< يەشايا 37 >
شۇنداق بولدىكى، ھەزەكىيا بۇنى ئاڭلىغاندا، كىيىم-كېچەكلىرىنى يىرتىپ، ئۆزىنى بۆز بىلەن قاپلاپ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىردى. | 1 |
Quando o rei Ezequias o ouviu, rasgou suas roupas, cobriu-se de pano de saco e entrou na casa de Iavé.
ئۇ ھىلقىيانىڭ ئوغلى، ئوردىنى باشقۇرىدىغان ئېلىئاكىم، ئوردا دىۋانبېگى شەبنا ۋە كاھىنلارنىڭ ئاقساقاللىرىنى بۆز يېپىنچاقلىغان پېتى ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەرگە ئەۋەتتى. | 2 |
Ele enviou Eliakim, que estava sobre a casa, e Shebna, o escriba, e os anciãos dos sacerdotes, cobertos com pano de saco, ao profeta Isaías, filho de Amoz.
ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ «ھەزەكىيا مۇنداق دەيدۇ: ــ «بالىلار تۇغۇلاي دەپ قالغاندا ئانىنىڭ تۇغقۇدەك ھالى قالمىغاندەك، مۇشۇ كۈن كۈلپەت چۈشىدىغان، رەسۋا ۋە مازاق قىلىنىدىغان بىر كۈندۇر. | 3 |
Disseram-lhe: “Hezekiah diz: 'Hoje é um dia de problemas, e de repreensão, e de rejeição; pois as crianças chegaram ao nascimento, e não há forças para dar à luz'.
ئۆز خوجىسى بولغان ئاسۇرىيە پادىشاھى تىرىك خۇدانى مازاق قىلىشقا ئەۋەتكەن راب-شاكەھنىڭ گەپلىرىنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ نەزىرىگە ئېلىپ تىڭشىسا، بۇلارنى ئاڭلىغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭ شۇ گەپلەر ئۈچۈن ئۇنىڭ دەككىسىنى بېرەرمىكىن؟ شۇڭا قېپ قالغان قالدىلار ئۈچۈن ئاۋازىڭنى كۆتۈرۈپ، بىر دۇئايىڭنى بەرسەڭ»» ــ دېدى. | 4 |
Pode ser que Yahweh seu Deus ouça as palavras de Rabshakeh, que o rei da Assíria, seu mestre, enviou para desafiar o Deus vivo, e irá repreender as palavras que Yahweh seu Deus ouviu. Portanto, levantai vossa oração pelo remanescente que resta”.
شۇ گەپلەر بىلەن ھەزەكىيانىڭ خىزمەتكارلىرى يەشايانىڭ ئالدىغا كەلدى. | 5 |
Então os servos do rei Ezequias vieram a Isaías.
يەشايا ئۇلارغا: ــ «خوجايىنىڭلارغا: ــ «پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: ــ «ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ چاپارمەنلىرىنىڭ سەن ئاڭلىغان ئاشۇ ماڭا كۇپۇرلۇق قىلغۇچى گەپلىرىدىن قورقما؛ | 6 |
Isaías disse-lhes: “Dizei a vosso senhor: 'Javé diz: 'Não temais as palavras que ouvistes, com as quais os servos do rei da Assíria me blasfemaram'.
مانا، مەن ئۇنىڭغا بىر روھنى كىرگۈزىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىغۋانى ئاڭلاپ، ئۆز يۇرتىغا قايتىدۇ. ئۇ ئۆز زېمىنىدا تۇرغاندا ئۇنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرگۈزىمەن» ــ دەڭلار» ــ دېدى. | 7 |
Eis que colocarei nele um espírito e ele ouvirá notícias, e voltará para sua própria terra”. Fá-lo-ei cair pela espada em sua própria terra””.
راب-شاكەھ كەلگەن يولى بىلەن قايتىپ ماڭغاندا، ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ لاقىش شەھىرىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى؛ ئاسۇرىيە پادىشاھى لىبناھ شەھىرىگە قارشى جەڭ قىلىۋاتقانىدى. | 8 |
Então Rabshakeh voltou, e encontrou o rei da Assíria em guerra contra Libnah, pois soube que ele havia partido de Laquis.
ئاندىن پادىشاھ: «ئېفىئوپىيە پادىشاھى تىرھاكاھ سىزگە قارشى جەڭ قىلماقچى بولۇپ يولغا چىقتى» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىدى. شۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندا ئۇ يەنە ھەزەكىياغا ئەلچىلەرنى مۇنداق خەت بىلەن ئەۋەتتى: ــ | 9 |
Ele ouviu notícias a respeito de Tirhakah, rei da Etiópia, “Ele saiu para lutar contra você”. Quando ouviu, enviou mensageiros a Ezequias, dizendo:
«سىلەر يەھۇدا پادىشاھى ھەزەكىياغا مۇنداق دەڭلار: ــ «سەن تايىنىدىغان خۇدايىڭنىڭ ساڭا: «يېرۇسالېم ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلمايدۇ» دېگىنىگە ئالدانما؛ | 10 |
“Assim falareis a Ezequias, rei de Judá, dizendo: 'Não deixeis que vosso Deus em quem confiais vos engane, dizendo: “Jerusalém não será entregue nas mãos do rei da Assíria”.
مانا، سەن ئاسۇرىيە پادىشاھلىرىنىڭ ھەممە ئەل-يۇرتلارنى نېمە قىلغانلىرىنى، ئۇلارنى ئىلاھ-بۇتلىرىغا ئاتاپ ھالاك قىلغانلىقىنى ئاڭلىغانسەن؛ ئەمدى ئۆزۈڭ قانداقمۇ قۇتقۇزۇلىسەن؟ | 11 |
Eis que vocês ouviram o que os reis da Assíria fizeram com todas as terras, destruindo-as completamente. Será que vocês serão entregues?
ئاتا-بوۋىلىرىم ھالاك قىلغان ئەللەرنى بولسا، ئۇلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرى قۇتقۇزغانمۇ؟ گوزان، ھاران، رەزەف شەھىرىدىكىلەرنىچۇ؟ تېلاسساردا تۇرغان ئېدەنلەرنىچۇ؟ | 12 |
Os deuses das nações os entregaram, que meus pais destruíram, Gozan, Haran, Rezeph e os filhos do Éden que estavam em Telassar?
خامات پادىشاھى، ئارپاد پادىشاھى، سەفارۋائىم، خېنا ھەم ئىۋۋاھ شەھەرلىرىنىڭ پادىشاھلىرى قېنى؟»». | 13 |
Onde está o rei de Hamath, e o rei de Arpad, e o rei da cidade de Sefarvaim, de Hena, e Ivvah?'”.
ھەزەكىيا خەتنى ئەكەلگۈچىلەرنىڭ قولىدىن ئېلىپ ئوقۇپ چىقتى. ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا خەتنى يېيىپ قويدى. | 14 |
Hezekiah recebeu a carta da mão dos mensageiros e a leu. Então Hezekiah foi até a casa de Yahweh e a espalhou antes de Yahweh.
ھەزەكىيا پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ | 15 |
Ezequias orou a Javé, dizendo:
«ئى كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا تۇرغان، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى: ــ سەن ئۆزۈڭدۇرسەن، جاھاندىكى بارلىق ئەل-يۇرتلارنىڭ ئۈستىدىكى خۇدا پەقەت ئۆزۈڭدۇرسەن؛ ئاسمان-زېمىننى ياراتقۇچىسەن. | 16 |
“Javé dos Exércitos, o Deus de Israel, que é entronizado entre os querubins, vós sois o Deus, mesmo só vós, de todos os reinos da terra. Vocês fizeram o céu e a terra.
ئى پەرۋەردىگار، قۇلىقىڭنى تۆۋەن قىلىپ ئاڭلىغايسەن؛ كۆزۈڭنى ئاچقايسەن، ئى پەرۋەردىگار، كۆرگەيسەن؛ سەنناخېرىبنىڭ ئادەم ئەۋەتىپ مەڭگۈ ھايات خۇدانى ھاقارەتلەپ ئېيتقان ھەممە گەپلىرىنى ئاڭلىغايسەن! | 17 |
Vira teu ouvido, Yahweh, e ouve. Abre os olhos, Yahweh, e vê. Ouça todas as palavras de Sennacherib, que enviou para desafiar o Deus vivo.
ئى پەرۋەردىگار، ئاسۇرىيە پادىشاھلىرى ھەقىقەتەن ھەممە يۇرتلارنى ۋە شۇلارغا بېقىندى بولغان يۇرتلارنىمۇ خارابە قىلىپ، | 18 |
Verdadeiramente, Javé, os reis da Assíria destruíram todos os países e suas terras,
ئۇلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرىنى ئوتقا تاشلىۋەتكەن؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرى ئىلاھ ئەمەس، بەلكى ئىنسان قولى بىلەن ياسالغانلار، ياغاچ ۋە تاش، خالاس؛ شۇڭا ئاسۇرىيەلىكلەر ئۇلارنى ھالاك قىلدى. | 19 |
e lançaram seus deuses no fogo; pois não eram deuses, mas obra de mãos de homens, madeira e pedra; por isso os destruíram.
ئەمدى، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، جاھاندىكى بارلىق ئەل-يۇرتلارغا سېنىڭ، پەقەت سېنىڭلا پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىڭنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بىزنى ئۇنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغايسەن!». | 20 |
Agora, portanto, Javé nosso Deus, salve-nos de sua mão, para que todos os reinos da terra saibam que você é Javé, até mesmo você somente”.
شۇنىڭ بىلەن ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا ھەزەكىياغا سۆز ئەۋەتىپ مۇنداق دېدى: ــ ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سەن ماڭا سەنناخېرىب توغرۇلۇق دۇئا قىلىشىڭ بىلەن، | 21 |
Então Isaías, filho de Amoz, enviou a Ezequias, dizendo: “Javé, o Deus de Israel diz: 'Porque me rezastes contra Senaqueribe, rei da Assíria,
پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا قارىتا دېگەن سۆزى شۇدۇركى: ــ «پاك قىز، يەنى زىئوننىڭ قىزى سېنى كەمسىتىدۇ، سېنى مازاق قىلىپ كۈلىدۇ؛ يېرۇسالېمنىڭ قىزى كەينىڭگە قاراپ بېشىنى چايقايدۇ؛ | 22 |
esta é a palavra que Javé falou a seu respeito: A filha virgem de Sião o desprezou e o ridicularizou. A filha de Jerusalém sacudiu sua cabeça para você.
سەن كىمنى مازاق قىلىپ كۇپۇرلۇق قىلدىڭ؟ سەن كىمگە قارشى ئاۋازىڭنى كۆتۈرۈپ، نەزىرىڭنى ئۈستۈن قىلدىڭ؟ ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىغا قارشى! | 23 |
A quem você desafiou e blasfemou? Contra quem você exaltou sua voz e ergueu os olhos para o alto? Contra o Santo de Israel.
قۇللىرىڭ ئارقىلىق سەن رەبنى مازاق قىلىپ: ــ «مەن نۇرغۇنلىغان جەڭ ھارۋىلىرىم بىلەن تاغ چوققىلىرىغا، لىۋان تاغ باغىرلىرىغا يېتىپ كەلدىمكى، ئۇنىڭ ئېگىز كېدىر دەرەخلىرىنى، ئېسىل قارىغايلىرىنى كېسىۋېتىمەن؛ مەن ئۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئېگىزلىكىگە يامىشىپ چىقىپ، ئۇنىڭ ئەڭ بۈك-باراقسان ئورمانزارلىقىغا كىرىپ يېتىمەن. | 24 |
Por seus servos, você desafiou o Senhor e disse: “Com a multidão de minhas carruagens subi ao cume das montanhas, às partes mais íntimas do Líbano. Cortarei seus altos cedros e seus ciprestes escolhidos”. Entrarei em sua altura mais longínqua, a floresta de seu campo fértil.
ئۆزۈم قۇدۇق كولاپ سۇ ئىچتىم؛ پۇتۇمنىڭ ئۇچىدىلا مەن مىسىرنىڭ بارلىق دەريا-ئۆستەڭلىرىنى قۇرۇتۇۋەتتىم ــ دېدىڭ. | 25 |
Eu cavei e bebi água, e com a planta dos meus pés vou secar todos os rios do Egito”.
ــ سەن شۇنى ئاڭلاپ باقمىغانمىدىڭ؟ ئۇزۇندىن بۇيان مەن شۇنى بېكىتكەنمەنكى، قەدىمدىن تارتىپ شەكىللەندۈرگەنمەنكى، ھازىر ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇردۇمكى، مانا، سەن قەلئە-قورغانلىق شەھەرلەرنى خارابىلەرگە ئايلاندۇردۇڭ؛ | 26 |
“'Você não sabe como eu o fiz há muito tempo, e o formei nos tempos antigos? Agora eu a fiz passar, que deveria ser sua para destruir cidades fortificadas, transformando-as em montões em ruínas.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەردە تۇرۇۋاتقانلار كۈچسىزلىنىپ، يەرگە قارىتىپ قويۇلدى، شەرمەندە قىلىندى؛ ئۇلار ئېتىزدىكى ئوتتەك، يۇمران كۆك چۆپلەردەك، ئۆگزىدىكى ئوت-چۆپلەر ئۆسمەي قۇرۇپ كەتكەندەك بولدى. | 27 |
Portanto, seus habitantes tinham pouco poder. Ficaram consternados e confundidos. Eram como a erva do campo, e como a erva verde, como a erva no topo da casa, e como um campo antes de sua colheita ter crescido.
بىراق سېنىڭ ئولتۇرغىنىڭنى، ئورنۇڭدىن تۇرغىنىڭنى، چىقىپ-كىرگىنىڭنى ۋە ماڭا قارشى غالجىرلىشىپ كەتكىنىڭنى بىلىمەن؛ | 28 |
Mas eu sei que vocês se sentam, saem, entram e se enfurecem contra mim.
ماڭا قارشى غالجىرلىشىپ كەتكەنلىكىڭنىڭ، ھاكاۋۇرلىشىپ كەتكەنلىكىڭنىڭ قۇلىقىمغا يەتكىنى تۈپەيلىدىن، مەن قارمىقىمنى بۇرنىڭدىن ئۆتكۈزىمەن، يۈگىنىمنى ئاغزىڭغا سالىمەن، ئۆزۈڭ كەلگەن يول بىلەن سېنى قايتۇرىمەن. | 29 |
Por causa de sua raiva contra mim, e porque sua arrogância subiu em meus ouvidos, por isso colocarei meu gancho em seu nariz e meu freio em seus lábios, e o farei voltar pelo caminho pelo qual você veio.
ئى [ھەزەكىيا]، شۇ ئىش ساڭا ئالامەت بېشارەت بولىدۇكى، ــ مۇشۇ يىلى ئۆزلۈكىدىن ئۆسكەن، ئىككىنچى يىلى شۇلاردىن چىققانلارمۇ رىزقىڭلار بولىدۇ؛ ئۈچىنچى يىلى بولسا تېرىيسىلەر، ئورىسىلەر، ئۈزۈم كۆچەتلىرىنى تىكىسىلەر؛ ئۇلاردىن چىققان مېۋىلەرنى يەيسىلەر. | 30 |
“'Este será o sinal para você: Você comerá este ano o que cresce de si mesmo, e no segundo ano o que brota dele; e no terceiro ano semear e colher e plantar vinhedos, e comer seus frutos.
يەھۇدا جەمەتىدىكى قۇتۇلغان قالدىسى بولسا يەنە تۆۋەنگە قاراپ يىلتىز تارتىدۇ، يۇقىرىغا قاراپ مېۋە بېرىدۇ؛ | 31 |
O remanescente que escapou da casa de Judá voltará a criar raízes para baixo, e dará frutos para cima.
چۈنكى يېرۇسالېمدىن بىر قالدىسى، زىئون تېغىدىن قېچىپ قۇتۇلغانلار چىقىدۇ؛ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئوتلۇق مۇھەببىتى مۇشۇنى ئادا قىلىدۇ. | 32 |
Pois de Jerusalém sairá um remanescente, e os sobreviventes escaparão do Monte Sião. O zelo de Javé dos Exércitos fará isso”.
شۇڭا پەرۋەردىگار ئاسۇرىيە پادىشاھى توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۇ نە مۇشۇ شەھەرگە يېتىپ كەلمەيدۇ، نە ئۇنىڭغا بىر تال ئوقمۇ ئاتمايدۇ؛ نە قالقاننى كۆتۈرۈپ ئالدىغا كەلمەيدۇ، نە ئۇنىڭغا قارىتا قاشالارنىمۇ ياسىمايدۇ. | 33 |
“Portanto Yahweh diz a respeito do rei da Assíria: “Ele não virá a esta cidade, nem atirará uma flecha lá, nem virá diante dela com escudo, nem levantará um monte contra ela”.
ئۇ قايسى يول بىلەن كەلگەن بولسا، شۇ يول بىلەن قايتىدۇ ۋە مۇشۇ شەھەرگە كەلمەيدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 34 |
Ele retornará pelo caminho que veio, e não virá a esta cidade”, diz Yahweh.
ــ چۈنكى ئۆزۈم ئۈچۈن ۋە مېنىڭ قۇلۇم داۋۇت ئۈچۈن بۇ شەھەرنى ئەتراپىدىكى سېپىلدەك قوغداپ قۇتقۇزىمەن». | 35 |
'Pois eu defenderei esta cidade para salvá-la, para meu próprio bem e para o bem do meu servo David'”.
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى چىقىپ، ئاسۇرىيەلىكلەرنىڭ بارگاھىدا بىر يۈز سەكسەن بەش مىڭ ئەسكەرنى ئۇردى. مانا، كىشىلەر ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆردى! | 36 |
Então o anjo de Yahweh saiu e atingiu cento e oitenta e cinco mil homens no acampamento dos assírios. Quando os homens se levantaram cedo pela manhã, eis que eram todos cadáveres.
شۇڭا ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىب چېكىنىپ، يولغا چىقىپ، نىنەۋە شەھىرىگە قايتىپ تۇردى. | 37 |
Então Sennacherib, rei da Assíria, partiu, foi embora, voltou para Nínive e ficou lá.
شۇنداق بولدىكى، ئۇ ئۆز بۇتى نىسروقنىڭ بۇتخانىسىدا ئۇنىڭغا چوقۇنۇۋاتقاندا، ئوغۇللىرى ئادراممەلەك ھەم شارئېزەر ئۇنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرۈۋەتتى؛ ئاندىن ئۇلار ئارارات دېگەن يۇرتقا قېچىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئوغلى ئېسارھاددون ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. | 38 |
Quando ele estava adorando na casa de Nisroch seu deus, Adrammelech e Sharezer seus filhos o golpearam com a espada; e eles escaparam para a terra de Ararat. Esar Haddon, seu filho, reinou em seu lugar.