָוֶת יְהַלְלֶךָּ לֹא־יְשַׂבְּרוּ יוֹרְדֵי־בוֹר אֶל־אֲמִתֶּֽךָ׃ (Sheol h7585) |
ئۆزۈم بۈگۈن قىلغىنىمدەك ساڭا رەھمەت ئېيتىدىغانلار تىرىكلەر، تىرىكلەردۇر؛ ئاتا بولغۇچى ئوغۇللىرىغا ھەقىقەت-ۋاپالىقىڭنى بىلدۈرىدۇ. | 19 |
חַי חַי הוּא יוֹדֶךָ כָּמוֹנִי הַיּוֹם אָב לְבָנִים יוֹדִיעַ אֶל־אֲמִתֶּֽךָ׃ |
پەرۋەردىگار مېنى قۇتقۇزۇشقا نىيەت باغلىغاندۇر؛ بىز بولساق، قالغان ئۆمرىمىزدە ھەر كۈنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە ساز چېلىپ مەدھىيە ناخشلىرىمنى ئېيتىمىز!». | 20 |
יְהֹוָה לְהוֹשִׁיעֵנִי וּנְגִנוֹתַי נְנַגֵּן כׇּל־יְמֵי חַיֵּינוּ עַל־בֵּית יְהֹוָֽה׃ |
(يەشايا بولسا: ــ «ئەنجۈر پوشكىلى تەييارلاپ، يارىسىغا چاپلاڭلار، ئۇ ئەسلىگە كېلىدۇ»، دېگەنىدى | 21 |
וַיֹּאמֶר יְשַֽׁעְיָהוּ יִשְׂאוּ דְּבֶלֶת תְּאֵנִים וְיִמְרְחוּ עַֽל־הַשְּׁחִין וְיֶֽחִי׃ |
ۋە ھەزەكىيا: ــ «مېنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە چىقىدىغانلىقىمنى ئىسپاتلايدىغان قانداق بېشارەتلىك ئالامەت بېرىلىدۇ؟» دەپ سورىغانىدى). | 22 |
וַיֹּאמֶר חִזְקִיָּהוּ מָה אוֹת כִּי אֶעֱלֶה בֵּית יְהֹוָֽה׃ |